مەن يالغۇز قالدىم

ۋاقتى:2012-07-07 15:56مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

 مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر
ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك .« مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان »دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم .
مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدىم . مەھەلىمىزدە مەن دېمەتلىك ئۈچلا ئوغۇل قالغان ئون بەشكە يېقىن قىزلار بار ئىدى . بىز مەكتەپكە بىللە بېرىش ،مەكتەپتىن قايتىش قاتارلىق ۋاقىتلاردا دائىم دىگدەك بىللە ئىدۇق . ئالىم بىلەن كامىلنىڭ بولۇپمۇ كامىلنىڭ قىزلار بىلەن ئانچە خوشى يوق ئىدى.بىراق مەن بولسام ئۇلارغا قارىغاندا قىزلارغا بەكرەك ئامراق ئىدىم .بۇنىڭغا بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىش تەسىر قىلغان بولسا كېرەك . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن باشلانغۇچ 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەكتەپتىن ھېرىپ كەلگەچكە ھېچ ئىش خوش ياقماي بالدۇرلا ياتقان ئىدىم . دادام ئۆيگە كىرىپلا بىر تال موخرىكىنى يۆگەپ قاتتىق-قاتتىق شورىۋەتكەندىن كىيىن ئانامنى چاي ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرىدى ،ئانام قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپ ھورى چىقىپ تۇرغان بىر پىيالە چاينى دادامغا ئىككى قوللاپ سۇندى. دادام چاينى ئېلىپلا پۈۋلىمەي ئوتلاپ ئېغىزنى كۆيدۈرۋېلىپ ئاغرىققا چىدىماي پىيالىنى ئانامغا ئاتتى.بىر پىيالە چاي ھويلىدا ئۆي ئىشى قىلىۋاتقان ئانامنڭ ئوڭ دۇۋلىسىغا چۈشۈپ دۈمبە قىسمى كۆيۈپ كەتتى . كۆيۈك ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئانام ئاچچىق تولغىنىپ يىغلاپ كەتتى. مەن بېرىپلا دادامنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم . دادام ئاغرىققا چىدىماي مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى .مەن يەردىن قوپۇپ قوشنىمىز مەريەمخان ئاچىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا دىدىم . ئۇلار كىرىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئانام بىر ئايدىن ئوشۇق دوختۇرخانىدا يېتىپ ساقىيىپ چىقتى . بۇ بىر مەزگىلدە دادام دوختۇرخانىغا بىر قېتىممۇ دەسسەپ باقمىدى. ئانام دوختۇرخاندىن چىققان كۈنى دادام ئانامغا دومسىيىپ قارىمىدى. لىكىن ئاقكۆڭۈل ئانام دادامنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىپ پايپېتەك بولۇپ كەتتى. دادام ئانام ئەتكەن ئاشنى خوش ياقا ،خوش ياقماس ئىچىپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى . مېنىڭ ئاچچىغىم بەكمۇ كەلدى ۋە ئاستا ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ : بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ـــ ئانا نىمىشقىمۇ دادامغا تەگكەن بولغىيتىڭ؟
ـــ .........................
ـــ كامىلنىڭ دادسى بەكمۇ ياخشىكەن ،ئۇنىڭ دادسى ئانسىنى ئۇرمايدىكەن ، تېخى كامىلغا كۈندە پۇل بېرىدىكەن ،دا....دا....دادام............مەن بىر دەم دۇدۇقلىۋەتكەندىن كىيىن :
ــــ دادامغا تەگمەي قاسىمكامغا تەگسەڭ بولماسمىدى؟
ـــ ئۇنداق دىمە بالام ،دادڭ قاسىمكاڭدىنمۇ ياخشى ،شۇڭا مەن ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمگە تەگمەي داداڭغا تەگكەن .
ـــ ئەمسە بىز چوڭ داداملارنىڭكىگە كېتەيلى ، چوڭ دادام سېنى ئۇرمايدۇ.تېخى ماڭا جىق پۇل بېرىدۇ ، مەن ساڭا كەمپۈت ئېلىپ بېرىمەن .
ئاردىن بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن ئانام : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـــ بالام ،قىز بالا تولىمۇ ئاجىز كېلىدۇ ،سەن قىزلارغا قول تەگكۈزگىچە بولما ،بولمىسا ئاللاھمۇ سېنى كەچۈرمەيدۇ ،قىزلارغا قولىڭدىن كېلىشىچە ياردەم قىل ،قولىڭدىن كەلمىسە مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن قىزلاغا بەكمۇ كۆيىندىغان ، باشقا ئوغۇللار قىزلارنى بوزەك قىلسا ئارغا چۈشدىغان بولدۇم .
يېشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ مېنىڭ قىزلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىششىم ،بۇرۇنقىدەك ياردەملەرنى قىلشىم چەكلىمگە ئۇچىردى ، «باللار نىجات ئالىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،بالىلار نىجات تۈنگۈن ئالىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن بۈگۈن نادىرەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،بالىلار نىجات تۈنگۈن كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەندە نادىرە بىلەن چىملىق مەيداندا تۇراتتى بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەندە نۇرسىمان بىلەن ياتاق بىناسى ئالدىدىكى سېدە ئاستىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشۋاتىدۇ»مانا مۇشۇنداق گەپلەر تۈپەيلى تولىمۇ بىئارام بولاتتىم ،قىزلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم . بىراق يەنىلا ئامالسىز ئىدىم.

ئىز تورى www.iz.la


*****************************************
مەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىمدىلا مېنى «سۇيۇق»«خوتۇن پۇرۇش»دىگەندەك سۆزلىرىدىن كۆپ ئازار يىگەچكە ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى قىزلاردىن يىراق ئۆتكۈزەي دىگەن پىلاننى تۈزگەن ئىدىم . ھەربى مەشىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى كۈنى كەچلىك مۇزاكىردە مۇخلىسە ئىسىملىك بىر قىز يېنىمغا كېلىپ :
ـــ ھەي رەڭلىك.دەپ ئىلىقىنە تەبەسسۇم قىلدى . مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا سۇئال نەزىردە قارىدىم .
ـــ بىر كۈندە ئۈچ قېتىم تاماق يەيمىز ئۈچ قېتم كىيىم يەڭگۈشلىمەيمىز .
ئۇ شۇنداق دەپلا يەرگە قارىۋالدى ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كۈندە ئۈچ قېتىم كىيىم ئالماشتۇرغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ دەرھال چۈشەنچە بەردىم: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـــ ھە ،ئەتىگەن سېرىق كىيىم كىيىپ چىقسام ھەسەل ھەرىلەر قونىۋېلىپ بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى شۇڭا چۈشتىن كىيىن ئالماشتۇرۋەتتىم.مەشىق مەزگىلدە ئالماشتۇرغان كىيم مەينەت بولۇپ كېتىپتىكەن شۇڭا مۇزاكىرگە بۇنى ئالماشتۇرۇپ چىقتىم .
بىز شۇ تەرىقىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق ،قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز ، قايسى مەكتەپتىن كەلگەنلىكىمىز ،ئائىلە ئەھۋالىمىز ،قىزقىشىمىز .ئىش قىلىپ بىزنىڭ ئۆز ئارا سوراشمىغان گەپلىرىمىز قالمىدى .ئاخشىمى «چى چى »دا پاراڭلاشساق ،كۈندىزى بىريەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق .
پىكىرلىرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ،ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز ،يول قويشىمىز بىلەن بىزنىڭ دوسلىقىمىز تەرەققى قىلىپ مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قالدى . مەن ئاخرى چىداپ بولالماي مۇخلىسەگە تەلەپ قويدۇم .ئۇ قانچە رەت قىلسا مەن شۇنچە زېرىكمەي تەلەپ قويدۇم . قىلغان ئەجىرىم تۆلىگەن بەدەللىرىم بىكارغا كەتمەي ئۇ مېنى قۇبۇل قىلدى . مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك خۇشال ھېس قىلدىم . ئىز تورى بەك ياخشى
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالدى .سەۋەپ مەن بۇرۇنقى« قىزلارغا ئامراق» خۇسۇسىيتىمنى ئەسلىمگە كەلتۈرۋالغان ئىدىم . بۇ يەردە مەن بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان قىزلار بار ئىدى . يېڭى مۇھىت ،يېڭى مەكتەپ ،يالغۇز غېرىپچىلىقتا قالغان ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ياردىمىمگە مۇھتاج بولۇپ قالغاندا ئۇلاردىن ياردىمىمنى ئاياشنى خالىمدىم . بىراق بۇنى مۇخلىسە قۇبۇل قىلالمىدى . بىزنىڭ ئارىمىزدىكى خۇشاللىق ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. تىلفۇنۇمغا كېلىۋاتقان «كۆڭلۈم يېرىم بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن، قىزبالا بازارغا يالغۇز چىقسا بولمايدىكەن بىللە چىقسىڭىز بوپتىكەن ، ئاغرىپ قالدىم سىرىتتىن تاماق ئەكىرىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ..................» قانداق قىلىش كېرەك ،ئاخىرى بولماي مۇخلىسەنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، مېنى قوللايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇ ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ بىللە ياردەم قىلىشقا چاقىردىم . ھەي.....نىمە پوق يەپ ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن بولغىيتىم . ئۇ ماڭا:
ئىز تورى www.iz.la

ــــ سىزگە مەن ئازلىق قىلىپ قالغاندىن كىيىن زېركىپ قالغانلارغا ھەمراھ بولۇڭ ، ئاغرىپ قالغانلارغا دورا بولۇڭ ،مەن زېركىپ قالمىدىم ،ئاغرىپمۇ قالمىدىم شۇنداق بولغاندا سىزگە ئۇچۇر يازارمەن .
ئۇنىڭ گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى .ھەپتە ساقلىدىم كەلمىدى ، ئاخىرى چىدىماي ئۆزۈم بېرىپ كەچۈرۈم سوردىم .مۇھەببەت شۇنداق بولسا كېرەك ئۇمېنى كەچۈرۋەتتى ،بىز يەنە قايتا جەم بولدۇق ، بىز يەنە كۈلدۇق .
ئارىدىن  ئۇزاق ئۆتمەي خاتالىق ئۇنىڭدىن ئۆتتى ،مەن كەڭ قورساق بولماي ئەكىسچە ئۇنىڭغا قېيدىدىم. يەنە ھەپتە قېيداشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەچرۈم سورىشى بىلەن يارشىپ قالدۇق . يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئەينەكنى قانچە ئۇستىلىق بىلەن يەملىسىمۇ چېنىپ قالغاندەك بىزنىڭ ئارىمىزغا چۈشكەن سوغۇقچىلىق قايتا يارشىپ قالغان بولساقمۇ تەلتۈكۈس يوقالمىدى . بىزدە نە بۇرۇنقىدەك يول قويۇش ، نە ھۆرمەت ، نە ئىشەنىچ قالمىغان ئىدى ، توختىماستىن زارلىنىش ،سوقىشىش ئەۋجە ئېلىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇخلىسە ۋارقىراپ تۇرۇپ :

ئىز تورى www.iz.la


ـــ ھەجەپ ئىتىقىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن ،باشقىلار ناچار ،قىزلارغا ئامراق دىسە مەيلى مەن ئۆزگەرتىمەن دەپتىمەن . ئېسىت سىز بىلەن ئارلاشقىچە پەرۇخ بىلەن ئارلاشسامچۇ.
ئۇنىڭ «ئىتلىقىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن،پەرۇخ بىلەن ئارلاشسامچۇ »دىگەن گپلىرى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . شۇ ئاچچىغىمدا ئورنىمدىن چاچراپ تۇردۇم –دە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ بولۇپ ئانامنىڭ «قىزلارنى ئاسرا ،قول تەگكۈزمە» دىگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ  ئاچىغىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ياتاققا قايتىپ كردىم .كەچتە قانغۇچە ھاراق ئىچمەكچىمۇ بولدۇم ،تاماكۇ چەكمەكچىمۇ بولدۇم بىراق مەكتەپ شارائىتى يار بەرمەي قىلالمىدىم . ئاچچىغىم يانغاندىن كىيىن ئۇنداق قىلشنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ ئۇنداق خىيالدا بولمىدىم ئەكىسچە مۇخلىسەنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ،چوقۇم كەچرۈم سوراپ كېلىدۇ دەپ ئۇنى كۈتتۈم . ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇس ،ئۇ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا پەرۇخنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈپ مۇھەببەتلىك تۇرمىشىنى باشلىۋەتتى.«ئاھ خۇدا ،بۇ ماڭا نىمە كۈن ؟ئۆلەي دىسەم جان تاتلىق ، ئاسمان يىراق ،يەر قاتتىق ،بەكمۇ ئازاپ بولدى.»ئۇيقۇسىز ،تاماقسىز يۈرۈپ بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدىم . باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغۇسى كەلدى .بىراق مۇھەببەت ئىچ ئاغرىتىش ، ھېسداشلىق قىلىشقا گول بولمايدىكەن ، مۇخلىسە پەرۇخ بىلەن قانچە يېقىن ئۆتكەنسىرى مەن ئۇنى شۇنچە سېغىناتتىم .ھېجران ئازابىدا قىيلىناتتىم . لىكىن ئامال يوق . ئىز تورى www.iz.la
مۇخلىسەنىڭ پەرۇخ بىلەن ئۆتكەن كۈنى بىر ئايغىمۇ بارمىدى . چۈنكى پەرۇخ سۆيگىنى گۈزەل ئاي بىلەن خاپا بولىشىپ قالغان ۋاقىتتا مۇخلىسە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ئىكەن . مۇخلىسەنىڭ كىشى يۈركىگە ئوت سالدىغان قىلىقى ،نازلىنىشى پەرۇخقا يېقىپ قالدى بولغاي مەن بىلەن ئارلىشۋاتقانلىقىنى بىلپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويغان ئىكەن .ئەمدى گۈزەل ئاي ئۇنىڭدىن كەچرۈم سوراپ كەلگەندە ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن مۇخلىسەدىن ئايرىلىش تەلىپى قويۇپتۇ.
مۇخلىسە بەرداشلىق بېرەلمەي سىرىتقا چىقىپ يولدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپۇ . مەن ئۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا باردىم .ئۇنىڭ قاتتىق تېگىشى ، ھاقارەتلىشىگە بەرداشلىق بەردىم . چۈنكى بىر ئايدىن بېرى ئۇ مېنى شۇنچە قىينىغان ئىدى .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئۇ مەندىن پەرۇخنى بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . مەن رۇدىپايدەك چاپلىشىپلا يۈردۈم چۈنكى خەقنىڭ يۇرتىدا قىز بالا نىمە ئىشلارنى قىلىپ سالمايدۇ دەيسىز ؟بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ماڭدىم . ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىغان «خوندا»ماركىلىق قاپقارا ماشىنىغا چىقىپ ،ماشىنا ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . ئاخىرى مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم . پۈتۈن بىر كۈندۈز مەكتەپكە دەسسەپ باقمىدى . مەكتەپ دەرۋازا باققۇچىلار مېنى مەكتەپكە كىرىپ كەت دىسىمۇ ئۇنماي ساقلىدىم.كەچ سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر «باۋما»ماركىلق ماشىنا توختىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ـــ شۆھرەت باي كەلدى .دىۋەتتى دەرۋازا باقىدىغان قارىۋاش بىرى.
ماشىنىدىن 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان يوغان قورساق بىرى چۈشتى ،ئارقىدىن مۇخلىسە تولىمۇ نازلىنىش بىلەن چۈشتى
ـــ ياق مېنىڭ مەكتەپكە كىرىپ كەتكىم يوق ،سىز بىلەن بىللە كېتەي چۇ ؟
ـــ كىرىپ كېتىڭ جېنىم قالغان ئىشلارغا يەنە ئەتە بارغۇ ؟ شۆھرەت باي دەرۋازا باقىدىغانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ :
ـــ سەن بۇياققا كېلە ، بۇ قىزنى ياتىقىغا ئاپرىپ قويۇپ كەل .
مەنمۇ بىلمەي قالدىم دەرۋازا باققۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى يىرمايلا مۇخلىسەنى باشلاپ كىرىپ كەتتى ، مۇخلىسە كىرىپ كېتىش ئالدىدا شۆھرەت باينىڭ بوينىدىن تۇتۇپ سۆيۈپ قويدى . «ھەي ........بالاڭدەك قىزلارنى بۇزغىچە ئۆلۈپ كەتسەڭ بولمامدۇ »مېنىڭ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بېرىپلا شۆھرەت باينى ئۇرغىم كەلدى بىراق قورىقتىم . 
مەن شۇنڭدىن باشلاپ مۇخلىسەدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزىمەن دىگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا ئۈزەلمەيۋاتاتتىم . مۇخلىسەدە ئۆزگىرىش تولىمۇ چوڭ ئىدى ،كىيگەن ئېسىل كىيىملەر ،تاقىۋالغان ئالتۇن ئۈزۈك،ئالتۇن بىلەيزۇك،قىلغان گىرىملىرى ،ئۇ ئەمدى باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى . دەرىس قالدۇرغان قېتىم سانىمۇ كۆپىيىپ قالغان ئىدى.
مەن ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنى ئىزدەپ پاراڭلاشماقچى ،ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم ،لىكىن كار قىلمىدى ، تەتىل قويۇپ بېرىشكە نەچچە ھەپتە قالغان ئىدى، مۇخلىسە مەۋسۇملۇق ئىمتاھانغىمۇ قاتناشمىدى ، فاكۇلتىت ئىچىدە ،ھەتتا پۈتۈن مەكتەپ بويچە «تەنقىدلەندى» . مەن چىدىمىدىم . ئاخرى ئۇنى يەنە ئىزدەپ ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى كەچۈردىغانلىقىمنى ، ھەممىنى قايتا باشلىغىم بارلىقىنى ،مېنى كەچۈرىشنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى مۇخلىسەنى مەكتەپتە تونىمايدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى . مەن ئۇنى قانداق قىلسام قىلىپ مەكتەپنى ساق سالامەت پۈتكۈزپ ئاتا-ئانسىنىڭ قېشىغا بارسىكەن ، شۆھرەت باينى ئىزدىمىسىكەن دەيتىم .چۈنكى مەن ھېلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەتىسى پۈتۈن مەكتەپنى بىر شۇم خەۋەر قاپلىدى.
ـــ مۇخلىسە دىگەن جالاپ ئۆلۈپتۇ .
ـــ مۇخلىسە دىگەن ئەر سارىڭى بېشىنى يەپتۇ
ـــ ياخشى ئۇ مەينەت بىلەن بىللە ئوقۇپ قالماپتىكەنمىز .
ـــ مەكتەپنىڭ يۈزىنى تۆكتى ـــ دە..
ــــ...............
ــــ ..............
بۇ گەپلەرنى كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ھېچ قاچان يىغلاپ باقمىغان مەن ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتىم . ئەجىبا مەندىن باشقا بىرەسى ئۇنى«ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن »دىمەسمۇ ؟
ـــ نىمىگە ئۆلىۋاپتۇ ئۇ بۇزۇق ؟ شۆھرەت باينىڭ پۇلىنى خەجلەپ جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرىۋەرمەي؟
ــــ شۆھرەت باي ئۇنىڭ نۇمسىغا تەگكەن ئوخشايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ـــ شۆھرەت بايدىن ئەيدىز ۋىروسى يۇقتۇرۋاپتۇ ..
ــــ ئوبدان بولاپتۇ ...........
ــــ .................
ــــ .................
قۇلىقىم توختىماستىن مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتى . ھەر ئاڭلىغاندا يۈرىكىپ ئېچىشىپ ئاغرىيتى . مەن ئۇنى توغرا يولغا باشلىيالماي ئازاپ ئىچىدە يالغۇز قالغان ئىدىم .
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئا.ئابلىز( ئۇچارى) www.iz.la

مەنبە؛مىسرانىم تورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...

  • نامرات سىتودېنت

    نـامـرات سـتـۇدېـنـت (ھېكايە ) ---ئەزىزان --- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈ...

  • ئاچ كۆز باي

    مال-دۇنيانى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىر باي سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قانچە قىپمۇ مال-دۇنيالىرىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە كۆز قىيماپتۇ. تەڭرى بۇ باينىڭ يېنىغا تېزرەك كىلىپ ئۆزىنى دوكلات قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پەرىشتىن...

  • سۈيقەسىت

    ھېكايە -سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ . -نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ب...

  • مىلىيونېرىغا ئايلانغان مۈشۈك

    ئىتالىيەدىكى 4 ياشلىق بىر مۈشۈك ئىگىسىنىڭ 10مىليون ياۋرو قىممىتىكى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، دۇنيادىكى ئەڭ باي مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. توماس ئىسىملىك بۇ مۈشۈك خىلى بىر چاغلارغىچە، رىمنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كىيىن تەلىيىگە...

  • ئانا مىنى كەچۈر

    ئانا، مېنى كەچۈر ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەنت يولىدا لىق سېۋەت بېسىلغان كىچىك كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىككى تەرىپىگە ئېغاڭلىغىنىچە نورمال سۈرئەتتە شىمالغايېزا مەركىزىگە كېتىپ باراتتى. كوزۇپتىكى سېۋەتلەرگە لىق قىدە ئۆرۈك قاچىلانغان ب...

  • مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ

    ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا، ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر، جېدەل- ماجرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەر تەرەپنىڭكىنى ئاڭلىسا، ھەممە گۇناھ ئايالدىدەك، ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ ئەر بارىلىق جېدەل- ماجرانىڭ جاۋابكارىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز...

  • ئۆچكەن تەبەسسۇم

    جىيەن فىڭ تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇملىرىمنى ئويلاپ قالدىم. بىلمىدىم، قاچاندىن بۇيان بۇ خىل تەبەسسۇملىرىم يوقاپ كەتتىكىن؟ ئېنىق ئېسىمدە، ئىلگىرى بۇ خىل كۈلكە-تەبەسسۇم كىشىنىڭ زوقىنى ك...