مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ

ۋاقتى:2012-06-12 11:13مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  
ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا، ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر، جېدەل- ماجرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەر تەرەپنىڭكىنى ئاڭلىسا، ھەممە گۇناھ ئايالدىدەك، ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ ئەر بارىلىق جېدەل- ماجرانىڭ جاۋابكارىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. "ئېرىم دائىملا مەست كېلىدۇ"، "ئېرىمنىڭ ئائىلە بىلەن زادىلا كارى يوق، خىزمەت، دوستلىرى بىلەن بولغىنى بولغان" ، "ئايالىمغا كىيىم - كېچەك، ئولتۇرۇش- چاي بولسىلا بولدى، غايە، ئېتىقاد، كەسىپ ... دېگەنلەر خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ"، "ئايالىمنىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدۇ، ھە دېسىلا تەتۈلۈك قىلىپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدۇ"، "ئايالىم مېنىڭ نېمە ئوي، نېمە كويدا ئىكەنلىكىمنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ".... موشۇنىڭغا ئوخشىغان ئائىلە مەسىلىلىرىنىڭ دۇنيادا تېخى ئۈنۈملۈك، ھەممىگە باب كېلىدىغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى يوق. شۇنداقتىمۇ ئادەملەر ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا تىرىشىپ باقىدۇ. بىز دائىم مۇنداق بىر مىسالنى كاتتا ھېكمەت سۈپىتىدە تىلغا ئالىمىز" مۇندىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن يۇنان ئىبادەتخانىسىنىڭ دارۋازىسىغا >ئۆزۈڭنى تونۇ< دېگەن خەت ئويۇلغانىكەن. " بۇ يەردە بىز بۇنى دېيىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە ئاپىرىن ئوقۇساق، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنى تونۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكچى. گەرچە ئۆزىنى تونۇش ئىنساننىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە بولمىسىمۇ، بىر ئىنساننىڭ كامالىتى ئۈچۈن ئۆزىنى تونۇشتىن باشقا يەنە، ئۆزىنى يېڭىش، ئۆزىنى قۇرۇش... دېگەندەك باسقۇچلارنى بېسىش زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئۆز- ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تونۇشتىن ئىبارەت بىر ئىنساننىڭ مۇكەممەللىشىشى يولىدىكى ئەڭ تۆۋەن باسقۇچلارنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرالىغىنى يوق. گەپنى سەل قوپال ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىزدا مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر تېخى ئۆزىنى تونۇش، ئۆز- ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشتىن يىراق. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى، كىشىلەر بىر - بىرى بىلەن ئارازلىشىپ قالغاندا، ئەڭ ئالدى بىلەن "پالانچى بىلەن مېنىڭ ئارامدا ئازراق كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ ئۆتتى. ئۇ كىشى سەمىمىي، راستچىل، تۈز سۆزلۈك ئادەم ئىدى، مېنىڭ مىجەزىم سەل ئوسال بولغاچقا ئالدىراپلا ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ مېنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدى. بۇ ئارىدا مەندىن مۇنداق، مۇنداق خاتالىقلار ئۆتۈپ كەتتى"... دەپ گەپ باشلىغان بولاتتى. لېكىن بىز بۇنداق بايانلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچرىتىمىز، ھەتتاكى نەچچە ئون يىل بىر ئۆيدە ياشىغان ئەر- خوتۇنلارمۇ ئازراق كۆڭۈلسىزلىك بولسىلا، يېقىن -يورۇقلىرىغا "ئېسىت، ئۇنى ئادەممىكىن دەپتىكەنمەن، قارا ئۇنىڭ ناچارلىقىغا، بىكاردىن - بىكارلا ياقامغا ئېسىلدى...." دەپ كېتىشىدۇ. دەرۋەقە، ئاچچىقنىڭ كۈچىدە ھەر نېمىنى دەپ سالىمىز. لېكىن مۇتلەق كۆپلىگەن ئەر - خوتۇنلار مەيلى جېدەلنىڭ جەريانىدا، مەيلى تۈگىگەندە بولسۇن، "توختا، مەندىن قانچىلىك ئۆتتى؟" دېگەن سۇئالنى ئۆز- ئۆزىدىن سورىيالماي قالىدۇ. بىز قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتەلىشىمىز، بولۇپمۇ "مەندە پەقەت ئەيىپ يوق، سەن ئەسكى" دېيىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالىشىمىز ناتايىن. لېكىن بىز زىدىيەت كۆرۈلگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن "مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ؟" دېگەننى ئويلىيالايمىز ۋە ئۆز - ئۆزىمىزنى خۇددى قارشى تەرەپنى باھالىغاندەك ياكى كىنولاردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئەيىپىنى ئىزدىگەندەك ئوپراتسىيە قىلالىساق، ئۆز- ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدىن بىر نەچچە مىنۇت چىقىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە نەزەر سالالىساق، مەسىلە تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ. ئەگەر بىز يەنىمۇ ئىچكىرلەپ قارشى تەرەپكە "مەندىن مۇنداق، مۇنداق خاتالىقلار ئۆتۈپتۇ، بۇ ھەقتە ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىكەنمەن، سىزمۇ ئۆز- ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقسىڭىز" دېيەلىسەك، ئۇنداقتا بۇنىڭ "سەن زادى خاتا قىلدىڭ! نېمىشقا تۈزەلمەيسەن!؟ " دەپ كەچكىچە زاكۇنلاشقىنىمىزدىن كۆپ ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن. ھە دېسىلا گۇناھنى قارشى تەرەپكە ئارتىپ، "زادى سېنىڭ خاتا" دەپ تىرەجەپ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى ئۈمىدسىز بىر كەيپىياتقا باشلاپ ئاخىرى "تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپتىكەن، سېنىڭدەك گەپ چىشلىمەيدىغان ئادەم بىلەن تالاشقاندىن كۆرە ئۆزۈم بىلگەننى قىلسام بولغۇدەك" دېگەن يەرگە قىستاپ ئاپىرىپ قويۇشىمىزمۇ مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە، خۇددى مۇنازىرىگە چۈشكەن رەقىبلەردەك "مېنىڭ توغرا، سېنىڭ خاتا" دەپ تاكاللىشىۋېرىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. ھاراقكەش بوپ كەتكەن ئەرلەر، كۈن بويى ئولتۇرۇش- چايلار بىلەن تالادىن كىرەلمەيدىغان ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مانا موشۇنداق تۈگىمەس "مېنىڭ توغرا، سېنىڭ خاتا"لىرى بولغان. يامان يولغا كىرىپ قالغان، ئائىلە بىلەن زادىلا كارى يوق بولۇپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى "زادى مېنىڭ يولدىشىم ئەسكى" دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشتىن بۇرۇن "يولدىشىم ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي چۈشكۈنلىشىپ موشۇ يولغا كىرىپ قالغانمىدۇ؟" دېگەننى كۆپرەك ئويلاش بېقىشى كېرەك. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا سەۋەبنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ئىزدەپ، ئاندىن قارشى تەرەپنى لىللا بىر مەيداندا تۇرۇپ ئانالىز قىلىپ باققىنى تۈزۈك. ئاياللارنىڭ زىيادە ساددىلىقىمۇ ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز ساددا، ئاق كۆڭۈل بىر ئايال بولسىڭىز، پىكىر خىيالىڭىز ئائىلە ۋە بالىنى ئوبدان بېقىشقىلا قارىتىلغان، باشقا ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىپ كەتمەيدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ "داۋىخو" ئېرىڭىزگە بۇ خىل "بىر خىل تۇرمۇش تېتىماي قالغان". ئەگەر يولدىشىڭىزغا ئېتىقاد، قانائەت ۋە پەزىلەت ھەمراھ بولسىغۇ مەيلى، لېكىن "قوشنىسىنىڭ قوش كۆرىنىدىغان" ئىشلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىر قىسىم دوستلارنى بىلىمەن " خوتۇنىڭدىن قورقىسەن" دەپ قويىمىز. خوتۇنى ئۇنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئاتايىن تاياق-توقماق ئىشلەتمەيدۇ. بەلكى ئۆزىنىڭ "ھۈنەرلىرى" ئارقىلىق ئۇنى ئائىلىگە باغلايدۇ. بۇ ئەھۋالنى ھەرگىزمۇ يامان دېگىلى بولمايدۇ. يەنە شۇنداق ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىمىز: بىر ئەرنىڭ ئايالى شۇنداق چىرايلىق، بىلىملىك، لېكىن ئېرىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بار. ھېلىقى ئاشنىسىغا قارىسىڭىز نە چىراينىڭ تايىنى يوق، مايماقلا بىر نېمە. ئۇنداقتا سەۋەب نەدە؟ مانا بۇ ئاياللار ھەر قاچان ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىلە. ساددىلىق ھەممىلا يەردە ئاقمايدۇ. بىر ياخشى ئەر بولۇشتىن، بىر ياخشى ئايال بولۇش خېلىلا تەس. ئاياللار ھەر قاچان ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا "مەن زادى قانچىلىك ئادەم؟ مەندىن نېمە خاتالىقلار ئۆتكەندۇ؟" دېگەنلەرنى ھەر ۋاقىت ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئۆز- ئۆزىنى دادىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىش پوزىتسىيىسى گەرچە بەزى ئادەملەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خىل سەمىمىي پوزىتسىيىدىن تەسىرلىنىدۇ ۋە تەبئىي ھالدا ئۆز - ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىدۇ.... (بۇ يازما شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، مەن كوومپۇتېردىكى نۇسخىسىنى يوللىدىم، لېكىن تولۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تېخى سېلىشتۇرمىدىم)
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاپام يىيەلمىگەن مارۇژنى

    كىچىك چاغلىرىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا بالىلاربايرىمى قالتىس داغىدۇغىلىق ئۆتكۈزىلەتتى. ئۇنداق چاغلاردا مەنمۇ بايرامنى قولدىنبەرمەي ئوينىۋېلىش ئۈچۈن ئاپامنى مېنى ئاپىرىڭ دەپ تۇرۇۋالاتتىم. ئىھتىمالباشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىم بولسا كېرەك. بالىلار...

  • بەختىمنىڭ سەۋەبچىسى قېينانام

    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيىمىزگە يېقىن يەردىكى بىر فابرىكىدا ئىشلەشكە باشلىدىم.ئىشداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى خوتۇن-قىزلار ئىدى.ئىشىمىزمۇ ئاسانئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. ئون سەككىز يېشىمدا ھازىرقى ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىردى...

  • ئانىنىڭ قارغىشى

    بىر ئوغۇل بالا قاپقاراڭغۇ ئورمان ئىچىدە كېتىۋېتىپ بىر ئايال پېرىخونغا ئۇچراپ قالدى. ئايال پېرىخون ئۇزۇن ئۆتكۈر تىرناقلىرىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى: ــ مىدىرلىما! مەن سېنى دۆت قىلىۋېتىمەن! بالا ئايال پېرىخوننىڭ گېپىگە ئىشەنمەي تۈفى دەپ قويۇ...

  • غاز كاۋىپى

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز _ چىقىمەن، - دىدى ھەنىپە بوسۇغىدىن ئاتلاپ بولغان ئېرىنىڭ قول سومكىسىنى ئۇزاتقاچ، _ ساۋاقداش، تەڭتۈشلىرىمدىنمۇ بىر- ئىككىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ بولۇشتى. يولىنى ماڭسىلا بولىدىغان گەپ ئىكەن. _ مەن ماڭمايمەن،- ئىشىك ئاراچلىرىدىن نەبىنىڭ...

  • ئەقىدەمگە يىغلايمەن

    (ھېكايە) ئايۇپ قادىر ئۈمىدى قۇربان ھېيت مەزگىلى ئىدى. يۇرتۇمغا تۇغقان يوقلاشقا كەلدىم. گەرچە خىزمەتكە چىققىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنىڭ نەزىرىدە ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان يوغان كادىر ھېسابلىناتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنىڭ باشقىچە ھۆرمىتىم...

  • «ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغىمۇ ئېيتما»

    - پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەرنىڭ داۋامى ئۇلار ئەر- خوتۇن بولۇپ ئون يىلغىچە پەرزەنتلىك بولالمىدى. بىر قىز بوۋاقنى بېقىۋالدى، بالىنى بەرگۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارىلىماسلىققا كېلىشتى. قىز 16 ياشقا كىردى، بۇ سىر ئىزچىل يوشۇرۇلدى. قوشنىسى بىلەن زىددىيەتل...

  • ئاپا،ماڭا ئۇۋال قىلدىڭىز

    مەن خۇشال- خۇرام يۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا چىرايىمدىن ھەمىشە كۈلكە كەتمەيدۇ. ئەمما، شۇ قېتىم مەن يىغلىدىم. ئۇ كۈنى ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، قۇياش ئەتراپقا نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتاتتى. مەكتەپتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ ئەما بىر بوۋاينىڭ ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ...

  • قىسمەت

    ھېكايە بۇرۇنقى زامانلاردا بىر يۇرتتىكى كالىلار ناھايىتى ئىناق-ئىجىل ياشايدىكەن.ئۇ زامانلاردا كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغان،ئالدايدىغان ئاچكۆزلۈك قىلىدىغان،بىر-بىرىنىڭ رىسقىغا كۆز قىزارتىدىغان ئىشلار پەقەت يوق ئىكەن.پەقەت ياراتقان ئىگىسىگە تۆۋبە ئىستىقبا...

  • دادا مېنى قاچان دادا دەيسەن

    (ھېكايە ) قادىر بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ توي قىلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،بۇ ئىككەيلەن چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ماقۇللىقى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.قادىر مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىكى يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ك...

  • مەن يالغۇز قالدىم

    مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك . مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم . مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئ...

  • ئۈچ قىزنىڭ مۇھەببىتى

    بىرىنچى قىز: تېخى نەچچە يىل ئاۋۋال، ئۇ تېخى قونچاق ئوينايدىغان كىچىكلا بىر قىز ئىدى. مانا ئەمدى، سۈپسۈزۈك ۋە بىغۇبار، ساددا ھېسسىياتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشقا قەدەم قويدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇيغۇلىرى ۋە تاتلىق، شېرىن بولغان بىر خىل سېزىمنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قا...

  • قار باسقان يوللار

    ھىجرانلار يەلكەمگە يېپىشقان مەھكەم. بەخىتنىڭ شولىسى قالدىكىن نەدە، پۇچۇلغان يۈرەككە تېپىلغايمۇ ئەم! ئۆيگە كىرىپ بوسۇغىدا ئايىقىمنى سېلىپ، تېخى بېشىمنى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا، يۈزۈمگە چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپلاق بىلەن، سەنتۈرلۈپ بېرىپ ئاياق ئىشكاپىنىڭ قىرىغا...

  • سىڭلىمغا ئەۋەتىلگەن خاتىرلىرىم

    مىنىڭ بۇ ختلەرنى سىڭلىمغا يازغىنىمغا خىلى كۇنلەر بولغان ئىدى،لىكىن پوچتىغا سىلىشتىن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن،چۇنكى خىتىم سەل قاتتىق تىگىپ كىتەرمۇ يا،،،، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،كۇزۇمنىڭ قارىسى،يۇرۇكۇمنىڭ پارىسى،ئۇماق سىڭلىم،سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟؟ئۇرۇمچىنىڭ...

  • قەلبىمگە قۇلاق سال

    (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار كاتىپ ئايالنىڭ بوش ۋاقتى كۆپ بولغاچقىمۇ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ ھەمىيشە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرەتتىم. ئۆزەممۇ كىتاپقا بەك ئامراق بولغاچقا بەزىدە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغاندەك تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قا...

  • قوشنا

    (ھېكايە) چېڭ نەن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىس 1 ناھىيىتى زۆرۈركى، تېخى بىر مىنۇت ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئۇ ئىشنى قايتىدىن تەپسىلى ئەسلىشىم كېرەك: ئۆيگە قايتتىم، بىناغا چىقتىم، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتتىم،توغرا، بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقاچقا پۇتلىرىم ئەشۇ ئاھاڭدەك يېنىك، شوخل...