قەلبىڭىزدە مىھىر مۇھەببەت بولسا ...........

ۋاقتى:2010-02-16 12:45مەنبە: يوللىغۇچى: نادىرە چېكىلىشى:قىتىم
  

مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە تۇرمۇشنى  كەڭ قورساقلىق ، ئاق كۆڭۈللۈك ، سەمىمىيلىك بىلەن كۆزەتكەندە ئۇ تەڭداشسىز گۈزەللىكى بىلەن بىزنى ھۇزۇرلاندۇرالايدىكەن ، بەھىرلەندۈرەلەيدىكەن . ئەگەر ، تۇرمۇشنى تەنھالىق، زەئىپلىك ، چۈشكۈنلۈك ، بۇرۇختۇملۇق ، ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە كۆزەتسە ، ئۇ تولىمۇ خۇنۈك ، رەزىل ، ئەھمىيەتسىز كۆرۈنىدىكەن . تۇرمۇشقا سەمىمىي پوزىتسىيىدە بۇلۇش ئەمىليەتتە ئۆزىگە سەمىمىي ،ئاق كۆڭۈل بۇلۇش ئىكەن . ئەسلىدە ئادەم ، جەمئىيەت ، تەبىئەت ئورگانىك ھالدا بىرىككەن بولىدىكەن . ئادەم تۇرمۇش ئىچىدە بارلىققا كېلىدىكەن ، تۇرمۇش ئىچىدە چوڭ بولىدىكەن ، تۇرمۇش ئىچىدە مۇكەممەللشىدىكەن . ئادەم بولمىسا تۇرمۇشمۇ مەۋجۈت بولمايدىكەن ، تۇرمۇش بولمىسا ئادەممۇ بولمايدىكەن . ئەمما تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ، خوشال- خورام ، ئۈمۈدۋارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئىنسانغا خاس گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت ئىكەن . ئادەم دائىم قىيىنچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىنى ، تۇرمۇشنىڭ جاپالىقلىقىنى ، چىقىمنىڭ كۆپلىكىنى ، تۇرمۇش بېساتلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تەكىتلەپ ، تۇرمۇش ئۈستىدە قاقشاپ ، ۋايساپ ئۆتسە بۇنداق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە تۇرمۇشقا نىسپەتەن قىلچە ئىللىقلىق ، مىھىر - مۇھەببەت ، مەسئۇليەتچەنلىق بولمايدىكەن . ئادەم ئۆزىگە سەمىمىي ، مەسئۇليەتچەن بولسا ، باشقىلارغىمۇ مىھىر- مۇھەببەت يەتكۈزەلەيدىغان ، باشقىلاردىنمۇ مىھىر- شەپقەتكە ئېرىشەلەيدىغان . ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىللىقلىقتىن بەھىرمەن بولالايدىكەن تۇرمۇش گۈزەللىككە تولىدىكەن . تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بۇلىشى ھەرگىزمۇ پۇل، ماڭ- دۇنيانىڭ كۆپلۈكى ، نام ، ئەمەل ، مەنسەپنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ . جىمىيەتتە ھۇقۇق ، ماڭ= دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەن ، بىراق تۇرمۇشى زەئىپلىك ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتىۋاتقانلارمۇ ، تۇرمۇشى نامراتلىق ، يوقسۇزلۇق ، خاپا- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ ، ئەمما كۆڭۈل كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ ، روھىي باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . پەقەت تۇرمۇشقا ئۈمۈدۋارلىق بىلەن پوزىتسىيە تۇتقاندىلا ، ئاددى كىشىلىك تۇرمۇشنى مۇكەممەل ، ئەھمىيەتلىك ، خوشال-خورام ئۆتىدۇ . پەقەت قەلبىمىزدە مىھىر- مۇھەببەت بولسىلا دۇنيا ئىللىقلىققا ، شات- خوراملىققا چۆمىدۇ .

ئىز تورى بەك ياخشى

 ماتىريالدىن ئېلىندى -- ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(29)
87.9%
ناچار
(4)
12.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...

  • جاۋاپسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • ساڭا بەخىت تىلەيمەن

    بىلەمسەن گۈلۈمسىنى سېغىندىم،سىنى شۇنداق باغرىمغا چىڭ باسسام دەيمەن لىكىن يېنىمدا سەن يوق ،سېغىنىشلىرىم تېىخىمۇ بەك ئەۋجىگە چىقىپ يۈركۈم كۈيىۋاتىدۇ ،ياق پۈتۈن ۋۇجۇدۇن كۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ سىنڭ ماڭا بەرگىنىڭ مانا بۇ مىنىڭ سىنىڭدىن ئېرىشكىنىم ، بۇ ئوت يۈركۈمن...

  • قىسىمەت دەرىخي

    ئىسەجان سۇلتان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىت...

  • ھەي... نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەپەندىم ئىشىكىنى ئالدىغا سېلىپ بالسى بىلەن بازارغا چىققان ئىكەن . بۇنى كۆرگەن يولۇچىلاردىن بىرى؛ (ئەخمەق قېرى، بالسىنى بولسىمۇ ئېشەككە مىنىدۈرۈپ قويسا بولماسمىدى) دەپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم دەرھال باكسىنى ئىشەككە مىندۈرۈپ ، ئۆزى پى...

  • تۈلكىنىڭ ئۆلۈمى

    قادىرنىياز ، توقسۇن ھوشۇر     بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ھىيلىگەرلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر تۈلكە بولغان ئىكەن. ئۇ ئولتۇرسا – قوپسا باشقىلارنى قىلتاققا چۈشۈرۈشنىڭلا كويىدا يۈرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان، بىر قېتىمدا بىرنەچچە ئولجىنى قولغا چۈشۈرىدىغان...

  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...