ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار

ۋاقتى:2010-02-17 03:27مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  
ھەر كىمنىڭ ئۆز جۈپتى بار، قەدىرلىك راتسۇن ئۇستام، گەپ كىشىلەرنىڭ ئۆز جۈپتىنى تاپالىشىدا. سەن ئۆزۈڭگە يېقىنلاشقان ھەربىر جاناننى ئۆز جۈپتۇم دەپ قاراپ سۆيۈنگەن ۋە ھاياجانلانغان بولغىيدىڭ؟ بىراق، ھەر قېتىم چۈشۈڭدىكىدەك يوققا چىققان بولغىيدى؟   سېنىڭ ئۆز جۈپتىڭنى تېپىش ئۈمىدىڭ زادى تۈگىمەيدۇ، بەلكى ئۈمىدىڭدىن بۇرۇن ئۆزۈڭ تۈگىشىسەن، يەنى قارا باستى چۈشنى كۆرۈۋېرىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېچ ئۈمىدىڭ قالمىغاندا، سەنمۇ تۈگىشىسەن. بۇ تۈگىشىش ئۆلۈمدۈ، راتسۇن ئۈستام، سەن ئۆز جۈپتىڭنى تاپىدىغانلىقىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنىسەنكى، ئۈمىدىڭ پەقەت ئۆز ئۆلۈمىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ.   قېرىلىقنى ياقتۇرمىسا ۋە ئۇنىڭدىن يىرگەنسەڭمۇ ھەتتا ياش قىياپەتكە كىرىۋالساڭمۇ بەرىبىر قېرىدىڭ، راتسۇن ئۇستام. جۈپتىڭنى زادى تاپالمىغان بولساڭمۇ، بۇ ھەرەىز مەڭگۈ تاپالمايسەن دېگەن مەنىنى بەرمەيدۇ ھەتتا ئۇنى ئۆمۈر بويى تاپالمىساڭمۇ ئۇ يەنىلا مەۋجۇت.
سەن شۇنداق ئويلايسەن، مەنمۇ سېنى ئىسپاتلايمەن. ئادەم دېڭىزى بولغان بۇ دۇنيادا بىرەر كىشى ئۆز جۈپتىنى تاپالىسا ۋە شۇنداق بىرى بولسا، ئۇ چاغدا ئۈمىد ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر ئۆز جۈپتىنى تالايدۇ دېگەن گەپ. بىراق، قەيەردە، قاچان؟ مانا بۇ مەلۇم ئەمەس. بەلكى ھازىر، بەلكىم ئون ياكى يىگىرمە يىلدىن كېيىن، بەلكى يۈز يىللار ئالدىدىكى بىر چاغلاردىدۇ .. ۋە بەلكى ھاياتىڭ ئۇنىڭ بىلەن تېپىشىشقا يەتمەس. ئۇنى تاپالماي ئالەمدىن ئۆتۈشۈڭمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماستىن ئالەمدىن ئۆتۈشۈڭ ئۇنىڭ تېپىلماسلىقى ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ...ئۆلمەي ياشاۋەرسەڭ ئىدىڭ، بەلكىم ئۆلەر ۋاقتىڭدىن سەل ئىلگىرى ياكى خېلى كېيىن ئۇنىڭغا ئېرىشەتتىڭ، بۇنىسى ئېنىق، چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە مەۋجۇت...   خۇددى پىلە قۇرتىنىڭ غوزىسى ئىچىگە تەنھا كىرىۋېلىپ، شۇ تەنھالىقتا يېتىلە - يېتىلە قانات چىقىرىپ كېپىنەككە ئايلانغىنى ۋە ئۇچا - ئۇچا ئۆزىنىڭ بولىدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بولىدىغان جىنسىي جۈپتىنى ئىزدەپ چىققىنىدەك، بۇ جاھاندا ھەممە كىشى ئۆزىگە تەئەللۇق بولىدىغان ۋە ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولىدىغان نەرسىنى ئىزدەيدۇ. ئۆز جۈپتىڭ جەزمەن مەۋجۇت. بىراق، بۇ ئۈمىد داۋاملاشسۇن، ئىنسان نەسلىنىڭ بۇ ئۈمىدلىك نۇرى يەر يۈزىدىن يوقالمىسۇن، بۇ ئۈمىد كەمىرى بوشاشمىسۇن.
 بىرەر كىشى ئۆز جۈپتىنى تاپىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئۈمىد مىليونلىغان كىشىلىرىمىزگە كۇپايە ... جۈپتى بىلەن تېپىشالايدىغان بىر كىشىمۇ بولمىسا، ئۇلار چۆچەكلەرە ياكى چۈشلىرىدە تېپىشاتتىمۇ؟ ... رېئاللىقتا بولمىغان نەرسىنى چۈشىدە كۆرۈشى مۇمكىنمۇ؟ پەقەت رېئاللىقتا بولغان نەرسىلا چۈشتە كۆرۈنىدۇ - دە...   قەدىرلىك راتسۇن ئۇستام، سېنىڭ ھېلىقى لىچىنكا ئالدىدىكى ھاڭ - تاڭلىقىڭنى ھازىر بولغان ئىشتەك ئەسلىمەكتىمەن. ھەممە ئىش كۆز ئالدىمدا، ۋەقەنى پۈتۈن تەپسىلاتلىرى بىلەن تاماشا قىلغانىدى. سەن ئۇ چاغدا 18 ياشتا بولغاچقا، ھازىر ئۇ ئىشقا ئەللىك يىلدىن ئېشىپتۇ...   سىلەر دېڭىز بويىدىكى بىر داچىدا ئىدىڭلار. دېڭىزدىن قۇملۇققا، قۇملۇقتىن گۈللۈككە، گۈللۈكتىن ئورمانغا ئۆتۈپ، ئاندىن مېۋىلىك دەرخلەر ئارىسىدىن داچىغا كەلگىلى بولاتتى. سىلەر ئۇ داچىدا ئون بەش كۈن تۇردىڭلار.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(62)
79.5%
ناچار
(16)
20.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...