بۇرۇن بىر ئادەم بولغانىكەن،بىر كۈنى ئۇ قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاشلاندۇق بىر ئەسكى ئۆيگە كېلىپ قاپتۇ،خېلىدىن بېرى ئادەم تۇرمىغاچقىمۇ،بۇ ئۆي بوران-چاپقۇنلاردا غۇلاپ كېتەي دەپ قالغانىكەن،ئۇ ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرغان چىغىرىقنى كۆرۈپ،بېرىپ شۇنچە كۈچەپ تارتىپ باققان بولسىمۇ بىر تېمىم سۇ چىقماپتۇ، ئۇ راسا تېرىكىپ تۇرغاندا،يان تەرەپتە تۇرغان بىر چۆگۈنگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ،چۆگۈننىڭ جوغىسى ياغاچ پورۇپكا بىلەن ئېتىلىگەن،ئۈستىگە بىر پارچە قەغەز قاتلاپ قويۇلغانىكەن،ئۇ قەغەزنى ئېچىپتۇ،قەغەزگە؛(چۆگۈندىكى سۇنى چىغىرىققا قويۇپ ئاندىن سۇ تارتىڭ،بىراق بۇ يەردىن كېتىشتىن بۇرۇن چۆگۈنگە سۇ تولدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ)دەپ يېزىلىغانىكەن،ئۇ چۆەۈن جوغىسىغا پاتتۇرۇپ قويۇلغان پورۇپكىنى ئاۋايلاپ تارتىپ چىقىرىپتۇ،دەرۋەقە چۆگۈن ئىچىدە لىقمۇلىق سۇ بار ئىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ؛(قەغەزدە يېزىلغىنى بويىچە سۇنى چىغىرىققا قويايمۇ؟ ئۇنداقتا يەنىلا سۇ چىقمىسا ئابىي ھاياتتىن قۇرۇق قالمامدىمەن؟ئۇنىڭدىن كۆرە چۆگۈندىكى سۇنى ئىچسەملا ھاياتىمنى ساقلاپ قالمامدىمەن!)دېگەنلەرنى ئويلاپ ئارسالدا بولۇپ تۇرغىنىدا،بىر خىل ئاجايىپ سېزىم ئۇنىڭغا كۈچ ئاتا قىلىغاندەك بوپتۇ.ئۇ قەغەزدە يېزىلغىنى بويىچە ئىش قىلىش نىيتىگە كەپتۇ.دەرۋەقە،چىغىرىقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپتۇ،ئۇ سۇنى ھوزۇرلىنىپ قانغۇچە ئىچىپتۇ،بىر پەس ئارام ئالغاندىن كېيىن،چۆگۈننى سۇ بىلەن لىق تولدۇرۇپ،جوغىسىغا پورۇپكىنى تىقىپ قويۇپتۇ-دە،ھېلىقى قەغەزدىكى خەتنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ؛(ماڭا ئىشىنىڭ،بۇنىڭدا يېزىلغاننىڭ ھەممىسى راست،پەقەت سىز ھايات-ماماتلىقنى ئويلىمىسىڭىزلا،شېرىن بۇلاق سۈيىدىن ھوزۇرلىنالايسىز)دەپ يېزىپتۇ.