ئۆچكەن تەبەسسۇم

ۋاقتى:2012-06-05 11:56مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

   جىيەن فىڭ
    تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر

www.iz.la


    مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇملىرىمنى ئويلاپ قالدىم. بىلمىدىم، قاچاندىن بۇيان بۇ خىل تەبەسسۇملىرىم يوقاپ كەتتىكىن؟ ئېنىق ئېسىمدە، ئىلگىرى بۇ خىل كۈلكە-تەبەسسۇم كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، بەختكە تولغان يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ماڭىمۇ ھەم باشقىلارغىمۇ چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. مېنىڭ تەبەسسۇمىم نۇرغۇن زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلغان، نۇرغۇن دوستلارنى كۈلدۈرگەن، ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنى شادلاندۇرغان، يۈرىكى قېتىپ كەتكەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن. قەسەم قىلىمەنكى، مېنى تاشلاپم كەتكەن تەبەسسۇمىمنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    يولدا، بىر نەچچە كىچىك بالىلار قۇشقاچلاردەك ۋىچىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى. مەن بالىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدىم:
    ــــ خەيرىلىك سەھەر، كىچىك دوستلار!
    ئاۋازىمدىن چۆچۆپ كەتكەن بىر نەچچە كىچىك دوست يەر تېگىدىن قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپلا قىچىپ كەتتى. مەن كىچىك دوستلارنىڭ يېقىلىپ يارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەينىدىن قوغلاپ ماڭمىدىم. بەلكىم ئۇلار ئاتا ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ‹‹ناتونۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماڭلار›› دېگەن تەلىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا مېنىڭ ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قىلغان سالام-سائىتىم ئۇلارنىڭ ھۇشيارلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ھەتتا مېنى ‹‹يامان ئەبلەخ››دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ يىراقلاپ كەتكەن سايسىغا قاراپ، ئاچچىق كۈلگىنىمچە بېشىمنى چايقاپ تۇرۇپ قالدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
    مەن ئاران تەستە ئاپتوبۇسقا قىسىلىپ چىقىپ، ئەمدىلا بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، بىر ياشانغان بوۋاي تۇتقۇچقا ئېسىلىپ دەلدەڭشگىنىچە ئارانلا تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
    ـــ بوۋا بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ، ــــ دەپ بوۋاينى يۆلىۋالدىم.
    بوۋاي گۈلدەك ئىچىلىپ كەتكەن چىرايىمغا گۇمانىي نەزەردە قاراپ قويۇپ، قولۇمنى سىلكىۋېتىپ، ھاسسىسىنى توكۇلداتقىنىچە ماشىنىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەتتى.
    ــ بۇنداق قېرىغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىپ نېمىمۇ قىلاي!
    ماشىنىدىكى كىشىلەر ماڭا نارازى بولغاندەك قارىشىپ قويدى. بەلكىم ئۇلار مېنى ئاپتوبۇسقا ئادەتلەنگەن ئوغرى، دەپ خاتا تونۇپ قالغان بولسا كېرەك. بىردىنلا چېھرىمدىكى تەبەسسۇم يوقالغاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. copyright by www.iz.la
    ئاپتوبۇستىن چۈشۈشۈمگە بىر سەرگەردان ماڭا قولىنى ئۇزاتتى. مەن ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ئالدىرمىدىم. چۈنكى ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا دەرھاللا پۇل بېرىشنى توغرا تاپمىدىم. مەن كۈلۈمسىرگىنىمچە ئاستا زوڭزىيىپ، بىر تەرەپتىن گەپ سورىغاچ، بىر تەرەپتىن 20 يۈەن پۇلنى چىقىرىپ، ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم. ئۇ ھەيران قالغان ھالدا ماڭا بىر مىنوتچە تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئالدىراپ-تېنەپ پۇلنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ پۇلنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ بۇنچە سېخىيلارچە ئۇنىڭغا راست پۇل بېرىشىمگە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى.
    شىركەتكە كېلىپ يولدا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى زورىغا ئۇنتۇپ، چېھرىمدە تەبەسسۇم قۇياشىنى پارلاتتىم ھەم بۇ قۇياشنىڭ نۇرلىرىدىن خىزمەتداشلىرىمنىمۇ بەرىمەن قىلىشنى ئويلىدىم-دە: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ــ ياخشىمۇ سىلەر! ـــ دېگىنىمچە ئىشخانىغا كىرىپ، بۇرۇندىن ئادەتلىنىپ كەتكەن كەسكىن چىراي ئىپادەمنىڭ ئورنىغا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئازادە كەيپىياتقا ئالماشتۇردۇم. ئۈچ نەپەر خىزمەتدىشىم خۇددى قورقۇپ كەتكەن كىچىك بۇغىدەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ماڭا توپتوغرا 10 مىنوتتەك قاراپ تۇرۇپ قالدى. جاڭ ھەدە ناھايىتى مېھرىبانلىق بىلەن:
    ــ شياۋ شياۋ، ئايالىڭىز بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالدىڭىزمۇ-قانداق؟ ھېچقىسى يوق، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن مەن سىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوبدان بىر سۆزلەپ قوياي، ـــ دېدى.
    جۇ فۇ ھەر ھالدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئادەمدەك قىلاتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
    ـــ شياۋ شياۋ خىزمەتتە خاتالىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، باشلىقلاردىن تەنقىد ئاڭلاش نورمال ئەھۋال. بىزنى ئۇرۇپ تىللىسىڭىزمۇ مەيلى، بۇنداق ئىچىڭىزگە ئېلىپ، قەستەن خۇشال بولۇۋالسىڭىز ئادەم بىئارام بولىدىكەن، ـــ دەۋەتتى ئۇ.
    بۇلارنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز ئۆكسۈپ–ئۆكسۈپ يىغلىغۇم كېلىپ كەتتى.
    ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بۈگۈن كۈندۈزدە بولغان كۆڭۈلسىزلىك ۋە تېڭىرقاشلارنى ئۇنتۇپ، ئۆيگە قايتىپ ئايالىمغا تەبەسسۇم قىلىشنى ئويلىدىم. بەلكىم، ئايالىمدىن ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي ۋە ئىلھام تېپىپ قالارمەن. ئايالىمنى قورقۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئالايىتەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كۈلۈمسىرەشنى ئانچە–مۇنچە مەشىق قىلىۋالدىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    ـــ خوتۇن، بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتىڭىز؟ ـــ مەن تولۇپ تاشقان مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىدىم.
    ئايالىم ئالدىراش قولىنى پەرتۇققا سۈرتۈپ پېشانەمنى تۇتۇپ بېقىپ، ماڭا بىر مىنوتچە ھاڭۋىقىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ، دەرھال جىددىي قىياپەتتە:
    ـــ قارتا ئويناپ ئۇتتۇرۇۋەتتىڭىزما؟ سىرتتا ئىش تېرىپ قويمىغانسىز؟ شىركەت ئىشتىن بوشاتتىمۇ-يە ؟ ياكى ... ـــ دېدى.
    مەن تازلىق ئۆيىگە ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ ئەينەككە قارىدىم. ھەرخىل ھەر ياڭزا كۈلۈپ باقتىم. ئەپسۇس، مەن ئازابلانغان ھالدا شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ خىل تەبەسسۇم مەندىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن ئىكەن. مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇ خىل ھېسسىيات، ئۇ خىل كەيپىياتنى تاپالمىدىم. يۈزلىرىم خۇددى قۇرۇپ قاغجىرىغان تۇپراقتەك جانسىز ھەم ئۆلۈك. مەن يوقالغان تەبەسسۇملىرىمنى قايتا تېپىۋېلىشقا ئاجىزلىق قىلاتتىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    تەرجىمان: پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق قوراللىق قىسىم ئىشخانىسىدا ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
70%
ناچار
(3)
30%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...