نامرات سىتودېنت

ۋاقتى:2012-06-22 12:28مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

نـامـرات سـتـۇدېـنـت

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  copyright by www.iz.la


(ھېكايە )
---ئەزىزان ---
  مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك " پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى " شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك كۆرۈنىدىغان بىر "مەتۇ" ستۇدېنت .
  يېزىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر ئۆمۈر تەكلىماكان ساھىلىدا قۇم-توپىغا مىلىنىپ ياشاپ ، ئۆمرىدە بىر قېتىم تەڭرىتېغىنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ باقمىغانلار ساماندەك تولا . شۇڭا ئەينى چاغدا مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغىنىمدا ، ئۇلار مېنىڭ ئۈرۈمچى دېگەن چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ، ئانامنىڭ قولىغا ئازغىنە يوللۇقلىرىنى تۇتۇشقاچ ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كېتىشكەن ئىدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  شۇنداق ، ئۇ شۇنداق بىر ھەۋەسلىك نەزەرلەر ئىدىكى ، قوينى ئىللىق يېزامدىن قەدەم ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن ، بۇ ھەۋەسلىك نەزەرلەر مېنى شاھانە ھوزۇردىن بەھر ئەتكەن ئىدى .
  لېكىن سەھرادىكى ساددا كىشىلەر مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆزۈمدىن ، ئۇچامغا كىيىۋالغان كىيىملىرىمدىن ، قاملاشمىغان خەنزۇچە سۆزلىشىمدىن بۇنچە نومۇس ھېس قىلىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى . مەنمۇ ياتاقداشلىرىم تانسا ۋە يىغىلىشلارغا كەتكەن ئاخشىمى ، ياتاقتا يالغۇز قالغىنىمدا ، كارىۋاتتا بېشىمنى چىڭ پۈركەپ يېتىپ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يوشۇرۇن نومۇس قىلاتتىم .
  تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگىنىمدە ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشۇمدا تارتقان جاپالىرىمنى ئانامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم .  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ماتېماتىكىدىن دەرس سۆزلەپ پۇل تاپقىنىمنى ، بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپ نەچچە يۈز يۈەن تاپالىغىنىمنى سۆزلىگىنىمدە ، ئانام ھەتتا " شۇ پۇللارنى نەگە ئاپاردىڭ ؟ نەچچە يۈز كوينى خەجلەپ تۈگەتتىڭما غەرەز ئۇقمايدىغان ؟ ماۋۇ ئۆيدىكىلەر نېمە كۈندە دەپ ئۆيگە پۇل سېلىۋېتىشنى ئۇقمىدىڭما ؟ " دەپ ئاچچىقلاپ كايىپ كەتكىنى ئېسىمدە . كۆزۈمگە ئاچچىق ياش كېلىپ بۇرۇنلىرىم ئېچىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇۋالچىلىق ئىچىدە كۆز يېشىمنى زورىغا بېسىۋالدىم . ئانامنىڭ ئالىي مەكتەپتە يىلىغا نەچچە مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغاندىن سىرت يەنە ياتاققىمۇ پۇل ، تاماققىمۇ پۇل كېتىدىغانلىقىدىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىدى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  مېنىڭ بولسا پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرىم قالمىدى ، بەزىدە باشقىلارغا ئەگىشىپ قايناق بازارغا بېرىپ چاپان بىلەن كەمەر ساتسام ، بەزىدە ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا ماشىنا يۇيدۇم . ياتاقداشلار ئالدىمدا مېنى ھۆرمەتلەپ ئىشلىرىمدىن تەسىرلەنگەندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە مېنى قەتئىي ياراتمايتتى . نەچچە قېتىم كەينىمدىن " ئاشۇ چۈپەي گۇينىما ؟ ئۇنى سورۇنغا ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ ئاداش ؟ " ، " رەسمىي پۇل دېسە جېنىنى بېرىشتىن يانمايدىغان سەھرالىقتە ئۇ " دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم . ھەتتا مەن يوق يەرلەردە مەن ساۋاقداشلار سۆزلىگەن قاملاشمىغان تېتىقسىز يۇمۇرلارنىڭ تولىمۇ مەتۇ ۋە پىخسىق باش قەھرىمانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  لېكىن مەندە نېمە ئامال ؟ ئوقۇشنى تاشلامدىمەن ؟ ياق ! ئوقۇشنى تاشلىماسلىق ئۈچۈن يەنە شۇ پۇل تاپمىسام بولمايتتى . ھەر يىلى ياردەمگە بېرىلگەن پۇلدىن كەم قالغان ئوقۇش پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىۋالساملا ، ئايلىق تۇرمۇش پۇلۇمنى قىسىپ تۇرۇپ خەجلىسەم ، بەزىدە ھەتتا ئۆيگىمۇ پۇل سالالايتتىم . ئانام پۇلنى تاپشۇرىۋېلىپ ئىنىلىرىمنىڭ ئوقۇش خىراجىتىگە ئىشلىتەتتى . ئىنىلىرىم ماڭا يازغان ھەر پارچە خېتىدە " ئاكا ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش تىرىشىپ ئوقۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز " دەپ ۋەدە بېرەتتى . بۇ ساددا ۋەدىلەر بولسا مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېچىشتۇراتتى .
  بىر قېتىم مەكتەپتىن يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە مېنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغىنىنى ، بۇ پائالىيەتتە ھەقسىز تاماققا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ مەكتەپ ماشىنىسى بىلەن كۈتۈۋېلىشقا باردىم . ئادەتتە مەن كۆپ ئېغىر ئىش قىلىپ ئۆگىنىپ كەتكەچكىمۇ ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆتۈرەلمىگەن ساندۇق _ چامادانلىرىنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشنى مەن تالىشىپ تۇرۇپ قىلدىم .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  يېڭىدىن سېلىنغان مەكتەپ تارمىقى شەھەر سىرتىدا بولۇپ ، ماشىنىدا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق مېڭىشقا توغرا كېلەتتى . مەن بولسام ماشىنا سەپراسى بولۇپ ، ئاپتوبۇس دېگەنلەردە ئۇزۇنراق ۋاقىت ئولتۇرۇپ قالسام ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قەي قىلاتتىم . يېنىمدا ئولتۇرغان يېڭى كەلگەن قەشقەرلىك قىزچاق چىرايىمنىڭ ساماندەك سارغىيىپ جاۋغىيىمدىن سۇ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى بولغاي ، سومكىسىدىن نان سالغان بىر سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ بېكارلاپ ماڭا تەڭلىدى .
   مەن تەكەللۇپ بىلەن سۇلياۋ خالتىنى ئۇنىڭغا ئىتتىرىپ ، " ھېچ ئىش يوق " دېگىنىمنىلا بىلىمەن ، ئاغزىم ئېچىلىشى بىلەن تەڭ مەيدەم ئاينىپ ، غاررىدە ياندۇرىۋەتتىم . ئېتىلىپ چىققان قۇسۇق بولسا قىزچاقنىڭ ئۇزۇن پاچاقلىرىنى چىڭ ئوراپ تۇرغان قېنىق رەڭلىق پادىچىلار ئىشتىنىغا چاچرىدى . ئىز تورى بەك ياخشى
  ...
  _ خاپا بولماڭ ، _ مەن بولسام ماشىنىدىن چۈشۈپ ساپ ھاۋادىن بىر نەپەسلىنىپ كاللام جايىغا كەلگەندە قىزچاقنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماقتا ئىدىم .
  _ ۋاي ھېچقىسى يوق ، _ دېدى قىزچاق قويۇق قەشقەر شەھىرى تەلەپپۇزىدىكى ئېرەنسىزلىك بىلەن ماڭىمۇ ئۇدۇل قارىماستىن ، _ سىلىمۇ قەستەن ئۇنداق قىلمىغان تۇرسىلا ، يەنە كېلىپ بۇ ئىشتانمۇ يولدا كەلگۈچە كىژ بولاپ كەتكەن .
  _ ئۇنداقتا مۇنداق قىلايلى ، سىز ياتاققا ئورۇنلىشىپ قىلىپ بولغۇچە بىر كۈن ئۆتىدۇ ، مەن مەكتەپكە قايتىپ ئىشتىنىڭىزنى ئالغاچ كېتىپ ... قۇرۇق يۇيۇشقا ئاپىرىپ بېرەي . _ دېدىم مەن تولىمۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  قىزچاق چەكچەيدى :
  _ نېمە ؟! _ ئاندىن بىردەمدىلا قوڭغۇراقتەك جاراڭلىق كۈلۈپ ، _ ھاھ ھاھ ھاھ ، قىززىقچىكەنلا ، ئوغاۋالا ئـەكەكتەك گەپ قىلسىلا ، ھېچنېمە بولمايدۇ دېگەندىكىن بولدى ، مەن خاپا بولمىدىم .
  شۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە ياتاق بېناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقىمىزنى بايقىدىم . ئىشىككە ياتاق بېناسى يېڭى رېمونت قىلىنغان بولغاچقا ، كارىۋات ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولالمىغانلىقى ، يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئامبىرىدىن چۇۋۇقلۇق كارىۋاتلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن ئۇقتۇرۇش چاپلانغان ئىدى .
  مەن قىزچاققا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ، خۇددى ئۆزۈم يېڭى كەلگەندە تىزىملاتقاندەك ھېلى ئۇيان ھېلى بۇيان چېپىپ يۈرۈپ نەرسە-كېرەكلەرنى غەملىدىم ، كارىۋاتنى 3-قەۋەتكە توشۇپ جايلىدىم . ئىز تورى www.iz.la
  شۇنداق قىلىپ بېكار بولغۇچە قۇياش بىر چەتكە قايرىلىپ كەچ كىرگىلى تۇرۇپتۇ ، ئۆزۈممۇ چېكەمدىن ئاققان تەرلەر مەڭزىمنى نەمدەپ ، دۈمبەمدىن ئاققان تەرلەر مايكامنى ھۆلدىگۈچە ئىشلەپتىمەن .
  قىزچاق ماگېزىندىن مۇزدەك كوكا-كولا ئەكېلىپ ماڭا سۇندى ، ۋاھ ، كولا دېگەن ساماۋىي مەھسۇلات-دە ، ئەپسۇس ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بېرى شۇ تۇنجى قېتىم كولانى پۈتۈن قۇتىسى بىلەن بىر ئىچىشىم ئىكەن .
  قىزچاق بۇژۇلداپ ئېتىلىپ چىققان كولانىڭ يۈزلىرىمگە ، مەيدەمگە چاچراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەنە قوڭغۇراقتەك ئاۋازدا قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى :
  _ ھاھ ھاھ ، ۋىيېي ما بالىنى ، بۇنچىۋالا ئۇسساپ كەتكەنلىرىنى بىلگەن بولسام ، مېنېرال سۇ ئېلىپ كېلەركەنمەن ...

ئىز تورى بەك ياخشى


  ...
   شۇنداق قىلىپ كەچتە بىر ۋاخ كەچلىك تاماقنى بىرگە يېدۇق . ئاندىن مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن مەكتەپكە قايتتىم .
  مانا بۇ قىزنىڭ ئىسىمى گۈلزار . يەنى مېنىڭ مۇھەببىتىم گۈلزار ، بىراق بۇ كېيىنكى ئىشلار .
  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ مېنى شۇ كۈندىن باشلاپلا ياقتۇرۇپ قاپتىكەن . ئۇ مېنىڭ ساددىلىقىمنى ، سەمىمىي ۋە جىمغۇر ئىكەنلىكىمنى ياخشى كۆرىدىكەن . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇ يەنە ھەممىدىن مېنىڭ شۇ خۇددى بىر چوڭقۇر سىرى بار كىشىدەك جىمغۇر ھالىتىمنى ياخشى كۆرىدىكەن .
  ئەمەلىيەتتە ، ئۇ كۈنى تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولۇپ ، " بىر ھەپتىلىك تۇرمۇش خىراجىتىم يوق بولدى " دېگەن غەمدە ئويغا چۆككەن ئىدىم . ئۇنىڭ دەل مۇشۇ چاغدىكى " چوڭ سۈپەت " جىمغۇرلۇقۇمنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم . ئالىي مەكتەپتە قىز دوست تېپىۋېلىشنى ، يەنە كېلىپ بىر چىرايلىق شەھەرلىك قىزچاقنىڭ مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇپ قېلىشىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . ئىز تورى www.iz.la
   كېيىنچە ، گۈلزار مېنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى . ئۇ يەنە بىر قانچە قېتىم بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلاردىن مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىمنى سۈرۈشتە قىلغان ئىكەن .
  ئۇ ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپكە كېلەتتى ، بەزىدە مەن دەرستىن چۈشكۈچە سىنىپ ئالدىدا ساقلايتتى . ئۇنىڭ دەرسخانا تېمىغا يۆلىنىپ ، بىر قولى بىلەن چېچىنى ئوڭشىغاچ بىر قولىدا تېلېفوندىكى ئويۇننى ئويناپ ، مېنى ساقلاپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمدىن مەڭگۈ كەتمەيدۇ . جايىدا تۇرىۋېرىپ ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتلىرىدا كۈچەپ- كۈچەپ يەرگە تېپەتتى ئۇ .
  مېنى ھەممىدىن تەسىرلەندۈرگىنى ، ئۇ ساۋاقداشلىرىمدىن سوراپ يۈرۈپ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلىۋالغان ئىدى . شۇ يىلى تۇغۇلغان كۈنۈم ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر دانە تورت ئېلىپ كېلىپ مېنى ئىزدىدى . ئۇ چاغدا مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىمۇ ئېسىمدە يوق ھالدا ، بىر تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆيىدە ماتېماتىكا دەرسىدىن تەكرار قىلىپ بېرىۋاتاتتىم . ياتاقداشلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان شۇ كۈنى ياتاق بېناسى ئالدىدا تاكى كەچ سائەت 9 دا مەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلىغان ئىكەن .  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
  مەن ياتاق بېناسى ئالدىدا ئۇنىڭ توڭلاپ كەتكەن ھالدا پۇتلىرىدا ھارماي يەرگە تېپىشلەپ ، ئىچىدە قايسى بىر ئاھاڭدا غىڭشىپ مېنى ساقلاپ تۇرغان ھالىتىدە ئۇچراتتىم
  _ يوۋ ... باركەنلا ھە ؟ _ مېنى كۆرۈپ قەھرىتان سوغۇق نەلەرگە تارقىغاندەك بولغان گۈلزار ، بىر قولىدا قىزىل رەڭلىك قەغەز كورۇپكىغا قاچىلانغان تورتنى كۆتۈرگىنىچە ، ئاپئاق قار ئۈستىدە ئويناقشىغان رەڭلىك كېپىنەكتەك ئالدىمغا كەلدى ، _ ھە ، نەگە كەتكەن ؟ قايسى قىز بىلەن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگىلى كەتكەن ؟
  مەن ئۇنىڭ چاقچىقىغا كۈلمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭ پاكلىق سىماسى ئەكس ئېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلدى . جايىمدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  كۆزۈمدىكى ياش شۇنچىلىك ئىسسىق ئىدىكى ، تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە ، ئانامدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىشى ماڭا بۇنچىلىك ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈپ باقمىغان ئىدى . مەن ئۇنىڭ قولىدىن تورتنى ئالغۇچە ، ئۇنىڭ ناۋاترەڭ يۇڭ پەلەي كىيىۋالغان قولىنى مەھكەم تۇتىۋالدىم . نېمىشقىدۇر ، بۇ بىر جۈپ قولنى قويىۋەتكۈم يوق ئىدى . جىددىيلىشىپ كەتكىنىمدىنمۇ ، ۋە ياكى نېمە سەۋەب بىلمىدىم ، بايىدىن بېرى جىيىكىمدە چۆرگىلەپ كېتەلمىگەن ياشتىن ئىككى تامچىسى ئەمدى يىپى ئۈزۈلگەن ئۈنچىدەك مەڭزىمدىن سىرغىدى .
  ئۇ يەرگە قاراپلا تۇراتتى ، بىر نېمىلەرنى دېگۈسى بار ئىدىيۇ ، يەنە ھېچنېمە دېيەلمەيتتى . ئالقىنىم ئىچىدىكى بىر جۈپ قولى يېنىك تىترەيتتى . پەلەي ئۈستىدىكى ئاپئاق قارلار ھارارىتىمىزدە ئېرىپ ، ئالقانلىرىمىز ئارىسىدىن چىپىلداپ تاماتتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   شۇنداق قىلىپ بىز مۇھەببەتلەشتۇق . مۇھەببىتىمىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى ، شۇنچىلىك پاك ئىدى .
  ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ، مەن بىۋاسىتە ماگېستىر ئاسپېرانتلىقى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . مەكتەپتە ھېچقانداق دەرس بولمىغاچقا ، مەن گۈلزارنىڭ مەكتىپىگە يېقىن جايدىكى بىر ئېغىز كونا ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇم . باشقىلار كەينىمىزدىن گەپ تاپاتتى ، " گۈلزار دېگەن رەسۋا خەق بىلەن نىكاھسىز بىر ئۆيگە كىرىۋاپتۇ " ، " ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلمەي مۇشۇنداق ئىش قىلغىلى كەپتۇ " دەپ گەپ تاپقانلارمۇ بولدى . گۈلزار يۇۋاش قىز ئىدى ، خەق بىلەن تەڭ تۇرمىدى ، مەنمۇ ئەپقاچتى گەپلەرگە پىسەنت قىلمىدىم . مەن سىرتتىن ئىش تېپىپ ئىشلىگەچ ، بېكار ۋاقىتلىرىمدا گۈلزار بىلەن ئۇلارنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بىللە مۇزاكىرە قىلاتتىم . گۈلزار مەن بىلەن ئۇ بىر ئېغىزلىق ئۆيدە كەچ كىرگىچە بىللە بولاتتى ، ئاندىن ياتاق بېناسى تاقىلىشتىن بۇرۇن قايتىپ قالاتتى . بىز ئىپپەتتىن ھالقىمىغان ئىدۇق . ئىز تورى www.iz.la
  ئۇ  بەزىدە سىرتتىن كۆكتات ۋە گۆش ئېلىپ كېلىپ ماڭا تاماق ئېتىپ بېرەتتى . ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، ئۇ مەن بىلەن بىللە بولۇپ ئاندىن كۆمۈر قالايدىغان مەشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدا قانداق تاماق ئېتىدىغانلىقىنى بىلىپتۇدەك . شۇنداق ، باي ئائىلىلەر بۇ جاپانى بىلمەيدۇ ، بىراق بىزنىڭ سەھرادا بولسا ، ھەتتا ئەشۇ كۆرۈمسىز قاپقارا كۆمۈرنىمۇ ئېلىپ قالاشقا پۇلى يەتمەيدىغان ئائىلىلەر كۆپ .
  گۈلزار ئۆيىدىن ئېۋەرتىلگەن پۇللىرىنى مەن بىلەن تەڭ خەجلەيتتى . ئۇنىڭ ئۆيىدىن بىر ئايدا كەلگەن پۇلنى مەن ئۈرۈمچىدە بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپمۇ تاپالمايتتىم . بەزىدە ئۆينىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ بولۇپ ، يېنىمىزدا كۆپ پۇل ئاشمايتتى ، گۆشسىز تاماق يېيىشكە مەجبۇر بولاتتۇق . مەنغۇ بۇنىڭغا خېلى كۆنۈك ئىدىم . بىراق گۈلزارغا ئىچىم سىيرىلاتتى . ئۇ بولسا كىچىكىدىن شەھەردە چوڭ بولغان ، دادىسى نەدە يېڭى ئېچىلغان تاماقخانىلار بولسا شۇ يەرگە ماشىنا بىلەن پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرنى ئاپىرىپ تاماق يېگۈزۈپ كېلىدىغان باياشات ئائىلىنىڭ قىزى . ئەمدى مەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈر قارىسىدا قارىداپ كەتكەن مەلۇم خالتا كوچىسىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈتلەك ئۆيدە ، مەشكە پۈۋلەپ ئوت قالاپ ، گۆشسىز سەيلەرنى يەپ ئۆتىۋاتاتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  ئۇ يەنە بەكمۇ خۇشال ئىدى . مەن بىلەن بىرگە بولغىنىدا ئۇنىڭ چىرايىدىن سۇلغۇنلۇق كۆرۈلمەيتتى . ئۇ تېخى بىزنىڭ ئۆيگە مېنىڭ نامىمدا 400 يۈەن  ئېۋەرتكەن ئىدى .
  ئۇ مېنى بەكمۇ سۆيەتتى ، مەنمۇ ئۇنى بارلىقىم دەپ ھېسابلايتتىم .
   ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يېقىن ، ئائىلىسىدىكىلەرگە مەن بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ئائىلىسىدە تىكەندەك يالغۇز بىرلا قىز ، بىرلا پەرزەنت ئىدى . شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشقا تولىمۇ ئەستايىدىل قارىدى . ۋە ساۋاقداشلاردىن سوراشتۇرۇپ ئەھۋال ئۇقۇشقانمۇ بولدى .
  گۈلزار بىلەن مۇھەببەت گۈلىمىزدىن چېچەك ئاچتىمۇ دەيلى ، بىراق ئۇنى خوتەندىكى شۇ يىراق سەھراغا ئېلىپ كېتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇنىسى ناھايىتى كونكرىت ۋە روشەن رىئاللىق ئىدى . شۇڭا مەن ئاسپېرانتلىق ئوقۇشۇم تېخى ئاياغلاشماستىنلا مەمۇرلۇق ئىمتاھانى ئۈچۈن قەشقەر شەھىرىگە كەلدىم .
ئىز تورى www.iz.la

  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان گۈلزارنىڭ ئاپىسى ، گۈلزارنىڭ ساۋاقداشلىرىنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرتىشىنى ، ئارىسىدا چوقۇم مېنىمۇ چاقىرتىشىنى جىكىلەپتۇ .
   ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشتىن ئاۋۋال ، گۈلزار تېلېفوندا ماڭا قايتا-قايتىلاپ ئىددىيەۋىي تەييارلىقىم بولۇشىنى ئەسكەرتتى . دېمەك ، بۇ ماڭا مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىنمۇ مۇھىم ۋە كەسكىن كەلگەن ئىمتاھان مەيدانى ، بىر ھاياتلىق سىنىقى ئىدى .
  ئۇلارنىڭ ئۆيى ناھايىتى ئېگىز سېلىنغان بىر ئولتۇراق بېنادا ئىدى . ئۆي ناھايىتى چوڭ ۋە ئىنتايىن ئېسىل بېزەلگەن ئىدى . راست گەپنى قىلغاندا ، يېگىرمە نەچچە يىل ياشاپ ، ئوردىدەك بېزەلگەن بۇنچە ھەشەمەتلىك ئۆينى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى .
www.iz.la

  مېھمانخانىدا گۈلزارنىڭ ئوغۇل-قىز ساۋاقداش ۋە دوستلىرىدىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى بولسىمۇ ، گۈلزارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەزەرى مېنىڭ ئۈستى بېشىمدىن ئايرىلمايتتى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ دادىسى ، كۆزەينەك ئارقىدىكى قاپاقلىرىنى يېنىك تۈرۈپ ، ھەربىر ھەرىكىتىمگە سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتى . مەن بولسام ئۈستۈمدىكى رېڭى ئۆڭگەن چاقماق كۆڭلەڭ ۋە كونىرىغان كۆك رەڭ پادىچىلار ئىشتىنىمغا قايتىدىن نەزەر سېلىپ ، بۇ كىيىملەرنىڭ قانچىلىك سەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلغاندەك ، ئىزادىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئاران ئولتۇراتتىم . پۇتۇمدىكى ئەتىگەن تېخى يېڭى كىيگەن پايپاق ئىزانىڭ ئۈستىگە ئىزا قوشقاندەك ، ئەمدىلىكتە ئۇچى تېشىلىپ پۇتۇم كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى . بۇ خىل باي-كەمبەغەللىك پەرقى ، بۇ خىل مۇھەببەت ، خۇددى كىنولاردىلا يۈز بېرىدىغاندەك كۆرۈنۈشلەر ، مانا ئەمدى بېشىمغا بىردىن-بىردىن كەلمەكتە ئىدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  مېھمان تارقاپ ھەممەيلەن قايتقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ دادىسى باشقا ئۆيدە تۇرۇپ بوش ئاۋازدا مېنىڭ قېلىشىمنى ئىشارە قىلدى . بۇ كىشى تولىمۇ سۆزى تۈز كىشى ئىدى ، شۇڭا گەپنى ئارتۇق ئەگىتمىدى .
  _ بالام ، مەن دېمىسەممۇ ئۆرپ-ئادەت ، جەمئىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى ۋە ھازىرقى توي-تۆكۈن ئەھۋاللىرى دېگەندەكلەردىن سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بار . بەزى ئەمەلىي ئىشلار يەنىلا ئەمەلىي يوسۇندا بولىدۇ ، كىشىنىڭ مۇھەببىتى ياكى ئىرادىسىگە تايىنىپلا روياپقا چىقىدىغان ئىش يوق . گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟ _ دېدى گۈلزارنىڭ دادىسى كۆزەينىكىنى بىگىز بارمىقىدا ئۈستىگە تارتقۇشلاپ تۇرۇپ .
  _ شۇنداق ... _ ئاۋازىم ئىنتايىن بوش ئىدى .

ئىز تورى www.iz.la


  _ قىزىمىز بىلەن بولغان ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق ، بىز قارشى تۇرىمىز دېيەلمەيمىز ، چوڭ بولۇپ قالدىڭلار . _ دېدى ئۇ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ، _ قىزىمىز گۈلزار كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغان ، جاھاننىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى كۆرمىگەن ، نازۇك بىر تاللا پەرزەنتىمىز ئىدى . بۇندىن كېيىنمۇ ئۇۋالچىلىق تارتىپ قېلىشىنى ھەم بىز ئاتا ئانا بولغۇچى خالىمايمىز . بالام ، سېنىڭچە سەن بىر قىزنى ، گۈلزار دېمەيلى ، ھەر قانداق بىر قىزنى ھازىر شۇنداق ئېغىر-يېنىكلەردىن ساقلاپ ياخشى كۈنگە ئېلىپ چىقالامسەن ھازىرقى ئەھۋالىڭدا ؟
  ئەمدى راستتىنلا چىدىيالماي كۆزۈمدىن ياش ئەگىدى . بىراق چوپچوڭلا بىر ئەركىشى بۇنداق قىلسام بولمايدۇ . يەرگە قارىۋالدىم ۋە ئاستا بېشىمنى چايقىدىم .

ئىز تورى بەك ياخشى


  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى :
  _ گېپىمنى ئېغىر ئالما بالام ، قايتىپ كېتىپ ئوبدان ئويلان ، بىزگىمۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلىش بەك تەس كېلىدۇ ...
 
  " ماقۇل ، خوش " دېگىنىمنى بىلىمەن ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كېتىۋاتقۇچە ئىچكىرى تەرەپتىن گۈلزارنىڭ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتكەن ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى . ئىتتىك قەدەم بىلەن لىفتقا چىقتىم ، بۇ ئازابلىق ۋە ئىزالىق بېنادىن ، بۇ كارېدوردىن مۇمكىن بولسا بىر دەقىقىدىلا يوقالغۇم كەلدى .
  مەن چۈشكەن ياتاققا بارغۇچە بولغان يولدا قايتا-قايتىدىن ئويلاندىم ، يۈرىكىم ئېچىشتى ، مېڭەم پارتلاپ كەتكۈدەك ئاغرىدى .

www.iz.la


  "توغرا ، مەن بىر كەمبەغەل ئادەم ، يىراق سەھرادىن كەلگەن بىر ستۇدېنت ، مېنىڭ ئۆز قىز دوستۇمغا بېرەلەيدىغىنىم پەقەت مۇھەببەت . شۇنداق ، پەقەت مۇھەببەتنىلا بېرەلەيمەن . مەن كېلىپ چىقىشىمنى ئۆزگەرتەلمەيمەن ، بۇ ئۆزگەرمەس رىئاللىق . بىراق گۈلزار ... گۈلزار مېنى نېمىشقىمۇ ... نېمىشقىمۇ مېنى تاللىغان بولغىيتتى ... "
  ئويلىغانسېرى كۆزۈمگە ياش كېلەتتى ، مەن كۈچەپ ياشنى كەينىگە باساتتىم ، چانىقىمدىن كەينىگە يانغان كۆز ياشلار بۇرنۇمنىڭ ئىچىنى ۋىژىلدىتىپ ئېچىشتۇراتتى .
   مەن مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم . گۈلزار بولسا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ، يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ئىدى . ئۇ چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىۋاتاتتى .
ئىز تورى www.iz.la

   بۇرۇنقىدەك ، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، بىز بىزنىڭ مەكتەپتىكى كۈتۈپخانىدا بىللە ئۆگىنىش قىلاتتۇق . مەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ۋاسىتىچى شىركەتلەر ۋە چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى توردىن ئىزدىشىپ بېرەتتىم . ئۇ ماڭا ئەركىلەپ بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ " چەتئەلگە بىرگە چىقايلىچۇ ؟! " دەپ يالۋۇراتتى . مەنمۇ ئىچىمدىكى چوڭقۇر ئازابنى يوشۇرۇن قاراڭغۇلۇققا تىقىپ تۇرۇپ ، " ماقۇل " دەپ جاۋاب بېرەتتىم .
  گۈلزارنىڭ ئانىسى بەزى ساۋاقداشلاردىن " گۈلزارنىڭ ئىپپىتى بۇزۇلۇپ بولغان " ، " خەق بىلەن بىر يىل ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغان " دېگەندەك ئاھانەتلىك پىتنىلەرنى ئاڭلاپ قالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە بىردىنبىر سۆز قىلىش سالاھىيىتىمنىڭ دەستىكى بولغان ئەخلاق ئوبرازىمۇ پۈتۈنلەي يوقالغان ئىدى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىسى تېلېفوندا يېنىش-يېنىشلاپ گۈلزارنى مەن بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا جىكىلەيتتى ، گۈلزارغا كايىپ ئاچچىقلايتتى . www.iz.la
  مەن ھېچنېمىنى بىلمىگەن بولۇۋېلىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى . چۈنكى تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ گۈلزارمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك " ۋىيېي ، مۇشۇ ئاپامنىزە ، ھەممە ئىشقا چېپىلىپ " دەپلا قوياتتى . بىزنىڭ ئايرىلغۇمىز ، بۇ مۇھەببەت رىشتىمىزنى ئۈزگۈمىز يوق ئىدى .
  گۈلزار چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغاندا شۇنچىلىك خۇش بولۇپ كەتتىكى ، مەنمۇ ئۇنىڭ خۇشاللىقى بىلەن شۇكۈنى پۈتۈن بىر كۈن خۇشال يۈردۈم . بىراق ئاخشىمى ، ئاندىن بىر خىل يوشۇرۇن ئازاب خۇددى قارا بۇلۇتتەك خىيالىم ئاسمىنىنى پۈتۈنلەي قاپلىدى .
  مەن گۈلزارنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم ، تېلېفوننى ئۇنىڭ ئاپىسى ئالدى . مەن ئەسلى ئۇلاردىن بىزنىڭ مۇناسىۋېتىمىزگە رۇخسەت قىلىشنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۆتۈنمەكچى ئىدىم . بىراق بۇ خىل غايىۋىي غەيرەت يەنىلا رىئاللىققا تەسلىم بولدى ، تېلېفوندىن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى . مەن سالاممۇ قىلماستىن پەقەت بىر جۈملىلا سۆز قىلدىم :
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

  _ گۈلزار چەتئەلگە چىقىدىغان بولدى ... _ ئاندىن تۇيۇقسىز كەلگەن يىغىدىن ئۆزۈمنى توختىتىش ئۈچۈن تېلېفوننى دەرھال قويىۋەتتىم ۋە كارىۋاتقا چىقىپ بېشىمنى چىڭ پۈركەپ يېتىۋالدىم .
   مەن بىر كەمبەغەل ستۇدېنت ، مەن ئالىي مەكتەپتە قىز دوست تېپىشنى ئويلىشىپ باقمىغان . شۇنداق ، بۇلار مەن ئۈچۈن بىر چۈش ، مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس . بۇ مېنىڭ ، گۈلزارنىڭ ، ئىككىيلەننىڭ خاتا كىرىپ قالغان تۇيۇق يولى .
   مەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ خەت يېزىشقا باشلىدىم :
   " گۈلزار ، جېنىم ، مېنىڭ ھاياتىم ، مەن سېنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىم ساڭا ئايان . مەن ئۈچۈن جېنىمدىنمۇ قىممەتلىكسەن . بىراق مۇشۇ مىنۇتتا مەن سەندىن ئايرىلماقچى . مېنىڭ ئۆيۈم بىر نامرات سەھرا ئائىلىسى ، ئائىلىمىزدە قېرى بىر بوۋاي ، يەنە ئانام ، يەنە ئىككى كىچىك ئىنىم بار . مەن ئۇ ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ بولغۇچە ، 10 يىلنىڭ قارىسىنى ئېلىشى تەبىئىي . داداڭنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن توغرا سۆزلەر . رىئاللىق مېنى مۇشۇنداق تاللاشقا مەجبۇر قىلدى . ئىككىيلەن بىرگە ياشاشقا مۇناسىپ كەلمەيدىكەنمىز ، بىز دەسلەپتىلا خاتالاشقان ئىكەنمىز . مېنى كەچۈر ، ياق ياق ، مېنى كەچۈرەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن ، بىراق مېنى ، مەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى تېزراق ئۇنتۇپ كەتسەڭ ... " ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   ئۇ خەتنى كۆز ئالدىمدىلا ئوقۇدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولۇش ئۈچۈن قېچىشقا تەمشەلگىنىمدە بىر قولۇمدىن مەھكەم تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ئوقۇپ تۈگەتتى .
  خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن گۈلزار قاتتىق يىغلىدى ، يۈزلىرىمگە تەستەكلىدى ، قوللىرىمنى چىشلىدى ، پۇتلىرىمغا تەپتى . ئاخىرى ھالسىراپ يول بويىدىكى بېتۇن قىردا ئولتۇرغىنىچە بېشىنى چۆكۈرۈپ ئېسەدەپ ناھايىتى ئۇزۇن يىغلىدى .
  ئېھ ، سۆيۈملۈك قىزچاق ، قەشقەرنىڭ ئانارىسەن . كۆزلىرىمدىن ئۇچقىن ، يىراقلاپ كەت . سەندىن ئايرىلغان كۈنلەردە سۆيگۈمىز خەنجەر بولۇپ يۈرىكىمگە قادالسىمۇ ، ئەسلىمە ئۈرۈمچىنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدىكى لەپىلدىگەن قارلاردەك زىممەمنى باسسىمۇ ، مەندىن يىراقلاپ كەتكىن . كەينىگە قارىما . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  چۈنكى ، مەن سېنى ھەقىقەتەن ھاياتىمدىن قىممەت كۆرۈپ سۆيىمەن .
   گۈلزار كەتتى ، ھايات داۋاملاشماقتا . بىز باشقا بىر جۈپلەردەك " ئايرىلغاندىن كېيىن دوست بولۇپ قالايلى " ، " مەڭگۈ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى " دېگەن ۋەدىلەرنى بېرىشمىدۇق . گۈلزار ھەتتا خەتنى كۆرۈپ بولۇپ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .
  مەن بەزىدە خەنزۇچە ، بەزىدە ئۇيغۇرچە بۇ مۇھەببەت ھېكايەمنى نەچچە خىل ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە يېزىپ تۇردۇم . مەن مۇشۇ ھېكايىنىڭ ئىچىدە ئېزىقىپلا قالدىم ...
  لېكىن مېنىڭ گۈلزارنى يەنە بىر رەت كۆرگۈم بار ، يىراقتىن ، ئۇ مېنى كۆرمەيدىغان يەردىن ، ئۇنىڭ قار گۈللىرى ئارىسىدىكى رەڭلىك كېپىنەكتەك ئويناقشىپ ئۇچقان ھالىتى كۆرگۈم بار ... ئىز تورى بەك ياخشى
( تۈگىدى ) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
85.7%
ناچار
(1)
14.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...