ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟
دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپ"تۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟"دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛"دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەر"دەپ جاۋاپ بەرگەندىڭ .شۇ چاغدا بۇ گەپنى بەكمۇ تۇغرا ئېيتقانكەنسەن .مانا ھازىر مەن ئاشۇ ئادەملەر تەرپىدىن مۇرەككەپلەشكەن تۇرمۇش قايناملىرىدا،ھاياتنىڭ سىرلىق سىناقلىرى ئىچىدە تىڭىرقاۋاتىمەن .
دوستۇم شۇ تاپتا مىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلىشكە ئالدىراۋاتقانسەن؟بولىدۇ،مەن ساڭا سەن تەتىلنى تۇگىتىپ كەتكەندىن كىيىنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەي؛
copyright by www.iz.la
ئۇھ،دوستۇم شۇ تاپتا دىلنارىڭ گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي ،ئالقانلىرى بىلەن بىشىنى چاڭگاللاپ چوڭقۇر خىياللارغا چۆكتى . www.iz.la
-دىلنار ئۇخلىدىڭمۇ ؟
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يان ئۆيدىن كىرىپ كەلگەن ئاپامنىڭ ئاۋازى مىنى خىيال دېڭىزىدىن سۇزىۋالدى ،ئاپام ئۆيگە كىرىپلا مىنىڭ يىزىق ئۇستىلى ئالدىدا مۇكچىيىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۇپ كايىپ كەتتى ؛
-قارا سىنى تىلۋۇزۇرمۇ تۇگەپ پۇتۇن ئادەم ئۇيقىغا كەتتى .كۇندۇزدە ئىشلەپ چارچايسەن ،كەچتىمۇ بىردەم ئارام ئالماي يەنە قولۇڭغا قەلەم ئىلىۋاپسەنغۇ ؟جېنىڭنى ئىتىزلىققا تىرىۋالغانمىدىڭ ،بۇ چاققىچە ئۇخلىمىساڭ ئەتە قانداق ئىشقا بارىسەن ،قوپ ئۇخلىغىن .
ئاپام مەخسەتلىك ھالدا ئۇستەل چىرىغىنى ئاچىقىپ كەتتى .ئۆينى دېرىزىدىن چۇشۇپ تۇرغان ئاي نۇرى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى .بۇ ئۆينىڭ لامپۇچكىسى كۆيۇپ كىتىپ تىخى ئالماشتۇرمىغانىدۇق .ئەمدى ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلدىم .خۇداغا شۇكىرى ،تەلىيىمگە تىخى ئىشىلتىلمىگەن بىر تال شام تېپىلدى .شامنى ئالدىمغا قويۇپ سەرەڭگە ياقتىم ،ئۆي ئىچى پاللىدە يورىدى .ئۇھ_--.مەن يىنىك تىندىم .ئۇستەلدە تىك تۇرۇپ كۆيىۋاتقان شامغا قارىغىنىمچە خېيالغا پاتتىم .قارىغىنە دوستۇم ،قارىغىنە .....،شام جېمجىت قاراڭغۇ تۇندە تىك قەد كۆتۇرۇپ تۇرىدۇ .ئۇنىڭ پىلىكى كۆيۇپ كۇل بولماقتا ،جىسمى ئوتنىڭ ھارارىتىدىن ئىرىپ تۆۋەنگە ئاقماقتا .بەزىدە ئىقىپ شامنىڭ ئوتتۇرىغا كىلىپلا قېتىپ قالماقتا .شامنىڭ بۇ ھالىتى قىزلارنىڭ غۇبارىسىز يۇركىنىڭ ئازابقا بەرداشلىق بىرەلمەي ،مىسكىن كۆزلىرىدىن تۆكىۋاتقان ياشلىرىنىڭ مەڭزىدە تۇرۇپ قالغان ۋاقتىنى ئەسلىتىدۇ .دوستۇم شۇڭا مەن كۆيۇۋاتقان شامنى قىزلار قەلبىدىكى يوشۇرۇن مۇھەببەت دەپ جاكارلايمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۆيۇۋاتقان شام ......مۇشۇ كىچىلەردە يەنە قانچىللىرى نەلەردە ،كىملەر ئۇچۇن كۆيۋاتقاندۇ-ھە؟ دوستۇم خېتىم ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ .شۇنداقتىمۇ سىنىڭ سىر ساقلىيالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىپ كۆز ياشلىرىم بىلەن بېسىپ كىلىۋاتقان خۇشاللىق ۋە ئازابىمنى بۇ خېتىمدە بايان قىلماقچى مەن .
سىنىڭ قىشلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگېنىڭ ۋە ساۋاقدىشىمىز ئەكبەرنىڭ قارىمايدىن خىزمىتىنى يۆتكەپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلىنىڭ دوسلارغا ئولتۇرۇش قىلىپ بەرگەن كۇنى ئىسىڭدىمۇ ؟شۇ كۇنى بىز ئەكبەر بىلەن قىزغىن كۆرۇشتۇق .ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ قاتتىق كۇلۇشتۇق .ئۇسۇل باشلىنىشى بىلەنلا ئۇ مىنى ئۇسۇلغا تارتتى .بىز شۇنداق لەرزان ئوينىدۇق .مەن ئۇسۇل ئويناشنى بىلگەندىن بۇيان ئۇسۇل ئويناشنىڭ راھەتلىكىنى ئەنە شۇ چاغدا ھىس قىلدىم .ئاھ_____ شۇ كۇنى بىز نەقەدەر خۇشال ئىدۇق ھە؟.شۇ كۇنكى مەن خۇشاللىقتىنمۇ ئىشقىلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىغاندىم .سەن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن دوسلار ئارا ئولتۇرۇشلار داۋاملىشىپ تۇردى .بۇ ئولتۇرۇشلاردىمۇ ئەكبەر ھە دېسىلا ماڭا يېقىنچىلىق قىلدى .ئۇسۇل، تانسىلار باشلىنىشى بىلەنلا بىز مەيداندىن چۇشمەي ئوينايتۇق .بالىلارچە قىلىقلارنى قىلىپ قانغۇچە كۇلەتتۇق .ئولتۇرۇشتىن قايتقاندا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەلەمگىچە ئاپىرىپ قوياتتى .يول بويى قىززىق گەپلەرنى قىلىپ مىنى تېلىققىچە كۇلدىرەتتى .شۇنداق ئارلىشىشلار مىنى ئۇنىڭغا بارغانچە يىقىنلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئۆزۇممۇ سەزمەي قالدىم .كىيىنىكى كۇنلەردە مەن ئىچىپ ئىيتىشقا بولمايدىغان نازۇك نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن كۇتۇشكە باشلىدىم .ئۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ چاقچاق ئارلاش قىلغان گەپ- سۆزلىرى ۋە مەنىلىك قاراشلىرى ئىكەنلىكىنى يوشۇرمايمەن .ئەلىلارنىڭ ئۆيىدىن يەنە بىللە قايتتۇق چىراق نۇرىدا يورۇپ كەتكەن يولنى بويلاپ ئۇنسىز كىتىپ بارىمىز .بۇ سۇكۇتكە مەن چېداپ تۇرالماي جىمجېتلىقنى بۇزدۇم ؛
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ھەي ،-دېدىم مەن جەينىكىم بىلەن ئۇنى نوقۇپ ،قىلغاچ گەپ ماڭىلى ...-
ھەي دىلنار ،گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي بىشىم قىتىۋاتىدۇ ،-دېدى ئۇ گەدىنىنى قاشلاپ ،كۆزىنى يەردىن ئۇزمەي تۇرۇپ .يۇرۇكۇم يوشۇرۇن بەخىتتىن تېترىدى .
بىشىڭنى قاتۇرۇپ كەتكۇدەك نىمە گەپ ئۇ ؟
-دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى ...................
ئۇنىڭ ئاۋازى تېتىرەپ چىقتى .بەخىتتىن خوش بولغان يۇرۇكۇم ئىگىز ياردىن چۇشۇپ كەتكەندەك ئىغىپ كەتتى .بەدىنىمگە تېتىرەك ئولاشتى .
-دىلنار ئەلچىگە ئۆلۇم يوق دەپتىكەن ،بۇنى بىلىسەن ،دىلشات خېلى بۇرۇنلا ساڭا تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتقانكەن ،مەنمۇ بۇنىڭدىن بۇگۇنلا خەۋەر تاپتىم .ئۇ ماڭا شۇ گەپلەرنى قىلىپ سەن دىلنار بىلەن يىقىن ،يەنە بىر گەپ قىلىپ باقساڭ،دەپ بىچچارىلەرچە ھال ئىيتتى .دوستۇمنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مىنىڭ مەجبۇرىيتىم .شۇڭا مەن دىلشاتقا ....
ئۇنىڭ سۆزى تۇگۇمەيلا ئاۋازى ئىچىگە چۇشۇپ كەتتى .ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىشىم قىيىپ،پۇتلىرىم ماغدۇرسىزلىنىپ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى .مەن تەستە ئۆزۇمنى تۇتىۋالدىم . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-دىلنار بىر نەرسە دېمەمسەن ؟
-سىنىڭچە نىمە دىسەم بولار ؟
ئۇ ھودۇقتى .
-بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس .ئۆمۇر سودىسى ،بۇنى ئۆزۇڭ ئويلىشىڭ كىرەك .مىنىڭچە دىلشات بولىدىغان يىگىت.ئوقۇغان ،بىلىمى بار .
-بولدى قىل،--مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتىم .سەن ئۇنى چۇشەندۇرمىسەڭمۇ ،مەن ئۇنى تولىقى بىلەن چۇشىنىمەن .ئۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى بەرگەن بۇنىمۇ بىلىمەن .
-ئەمسە ئۇنىڭغا نىمانچە قاتتىقلىق قىلىسەن ؟
-مەن ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلمىغىنىم ئۇچۇن مۇشۇ ۋاققىچە ئارقامدا يۇرىدىغاندۇ ؟
-ئۇنى قىينىمىغىن ئىچىڭ ئاغرىسۇن .
-ماڭا كىمنىڭ ئىچى ئاغرىپتىكەن ؟مەنمۇ سىنىڭ ساۋاقدىشىڭغۇ ؟ئۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىدىكەن ئەجەپ ماڭا ئىچىڭ ئاغرىمايدىكەنغۇ ؟
ئۇ كۆزلۇرۇمگە قارىدى ،ئۇنىڭ مەغرۇرلۇق يىغىپ تۇردىغان كۆزلىرىدىن بۇگۇن قانداقتۇر بىر خىل غەمكىنلىكنىڭ شولىسىنى كۆردۇم .بەلكىم ئۇمۇ مىنىڭ كۆزلىرىمدىن ھەسرىتىمنى سەزگەندۇ .
-دىلنار سەن نىمىگە ئازاپلىنىسەن ؟
-مەنمۇ ئادەم تۇرسام ،مېنىڭمۇ ئازابىم ۋە خۇشاللىقىم بولىدۇ -دە .
-دىلنار باغرى تاشلىق قىلما ،كىيىن قىساسىغا قالىسەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەدىنىم تىكەنلەشتى .
ئىز تورى بەك ياخشى
-راس دېدىڭ،كىيىن ئەمەس ھازىرلا تارتىۋاتقان قىساسىممۇ ئاز ئەمەس.
-گەپلىرىڭ سىرلىققۇ ؟
-ئادەملەر مىنى شۇنداق مەجبۇرلاۋاتسا .
-سىلەر قىزلار نىمە ئۇچۇنكى ئۆزۇڭلارنى سىرلىق تۇتىۋىلىپ ،ئۆزۇڭلارنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ قىينايسىلەر .
-سىلەر ئوغۇللارمۇ ئۆزۇڭلارنى ئاجايىپ ئۇلۇغ بىلىپ ئۆز غورورىڭلار بىلەن شەخسىيەتچىلىكىڭلارنىلا ئويلايسىلەر .قىزلاردىمۇ كۆڭۇل دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى چوقۇم ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بىر ئۆمۇر ئەقىدە باغلايدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ قويمايسىلەر .مەن بۇرۇنلا ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان .
-نىمە ئۇچۇن ؟
-مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن -،دېدىم ئاغزىمدىن شۇ گەپ چىققىچە كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى .شۇنچە غەيرەت قىلساممۇ ھىسياتىم ئىرادەمدىن غالىب كەلدى .كۆزۇمدىن تۆكۇلگەن ياش يۇزۇمنى يۇيۇشقا باشلىدى . www.iz.la
-دىلنار ،نىمىگە يىغلايسەن ؟-ئۇ ئەنسىز سورىدى .مەن جاۋابسىز ياش تۆكۇۋەردىم .
-سىلەر قىزلار ئۆز ھىسياتىڭلارنى يوشۇرىسىلەر ،دەردىڭلارنى كۆز يىشىڭلارغا زورلايسىلەر،بۇنىڭ نىمە پايدىسى ؟
-توغرا دېدىڭ ،بىزنى رېئال تۇرمۇشتىكى قائىدىلەر شۇنداق ياشاشقا ئادەتلەندۇرگەن .بىز ساپ ھىسياتىمىزنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويساق ،ئۆز قىممىتىمىزنى يوقۇتۇپ،نەزىرىڭلاردا ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ ،مۇھەببىتىمىزنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىمىز .كونىلاردىكى «قاچقاننى قوغلا ،قوغلىغاندىن قاچ»دېگەن ماقالىمۇ شۇنىڭ مىسالىغۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىز مۇشۇنداق پاراڭلار بىلەن مەھەلىگە كىلىپ قاپتۇق ،بىز تەڭلا سۆزدىن ۋە مىڭىشتىن توختىدۇق .ئۇ ماڭا غەمكىن كۆزلىرىنى تىكتى ۋە تېزلا كۆزىنى باشقا ياققا يۆتكەپ
-ئەمسە دىلشاتنىڭ تەكلىپىنى ياخشىراق ئويلىشىپ باقارسەن ،-دېدى .
مەن كەسكىنلا ئەمدى ئويلىشىدىغان يېرى يوق ،-دېگىنىمچە ئۆيگە يۇگۇرۇپ كىرىپ كەتتىم .دەرمانسىز قوللىرىم بىلەن ئىشىكنى ئىچىپ ئۆز ئۆيۇمگە كىردىم-دە ،ئۆزۇمنى تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدىم .يۇرۇكىم «دىلنار ،يىغلىۋال،ئىچىڭ بوشىغىچە يىغلىۋال،مەن ئازابتىن قۇتۇلاي ،مېنىڭ غۇبارىسىز تېنىم جاراھەتلەنمىسۇن »دەپ خېتاپ قىلىۋاتاتتى .مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرۇپ قالدىممۇ ؟راس ئوخشايدۇ .بولمىسا يۇرىكىم بۇنچە ئازابلانماس ئىدى .ئاھ خۇدا ...بۇ نىمە ئۇچۇن ؟مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشىمامدۇ .ياق،ياق،بۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس .ئۇ ئۆزى باشتا مەندە مۇشۇنداق.....خۇدايىم ،ئۇنىمە ئۇچۇن دىلشاتقا ئەلچى بولۇپ كىلىدۇ؟دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر ئازاپ يوقتۇر ،نىمە دىگەن چۇشىنىكسىز ئىشلار بۇ ؟شۇنىڭدىن كېيىن كۆڭۇللۇك تۇرمۇشىمغا غەشلىك قوشۇلدى .ياخشى كۆرۇش بىر خىل تاتلىق ئازاب ۋە كىشىنى قىينايدىغان خۇشاللىقكەن .مەن بۇ ئازابلىرىمنى ئۇنتۇش ئۇچۇن ئىشقا بەكمۇ كىرشىپ كەتتىم .كۇن بويى ئىشلەش بالىلار بىلەن ئويناش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۇردۇم .بەزىدە بالىلارنىڭ سەبىې قىلىقلىرىنى كۆرگەندە قاقاقلاپ كۇلۇپ خۇددى ئۆزۇمنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش غەمسىز چاغلىرىمنى سىغىنىپ مەيۇسلەندىم .ئاھ جېنىم دوستۇم بالېلىق دەۋىر نىمە دېگەن ياخشى ھە،.ئازابنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسەن ،غەمسىز كۇلەلەيسەن ،خالىغانچە سەكرەپ ئوينىيالايسەن ،باشقىلارنىڭ نىمە دېيىشىدىن قورقۇپ يۇرمەيسەن .چۇنكى سەن بالا ئەمەسمۇ .كۇندۇزلىرىغۇ مۇشۇنداق ئۆتكۇزدۇم .بىراق تۇنلىرى خىيال ۋە ئازابتىن قۇتۇلالمىدىم .ئۇنسىز يىغلىدىم .راستىنى ئىيتسام ئۇنى بەكمۇ سىغىندىم ،بىراق ئۇنى كۆرسەم تەمتىرەپ ،دۇدۇقلاپ قىينىلاتتىم .بىر كۇنى شەمسىيە ئۆيگە كەپتۇ .ئۇ مېنى كۆرۇپلا دىلنار مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە ؟ئەجەپ سارغىيىپ كىتىپسەنغۇ ؟دەپ ماڭا تىكىلىپ قارىدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ياق دوستۇم ،ئىشلار سەل ئالدىراش چارچاپ قالدىممىكىن .ئىككىمىز كەچلىك تاماق يەۋاتاتتۇق ،شەمسىيە تۇيۇقسىز شۇنداق كۇلدىكى مەن ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە قاراپ قالدىم . ئۇ قاتتىق كۇلىۋەرگەندىن كىيىن باشلىرىم ئاغرىپ سىرىتقا چىقىپ كەتتىم .بىر چاغدا ئۇنىڭ كۇلكىسىگە ئالماشقان يىغىسى مىنى چۇچىتىۋەتتى .
-نىمە بولدۇڭ ؟نېرۋاڭ جايىدىمۇ ؟بىردەم ئەسەبىلەرچە كۇلىسەن ،بىردەم سەۋدايىدەك يىغلايسەن ،-دېدىم تىركىپ .
-ساراڭ بولغان ئوخشايمەن .،-ئۇ شۇ گەپنى دەپ تىخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى .
ھەي شەمسىيە ،بىرەرىگە ئاشىق بولدۇڭمۇ نىمە ؟-مەن ئۇنى كۇلدۇرۇش ئۇچۇن شۇنداق دېگەندىم .-بوپتۇ يىغلىۋال ،ئازابلىرىڭ كۆز ياشلىرىڭ بىلەن ئىقىپ تۇگىسۇن ،.
copyright by www.iz.la
مەن ئۆيگە كىرىپ ئۈنئالغۇنى قويۇپئۇنىڭ كىرىشىنى كۇتتۇم .ئۇ بىر چاغدا قىزارغا كۆزلىرىدىكى ياشلىرىنى سۇرتۇپ ئۇدۇلىمغا كىلىپ ئولتۇردى .
-گەپ قىلە دوستۇم سېنى بۇنچە يىغلاتقان كىم ۋە نىمە ؟
-بىلمەيمەن .
-شۇنىڭدىن قارىغاندا سەنمۇ مەجنۇندەك سەۋدايى بوپسەندە ؟
بۇ گەپلەر بىلەن ئۇنى ئەمەس ،ئەمەلىيەتتە ئۆزۇمنى بەزلىمەكچى ئىدىم .
-ئەگەر مەجنۇن بولغان بولسام مەيلى ئىدىم ،لەيلىنىڭ ۋىسالىغا يىتىشكە ھەركەت قىلاتتىم .ئەپسۇس .......
-نىمە بولدۇڭ ،لەيلى بولدۇڭمۇيا ؟-مەن شۇنداق دەپ ئۆزۇمنى تۇتالماي كۇلۇپ كەتتىم .ئۇمۇ ماڭا قوشۇلۇپ كۇلدى .كۆز يىشىمىز تەڭلا تۆكۇلدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
-راس ئىيتىڭ ئاداش ،مەن لەيلى بولغان ئوخشايمەن .شۇڭا ياش تۆكىۋاتىمەن .شەمسىيەنىڭ مىجەزىگە يات بۇ گەپلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى ھەم سەگەكلەشتۇردى .
-دوستۇم راستىڭنى ئىيتە زادى نىمە بولدۇڭ ؟بىرىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىڭمۇ ؟
-شۇنداق ئوخشايدۇ .
-كىمنى ؟
-سەن تونىيسەن .
-ئۇ كىم ؟
-ئەكبەر .
-نىمە ؟ئۇنىڭ ئاۋازى پۇتۇن بەدىنىمنى توك سوقىۋەتكەندەك زېڭىلدىتىۋەتتى .ھېچنىمىنى سەزمەيلا قالدىم ،يۇرۇكىمدە ئاچچېق ئازاب ھۆكۇم سۇرەتتى .-مەن سىنىڭ بۇ ھالىڭنى سەزمەپتىمەنغۇ ؟
سەنمۇ ئۆز ئىشىڭ بىلەن بولۇپ كەتكەن تۇرساڭ مىنىڭ ھالىمنى قايسى ۋاقىتتا سىزەتتىڭ ،
مەن قايسى ئىشىم بىلەن بولدۇم ؟ئەنسىز سورىدىم مەن ،دىلشات بىلەن بولغۇسى ئىشىڭنىچۇ ،ئۇنى قىينىغىچە ھامان بولىدىغا ئىش بولغاندىكىن ئۇزۇنغا سوزماي ماقۇل دېۋەتسەڭ بولمىدىمۇ .قارا گىپىڭنى سەن كىچىكىمدىن بىرگە چوڭ بولغان سىرداش دوستۇم تۇرۇپ مىنى چۇشىنىشىڭ شۇنچىلىك بولغاندكىن ئوغۇل دوسلىرىمدىن رەنجىمىسەم بولغىدەك .شەمسىيە ئۇھ تارتىپ -مۇشۇ كۇنلەردە ئوغۇل بالا بولۇپ قالمىغىنىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن ،دېدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- نىمىشقا ؟
-ئەگەر ئوغۇل بالا بولغا بولسام بۇنداق يىغلىماي ئالدىنى توسۇپلا ئۆيگە كىرگۇزمەي تۇرىۋالسام ئاخىرى ماقۇل دەيتى .ھامان ئۆزۇمنىڭ قىلىۋالالايتىم .بىز قاقاقلاپ كۇلۇشتۇق ،راس دېدىڭ شەمسىيە ،ئوغۇللار بۇ جەھەتتە بىزگە قارىغاندا كۆپ ئەركىن .كونىلاردىن قالغان «ئوغۇل بالا ئالىمەن دېسە ئاسماندىكى ئاينىمۇ ئالالايدۇ ،قىز بالا پەرىزات بولسىمۇ تېگىمەن دېگىنىگە تېگەلمەيدۇ » دېگەن سۆز بىكارغا ئېيتىلمىغان،دە .خاتىرجەم بول مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقاي ،-دېدىم .-ئەگەر ئۇ بىلىپ قالسا ......
-بىلسە نىمە بوپتۇ ؟سۆيگۇ ھوقوقى قىز ئوغۇللاردا باراۋەر بولىشى كىرەكقۇ ،بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز مۇشۇنداق تۆۋەن كۆرسەك باشقىلار تېخىمۇ ........
-ئامال بار ئۇنىڭغا بىلدىرمىگىن ،-بۇنى بىلىمەن . ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنى ئۇزىتىپ قويۇپ يەنە يىغلىدىم .بىز تۆت دوس كىچىكىمىزدىن بىر مەھەلىدە چوڭ بولدۇق .تەقدىر بىزنى تەرەپ -تەرەپكە چاچقان بولسىمۇ دوسلۇق رىشتىمىز يەنىلا بىر .شۇڭا بىر -بىرىمىزنىڭ خۇشاللىق ۋە خپىلىقىغا ئورتاقلىشىدىغان دوسلاردىن بولۇپ كىلىۋاتىمىز .«دوسلۇق ھىسياتىنىڭ ئالماشتۇرلىشى يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن جىڭ ئالتۇن »مەن قايسى بىر كىتابتىن بۇ سۆزنى ئوقىغان ھەم خاتىرەمگە كۆچۇرۋالغاندىم .مانا ئەمدى شۇنى ئۆز ئەمەلىيتىمگە باغلايدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى .قەلبىمدە دوسلۇق بىلەن مۇھەببەت كۆرەش قىلاتتى .ۋىجدانىم مىنى پىداكار بولۇشقا ئۇندىسە ،ھېسياتىم مىنى چەكسىز بەخىتكە ئىنتىلدۇرەتتى .ئاخىرى مەن ۋىجدانىمغا بوي سۇندۇم .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شەمسىيەنىڭ ئەكبەرنى ياخشى كۆرۇپ قىلىشى بۇ ئىشلارنى تىخىمۇ مۇرەككەپلەشتۇرۋەتتى .ئاھ خۇدا ،مەن نىمانچە بەخىتسىز بىر قىزدىمەن ؟ ياكى بۇمۇ تەقدىرنىڭ ئويۇنىمىدۇ ؟جىنىم شەمسىيە ماڭا ئىشەن ،مەن بىر ئۆمۇر ئازابىم ھېسابىغا سېنى بەخىتلىك قىلىشقا تىرشىمەن .شۇ ئارلىقتا بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن بىز يەنە يىغىلىشقا باردۇق .قايتىشىمىزدا ئەكبەر بىلەن بىرگە قايتىم .بەلكىم ئۇ مەندىن دىلشاتنىڭ تەكلىپىگە جاۋاپ ئىلىش مەخسىتىدە كېتىۋاتقاندۇ .مەنمۇ ئۇ دوستۇمغا ئۆمۇرلۇك ........
ئۇنىڭ سۆز ئىچىشىنى كۇتمەيلا سۆز ئاچتىم .سىنىڭچە شەمسىيە قانداق ؟
-ياخشىغۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
-ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىز .بىز كىچىكىمىزدىن بىرگە چوڭ بولغان ،ھازىر ئۇنىڭ بىشى گاڭگىراپ قالدى ،باشقىلار بولسا يىراقتا ،پەقەت مەنلا ئۇنىڭ ھالىغا يىتەلەيمەن .سەن ياردەم بىرەلەمسەن ،
-قولۇمدىن كەلسىلا ياردىمىمنى ئايىمايمەن .قانداق ياردەمنى ؟
-ئۇنى بىلىسەن ئۇ ئۆينىڭ چوڭى ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاپىسى يوق ،ھاممىسىنىڭ ئىيتىشچە ئۇنى ئۆيدىكىلەر بىر يۇرۇتلىقىنىڭ بالىسىغا تونۇشتۇرماقچى بوپتىكەن ئۇ قوشۇلماپتۇ .ئۆزۇڭ خالىغانغا بىرەيلى دېسە سەنمۇ بىلىسەن شۇ بىردىن زەربە يىگەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپلا كىلىۋاتىدۇ .سىڭلىسىنىڭ لايىقى باركەن .ئوغۇل تەرەپ ئالدېرتىپتۇ .شۇڭا ئۇنى باشقىلارغا تارقۇزۇپ قويغىچە ساڭا ........
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-مەخسىتىڭنى چۇشەندىم .-دېدى ئەكبەر تېتىرەك ئاۋازدا .
- چۇشەنگەن بولساڭ ياخشى دېدىم مەنمۇ تەستە .
-دىلنار بۇ جاھان ئۆتنە جاھان دەپ سەنمۇ ئۆتنىسىنى ياندۇر ۋاتامسەن ؟
-ياق ئەكبەر ،مەن ئۇنداق قىساسكار ئەمەس دوسلۇق مىنىڭ قەلىب تۆرەمدىكى جىڭ ئالتۇن ،ئۆمۇرلۇك دوسلىرىمغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىش مىنىڭ بۇرچۇم .بۇنىڭ ئۇچۇن مەن بارلىق خۇشاللىقىمدىن ۋە بەختىمدىن كېچىشكىمۇ رازى .
-توغرا دوسلۇق ئۇ شەخسىيەتسىزلىككە مۇھتاج .ئۇنداق بولمىسا دوسلۇقنىڭ نىمە ئەھمىيتى .مەنمۇ ساڭا ئوخشاش دوستۇم ئۇچۇن گۇزەل كەلگۇسىمگە مۇناسىۋەتلىك بەختىمدىن كەچتىم .مەندىن رەنجىدىڭمۇ ،
-ياق نىمىشقا رەنجىمەن .
-سەن يەنىلا ساپ ھىسياتىڭنى يوشۇرۋاتىسەن ،بىراق سىنىڭ كۆزلىرىڭ ماڭا ھەممىنى سۆزلەپ بىرۋاتىدۇ .مىنىڭ ئازابىممۇ سىنىڭكىگە ئوخشاش .ئەگەر ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ئارمانلىرىمىزۈا بوي سۇنۇپ ماڭغان بولسا بىز ئازاب ۋە كۆز يىشى ئورنىغا تېرىمىزگە سىغماي كۇلگەن بولتتۇق .ئەپسۇس رىئال تۇرمۇشتىكى ئىشلار ئارمانلىرىمىزنى ئۇچۇرۇپ كەتتى .تۇرمۇش يولى مانا مۇشۇنداق .بىرلىرى كۇلسە بىرلىرى يىغلايدۇ .ئىنسانلار ئۆز ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن جاپالىق كۆرەش قاينىمىغا چۆكسە ،يەنە بەزىللىرى ئىغىزغا ئالغۇسىز پەسكەشلىك بىلەن خۇشال كۇلىدۇ .غەلبە قىلىدۇ بەزىللىرىچۇ ؟ئۆزنىڭ ھالال ئەمگىكى ،ئىسىل خسلىتى بىلەنمۇ مەغلۇب بولىدۇ ،بۇ ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە قىززىقىمۇ مانا شۇنىڭدا .
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مىنى بەكمۇ ھاياجنلاندۇردى .ئاھ خۇدا ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرەتتىكەن دە ،كۆز ياشلىرىم تۆكۇلۇشكە باشلىدى .بىز ۋىسالغا يىتەلمىگەن بەخىت ئىگىسىمىز ،لىكىن ۋجدان ئالدىدا پاكمىز ،مەن سۆزۇمنىڭ ئاخىرنى دىيەلمەي يىغلىۋەتتىم .ئۇلار ئاخىرى توي قىلدى ،مەن ئۇنىڭغا قولداش بولدۇم ،ئۇنى ئۆيدىن ئلىپ چىققاندا ئۆزۇممۇ سەزمەي ئۇنىڭدىنمۇ بەكىرەك يىغلاپ كىتىپتىمەن ،ھازىرمۇ يىغلاۋاتىمەن ،كۆزۇملا ئەمەس يۇرىكىم يىغلاۋاتىدۇ .كۆز ياش يۇرەكتىكى جاراھەتتىن ئاققان قان دەپتىكەن .مىنىڭ يۇرۇكىم راستىنلا جاراھەتلەنگەنمىدۇ ،
بىراق مەن ئۆز مەيلىم بىلەن بۇ ئازابنى چىكىشكە رازى بولغانغۇ ،يىغلاپ ئازابلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن چىقىرىۋىتەي .بەلكىم بۇگۇنكى بۇ يىغام دوستۇم ئۇچۇن قۇربان قىلغان بەختىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسىبىتىدۇر ،پۇخادىن چىققىدەك يىغلىۋالاي .......
دوستۇم بەزىدە يىغىمۇ ئادەمگە ئارام بىرىدىكەن .مەن نىمانچە چىدىماسمەن ؟دوستۇم ئۇچۇن قۇربان قىلغان بەختىم ئۇچۇن چىدىمايۋاتامدىغانمەن ؟ ياق بۇ چىدىماسلىق ئەمەس ،ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىش بەدلىگە دوستۇمنى بەخىتكە ئىرىشتۇرەلىگەن غەلبەم ئۇچۇن تۆكۇلىۋاتقان تەنتەنە ياشلىرىم .
قەدىرلىك دوستۇم دىلبەر ھازىر سائەت ئۇچ بوپتۇ ،كۆزلىرىم ئۇيقۇسىزلىقتىن ئىيچىشىۋاتىدۇ ،ئالدىمدىكى شام يەنىلا بىر خىلدا كۆيۇۋاتىدۇ ،ئاستا پىچچىرلىدىم ؛
كۆيۇۋاتقان شام ،....كۆيگىن ،قاراڭغۇ تۇنلەردە كىشىلەر كۆرمەستە كۆيىۋال ...
مەن بۇ يازىمىنىڭ كۆچۈرلىشىنى خالمايمەن ئىز تورى www.iz.la
مېنىڭ بارلىق يازملىرىمنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ : قېىنى مەرھەممەت www.dilclub.tk