ئىسەجان سۇلتان
ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى قاتتىق ئىسسىقتا ئوت- چۆپلەر ئارىسىغا چۈشۈپ قالغان قۇرت قوڭغۇزلار بوغۇق غوڭۇلدايتتى. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىن زىلال سۇلۇق ئېرىق ئېقىپ ئۆتەتتى. ھەمرىيىم ئىككىمىز ئانام ياققان نانلاردىن بىرىنى ئېلىپ قېچىپ، ئېرىققا ئېقىتىۋەتتۇق. يېنىمىزدىكى تامنىڭ دىۋارى بىمەھەل گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى، ھاسىل بولغان چوڭ دەرۋازىدىن تۇپرىغى پۇرقۇپ تۇرغان كوچىمىز كۆرۈنۈپ تۇراتتى، كوچا چېتىدىن ئاق يەكتەكلىك، ئاپئاق ساقاللىق بىر چال ھاسسىسىغا تايانغىنىچە شۇ ياققا قاراپ لاغاي قەدەم تاشلاپ كېلەتتى.
ئاداشمىسام، ئاشۇ چاغدا مەن سەككىز-توققۇز ياشتا ئىدىم. ياكى يەتتە ياشتىمەنمىكىن... خالاس، ئېسىمدە يوق. ئەمما چالنىڭ كىملىگى ئېنىق ئېسىمدە - كوچىنىڭ بېشىدا، لايسۇۋاق ئۆيىنىڭ ئالدىدا دائىم قۇياشقا قاقلىنىپ ئولتۇرىدىغان خالمۇھەممەد بوۋا ئىدى ئۇ. بىز ئويۇنغا ئاۋارە بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىنلاشقىنىنى سەزمەپتىمىز. چال يېنىمىزغا كېلىپ ئويۇنىمىزغا تەلمۈرۈپ تۇردى. سەلدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ياشلانغانلىغىنى كۆردۇق.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- نىمىگە يىغلايسىز، بوۋا؟- دەپ سورىدىم مەن.
چال، ساقىلى تىترەپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- بىر مەھەللەر مەنمۇ ئانام ياققان ناننى شۇنداق ئاققۇزۇپ يەر ئىدىم، ئاشۇنى ئەسلەپ يىغلاپتىمەن، بالام. ۋادەرىخا، ئۆزۈم ھەم شۇ ئېرىقتىكى ناندەك ئاقتىم-كەتتىم... - دېدى. نان يىگىسى كەپتۇ، دەپ ئويلىدىممۇ، ھەر ھالدا، ئۆزۈمنىڭ سۇغا چىلىغان نېنىمنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇزاتقىنىم ئېسىمدە. چال بولسا ناننى ئالدى-يۇ، ھېچ ئۇيالماستىن ھوڭرەپ يىغلاپ سالدى. بىز ھەيرانە بولۇپ تۇرۇپ قالدۇق.
چال قولىدا بىربۇردا نان، كۆزىدە ياش، يەنە لەلەڭلەپ يولىنى داۋام ئەتتى.
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قارايمەن دەپ ئېرىقتىن ئاتلىدىمۇ، چالمۇ ئېسىمدىن چىقىپ، كۆزلىرىم پارقىرىغىنىچە قېتىپ قالدىم. نىمىنى كۆردۈڭ دەڭ؟ قاپقىلىرى تىللادىن، تۇتقۇچلىرى بىللۇردىن بولغان بىر باغنىڭ قارشىسىدا كۆردۈم ئۆزۈمنى! قاپقا يېنىدا بىللۇر ھالقىنى تۇتۇپ تۇرغان مەن قورامدىكى بىر بالا ماڭا قاراپ كۈلەتتى ۋە ئىچكىرىگە ئىملايتتى. ئالدىغا ئىككى قەدەم بېسىپ، باغقا مارىلىدىم. ئۇ يەردە نىمىلەرنى كۆرگىنىمنى ئېيتالمايمەن، ئېيتقىنىم بىلەن قانداقتۇر زامىنىي نەرسىلەرگە ئوخشاپ قالدى. ئۇ يەردىكى دەرەخلەر، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئادەتتىكى دەرەخلەرگە ئوخشاپ كەتكىنى بىلەن، مۇتلەق باشقىچە ئىدى. ئۇ يەردىكى قۇشلار، سۇلار... بۇ باغ ساماۋىي ئىدى! غايەت گۈزەل ئىدى! بۇ گۈزەللىككە ماس تەرىپ تاپالماي ئۆرتىنەتتىم. باغ مېنى ئۆزىگە شۇ قەدەر مەپتۇن قىلدىكى، ئالدىغا بىئىختىيار يەنە بىر قەدەم قويدۇم. يەنە بىر قەدەم قويسام، باغ ئىچىگە كىرەتتىم. لەپلەپ ئۇچۇۋاتقان ئالتۇن قۇچقاچلارنى تۇتۇۋېلىشم، ئاۋۇ زەر قاناتلىق سۇمرۇغ بىلەن سۆھبەتلىشىشىم ھېچ گەپ ئەمەس... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قاپقىنىڭ يېقىنىدا زور ئۆسكەن بىر يېشىل دەرەخ بار ئىكەن. شاخلىرى بۇلۇتلار ئارىسىدا كوزگە كۆرۈنمەي قالغان. تۇرۇپ- تۇرۇپ ئۇنىڭ شاخلىرىدىن ياپراقلار ئۈزۈلۈپ چۈشەتتى. مانا، ئايىغىم ئۈستىگە سارغايغان بىربەرگ كېلىپ قوندى. مەن ئىگىلىپ قاراپ، بەرگدە يېزىق بارلىقىنى كۆردۈم. سارغۇچ تومۇرلىرى بۆرتۈپ تۇرغان ياپراق سىرتىغا "خالمۇھەممەد زىيا ئوغلى" دەپ يېزىلغان ئىدى.
- ياھ؟ - دېدىم مەن ھەيران بولۇپ. دەرۋازىۋەن بالا كۈلۈپ باش چايقىدى. ئۇنىڭدىن بىر نىمىنى سورىماقچى بولۇپ تۇرغىنىمدا ئارقىمدىن، نىمىشقىدۇر ئۇزاق-ئۇزاقلاردىن ئانامنىڭ مېنى چاقىرغان تەشۋىشلىك ئاۋازى ئىشىتىلدى-يۇ، خۇددى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. كوزۈمنى ئاچسام، رەڭگى ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن ئانامنىڭ تىزىدا يېتىپتىمەن. ئۈستۈمدە ھەمرىيىم ھىق- ھىق يىغلاپ تۇرۇپتۇ. ئانام يىغلىغانچە مېنى باغرىغا باستى:
- ۋاي جېنىم بالام، نىمە بولدى ساڭا؟ قورقۇتۇۋەتتىڭغۇ، جېنىم بالام؟!
- كۆردۈڭىزمۇ، سىزمۇ كۆردۈڭىزمۇ؟ - دېدىم ھاياجاندا، تىلىم زورغا ئايلىنىپ. – باغنى كۆردۈڭلارمۇ؟
- قانداق باغ؟ - دېدى ئانام رەڭگى يەنە ئوزگىرىپ. - قانداق باغ، ئوغلۇم؟
كۆرگەنلىرىمنىڭ بارىنى ئانامغا ئېيتىپ بەردىم. ئانام ھېچ نىمە دىمىدى، لېكىن ئاشۇ كۇنى كەچكە يېقىن ئاپئاق ساقاللىق بىر قارىي ئۆيىمىزگە كېلىپ، ماڭا دەم سالدى. مەن ھەيران ئىدىم - ئاشۇ ئاجايىپ باغ ۋە بەھەيۋەت دەرەخ ھەققىدە سۆزلىشىم بىلەن نەچۈنكى ئاتا-ئانام، بەلكى باشقا چوڭ ياشلىق كىشىلەرمۇ قورقۇشاتتى، ياقىلىرىغا تۈفلەپ تۆۋە قىلىشاتتى، بەزىلىرى يىغلار ئىدى. ئانامغۇ، بەكلا قورققاق بولۇپ قالدى: ھەدەپ "سېنى ئاشۇ باغقا ھېچ كىم چاقىرمىدىمۇ؟ كۆرگىنىڭدە باغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردىڭمۇ-يوقمۇ؟" - دەپ سورىغىنى سورىغان ئىدى. كېيىن بىلىشىمچە، ئاشۇندا مەن ئېرىقدىن ئاتلاپتىمەنۇ، تۇرغان جايىمدا ھاڭقىيىپ قېتىپ قاپتىمەن. ھەمرىيىم كېلىپ تۈرتكىلىسىمۇ، چاقىرسىمۇ قىمىر قىلماسمىشمەن. شۇندا ئۇ قورقۇنچتا يۈگۈرۈپ ئانامنى چاقىرىپ كېلىپتۇ. شۇ ھالىتىم ئۆزگەرمەي، ئاشۇ جايىمدا تۇرغانمىشمەن... ئانامنىڭ ئارقىسىدىن دادام ھەم يېتىپ كېلىپتۇ، ئۇلار مېنى كۆتۈرۈشۈپ ئايۋانغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇشۇپتۇ. ئازدىن كېيىن ئۆزۈمگە كېلىپتىمەن... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاتا-ئانامنىڭ ۋەھىمىگە چۈشكىنىنىڭ يەنە بىر بائىسىنى ھەم كېيىن ئاڭلىدىم: ئاشۇ كۈنى، بىز بىدىلىك ئايىغىدا كۆرگىنىمىزدىن كېيىن خالمۇھەممەد بوۋا ۋاپات بولغان ئىكەن...
* * *
يىللار ئۆتتى، چوڭ بولدۇم. خۇدا نېسىپ ئېتىپ، ئوغۇللۇق بولدۇم. ئوغلۇمنىڭ چۇۋۇلداشلىرىنى، ئالپاڭ-سالپاڭ يۈگرۈشلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەتتىنچى ئاسماندا يۈرگەندەك سېزەتتىم. گويا ئالەمدە مەندىن باشقا بەختىيار ئاتا يوقتەك. ئانامغۇ، بالامنى مەندىن بەتتەر ئاۋايلايتتى. بىر نىمىلەر دەپ قارلىغاچدەك چۇۋۇلدىغاندا، ياشناپ كېتەتتى. ئۆيىمىز ئارقىسىدىكى بىدىلىك ھېلىھەم بار. ئەمما ئۇ كىچكىنە بولۇپ قالغان. بىدىلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىق كۆمىۋېتىلگەن. باھار كېلىپ، گىلاسلار قاپ-قارىيىپ پىشتى. ئوغلۇمنىڭ ھېلىغىچە تىلى چىققىنى يوق، ئەمما گىلاسخور بولۇپ قالدى. قىشلىغىمىزنىڭ كۈنپاتار تەرىپىدە كاتتا بىر باغ بار ئىدى، ئۇ يەردە گىلاسلار كۆپ ئىدى. ئوغلۇمنى يەلكەمگە مىندۈرۈپ ئاشۇ باغقا باردىم. بىر گىلاسنىڭ شېخىنى ئىگىپ، دوپپىسىغا تولدۇرۇپ سېلىپ بەردىم. تۆپىرەكتىكى شاخچىنىڭ گىلاسلىرى شىرە باغلاپ پىشقاندەك كۆرۈندى كۆزۈمگە. ئىنتىلىپ، ئاشۇ شاخچىنى تۇتقىنىمنى بىلىمەن...
گىلاس شاخلىرى ئارىسىدىن يەنە ئاشۇ سىرلىق باغ نامايان بولغان ئىدى. ئاشۇ-ئاشۇ! قاپقىلىرى تىللادىن، تۇتقۇچلىرى بىللۇردىن... ئىشىك ئالدىدا قاپ-قارا ساقاللىق ياشقىنا دەرۋازىۋەن ماڭا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ مېنى تونۇغان ئىدى، مەنمۇ ئۇنى تونىدىم. ئۇ ئىما قىلىپ، ئىچكىرىگە چىللايتتى. باغ قاپقىسىنىڭ ئىككىلى قانىتى ھاڭ ئوچۇق! ئىچكىرىدە ئاشۇ مەن كۆرگەن مەنزىرە بەرق ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ. كۆز ئوڭۇمدا گۈللەر غۇنچىلاپ، ئاشۇ زامات ئېچىلاتتى، بۇ گۈللەر ئەسلى گۈلمۇ ياكى تىللامۇ - پەرقلەش قىيىن. دەرۋازا يېنىدا بەھەيۋەت بىر دەرەخ يۇكسىلىپ تۇرۇپتۇ، ياپراقلىرى شىرت- شىرت ئۈزىلەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۆڭلۈمدە بىر سۇس "بۇ تۇبا دەرىخى ئەمەسمىكىن"، دەۋاتقاندەك تۇيغۇ. ئۇزاق-ئۇزاقلاردا بىر نىمە كۆز گۆھىرىنى ئالغۇدەك بولۇپ چاراقلاپ-جىلۋىلىنەتتى. جىلۋىسى شۇ قەدەر گۈزەل ۋە نەپىسكى، ئۇنىڭغا بىر باققان ئادەم ئۆمۈر بويى كۆز ئۈزەلمەي قېلىشى ئېنىق.
شۇندا ئايىغىم ئاستىغا ئۇزۈلۈپ چۈشكەن ياپراققا قارىدىمۇ... ئۇنىڭ سىرتىدا پەدەرى بۇزرۇكۋارىمنىڭ ئىسمى پۈتۈلگىنىنى كۆردۈم! شۇ مەھەل قۇلىغىمغا ئوغلۇمنىڭ چىرىللاپ يىغلىغان تاۋۇشى ئۇرۇلدى. ھۇشۇم دەررۇ ئۆزۈمگە كەلدى. جىددىيەتتە ئۆرۈلدۈم، قارىسام، ئۆمىلەپ بېرىپ سەل نېرىدىكى ئېرىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، سۇنىڭ مۇزدەكلىگىدىن قورقۇپ يىغلاۋاتقان ئىكەن. ئۇنى قولۇمغا ئالدىمۇ، مەھكەم باغرىمغا باستىم. سەزگىنىمدەك، قايتىپ قارىغىنىمدا باغ يەنە غايىپ بولغان ئىدى. ئوغلۇم كىچىككىنە قوللىرى بىلەن باغ غايىپ بولغان تاماننى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تىلىدا ئاللىنىمىلەر دەپ چۇۋۇرلار ئىدى. كېيىن يادىمغا باغدىكى دەرەخ، ئۇندىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەن ياپراق كەلدى. ئالدىراش- سالدىراش ئۆيگە يۈگۈردۈم. يۈرىكىم بىر نىمىنى سەزگەندەك دۈپۈلدەپ ئۇراتتى. دوقمۇشتىن كوچىمىزغا بۇرۇلدىمۇ، تىزلىرىم بوشىشىپ كەتتى. دەرۋازىمىز ئالدىدا مەھەللىمىز كىشىلىرى توپلانغان ئىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئاتام... بېلىنىڭ قۇۋۋىتىنى، ئۆمرىنىڭ ئەڭ مەسئۇد دەملىرىنى، ياشلىغىنى بىزلەرگە بەخش ئەتكەن، بىزلەرنىڭ ساغلام ۋە بەختلىك بولۇپ چوڭىيىشىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتۇ چوغقا ئۇرغان ئاتام... ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ! شۇندىن كېيىن بۇ باغدىن چۆچۈيدىغان بولۇپ قالدىم.
چۈشلىرىمگە كىرىپ تۇراتتى بۇ سائادەت بېغى! ئىشىك ئالدىدىكى دەرۋازىۋەن مۇلايىم نىگاھىنى ماڭا تىكىپ جىم تۇراتتى. "يەنە نىمە كېرەك ساڭا؟" — دەپ ۋارقىرايتتىم مەن ئۇنىڭغا چۈشىمدە. "مەندىن نىمە ئىستەيسەن ئۆزى؟ تىنچ قوي مېنى، ئىستىمەيمەن سېنىڭ بېغىڭغا كىرىشنى!!!" چۈشەكەپ ئويغانغىنىمدىمۇ چۈشۈمدىكى مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدىن پەقەت كەتمەس ئىدى. لېكىن ئۆمۈرمۇ بىر كۈن- بىر كۈندىن ئۆتۈپ، ئاستا-ئاستا بۇ باغ قورقۇنچى دىلدىن سۇسلاپ باراتتى.
www.iz.la
* * *
باغنى ئۈچىنچى قېتىم كۆرگىنىمدە يېشىم چوڭايغان، ساچ-ساقال ئاقارغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالدىكى زاھىرىدىن غەلىتە بىر ھىكمەت تۇيدۇمكى، بۇ ھىكمەتنىڭ تېگىگە ئەسلا يېتەلمەيتتىم. ئاخىر، ئۆمۈر... ئۆمۈر ئۆتۈپ بارماقتا ئىدى.
ئاسمانغا بۇلۇت چىقسا سۆڭەكلىرىم سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. كۆزۈم ياشلىنىدۇ. كۆپىنچە دەرۋازام ئالدىدىكى سۇپىدا قۇياشقا قاقلىنىپ ئولتۇرىمەن. ئالتۇن كۈز ئاپتىپى ۋۇجۇدۇمغا خۇش ياقىدۇ. قەلبىم ھەم كۈز سۇلىرى كەبى تىنىق، سالقىن...
بۇ سەپەرمۇ سۇپىغا چىقىۋاتقان ئىدىم، پەسرەك دىۋاردىن قوشنامنىڭ بېغىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. قوشنام بۇ يىل بېغىغا بىدە تېرىپتۇ. بىدىلىكنىڭ ئايىغىدا يەنە ئاشۇ مەنزىرە. بۇ سەپەر ئىشىكتىكى دەرۋازىۋەننىڭمۇ چاچلىرىغا ئاق ئارىلىغان ئىدى. باغ ئىچى كۈز ئىدى، كەچ كۈز. كۈزنىڭ بۇنداق گۈزەللىگىنى ھېچ قاچان كۆرمىگەنمەن. دەرۋازا قارشىسىدىكى دەرەختىن ئالتۇن ياپراقلار مۇڭلۇق تىرىڭلاپ بەنتىدىن ئۈزۈلۈپ، لەيلەپ-لەيلەپ يەرگە قوناتتى. ئۈزۈلۈپ چۈشۈۋاتقانلىرى سان-ساناقسىز ئىدى، يەرنىڭ بېتى كۆز يەتكەنگە قەدەر ياپراقلار بىلەن قاپلانغان ئىدى. ئاخىر ھەر بىر ياپراقتا بىر ئىسم يېزىلغان ئەمەسمىدى؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ سەپەر ئايىغىم ئاستىغا كېلىپ چۈشكەن ياپراقتا دوستۇمنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىدى. بىز تەڭتۈش ئىدۇق، بالىلىقتىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدۇق. بىر ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ئىدۇق، كۆپ جەھەتتىن تەقدىرىمىزمۇ بىر-بىرىمىزنىكىگە ئوخشاپ كېتەتتى.
* * *
بۇ سائادەت بېغىنى تۆتىنچى قېتىم كۆرگىنىمدە...
بىدىلىك. سەل نېرىدا ئىككى بالا ئېرىقتا نان ئاققۇزۇشاتتى. شۇ ئىككى بالىغا قاراپ تۇرۇپلا، كۆز ئۆڭۈمدىن بالىلىقىم... ئاتام... ئانام... بالىلىقتىكى نانلار لىپ-لىپ ئۆتتى... كۆزدىن تارام- تارام ياش ئاقماقتا... قانداق ھوزۇرلۇق ئىدى ئۇ نانلار. ئانامنىڭ باغرىدەك ئىسسىق ئىدى-غۇ... قانداق ئىدىم-ھە... قانداق ئىدۇق-ھە، بۇرادەرلەر... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاراپ تۇرىمەن، ھېچ نېرى كېتەلمەيمەن. بالىلارنىڭ بىرى مېنى كۆرۈپ قالدى. بۇ بوۋاي نىمىشقا يىغلايدىغاندۇ، دەپ ھەيران بولغاندەك كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇردى-دە:
- نىمىشقا يىغلايسىز، بوۋا؟- دەپ سورادى.
ئاھ بالام! نىمىشقا يىغلىماي، كۆڭلۈمدىن ئۆتكىنىنى قانداق قىلىپ ئېيتماي؟ ئاخىر مەنمۇ بىر مەھەللەر ئانام ياققان نانلارنى سىزلەر كەبى ئېرىقتا ئاققۇزۇپ يەر ئىدىم... ۋادەرىخا، ئۆزۈممۇ شۇ ئېرىقتىكى ناندەك ئاقتىم-كەتتىم-غۇ!!! خىيالىمدا ئاشۇ- بالىلىقىم، بىزگە قاراپ يىغلىغان خالمۇھەممەد بوۋىنىڭ قىياپىتى... تىلىمدا ئاشۇ جاۋاپ... دىلىمدا بۇ غەلىتە چەرخپەلەكنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇش... ئىز تورى بەك ياخشى
بالا ئۇزاتقان ناننى ئالدىمۇ، ھېچ ئۆزۈمنى توختىتالمايمەن. كۆزۈمدىن تىنماي ياش ئاقىدۇ، ئۆمرۈمنىڭ نۇرلۇق ۋە ئارمانلىق لەھزىلىرى لىپ-لىپ ئۆتىدۇ. ئەنە شۇندا... ئەنە شۇندا... مەن ئۇ باغنى يەنە كۆردۈم. ئىشىك ئالدىدىكى دەرۋازىۋەنمۇ مەن كەبى قېرىپتۇ. ئاساسىغا سويلىنىپ، ھارغىن تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ. باغنىڭ قاپقىلىرى ھاڭ ئوچۇق. ئىچكىرىدە ئاشۇ- شاخلىرى بۇلۇتلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنمەي قالغان بەھەيۋەت دەرەخ. شاخلاردىن ياپراقلار ئۈزۈلۈپ چۈشۈۋاتىدۇ...
ئەجەبا، بۇ سەپەر ئۈزۈلۈپ چۈشىدىغان ياپراقتا كىمنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئىكىن؟ مېنىڭ ئىسمىممۇ؟ دەرۋازىۋەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ئۇزاق تىكىلىپ قالدۇق. نىھايەت، ئۇ ھاسىسىغا تايانغان پېتى، ھارغىن ئاۋازدا:
ئىز تورى بەك ياخشى
- ئەندى كىرىپ كەت، يېتەر... - دېدى.
ئارقىمغا قارىدىم. ئەمما ھېچ نەرسىنى كۆرمىدىم- ياش پەردىسى كۆزلىرىمنى توسۇپ قويغان ئىدى.قەدەم قويۇشۇم بىلەن، بەلۋېغىمدا بىر نەرسىنىڭ قىزىق ھارارىتىنى ھىس قىلدىم. قارىدىم- بايا بىدىلىكتىكى رەھىمدىل بالا قولۇمغا تۇتقۇزغان، سۇغا چۆكۈرگەن بولسىمۇ، تەپتىنى يوقاتمىغان بىر بۇردا نان...
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛ چولپان بىلوگى