بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەنت يولىدا لىق سېۋەت بېسىلغان كىچىك كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىككى تەرىپىگە ئېغاڭلىغىنىچە نورمال سۈرئەتتە شىمالغا—يېزا مەركىزىگە كېتىپ باراتتى. ئىز تورى www.iz.la copyright by www.iz.la
كوزۇپتىكى سېۋەتلەرگە لىققىدە ئۆرۈك قاچىلانغان بولۇپ، 35ياشلاردىكى، ئېڭىكىنى يىرىك ساقال قاپلىغان، بادام دوپپىلىق، قارامتۇل بىر يىگىت رولدا، يېنىدا 45ياشلاردىكى خۇش چىراي، قىرقىما ساقال، دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بىر كىشى ئولتۇراتتى. شوپۇرنىڭ ئىسمى ئىدرىس بولۇپ، ئاقتېرەك كەنتىدىن ئىدى. ئۇ دېھقانچىلىقتىن روناق تېپىپ، بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغان ۋە كىراكەشلىك بىلەن ئوبدان تاپاۋەت قىلىۋاتاتتى. يېنىدىكىسى مانناپ ئىسىملىك باققال ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
شۇ كۈنى ئىدىرىس سەھەر تۇرۇپ ھويلىسىغا ھېرىسمەنلىك بىلەن نەزەر سالدى: ئۇ قولى پۇل كۆرگەندىن كېيىن، دادىسى رەھمەتلىكتىن قالغان سوقما تاملىق قورۇ - ئۆيلەرنى چېقىپ، ئىزىغا كېڭەيتىپ پىششىق خىش بىلەن چىرايلىق ئايۋانلىق ئازادە قورۇ - جاي قىلىۋالدى. ھويلىدا ھۆپپىدە ئېچىلغان رەڭدار گۈللەر چوغلىنىپ تۇرىدۇ، ئارقىدىكى باغنىڭ تېمىدىن شاخلىرىدا مەي باغلىغان ساپسېرىق ئۆرۈكلەر، پىشىش ئالدىدا تۇرغان مېۋىلەر كۈلۈمسىرىگەندەك ئىللىق مارىشىىدۇ. ئېغىلدىكى سېغىشنى كۈتۈپ تۇرغان، يېلىنلىرى چىڭقالغان ئىككى ئىنەكنىڭ ئۈزۈپ - ئۈزۈپ مۆرىشى ئىدىرىسنىڭ مەستخۇش خىيالىنى بۆلدى. گۈلدەك كېيىنگەن چىرايلىق بىر چوكان — ئىدىرىسنىڭ ئايالى نىساخان ئىنەكلەرنىڭ مۆرىشىگە مەسلىكى كېلىپ < ھە، مانا ھازىر، ئۆلگۈرلەر بىردەم تەخىر قىلالمايدۇ!... > دېگىنىچە كورا ۋە سۈزگۈلەرنى كۆتۈرۈپ ئېغىلغا مېڭىۋېدى. مەكتەپكە ماڭغان ئوغلى زارلاندى: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— دادا، ئانا، چوڭ ئانام نېمىشقا قايتىپ كەلمەيدۇ؟ بەك سېغىنىپ كەتتىم!
— كاپشىما! —دېدى نىساخان ئاچچىقلاپ، چوڭ ئاناڭنى بىز ھەيدىۋەتمىدۇق، ئۆزى كەتكەن تۇرسا، پەيدا بۇلار بىر كۈنى!..
نىساخاننىڭ زەردە قىلغىنى قېينانىسى ھەجەرخان ئىدى. 70ياشلاردىن ئاشقان، ئۆي ئىشلىرىدا تىنىم تاپماس، ئىشچان موماي ئۆيدىكى كۆڭۈلسىزلىك، كېلىن ۋە ئوغلىنىڭ قاتتىق - قۇرۇق گەپلىرى ھار كېلىپ نەگىدۇر كەتكەنىدى. مانا بۈگۈن ئون نەچچە كۈن بولدى، تېخىچە ئۇچۇرى يوق...
ئىدىرىس ھەجەرخاننىڭ دۇنيالىقتىكى بىرلا پەرزەنتى، يۈرەك پارىسى ئىدى. ھەجەرخان دادىسىدىن كىچىك قالغان ئىدىرىسنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ چوڭ قىلدى. ئەمما، ئارزۇلاپ باققان بۇ ئوغلى ئۆيلەنگەندىن باشلاپ، ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنىڭ ئورنىنى يىغا ئېلىشقا باشلىدى. كېلىنى نىساخان قېينانىسىغا كۆيۈمسىز چىقىپ قالدى. ھە دېسىلا ئۇششاق ئىشلارنى باھانە قىلىپ، ئۇرۇشاتتى، مومايغا قىرىچە - يېنىچە تېگەتتى. موماي دەسلەپتە ھەممىنى ئىچىگە يۇتۇپ، گەپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە ئەلەمگە چىدىماي، كېسەلچان بولۇپ قالدى. ئىدرىس ئۆيدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ، ھە دېسىلا ئايالىغا بولۇشۇپ، موماينىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەتتى. موماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قوشنا - خۇلۇملار تاپا - تەنە، ئاچچىق گەپلەرنى قىلىشىۋېدى، ئەر - خوتۇن نومۇس قىلىپ، ئەيىپىنى تۈزەتمەكتە يوق، < بىزنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئوسال قىلدى > دەپ ئويلاپ، مومايغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئىزدەپمۇ قويمىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىدرىس ناشتىدىن كېيىن ئۆيدىن چىقاي دەپ تۇراتتى، مانناپ باققال كىرىپ كەلدى.
— ئۇكام! — دېدى مانناپ باققال سالام سەھەتتىن كېيىن، —بىرەيلەننىڭ بېغىدا قاچىلاپ قويغان ئۆرۈكلەر بار ئىدى. شۇنى بازارغا ئۈلگۈرتۈپ ئاپىرىپ بەرگەن بولسىلا!...
— باشقا جىددىي ئىشىم بار ئىدى،– دېدى ئىدرىسمۇ كەسىپلىشىپ كەتكەن ئادىتى بويىچە كۆپرەك نەپ ئېلىشنىڭ كويىدا يالغان ئېيتىپ.
— ئۇكام، بىر يول مېڭىۋەتسىلە ئۇنداق قىلماي، پىششىق ئۆرۈكلەر ئىدى، ھېلى ھاۋا ئىسسىپ كەتسە بىر پۇلغا ئالغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ. كىرا ھەققىلىرىنى بىر ھەسسە كۆپ بېرەي، – پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىدىرىسنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
— بوپتۇ، ئاپارسام - ئاپىراي، قېنى باغ قەيەردە؟ ماشىنىغا چىقسىلا!
— يېقىندىلا، ئاياغ مەھەللىدىكى سەمىتاخۇننىڭ بېغى شۇ!
باغقا بارغاندىن كېيىن ئىدرىس نېرىدا غادىيىپ تۇردى، مانناپ باققال باغۋەن بىلەن بىللە سېۋەتلەردىكى ئۆرۈكلەرنى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ كوزۇپقا بېسىشقا باشلىدى، سېۋەتلەر بېسىلىپ بولغاندا مانناپ باققال تەرلىرىنى ئېيتىپ، كاپىنكىدا كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ، ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئىدىرىسقا توۋلىدى:
— ماڭايلى ئۇكا!
ئاپتوموبىل قوزغالدى. ئېگىز - پەس مەھەللە يولىنى كەينىدە قالدۇرۇپ، بىردەمدىلا ئاسفالتلاشقان يېزا يولىغا چىقتى ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا مانناپ باققالنىڭ بازار چېتىدىكى ئۆستەڭ بويىغا سېلىنغان باغ - قورۇقلۇق ئازادە ھويلىسىغا يېتىپ كەلدى. مانناپ باققال سېۋەتلەرنى چۈشۈرۈشكە تۇتۇندى، ئىدرىس كۆرمىگەنگە سېلىپ، كابىنكىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇۋالدى. ئۆرۈكلەرنى چۈشۈرۈشتە يالغۇز كېلىپ قالغان مانناپ باققال ئىدىرىسنى ياردەمگە چاقىردى:
— ئۇكام، يالغۇزلۇق قىلىپ قالدىم، بالىلار قوشنا ناھىيىگە ئىشلىگىلى كەتكەن، بالىلارنىڭ ئانىسى بازاردىكى دۇكاندا ئىدى، مۇشۇ ئۆرۈكلەرنى چۈشۈرۈشكە بىر ياردەملىشىۋەتكەن بولسىلا!
ئىدرىس خۇش ياقمىغان ھالدا كابىنكىدىن چۈشتى - دە، ئىككى يەشىك ئۆرۈكنى كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا ئەپكىرىپ تام تۈۋىگە تىزىپ قويۇپ بېشىنى كۆتۈردى - يۇ، سۇپا تەرەپكە قاراپ قېتىپلا قالدى، پۈتۈن بەدىنى توك تەپكەندەك غۇژۇلداپ، پۇت - قولىدا ماغدۇر قالمىدى. نومۇس، ئىزا، خاپىلىق ئارىلىشىپ كەتكەن بىر روھىي بېسىم ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ، گېلىنى بوغۇۋالغانىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
سۇپىدا، قېلىن كۆرپىلەر ئۈستىدە، چاچلىرى سۈتتەك ئاقارغان، چىرايىنى يول - يول قورۇق قاپلىغان، گەۋدىسى ۋىجىككىنە بىر موماي — ئىدرىسنىڭ ئانىسى ھەجەرخان پەقەت ئانىلاردا بولىدىغان چوڭقۇر سېغىنىش، مېھىر - مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى، ئانىنىڭ لەۋلىرى قىمىرلاپ، كۇماك ئېغىزى ئېچىلىپ، تىترەپ سۆزلىدى:
— ئىدرىسجان بالام، ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ سېنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى، ئۆي ئىچى، كېلىن بالام، نەۋرەم تىنچلىقمۇ؟ ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتامدۇ؟ مەن....
ئىدرىس ئانىسىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر قىسما بولغان ھالدا، ئۆزىنى مۇشۇنداق چاغدا ئانىسىغا يۈزلەندۈرۈپ، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مانناپ باققالدىن نارازى بولغاندەك ئۇنىڭغا ئالىيىپ قاراپ قويدى. بۇنى سەزگەن مانناپ باققال ئانىسىنى كۆرۈپمۇ تېخىچە يۈرىكى ئېرىمەيۋاتقان ئىدىرىسقا نەپىرەتلىك چەكچەيگەن ھالدا:
— سىلە ئەر - خوتۇن ئىككىڭلار ھەجەرخان ئاچىمىزنى قېرىغاندا يۈك دەپ بىلىپ، ئۆيۈڭلەرگە سىغدۇرالماپسىلەر، كەنت ئىچىدە تۇرۇشنى كۆڭلى تارتماي، بازارغا كىلىپ قاپتۇ. دادام دادىلىرى بىلەن ئۆلپەتلىشىپ، باردى - كەلدى قىلىپ يېقىن ئۆتكەنىدى. مەنمۇ كىچىكىمدە دادام بىلەن ئۆيۈڭلەرگە پات - پات مېھمان بولۇپ بارغان، ھەجەرخان ئاچامنىڭ قولىدىن تۇز - تائام يېگەنىدىم. ئۇ چاغدا سىلى قۇچاقتا، كىچىك ئىدىلە. قارىسام ھەجەرخان ئاچامنىڭ كۆڭلى پاراكەندىدەك كۆرۈندى، ‹‹ھەي، ئۆي ئىچىدە بىرەر كۆڭۈل ئاغرىقى، قىيىنچىلىققا ئۇچراپتۇ›› دەپ ئويلاپ، سورىسام ھېچنېمە دېگىلى ئۇنىمىدى، ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قوياي دېسەم ئۇنىڭغا كۆنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيۈمدە، ئانامنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئېلىپ قالدىم، — مانناپ باققال يەرگە قاراپ كالىدەك پۇشۇلداپ تۇرغان ئىدىرىسقا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى، — مانا، ئون نەچچە كۈن بولدى، ھەجەرخان ئاچام كۈندە نەۋرەمنى، ئوغلۇمنى كۆرگۈم كەلدى دەپ ئۇھ تارتىدۇ. ئوغلى بولغان ئادەم بىرەر قېتىم < ئانام قېنىدۇ؟ > دەپ ئىزدەپمۇ قويمىدىلە، جاھاندا سىلىدەكمۇ قارا كۆڭۈل ئوغۇل بولامدۇ، ئىدىرىسجان؟! بۈگۈن مەن كىرانى باھانە قىلىپ سىلىنى مەقسەتلىك ئىزدىگەن...
ئىدىرىسنىڭ چىرايى تاترىپ، تېنىنى سوغوق تەر باستى. ئۇ سوراققا تارتىلىۋاتقان جاۋابكاردەك ھالەتكە چۈشكەنىدى. قېتىپ قالغان لەۋلىرىنى ئاران قىمىرلىتىپ، دۇدۇقلاپ سۆزلىدى:
— ئانا...مە...مەن...ئالدىراش بولۇپ كېتىپ... بۈگۈن، سېنى ئېلىپ كېتەي!
—بالام، ئەر - خوتۇن ئىككىڭلارغا يۈك بولۇپ قالغۇم يوق، –دېدى ھەجەرخان ئانا يىغىدىن ئۆزىنى توختىتىپ، – قېرى جېنىمدا يېرىم چىنە ئاش يېسەم تويىمەن، ئارتۇق تەلىپىممۇ يوق، شۇڭا مۇشۇ يەردە تۇرسام مانناپ ئاخۇن ھەرگىز ئېغىر كۆرمەيدۇ. بىراق، ئانا يۈرىكى بالىغا چىدىمايدىكەن، سىلەرنى كۆرگۈم كېلىپلا تۇرىدىكەن، كەنت بىلەن بازارنىڭ ئارىلىقى ھېچقانچە ئەمەس. كېلىن بالىنى، نەۋرەمنى ئېلىپ پات - پات كېلىپ مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ بولدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ تاپتا ئىدىرىسنىڭ يۈرىكى خۇددى پىچاق تىققاندەك ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياشلار ئېقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئانىسىنىڭ كىچىك چېغىدا ئۇنى يۈدۈپ ئېتىزمۇ ئېتىز يۈرگەنلىرى، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەقلەرنىڭ كىرىنى يۇيۇپ، نېنىنى يېقىپ... تارتقان جاپالىرى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى. توي قىلغاندىن بۇيانقى ئانىسىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئويلاپ، ئەلەمدىن تىترەپ كەتتى. ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك ھۆركىرەپ يىغلىغان پېتى ئانىسىنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئانىسىنىڭ ئايىغىنى مەھكەم قۇچاقلىدى.
— ئانا!....، −ئىدىرىسنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، بوغۇلۇپ چىقاتتى، – مېنى كەچۈرگىن، كەچۈرگىن! ياشلىق قىپتىمەن، ئېزىپتىمەن! سېنى ھازىرلا ئېلىپ كېتىمەن، ئېلىپ كېتىمەن!!....ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ...ئانا!!!
www.iz.la
مەنبەسى؛خوتەن تورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن