قىز شۇ كۈندىن تارتىپ ئۆزىنى يىگىتىنىڭ ئادىمى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا بارلىقىنى بېغىشلاپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇشنى قارار قىلدى ۋە بىر مەزگىل مەستخۇشلۇق ئىچىدە، ئىنتايىن ھاياجانلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
لېكىن ئۇنىڭ خۇشال كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. بىر كۈنى ئۇ يىگىتىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن، ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىپ، ۋۇجۇدى ئازابتىن تولغاندى. ئەمدى ئۇ ئاتا - ئانىسىغا قايسى يۈزى بىلەن قارايدۇ، بۇ دۇنيادا قانداق ياشايدۇ؟ ئۇ شۇلارنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغانلىقىغا، يىگىتنىڭ ساختا كۆڭلىگە ئىشەنگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلدى. بىراق، ئۇ ئەمدى كەينىگە يېنىشقا تولىمۇ كېچىككەن ئىدى.
سوغۇق كەچ كۈزنىڭ ياپراقلار تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر كۈنى قىز تېخى ئارزۇ - ئارمانلىرىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئاتا - ئانىسىغىمۇ «خوش» دېيىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ، دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇلارغا، چىن مۇھەببىتى بىلەن قوشۇلۇپ، بۇدۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئىككىنچى قىز: ئۇ، بۇ دۇنيادا ھەقىقىي پاك مۇھەببەتنىڭ راستلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئەسلا ئىشەنمەيتتى. پەقەت، پۇل، ئويۇن - تاماشا قاتارلىقلار ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئامراق يارلىرى ئىدى. ئۇ شۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،ئاتا - ئانىسىدىن، ئىللىق ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، پۇلى بار يىگىتلەرنىڭ سۆيگۈسىنى ئالداپ، پۇلىنى خەجلەپ، بىرىنىڭ پۇلى تۈگىگەن ھامان ئۇنى تاشلاپ يەنە باشقىسىنى تاپاتتى. ئۇ شۇنداق ئەيىش - ئىشرەتلىك كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى. باشتا ئۇنى «گاداي» دەپ ياراتمىغان بولسىمۇ، يىگىتنىڭ پاك سۆيگۈسى، ئۆزى كۆرگەن يىگىتلەرگە ئوخشىمايدىغان، يارقىن مىجەز - خۇلقى ئۇنى رام قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ تاش كۆڭلىنى سىماپتەك ئېرىتىۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ، ئەيىش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشتىن خوشلىشىپ، پاك سۆيگۈسىنى، يىگىتكە بېرىپ، ھەقىقىي خۇشال كۈنلىرىنى باشلىماقچى بولدى. بىراق، ئۇنىڭ بۇ خىيالى بىر ئىش سەۋەبلىك شېرىن چۈش كەبى غايىب بولدى. ئەسلىدە قىز يىگىت بىلەن تويلىشىشقا پۈتۈشۈپ، توي خېتى ئالماقچى بولۇپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغاندا ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. ئۇ شۇ كۈندىن تارتىپ يىگىتىنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يىراقلارغا كېتىپ قالدى. لېكىن ئۆزىنى قىلچىمۇ بەختسىز ھېس قىلمىدى. چۈنكى، ئۇ مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ باغدا بىر كۈن بولسىمۇ سەيلە قىلالىدى. ئەڭ مۇھىمى، سۆيگۈنى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشتىن ئىبارەت سۆيگۈ ھەقىقىتىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىيالىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۈچىنچى قىز: ئۇ بەختلىك ھالدا ئۆز سۆيگۈنى بىلەن توي قىلىپ، چىن سۆيگۈنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىشقا مۇيەسسەر بولالىغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئېرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن زور بەخت ھېسابلىناتتى. ئۇ ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلىشقا تەييار ئىدى. ئېرىدىن بىر كۈن ئايرىلىپ تۇرۇشقىمۇ چىدىيالمايتتى. ئېرىمۇ ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى، ئۇنى سۆيەتتى. ئەمما، ئۇلارغىمۇ ھىجراننىڭ قارا سايىسى ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كەلدى. بۇ چاغدا قىز يېڭىلا ھامىلىدار بولغان ئىدى. قىز ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا ئېرىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ۋەدە بېرىپ ئۇنىڭدىن خوشلاشتى.
ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا قەدەم قويغان قىز شۇنىڭدىن تارتىپ ھامىلىدار ھالەتتە تۆت كۆزى بىلەن ئېرىنىڭ خەۋىرىنى كۈتتى. بىراق تۆت يىلغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر كەلمىدى. ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ئۈچ ياشقا كىرىپ ئاشتى. قىز بالىسىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ ئېرىنىڭ خەۋىرىنى كۈتتى. مانا ئۇلارنىڭ بالىسىمۇ ئون ياشقا كىرىپ قالدى. ئەردىن يەنىلا خەۋەر بولمىدى. قىزمۇ ئەمدى ياشلىقىدىن ئاز - ئازدىن يىراقلاپ كېتىۋاتاتتى. لېكىن ئۇ ئېرىنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، ئۇ ساقلىدى، بالىسىنى ئوقۇتتى. ھەممە تەرەپتىن ئېرىنىڭ خەۋىرىنى قىلدى. بىراق يەنىلا ساقلاشتىن باشقا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى. ئون بەش يىل بولدى. ئۇ يەنە ساقلىدى. قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ قار توختىماي يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئىشىك ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئېرى كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بالىسى يىگىرمە ياشقا كىرىپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئايرىلغان ۋاقتىغا ئوخشاش ئىدى. ئايال ھىجرانلىقتا خىرەلەشكەن كۆزلىرى بىلەن ئېرىنى كۆرگەن ھامان، ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئەر ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئايالى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئەمما ئۇنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈنگىچە چىداپ، ھايات كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. قىز يىگىرمە يىللىق ئازابىنى ۋىسال ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ، قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مانا بۇلار ئاددىي مۇھەببەت ھېكايىلىرى، بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ خۇددىي مۇشۇلارغا ئوخشاش قىزلار بار. مەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي پاك مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.