ھېكايە

-سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ .
-نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزىۋەتكۈم يوق –دىدى دىلنار قەتئىلىك بىلەن .
-لىكىن ..لىكىن سىز ئۇيەرگە كەتسىڭىز ....
-خاتىرجەم بولۇڭ نىجات ، -دىدى دىلنار نىجاتنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ تۇرۇپ ، -ئۇلار نىمە دىسە دەپ يۈرىۋەرسۇن ، مەن مەڭگۈ سىزنىڭ سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن مەن مەڭگۈ سىزنىڭ ،ماڭا ئىشىنىڭ .....ماقۇل بولۇڭ ، بۇلامدۇ ، مىنىڭ يېراقلاردا پەرۋاز قىلغۇم بار ...
www.iz.la
نىجات ئاغزىنىڭ ئۇچچىغا كەلگەن سۆزىنى يۇتىۋەتتى،چۈنكى ئۇ دىلنار بىرەر ئىش قىلىمەن دىسە ئۇنى تۇسۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلەتتى ،ئەمدى ئۇ دىلنارغا بەخىت بىلەن ئىنساپ تىلەشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى .
نىجات بىلەن دىلنار ئالى مەكتەپتىلا تونۇشقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆز ناھىسىگە قايتىپ كىلىپ بىر مەكتەپكە ئورۇنلىشىشپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىدى .مەكتەپتىكى ھەممەيلەن ئۇلارنى خۇدا قوشقان بىرجۈپلەر دەپ قاراتتى ، لىكىن سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىست قوبۇل قىلىدىكەن دىگەن ئۇختۇرىش بۇ ناھىيىگە كەلگەندىن كىيىن ،ئەزەلدىنلا ئارتىس بولۇش ئارزۇسى بار بولغان دىلنارنىڭ يۈرىكىگە ئوت كىردى ، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ مەيلى ئاۋازى ياكى باشقا تالانتى جەھەتتىن بولمىسۇن ئارتىسلىققا چوقۇم قوبۇل قىلىنالاتتى ،ھەمدە كەلگۈسىمۇ پارلاق بولاتتى ، لىكىن نىجات ئۇنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئانچە خالاپكەتمەيتتى ،نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭغا دىلنار بۇ كەسىب بىلەن شۇغۇللانسا ئۇنىڭدىن يېراقلارغا ئايرىلىپ كىتىدىغاندەكلا بىلىنەتتى ، لىكىن ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ دىلنارنى بۇ ئويىدىن قايتۇرالمىدى ، دىلنار ئاخىرى سەنئەت ئۆمەككە قوبۇل قىلىنىپ بۇ ئاددى مەكتەپتىن ئايرىلدى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دىلنار كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ نىجات جىمغۇرلىشىپ كەتتى ،گەرچە دىلنار بىلەن يەنىلا پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا ئەمدى دىلنار مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەك،ئەمدى ئۇ باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ئۇنىڭ كونا ساۋاقدىشى ، ھازىرقى خىزمەتدىشى،دىلنارنىڭ يېقىن دوستى ھەبىبە ۋاقىت تاپسىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى ، ئۇنىڭ دىلنارغا ئىشىنىشى كىرەكلىكىنى ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىسىنىڭ كۈزەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيتتى ، نىجاتمۇ دىلنارنىڭ نەچچە يىللىق مۇھاببىتىدىن يۈز ئۆرىمەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنىچ قىلىپ يۈردى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-نىمىنداق قىلىمەن ،-دەيتتى نىجات ئۆز-ئۆزىگە،- دىلنارنىڭ ئۆز پارلاق كەلگۈسىسىنى يارىتىشى ياخشى ئىش ، كىيىن بىز ھامىنى بىرگە بولىمىز ،ئۇنىڭغا ئىشىنەي ،بىز چوقۇم بەخىتلىك لەردىن بولالايمىز ....
لىكىن بىر كۈنى ئۇ تاپشۇرىۋالغان بىر پارچە خەت ئۇنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىۋەتتى ، بۇ نامەلۇم كىشىدىن كەلگىن بۇ خەتتە دىلنارنىڭ ئۆمەكتە ياخشى رولغا چىقىپ نام قازىنىشى ئۈچۈن باشقا بىر باينىڭ ئوغلى بىلەن يۈرىۋالغانلىقى يېزىلغان ئىدى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىلنارنىڭ شۇ يىگىت بىلەن تۇرغان بىر قانچە پارچە رەسىملىرىنىمۇ قوشۇپ يوللىغان ئىدى ، بۇ قول تۇتۇشۇپ ، قۇچاقلىشىپ تۇرغان رەسىملەر نىجاتنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىۋەتتى ،ئۇ ھەپتىگىچە خىزمەتكىمۇ بارمىدى، ھېچ كىم بىلەن ئالاقە قىلمىدى ،ئۇ ئازابلىناتتى ، ئۇ شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ، پەرىشتە دەپ بىلىدىغان ساپ قىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىپ چىقمىغان ئىدى ....... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ نىجات ئۇ ئەڭ قىيىن كۈنلەردە قالغاندا ئۇنىڭغا بارىنى بېغىشلىغان ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن، ئۇنىڭغا زور روھى ئوزۇق بولغان ھەبىبە بىلەن توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى ،دىلنار بولسا سىرتتا فىلىم ئىشلەش سەۋەبى بۇ تويغا قاتنىشالمىدى .......
تويدىن كىيىنكى كۈنلەر ناھايتى بەخىتلىك ئۆتتى ،ھەبىبە نىجاتنى دىلناردىنمۇ بەك سۆيەتتى ، ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى ،نىجاتمۇ ھازىر پۈتۈن سۆيگۈسىنى پۈتۈنلەي ھەبىبەگە بىرگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ ھازىر بىر بالىسى بار ،كۈنلىرى تولىمۇ بەخىتلىك ، دىلنار گەرچە نىجاتنى بىرقانچە قېتىم ئىزدىگەن بولسىمۇ لىكىن نىجات ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى . ئۇ ئايالىغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلسام بولمايدۇ دەپ قاراتتى .ئۇ ھەركۈنى كەچتە ئايالى ۋە باللىرى بىلەن بىرگە سەيلە قىلاتتى ، ئۈنكى ئايالى ئۇنىڭ تىلىۋازور كۆرىشىنى ياختۇرماتتى . لىكىن ئۇ ھازىرغىچە ئايالىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق تىلىۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ،بۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى ، ھەبىبە قورقاتتى ، تېلىۋىزوردىن تۇيۇقسىز ئۇ ئوغۇرلۇقچە تارتىپ نىجاتقا يوللاپ بەرگەن ، دىلنارنىڭ فىلىم ئىشلىگەن سۈرەتلىرىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەتتى ، دىلنارغا ئارتىست قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى شۇنىڭ يەتكۈنگەنلىكىنى نىجاتنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقاتتى ، قىسقىسى ئۇ بۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقاتتى .....
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تۈگىدى
ئىز تورى بەك ياخشى