قىز نىكادا ئوڭۇشىسىزلىققا ئۇچراپتۇ. قىزنىڭ قەلبى قاتتىق ئازار يېگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىگە يۈزسىزلىك قىلىۋاتقادەك ﻫېس قىلىدىكەن. قىز توي قىلىپ بىرنەچچە يىلدىن كىيىن يولدىشىنىڭ سىرىتتا ئاشنىسى بارلىقىنى سىزىپ قاپتۇ، يولدىشىنى خىجىل قىلماسلىق ئۈچۈن بىلمەسكە سەلىپ يۇرۇپتۇ، يولدىشى بولسا قىلدىغىننى قىلىپ يۇرىۋىرىپتۇ . بۇ ئىشلاردىن خورلۇق ھىس قىلغان قىز ئاخىرى مۇۋاپق بىر پەيىتتە يولدىشى بىلەن سۆزلىشىپتۇ، بۇندىن بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىزنى سۇرۇشتۇرمەيمەن سىرىتتىكى ئىشلىرىڭىزنى يۇغۇشتۇرۇڭ، بۇندىن كىيىن شۇنداق ئىشلارنى قايتا سادىر قىلماڭ، بۇندىن كىيىن بەخىتلىك، خاتىرجەم، ئىللىق بىر ئائىلە قۇرۇشقا تىرىشايلى، مەن سىزنىڭ مەھرى بۇھاببىتىڭىزگە كۆيۈنىشىڭىزگە ماڭا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشىڭىزغا مۇھتاج دەپ ئۆتۈنۈپتۈ . يولدىشى بولسا بىر تالاي قۇرۇق ۋەدىلەرنى بىرىپ يەنە ئۆزى بىلگىننى قىلىپ يۇرىۋىرىپتۇ . يولدىشىدىن قاتتىق دىلى رەنجىگەن بۇ قىز ئاخىرى ئاجرىشىش قارارىغا كەپتۇ . ئەرلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بۇ قىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە توردا بىر يىگىت بىلەن پارڭلىشىپ قاپتۇ، بىرنەچچە قىتىملىق پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ يىگىتكە كۆڭلىدىكى دەرىت خاپىلىقلىرىنى ئىيتىپ بىرىپتۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يىگىت كۈندە توختىماستىن قىزغا تەسەللىي بېرىپ، قىزنى رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. ﻫەركۈنى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىپ قىزغا ئەۋەتىپ قىزنى كۈلدۈرىدىكەن، ﻫەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋال قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن. مانا مۇشۇنداق قىلىپ، قىز ئاستا-ئاستا ئازاپتىن قۇتۇلۇپ، بۇرۇنقى شوخ، ئوماق ﻫالىتىگە قايتىپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يىگىت يەنىلا ﻫەركۈنى ئاخشىمى قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن، قىز مانا مۇشۇ گۈزەل تىلەكلەر ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا كېتىدىكەن. بىراق بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالماپتۇ. كۆڭلى بىر خىل ئۈمىدسىزلىككە ۋە ئەنسىزلىككە تولۇپتۇ. "ﻫەجىبا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ؟" دەپ سوراپتۇ قىز ئۆزىدىن. قىز يولدىشىنىڭ قىلغان ئىشلىرنى ئېسىگە ئېلىپ ، ئۆزىنى يىگىتنى ئويلىماسلىققا مەجبۇرلاپتۇ. بىراق يىگىتنىڭ سايىسى يەنىلا قىزنىڭ كاللىسىدىن ئەگىپ كەتمەيدىكەن. قىزغا بۇ خىل سېغىنىش غەلىتە بىلىنىپتۇ: مۇﻫەببەتلەشكەن چاغدىكى سېغىنىش يالقۇنلۇق ئوتقا ئوخشاش بولۇپ، توختىماستىن يېلىنجاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يۇتۇپ، پۈتۈن ئەس يادىنى ئىگەللىۋىلىپ، سېغىنىشتىن باشقا ﻫېچ ئىش قىلالمايدىكەن. بىراق ﻫازىرقى بۇ سېغىنىشنى قىزمۇ ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ. ئۇ ﻫېچقاچان بۇ خىل سېغىنىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئىكەن. سۇس ئەمما ئىللىق، يوقتەكلا بىراق ﻫەممىلا يەرگە تولۇپ تۇرغان، خۇددى ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىغا قويۇلغان سامساقگۈلدەك، سۇس پۇرىقى پۈتۈن ئۆيگە تولۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئالايىتەن ئەسلىمەيسىز.