توماس ئىسىملىك بۇ مۈشۈك خىلى بىر چاغلارغىچە، رىمنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كىيىن تەلىيىگە ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان بىر سودىگەرنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئۇنى تېرىۋېلىپ، ئۆيىگە ئەكېلىپ باققان. بۇ تۇل قالغان باي ئايال 2011-يىلى 94-يېشىدا ۋاپات بولغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن 10مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى مال-دۇنيا قىلىپ قالغان. كىشىلەر بۇ كاتتا مال-دۇنياغا زادى كىم ۋارىسلىق قىلىدىغاندۇ دەپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، تولىمۇ ھەيران قالارلىق بىر جاۋابقا ئېرىشكەن يەنى بۇ باي ئايالنىڭ 2009-يىلىدىكى ۋەسىيەتنامىسىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ كوچىدىن تېرىۋالغان مۈشۈكى توماس بۇ بايلىقلارنىڭ ھەممىسىگە يالغۇز ۋارىسلىق قىلىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىتالىيەنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، ھايۋانلار مىراسقا بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلسا بولمايدۇ، ئەمما مۈشۈكنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ باي ئايال ئۆزىگە ئوخشاش مۈشۈككە ئامراق سىتافىننا بىلەن تونۇشۇپ قالغان، سىتافىننا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە ھالىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋەر ئالغان، شۇڭلاشقا بۇ باي ئايال ۋاپات بولغاندىن كىيىن، سىتافىننا ھاۋالە قىلىنغۇچى سۈپىتىدە ئۇنىڭ قىلىپ قالغان مال-مۈلكىنى باشقۇرغان. ھازىر، كاتتا مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان بۇ مۈشۈك رىمنىڭ سىرتىدىكى ئوردىغا ئوخشاش داچىسىدا ئاقسۆڭەكلەردەك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.