(ھېكايە)
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار ئىز تورى بەك ياخشى

كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قالاتتىم. ئەمىلىيەتتە ئۆزەممۇ بوش ۋاقىت تاپساملا ئىشخانامنىڭ ئىشىگىنى «گۈپ» قىلىپ تاقاپلا كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەتتىم. شەمبە، يەكشەنبدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىمدىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىچىككىنە ئۆيۈمگە بىكىنىۋېلىپ كىتاپ ئوقۇتتۇم. كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا «كىتاپ سارىڭى، كىتاپ موللىسى» دەيدىغان گەپلەرمۇ بارغۇ، مەن ئەنە شۇنداق ساراڭلارچە، خۇددى پىلە قۇرتى بەھەڭ يىگەندەك تېز ھەم توختىماي كىتاپ ئوقۇيتتىم. بۇ مىنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىلا يىتىلدۈرگەن ئادىتىم بۇلۇپ، شۇ چاغلاردا ساۋاقداشلىرىممۇ مېنى «ھەي كىتاپ خالتىسى ‹ئىزدىنىش› رومانىدىكى ‹ئەلا›نى دوراي دەمسەن نېمە، ئەمما ساڭا ‹گۈزەلئاي›دەك قىزلار ئۇچرىمايدۇ جۇمۇ؟» دەپ چاخچاق قىلىشاتتى. يېزىدىكى ئۆيگە ئاتا-ئانامنى يوقلاپ بارغىنىمدىمۇ قولۇمدىن كىتاپ چۈشمەيتتى. داستىخان ئۈستىدىمۇ كىتاپ ئۇقۇپ ئولتۇراتتىم، بۇنداق ۋاقىتلاردا دادام ئاچچىغى بىلەن: «بۇنداق قارىچىلاپ كىتاپ ئوقۇيۋەرسەڭ ئاخىرى بىركۈنى ساراڭ بۇلۇپ قالىسەن، كۆزئەينەك تاقايدىغان تۆت كۆزقارغۇ بۇلىسەنغۇ سەن!» دەپ چېچىلاتتى. مەن كىتاپ ئوقۇشقا ھەددىدىن زىيادە ئامراق بولساممۇ لېكىن، شىركەتتىكى خىزمىتىمگە پەقەت تەسىر يەتكۈزمەيتتىم.
www.iz.la
مەن بۇ شىركەتكە قوبۇل قىلىنغان دەسلاپقى يىلى، دېرىكتور ماڭا رەسمىي لاھىيەلەرنى سىزىشقا بەرمىدى. ئېھتىمال ئۇ مېنى «تەجىربە توپلىسۇن، مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ چېنىقسۇن»دەپ ماڭا پۇرسەت بەرگەن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا مەن ئۇچاغلاردا پىشقەدەم ئېنژىنېرلار سىزغان ئوتتۇرا، كىچىك بىينالار لاھىيسىنىڭ قوشۇمچە سىزىقلىرىنى سىزاتتىم ياكى سىزىلىپ پۈتكەن لاھىيەلەرنى كومپىيوتىرغاكىرگۈزۈپ بېسىپ چىقىراتتىم. لېكىن قانداقلىكىن بولمىسۇن قېتىرقىنىپ ئىشلەشكە تىرىشاتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىيناكارلىق لاھىيلەش كەسپى ئەسلىدىنلا ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايدىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. مانا بۇيىلقى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئوتتۇرا، كىچىك بىينالار ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى كىچىڭ تاۋار ئۆيلۈك بىينالارنى ئۆزەم مۇستەقىل لاھىيلەپ چىقالايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم. دېرىكتورمۇ مەن سىزغان بىرنەچچە لاھىيىنىڭ خېرىدارلارغا ياراپ ئىشلىتىلگەنلىگىدىن رازى ئىدى.
بىراق مەن ھازىرغىچە بويتاق ئىدىم، لايىغىممۇ يوق ئىدى، دىمىسىمۇ مەن ھازىرغىچە بىرەر قىزغا كۆڭۈل بىرەممىدىم، ماڭا كۆڭۈل بىرىدىغان قىزلارمۇ چىقمىدى. ئېھتىمال رىئاللىق مەن ئوقىغان كىتاپلاردىكىگە ئوخشىمايدىغاندۇر ياكى بولمىسا مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقمىغاندىمەن، بەلكىم مۇھەببەت ئۈچۈن ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى ئەھمىيەتسىز ئىش دەپ قارىغاندىمەن ياكى مۇھەببەتتىن قورۇققاندىمەن. ئەسلىدىمۇ مۇھەببەتنىڭ ئۆزى شېرىن بولغان بىلەن تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسە. ئېھتىمال مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ئۆزەمنى ھەمىيشە باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈپ، باشقىلاردىن قاچۇرۇپراق يۈرەتتىم، باشقىلارغا ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيتتىم. شۇڭىمۇ بۇ شەھەردە ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر-ئىككى ئاكامئاداش دوستلىرىمدىن باشقا يېقىن كىشىلىرىممۇ يوق ئىدى.
بۈگۈن ئىشقا چۈشۈپلا شەھرىمىزدىكى تۇربا سۈيى شىركىتىگە تەۋە گۈللۈك ئولتۇراق رايۇنغا سېلىنماقچى بولغان ئائىللىكلەر بىيناسىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چىقىۋاتاتتىم. يەنە شۇ كاتىپ ئايالنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن ئىختىيارسىز ئىچكىرىگە قاراپ قالدىم. كاتىپ ئايال ئىشىككە ئۇدۇل قويۇلغان ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە قانداقتۇر بىرنەرسىلەرنى رەتلەۋاتاتتى، دەل شۇ چاغدا ئۇ بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ مېنى كۆرۈپ قالدى،-دە:
- ھوي!تاشپۇلات سىزنىڭ بىر فاكىس خېتىڭىزبار، بايىلا كەلگەن، چەتئەلدىن كەلگەندەك قىلىدۇ،-دىدى ئۇ بىر ۋاراق قەغەزنى كۆتۈرۈپ چىقىۋېتىپ. www.iz.la
مەن فاكىس قەغىزىنى قولۇمغا ئېلىۋېتىپ «رەخمەت» دەپ قويدۇم. كاتىپ ئايالمۇ ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ئىشىكنى ياپمايلا كەينىگەياندى. مەن سەل ئەجەپلەنگەن ھالدا قولۇمدىكى قەغەزگە قارىدىم، بۇ «فاكىس» مېنىڭ ئەمەس، باشقا بىر تاشپۇلاتنىڭ ئىدى. مەن سەل تۇرۇۋېلىپ قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىغاكىردىم:
- كەچۈرۈڭ بۇ «فاكىس»مېنىڭ ئەمەسكەن؛-دىدىم مەن ئۇنى خىجالەتتە قويماسلىق ئۈچۈن سىلىق ئاۋازدا.
- سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى تاشپۇلات دىۋىدىغۇ؟-دىدى ئۇ سۇس قىزارغان يۈزلىرىدىكى ھەيرانلىقنى يۇشۇرماستىن.
- مەن ئۆلچەش، سىزىش بۆلۈمىدە، مالىيە بۆلۈمىدە يەنە بىر تاشپۇلات بار، بۇ «فاكىس» ئېھتىمال شۇنىڭدۇر؛- دىدىم قولۇمدىكى قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ. ئىز تورى www.iz.la
- شۇنداقمۇ؟كەچۈرۈڭ ھە!- دىدى ئۇ بۇ قېتىم پەرۋاسىزلا.
مەن قولۇمدىكى قەغەزنى ئۇنىڭغا بىرىپ كەينىمگە ياندىم، بىراق دەل شۇچاغدا ئۈستەل ئۈستىدىكى چېچىلىپ ياتقان گېزىتلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان بىر كىتاپقا كۆزۈم چۈشۈپ ئختىيارسىز توختاپ كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم. كىتاپ سۇس يۇلغۇن چېچىگى رەڭلىك يالتىراق قەغەزدە مۇقاۋىلانغان «خارابىلەردە مېنى ئەسلەڭ» دىگەن كىتاپ ئىدى. مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ھېلىقى ئاكامئاداش دوسىتلىرىمدىن بۇ كىتاپنىڭ نامىنى ئاڭلىغان، ئاجايىپ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن بۇ روماننى بىر ئوقۇپ بېقىش ئىستىگىدە بولغان بولساممۇ، لېكىن شەھەردىكى كىتاپخانىلار ۋە كۈتۈپخانىلارنى بىرقانچە قېتىم ئاختۇرۇپ، كىتاپپۇرۇشلاردىن سوراپمۇ بۇ كىتاپنى تاپالماي ئارماندا يۈرىۋاتاتتىم. مانا ئەمدى…مەن كىتاپنى تۇتۇپ قانچىلىك ۋاقىت تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، بىرچاغدا كاتىپ ئايالنىڭ «بۇ كىتاپ بەك ياخشىكەن قاراڭ ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمدىن ياش قۇرۇمىدى»دىگىنىنى ئاڭلاپ ئېسىمگە كەلگەندەك بولدۇم.
- خانىم، بۇ كىتابىڭىزنى ماڭا ئارىيەت بىرىپ تۇرغان بولسىڭىز بۇلارمۇ؟!-دىدىم تارتىنىپراق.
- بولىدۇ ئوقۇۋېلىڭ، ماڭىمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىردوستۇم يېقىندىلا ئەۋەتكەن ئىكەن، تۆنۈگۈن ئوقۇپ بۇلۇپ ئىشخانىدا ئۇنتۇپ قالپىمەن، دوستۇممۇ كىتاپقا بەك ئامراق؛-دىدى ئۇ.
مەن خوشاللىغىمدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، شۇ كۈندىكى ئىشىمنى ئالدىراپ تۈگۈتۈپ، ئۆيۈمگە كېلىپلا سومكامدىن تەقەززالىق ئىچىدە كىتاپنى ئالدىم. ئالدىميۇ شۇنداق ۋاراقلاپلا كىتاپنىڭ نىپىز ۋاراقلىرى ئارىسىدىن چىققان تولىمۇ چىرايلىق بىر قىزنىڭ رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپلاقالدىم… ئىز تورى بەك ياخشى
ساڭا دىمەكچى بولغىنىم مانا شۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلار، بىلەمسەن كۈتمىگەندە كاتىپ دوستۇڭ بەرگەن كىتاپنىڭ ئارىسىدىن سىنىڭ رەسىمىڭ چىقىپ قالدى. سەن ماڭا ھەيران بولمىغىن، راست ئۇ كىتاپنى قانداق ئوقۇغۇنىمنى، كىتاپتا نېمىلەرنىڭ يېزىلغىنىنى بىلمەيمەن، شەنبە، يەكشەنبىنى ئاران ئۆتكۈزۈپ دۈشەنبە ئىشقا چۈشۈپلا سىنىڭ ئاشۇ رەسىمىڭنى كاتىپ دوستۇڭغا قايتۇرۇپ بەرگەچ، قېلىنلىق قىلىپ بولسىمۇ سىنىڭ كىملىگىڭنى سوراش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئىشىك يەنىلا قىيا ئوچۇق ئىدى، شۇڭا ئىشىكنى چەكمەيلا كىرگىنىم راسىت، ئىشخانىدا كاتىپ دوستۇڭ بىلەن پاراڭلىشىپ سەن ئولتۇرىسەن. بىلمەيمەن ئېھتىمال شۇچاغدا ھودۇققان، تەمتىرىگەن بولۇشۇم مۇمكىن ياكى سالاپەت بىلەن ساڭا سالام قىلغاندىمەن. سەنمۇ ئورۇندۇقتىن سەل كۆتۈرلۈپ «ياخشىمۇسىز؟» دىدىڭ بېشىڭنى يىنىككىنە ئىگىپ يۇمشاق ئاۋازدا.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- بىلەمسەن، قەلبىمنى ئۆزىگە چەكسىز باغلاپ، يۈرۈگۈمگە ئىشقى ئوتىنى ياققان، دىل ئارامىمنى ئوغۇرلاپ، مېنى ئاشىقى بىقارارغا ئايلاندۇرغان، ئاشۇ قايرىلىپ باققان چاغدىكى شەھلا كۆزلىرىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن دەقىيقىلەر ھازىرمۇ ئىسىمدە! راسىت پەقەت چۆچەك، رىۋايەتلەردىلا تەسۋىرلىنىدىغان سەندەك نەپىس، نازۇك بىر قىزنىڭ بىر كۆرۈش بىلەنلا بارچە خىيالىمنى ئوغۇرلاپ، قەلبىمگە سۆيگۈئوتىنى يېقىشىڭ خىيالىمغىمۇ كەلمىگەن. شۇ قېتىم نىمىشقىدۇر كۆزۈمگە سىرلىق كۆرۈنۈپ، بۈلەكچە يېقىملىق تۇيلدۇڭ، شۇنداق ئاشۇ قېتىم مەن سېنىڭ ئاشۇ «ياخشىمۇسىز؟» دىگەن يېقىملىق سۆزلىرىڭدە ئاجايىپ چوڭقۇر بىر مەنا، كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان، مەپتۇن قىلىۋالىدىغان قانداقتۇر بىر غەيرى تەبىئى كۈچ بارلىغىنى سەزگەندەك بولدۇم. بىلمەيمەن، بەلكىم ھەقىيقى سۆيگۈ مانا مۇشۇنداق ھېس تۇيغۇلار بىلەن باشلىنامدۇ؟… بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇچاغدا كۆزلىرىڭگە بىر دەقىيقە تىكىلدىم، شۇندا مەن سېنىڭ ئالاھىدە بىر پاكلىق، ساداقەت ئەكىس ئىتىپ تۇرغان كۆزلىرىڭدىن سۆيگۈ مۇھەببىتىگە بىر ئۆمۈر ۋاپادار، يار بۇلۇشنىڭ ئۈنسىز قەسىمىنى كۆرۈپ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە چەكسىز باغلانغاندەك بولدۇم، ئارمانلىرىمغا قانات بەخىش ئىتىپ، يۈرۈگۈمنى سېھىرلەپ، مېنى ئۆزەڭگە چەكسىز مەپتۇن قىلىۋالدىڭ!…ئۆزەممۇ ھەيران شۇچاغدا بۇ خىل تاسادىپى سۆيگۈ تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتقان سېنىڭ ئاشۇ كىتاپ ئارىسىدىن چىققان رەسىمىڭدىكىدىنمۇ چىرايلىق شەھلا كۆزلىرىڭدۇر؟ بەلكىم قالىغاچ قانىتىدەك قىيىلغان ئەگىم قاشلىرىڭ بىلەن يەلكىڭگە يېيىلىپ چۈشكەن قاپقارا قۇندۇز چاچلىرىڭدۇر؟ ياكى ياقۇتتەك يالتىراپ تۇرغان نىپىز لەۋلىرىڭ ئۈستىدىكى ئۆزەڭگە بەكمۇ ياراشقان، كىچىككىنە نوقۇتتەك قاپقارا خالىڭ بىلەن بېشىڭنى يىنىككىنە ئىگىپ بىلىنەر- بىلىنمەس تەبەسسۇم بىلدۈرگەندە ئىككى مەڭزىڭدە پەيدا بولىدىغان چىرايلىق زىناقلىرىڭدۇر؟! ياق بەلكىم، ئاشۇ تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل، نازۇك جىسمىڭغا سىڭىپ كەتكەن ئەقىل، ئىدراك، پارارسەتنىڭ ئىگىسى بولغانلىغىڭدۇر، قىسقىسى شۇتاپتا مېنى ئۆزىگە شۇنچىلىك جەلىپ قىلىۋالغان ئۇ قانداق كۈچ؟ بىلمىدىم!…
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇچاغدا نېمىنىدۇر باھانە قىلىپ، رەسىمىڭنى كاتىپ دوستۇڭغا بەرمەي چىقىپ كەتتىم. كەينىمدىن ئۇ نىڭ «ئۇنىڭ… تاشپۇلات…كىتاپ» دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم.
ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، كاتىپ دوستۇڭ بىلەن كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭدا يەنە شۇنداق تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالدۇق. سەن ئۇنىڭ بىلىگىدىن بوش قولتۇقلىۋالغانكەنسەن، يېنىڭدا ئۇ بولغاچقا مەنمۇ تەمتىرىمەي سىلەرگە سالام قىلدىم. ئاشۇ كاتىپ دوستۇڭنىڭ ئىشخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغدىكىدەك يىنىك سالاملىشىپلا ئۆتۈشۈپ كەتتۇق.مانا بىرقېتىم دوستۇڭنىڭ ئىشخانىسىدا، يەنە بىر قېتىم ئاشۇ كوچىدا ئوخشاشلا تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالغىنىمىز بولمىسا بىز بىرەر قېتىم ئوچۇق-يۇرۇق سۆزلەشمىگەن، يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ سىرداشمىغان، راسىت مەن سېنىڭ كۆزلىرىڭگە يۈرەكلىك تىكىلىپ قەلبىڭگە قولاق سالغىنىم، يۈرىگىڭ تەۋرىنىشلىرىگە بېقىپ ئوي-خىياللىرىڭنى بىلگىنىم يوق. بۇنىڭغا جۈرئەت قىلاممىدىم. بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلەر ئۈچۈن قىزلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ئويۇننىڭ ئورنىدىكىدەك بۇلۇپ قالغان، ئانچە تەس ئىش بولمىسىمۇ، بىراق مەن بۇنىڭغا جۈرئەت قىلاممىدىم. شۇنداقتىمۇ پەقەت يۈرۈگۈمدىكى ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ مەڭگۈلۈك، چەكسىز ئىكەنلىگىنى سۆيەتتىم خالاس.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇكۈندىن باشلاپ سەن مېنىڭ خىيالىم، ئارمىنىمغا ئايلاندىڭ، ھەرۋاقىت سېنى ئويلىسام، قىياپىتىڭنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرسەم، يۈرۈگۈم خوشاللىققا تولۇپ، ئۆزەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ھېس قىلاتتىم، شۇ كۈنلەردە مەن ياشاۋاتقان بۇشەھەر، چەكسىز تەبىئەت ماڭا ئالايىتەن سىرلىق كۆرۈنىۋاتقاندەك تۇيلاتتى. شۇنداق چاغلاردا قەلبىمدىكى شېرىن تۇيغۇلار ئۇلغۇيۇپ، دولقۇنلۇنۇپ شەھەردىكى ئەڭ ئىگىز بىينانىڭ ئۈستىگە چىقىپ ياكى يىراقلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قارلىق تاغلارنىڭ ئەڭ ئىگىز چوقىسىغا چىقىپ پۈتۈن ئالەمگە، ئادەملەرگە «ئۇنىڭغا ئاشىقمەن!ئۇنى سۆيىمەن!» دەپ ۋاقىرىغۇم كېلەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يۈرۈگۈمنى تۇتۇپ بېقىپ، قەلبىمگە قۇلاق سېلىپ نەچچە قېتىم ئىنتىلدىم. بىراق ساڭا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشقا قانداقتۇر بىر كۈچ يول قويمايۋاتقاندەك قىلاتتى. توغرا «چاقماقتەك يانغان مۇھەببەت،چاقماقتەك تېز ئۆچۈشى مۇمكىن» دىگەن گۇمانلىق تۇيغۇغا كېلىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرىدىم. ئامال قانچە توختىماي دولقۇنلۇنۇپ كۆكسۈمگە ئۇرۇلۇپ تۇرىۋاتقان سۆيگۈمنى ئىزھار قىلامماي ئىزتىراپ ئوتىدا كۆيدۈم. توغرا سەنمۇ مېنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىمنى-ساڭا بولغان قايناق مۇھەببىتىمنى سەزمىگەنسەن ياكى بولمىسا، مۇھەببەتنى سۆزلەيدىغان كۆزلىرىمدىن يۈرۈگۈم تەلپۈنۈشلىرىنى سەزگەن بولساڭمۇ بىلمىگەنگە سالغانسەن؟!
دەم ئېلىش ۋاقتىڭ ئاياقلىشىپ، ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇ يىراقتىكى شەھەرگە ئۇچۇپ كەتكىنىڭنى بىلدىم. راستىنى دىسەم سەن شۇقېتىم مېنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن تولغان ئىسسىق يۈرۈگۈمنى بىللە ئېلىپ كەتكەندەك بولدۇڭ. شۇندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ غەم، ئەنسىرەش، ئەندىشە، تەشۋىش، ئازاپ، ئىزتىراپسىز ئۆتۈۋاتقان تەرتىپلىك، تېنىچ كۈنلىرىمدىن مەھرۇم قالغىنىمنى سەزدىم. بارچە خىيالىم سېنىڭدە، قانداق خىزمەت قىلىۋاتقىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، سېنىڭ ئاشۇ تەبەسسۇم ئارلاش بوينۇڭنى قىسىشلىرىڭ كېچە-كۈندۈز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ…
شۇ كۈنلەردە يەنىلا يالغۇز ئولتۇرۇپ سېنى ئويلاش ماڭا بۆلەكچە ئارتۇق لەززەت بېغىشلايتتى. ئاخىرى غەيرەت قىلىپ مۇنداق قارارغا كەلدىم؛ دوستۇڭدىن، ھېلىقى كاتىپ دوستۇڭدىن ئادرىسىڭنى سورىۋالماقچى، قەلبىم سىرلىرىنى قەغەزگە تىزىپ ساڭا ئەۋەتمەكچى بولدۇم. ئەمما نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا يەنە جۈرئەت قىلالمىدىم «توۋا سۆيگۈ-مۇھەببەت، ھەقىيقى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئادەمنى ئەنە شۇنداق جۈرئەتسىز قىلىپ قويامدىغاندۇر؟!» ئۆزەمنىڭ جۈرئەتسىزلىگىمدىن نەچچە رەت ئۆكۈندۈم.
ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ تولىمۇ روھسىز ھالدا ئۆيۈمگە قايتىمەن، ئۆي، ئۆيۈمدىكى ھەممەنەرسە خۇددى ئۆزەمگە ئوخشاشلا تەنھا، ئىلاجىسىز، غېرىپ، مۇڭلۇق كۆرۈنىدۇ. بۈگۈن مەن ئۆيگەكىلىپ ئىختىيارسىز ھېلىقى كاتىپ دوستۇڭدىن ئوقۇپ تۇرۇشقا ئالغان «خارابىلەردە مېنى ئەسلەڭ»دىگەن كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم. يۈرۈگۈم قانداقتۇر بىر نەرسىنى سەزگەندەك قاتتىق دۈپۈلدەپ كەتتى. كىتاپ بەتلىرى ئارىسىدا ئاشۇ كۈنى كىتاپنى ئېلىپ كىلىپ تۇنجى قېتىم بەتلىرىنى ئاچقىنىمدا كۈتمىگەندە بەتلەر ئارىسىدىن چىقىپ قالغان، شۇ چاغدا مېنى بىر ھازا سۈكۈتكە چۆمدۈرۈپ گاڭگىراتقان، يۈرۈگۈمگە ئازاپ، تەشۋىش ئىچىدىكى سۆيگۈ ئوتىنى ياققان رەسىمىڭ بارئىدى. مەن ھېلىقى كۈنى ئۇنى دوستۇڭغا قايتۇرۇپ بەرمىگىنىمدىن ئۆزەمچە خوشال بولدۇم. رەسىمىڭ قولۇمدا…ئويغا چۆمدۈم. كۆزلىرىڭگە تەلمۈرسەم، قەلبىمگە قولاق سالسام ساڭا بولغان پاك، ئوتلۇق مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشقا يول قويمايۋاتقان نەرسە، دەل سېنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈرلۈك سۆيۈپ قالغىنىم ئىكەن. شۇچاغدا ساڭا بولغان ئىشقىمنى نېمىشقا سەندىن پىنھان تۇتقىنىمغا ئۆزەممۇ ھەيران! بەلكىم يەنە ئويلىغاندىمەن؛ سۆيۈش قولۇمدىن كەلگىنى بىلەن ئۇنى سۆيدۈرەلمىسەم ئۇچاغدا…ياق!ياق! تاتار يازغۇچىسى غادىل كوتوي «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دىگەن ئەسىرىدە «سۆيەيلى، سۆيىلەيلى» دىگەن ئەمەسمۇ؟ سۆيۈپ سۆيدۈرەلمەي ئازاپلانغاندىن كۆرە ئادەم بالىسىنىڭ مۇھەببەتسىز، غەم، تەشۋىش، ئازاپ، ئىزتىراپسىز ئۆتۈپكېتىۋەرگىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟!… ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
رەسىمىڭ قولۇمدا كۆزلىرىڭگە تەلمۈرسەم قەلبىمدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنى يالقۇنغا ئايلىنىدۇ. بەلكىم سەن بۇنىڭغا ئىشىنەرسەن ياكى ئىشەنمەسسەن. مەن «ئەگەر سېنى سۆيدۈرەلىسەم ساڭا بولغان پاك، چەكسىز مۇھەببىتىمنى ئاخىرقى نەپەسلىرىمگىچە قەدىرلەپ، يۈرۈگۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلايمەن» دەپ رەسىمىڭگە قاراپ ئىشقىمنى ئىزھار قىلدىم. مانا مەن ئاخىرى ساڭا قەلبىمنى تاپشۇرالىدىم. شۇنداق ئەمەسمۇ، مېنىڭچە سۆيۈشكەن ئىككى قەلىپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىنتىلىشىنى، مۇھەببەت تۇيغۇسىنى، ساداقىتىنى يۈرەك سۆز بىلەن ئەمەس ئۈنسىز كۆز بىلەن سىزىپ يىتىدۇ. شۇنداق بەكلىم سەن ھېلىقى چاغدا مەن كاتىپ دوستۇڭنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ساڭا قاراپ تۇرۇپ قالغان چاغدىكى، كوچىدا تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالغان چاغدىكى شۇ دەقىيقىلەردە كۆزلىرىڭگە سىرلىق بېقىشلىرىمدىن قەلبىم خاھىشىنى سەزگەنسەن؟… www.iz.la
نەچچەب ئايلا ئەنە شۇنداق ئازاپ، ئىزتىراپ سېغىنىش ئىچىدە ئۆتتى. كوچا ياقىلىرىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى كۈزدىن شەپە بىرىپ ئالتۇن رەڭگە كىرىشكە باشلىغان ئىدى. بۈگۈن يەنە سېنى ئويلاپ، سېنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ شىرىن خىيال ئىلكىدە يالغۇز ئولتۇرغىنىمدا، دېرىكتورنىڭ كاتىپى، ماڭا كىتاپ بەرگەن ھېلىقى كاتىپ دوستۇڭ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى. ئەمدىلىكتە مەن ئۇنى كۆرسەممۇ يۈرۈگۈم دۈپۈلدەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇ؛ «دېرىكتور سىزنى چاقىرۋاتىدۇ»دەپلا ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتى. مەن شىېرىن ھەم ئازاپلىق خىياللىرىمنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقتىم. ئىز تورى www.iz.la
قۇبۇلخانىغا كىرىشىم بىلەن يۈرۈگۈم «جىغ»قىلىپ قالدى. كۆز ئالدىمدا سەن تۇرىسەن…پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كۈچلۈك بىر توك ئېقىمى سوقۇپ ئۆتكەندەك بولۇپ يۈرۈگۈم يەنە دۈپۈلدەشكە باشلىدى. يۈزلىرىم ئوت ئېلىپ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن بىلمەيمەن، ئەمما ئوتتەك يېنىۋاتقانلىقىمنى سېزىۋاتىمەن.
سەن ماڭا كاتىپ دوستۇڭنىڭ ئىشخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغدىكىدەك تەبەسسۇم بىلەن بېقىپ«ياخشىمۇ سىز؟» دەپ يىنىك سالام قىلدىڭ. شۇچاغدا كاتىپ ئايال:«شىركىتىمىزنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دېرىكتورى سىز بىلەن سۆزلەشمەكچى» دىدى. سەن ئاشۇ مەڭگۈلۈك تەبەسسۇمىڭ بىلەن ماڭا قاراپ جىلمىيىپ تۇراتتىڭ، شۇچاغدا مەن سېنىڭ بىلەن تېچلىق سورۇشىشنىمۇ، ساڭا سالام قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمچە قانچە ۋاقىت تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. شۇ چاغدا پەقەت مېنىڭ يۈرۈگۈم سېنىڭ ئالقىنىڭدا تۇرغاندەك، سېنىڭ www.iz.la
يۈرۈگۈڭ مېنىڭ كۆكسۈمدە سوقۇۋاتقاندەك تۇيلاتتى ماڭا، ئەي سۆيگەن يار، نىگار..
ئىز تورى بەك ياخشى