ئاچ كۆز باي

ۋاقتى:2012-06-19 17:00مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

   مال-دۇنيانى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىر باي سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قانچە قىپمۇ مال-دۇنيالىرىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە كۆز قىيماپتۇ.
   تەڭرى بۇ باينىڭ يېنىغا تېزرەك كىلىپ ئۆزىنى دوكلات قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پەرىشتىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. پەرىشتىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن باي ئۆزىنىڭ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ قاتتىق ئاھ ئۇرۇپتۇ ھەم پەرىشتىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرىدىن مال-دۇنياسىنى جەننەتكە بىللە ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ.
   پەرىشتە باينىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ:"كەچۈرگىن، بەلگىلىمە بويىچە سەن جەننەتكە ھېچقانداق نەرسىنى ئېلىپ كېتەلمەيسەن!" دەپتۇ. copyright by www.iz.la
   باي بۇ گپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەسرەت چېكىپتۇ ھەم:" نېمە ئۇ بەلگىلىمە دېگەن؟ جەننەتمۇ يۈز ئابرۇي قوغلىشىدىغان يەر..." دەپتۇ ھەم پەرىشتىگە ئەگەر ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولمىسا، مەڭگۈ كۆزىنى يۇممايدىغانلىقىنى ئېيتىپ پەرىشتىنى قورقۇتۇپتۇ. پەرىشتە بۇ بايغا تەڭ كېلەلمەي، باينىڭ بۇ تەلىپىنى تەڭرىگە يەتكۈزۈپتۇ.
   تەڭرى پەرىشتىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، باينىڭ تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ-يۇ، بىراق ئۇنىڭ جەننەتكە پەقەت بىر تاللا قول جامادانىنى ئېلىپ كىرىشگە رۇخسەت قىپتۇ. باي بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ھەم ئۆيىدىكىلەرگە ناھايىتى چوڭ بىر قول چامادانىنى تەييارلاتقۇزۇپ، بۇ چاماداننىڭ ئىچىگە لىق كېسەك ئالتۇننى قاچىلىغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپتۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   جەننەتكە كىرىش ئېغىزىدىكى قاراۋۇل باي كۆتۈرۈۋالغان چاماداننى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى توسۇۋېلىپ:"توختاپ تۇر، سەن چوقۇم چامادانىنى بۇ يەرگە قويۇپ قويۇشۇڭ كېرەك! پانىي دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ!" دەپتۇ. باي ئۆزىنىڭ بۇ چاماداننى ئېلىۋېلىشىغا تەڭرىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنمىسە ، تەڭرىدىن سوراپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇلدا بۇ ساندۇققا زادى قانداق قىممەتلىك نەرسىنىڭ قاچىلانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بوپتۇ ھەم: " تەڭرى سېنىڭ بۇ چاماداننى ئېلىۋېلىشىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا، بىخەتەرلىك ئۈچۈن، سەن جەننەتكە كىرىشتىن بۇرۇن مەن چوقۇم سېنىڭ چامادانىڭغا زادى نېمە قاچىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىم كېرەك!" دەپتۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى

   باي ئامالسىز چامادىنىنى قاراۋۇلغا تەكشۈرتكۈزۈپتۇ. قاراۋۇل چاماداننى ئېچىپ، چامادانىدىكى لىق كېسەك ئالتۇننى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ ھەم ھەيران قالغان ھالدا: "سەن جەننەتنىڭ يولىغا يېيىتىلىدىغان كېسەكلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟" دەپتۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
80%
ناچار
(1)
20%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...