ئەركىن سابىر

— كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟
مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ھايات قېلىشىدا ئۈمىد يوق، دەپ ئاخشام ئېنىقلا ئېيتتى.
مەريەمخان ياش تۆككىنىچە قىزىنىڭ كارىۋىتى يېنىدا ئۆرە تۇراتتى. بىچارە ئانىنىڭ باغرى شۇ تاپتا قانچىلىك پۇچۇلىنىۋاتقاندۇ؟ يۈرەك پارىسى كۆزىنى بىر ئاچسا ئىدى، كاشكى!
سارەم بۇ يەردە كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ مىرزاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا كېرەك، ئىككى كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. مىرزات لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى. بۇ ھال ھەممەيلەننىڭ ئۆپكىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى. بولۇپمۇ مەريەمخان ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى. ئۇ رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ ئىتتىكلا كارىدورغا چىقىپ كەتتى. سەلدىن كېيىن كارىدوردىن ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىچ-ئىچىدىن قاپساپ كەلگەن يىغا بىراقلا ئېتىلىپ چىققانىدى. بىراق يىغلاش بىلەن نېمە ئىش ھەل بولىدۇ؟ مەريەمخان سارەمنى بالىلارغا تاپشۇرۇپ ئۆزى سىرتقا ماڭدى. كۆز ياشلىرى كۆز ئالدىنى غۇۋالاشتۇراتتى. www.iz.la
سىرتتا ئادەملەر يوق دېيەرلىك ئىدى، ئەتىگەندىن بۇيان يېغىۋاتقان يامغۇر يول ياقىلىرىدا ئېرىق بولۇپ ئاقماقتا ئىدى، ئويمانراق يەرلەردە كۆللەر ھاسىل بولغانىدى. مەريەمخان ئوي-چوڭقۇرغا، سۇغا قارىماي ئۇدۇللا ماڭدى ۋە كوچىنىڭ نېرىسىدىكى بوتكىغا بېرىپ سارەمنىڭ دادىسى سايىتقا تېلېفون قىلدى. تېلېفون ئۇلاندى-يۇ، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. سوغۇق ھاۋا بەدەننى شۈركەندۈرەتتى، مۇشۇنداق چاغدا سايىتنىڭ ئۆيىدە بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئېھتىمال...
مەريەمخان ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشتىن ئۆزىنى تارتتى. دېمىسىمۇ سايىت ئۆيىدە بولۇپ، ياش خوتۇنى بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلىدى، لېكىن شېرىن دەملەردە ئالتۇن ئوردېن بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولسىمۇ ئۇ تېلېفوننى ئالمايتتى. دۇنيالىقتا بىر تال قىزىنىڭ بىھۇش ياتقانلىقىنى ۋە شۇ تاپتا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. www.iz.la
يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا سايىت ھازىرقى خوتۇنى شازادىگۈلنى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ:
— قىزىم، شازادىگۈل ئاپىڭىزغا سالام بېرىڭ، - دېگەندە، سارەم بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئولتۇرۇۋالغانىدى. شازادىگۈل كەتكەندىن كېيىن، دادىسىغا:
— ئاپام ھايات تۇرسا، نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ — دەپ خاپا بولدى ۋە شۇ كۈنى كېچىچە دادىسىنىڭ بىمەنىلىكىگە ئىچى ئۆرتىنىپ ئۆپكىسى ئۆرۈلگىدەك يىغلاپ چىقتى.
— يىغلىماڭ، قىزىم، – دېدى مەريەمخان ئىككى قېتىم قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، — ئۇ خوتۇن دادىڭىزغا گۈلپەرى كۆرۈنگەنىكەن، يىغلاش بىلەن يولىدىن قايتۇرالمايسىز.
— سىز نېمىشقا گەپ قىلمايسىز، ئاپا؟ سارەم ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆپكىدىدى، دادام ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بىلىپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلغىنىڭىز نېمىسى؟! زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز؟ نېمىشقا مەيلى دەيسىز؟ مېنى بولسىمۇ نېمىشقا ئويلاپ قويمايسىز؟! ئىز تورى بەك ياخشى
— ئاھ، قىزىم، سىزنى ئويلىمايدىغان ئىش بولامدۇ، بىراق مېنىڭ كۈچۈم نېمىگە يېتىدۇ!؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى