يامغۇرلۇق گۇگۇم

ۋاقتى:2011-11-17 12:06مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

(ھېكايە)
روزىتوختى داۋۇت ئىز تورى بەك ياخشى



   گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى.
   ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىنغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ ئەت - يېنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ ئۇنىڭغا بىر دەممۇ ئارام بەرمەيتتى. ئۇ ئىڭرايتتى، تولغىناتتى، توختىماي ئىنجىقلايتتى. ئۇنىڭ  ئېڭەك گۆشلىرى  ئىچىگە تارتىشىپ زاڭاق سۆڭىكىلا چىقىپ قالغان، ساقال - بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ يېغى تۈگىگەن قارا چىراغدەك  پىلدىرلاپلا قالغان، پەقەت كۆز ئالمىسىنىڭ پىلدىرلاپ ئۇيان - بۇيان ئۆتۈپ تۇرۇشى ۋە ئاچچىق تولغىنىپ  ئىڭراشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەئەينى بىر مۇردىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئۇنى كۆز ئالدىدىن  كەتمەيۋاتقان ھېلىقى ئىشلار ھالسىرىتىۋەتكەنىدى. گويا يەر تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قانداقتۇر بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا بىر دەممۇ ئارام بەرمەيتتى. قەلبىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر غەشلىك ئېچىشتۇراتتى. ھەر قېتىم بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا قانداقتۇر بىرنەرسە ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق تىققاندەك سانجىلىپ، بەدەنلىرىنىڭ ئۈگە - ئۈگىلىرى قاتتىق ئاغرىپ يىلاندەك تولغىنىپ  كېتەتتى.
گۆر... گۆر... ۋۇ... ۋۇ... ۋۇ...
بۇ نېمە ئاۋازكىنە؟
ماشىنا ئاۋازى، توغرا، ماشىنا ئاۋازى، ھېلىقى ماشىنىنىڭ ئاۋازى...
دەل شۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا قىرىق كۈندىن بېرى بىردەممۇ ئارام بەرمەي كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ياتقىنىغا توپتوغرا قىرىق كۈن بولغانىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئاھ، قىرىق كۈن! جان قاقشاتقۇچ قىرىق كۈن! سەن نېمانچە ئۇزۇن، نېمانچە ئازابلىق - ھە؟! ئاللا ئىگەم ھېچ بەندىسىگە مۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن!...
ئۇنىڭغا بۇ قىرىق كۈن قىرىق يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. ئەنە شۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى كىشىگە تىنغىلى بولمايدىغان  قانداقتۇر بىر سىر كەلكۈن سۈيىدەك تېنىمسىز داۋالغۇپ ئۇنىڭ قەلبىدىكى يارا ئېغىزىنى قانىتىپ، ئۇنى مىڭ ئۆلتۈرۈپ، مىڭ تىرىلدۈرۈپ، تېگى كۆرۈنمەس خىيال دولقۇنلىرىدا پىرقىرىتىپ جەھەننەمگە تاشلىدى.
ئۇ ئەمدىلا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بېرى پۇل ئۈچۈنلا شاپاشلىدى. يىگىرمە نەچچە يىللىق ئۆمرى پۇلنى دەپ ئۆتتى. پۇلنى دېمىگەن بولسا ھېلىقى ئىشنىمۇ قىلمىغان، بۇنداق ئازابنىمۇ تارتمىغان بولاتتىمىكىن؟! بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئاھ پۇل!... كىشىلەرنى راھەتكىمۇ، ئازابقىمۇ گىرىپتار قىلىدىغان پۇل!
سېنىڭ مېھرىڭ نېمانچە ئىسسىق - ھە؟!...
ئۇ ھەممە خاپىلىقىنى پۇل تەمەسىدىن، پۇلنى دەپ قىلغان ھېلىقى ئىشىدىن كۆرەتتى. ئاشۇ نىجىس پۇلنى دېمىگەن بولسا ئۇ بۇنداق كۈنگە قالماسمىدىكىن؟!...
ئاھ خۇدا، نېمىشقىمۇ شۇنداق قىلغان بولغىيدىم؟!... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئۇ ئويلىناتتى، ھە دېسىلا ھېلىقى ئاۋاز، ئارقىدىنلا ھېلىقى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىردەممۇ ئارام بەرمەيتتى. شۇ كۈنى ئۇ ئاشخانىسىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن بىر كىچىك ماشىنىدا شەھەرگە كېتىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا شوپۇر، كەينىدىكى ئۈچ كىشىلىك ئورۇندا  ئۇ ھەم ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىنىڭ ئايال خوجايىنى ئولتۇراتتى. ئىككى تال ئۇزۇن چېچى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چوڭ، ياشلىق گۈلى ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان بۇ ئايالنىڭ ئېرى بىر يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ بىرى توققۇز ياشلىق، يەنە بىرى ئالتە ياشلىق ئىككى قىزى بىلەنلا قالغانىدى. ئۇ ئىككى بالىسىنى ئەنە شۇ كىچىككىنە ئاشخانىغا تايىنىپ بېقىپ كېلىۋاتاتتى. بىرنەچچىلا ئاشخانا، تىجارەت دۇكانلىرى بار بۇ كىچىككىنە سودا بازىرىدا ئۇنىڭ ئاشخانىسى  بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئاشخانىسى بىر يەردە،  يەنە كېلىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قارىشىپ تۇراتتى. ھەر قېتىم كىشىلەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ ئىچى ھەرە چاققاندەك تىتىلداپ، كىمدۇر بىرسى يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋالغاندەك تۇرالماي قالاتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

«مۇشۇ پاسكىنىنىڭ ئاشخانىسى بولمىغان بولسا ئاشۇ كىشىلەر مېنىڭ ئاشخانامغا كىرمەسمىدى، ئۇنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈۋاتقان پۇل مېنىڭ غەللەمگە چۈشمەسمىدى؟! مېنىڭ رىزقىمنى تارتىۋالغان بۇ پاسكىنىنى كۆزدىن يوقىتىش  كېرەك!...»
ئۇ ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە كىشىگە تىنغىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر سىر دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تېنىمسىز داۋالغۇيتتى. ئۇ كۆپ قېتىم كېچىسى ئوغرىلىقچە بېرىپ ئۇ ئايالنىڭ ئوچاقلىرىنى بۇزۇۋەتتى. لېكىن بۇ ئايال ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوچاقلىرىنى ياسىتىۋېلىپ سودىسىنى يەنە قىلىۋېرەتتى. ئۇ بۇنىڭغا چىدىماي بىرقانچە قېتىم ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە ئايەت ئوقۇلغان توپىلارنى چېچىپ باقتى، ئۇ: «ئايەت ئوقۇغان توپىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چاچسا شۇ ئۆيگە ئادەم كىرمەس بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدى. ئاخۇنۇملارنى چاقىرىپ دۇئا ئوقۇتتى. ئاخشاملىرى بېرىپ ئوچاقلىرىغا توپا - تاش، ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا كۈل - ئەخلەتلەرنى دۆۋىلەپ قويدى. كېچىلىرى بېرىپ تەرەت قىلىپ قويدى. لېكىن ھېچبىر چارە كار قىلمىدى. ئاقىۋەت بۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىغا كەلدى. لېكىن پۇرسىتىنى تاپالماي مۇشۇ يەرگە كەلگەنىدى. مانا بۈگۈن ئىككىسى يانمۇ  يان ئولتۇرۇپ شەھەرگە كېتىۋاتاتتى. قارىغاندا پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇنى يوقىتىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئوبدان پۇرسىتى بولامدۇ؟ «خۇدا بۇيرۇدى» دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنى يوقىتىش كېرەك! لېكىن قانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولار؟ ئۇ ئويلىنىپ قالدى. «ماشىنىدىن ئىتتىرىۋەتسەمچۇ؟...» ئۇ بىردىن ئەقلىنى تاپقاندەك بولۇپ ئوڭ قولىنىڭ مۇشتىنى سول قول ئالىقىنىغا ئۇرۇۋەتتى. «توغرا، بۈگۈنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك! ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش كېرەك! ئىتتىرىۋېتىش كېرەك!» ئۇ ۋاقىرىۋەتكىلى قىل قالدى. ئۇنىڭ ئەس - يادىنى ئەنە شۇ خىيال ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئىچىدە قانداقتۇر بىر زەھەرلىك يىلان ھەدەپ قۇتراۋاتاتتى. بىردىن ئۇنىڭ ئېسىگە قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا  ئاشخانىدا چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، كىمدۇر بىرسى سۆزلەپ بەرگەن بىر ۋەقە كېلىپ قالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
 بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى، دېگەنىدى ھېلىقى كىشى، ماشىنا يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندا توساتتىن ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كېتىپ ئىككى ئادەم ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ...»
«ھەببەللى، چارە دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ  ئويلىدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە شىۋىرلاپ. بۇمۇ بىر قاتناش ھادىسىسى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    ئۇ بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ئايالغا قارىدى. ئۇ ئايال كەپىنكە ئىشىكى تەرەپكە سىڭاريان بولغان ھالدا  كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ بەخىرامان ئولتۇراتتى. ماشىنا بولسا ساي يولىدا غۇيۇلداپ كېتىپ باراتتى. ئەتراپ غىڭ ساي بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئىنس - جىن  كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا ياخشى پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئالدىراپ قول سالماقچى بولدى. لېكىن شۇئان يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ پۇت - قوللىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ ئىككىلىنىپ شوپۇرغا قارىدى. شوپۇر ئالدىدىكى يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي پۈتۈن دىققىتى بىلەن رولنى باشقۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. ھېلىقى ئايال بولسا بەخىرامان ئولتۇرماقتا ئىدى. «ئىتتىرىۋېتىش كېرەك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك!...»

ئىز تورى بەك ياخشى


    ئۇنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك يىلان ھەدەپ قۇتراۋاتاتتى. ئۇ ئاستا كابىنكا ئىشىكىگە قول ئۇزاتتى. ئۇزاتتىيۇ، لېكىن شۇ ھامان قولىنى تارتىۋالدى. «كېيىن بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالسىچۇ؟ كابىنكا ئىشىكى نېمە بولۇپ ئېچىلىپ كەتتى، دەپ سوراشسىچۇ؟... گۇناھ بولماسمۇ؟!...»
« ساڭا تەئەللۇق نەرسىنى ئۇ تارتىۋېلىۋاتىدۇ، سەن ئەركەك ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئىككىلىنىسەن؟ پۇرسەتنى چىڭ تۇت!» زەھەرلىك يىلان يەنە كۇشۇلدىدى، شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ قىزىل، كۆك، سۆسۈن رەڭلىك پۇللار ئۇنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ ھېلىقى ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇ ئايال بولسا ئۇنىڭغا كۆز قىرىدا مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويۇپ كىشىلەرنى ئۆز ئاشخانىسىغا باشلاپ  كېتىۋاتقاندەك، توپ - توپ كىشىلەر توپا - چاڭلارنى ئۆرلىتىپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇ بولسا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا، توپا  - تۇمان ئارىسىدا قېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىردىن قېنى قىزىپ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلدى. پۈتۈن تېنى ۋاژىلداپ  كۆيگەندەك ئاچچىق بىر ئېقىم چوققىسىدىن كىرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. يېنىدا ئولتۇرغان  ئايال ئۇنىڭ يۈرىكىنى سوغۇرۇۋېلىۋاتقاندەك بىلىندى - دە، قولى ئىختىيارسىز كابىنكا ئىشىكىگە سوزۇلدى...

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    - ۋايجان!... ۋاييەي!...
   شوپۇر نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي كەينىگە قارىدى - دە، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىنى «غاچچىدە» تورمۇزلىدى. ماشىنا قاتتىق چاپچىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشتى...
    قاتناش تارماقلىرى بۇ ئىشتىن «بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى» دەپ يەكۈن چىقىرىشتى. مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى شوپۇرغا ئارتىلدى. ھېلىقى ئايال ماشىنىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەپىسى توختىغانىدى. بەختىگە يارىشا شوپۇر بىلەن ئۇ ئامان قالغان، پەقەت ماشىنا ئۆرۈلگەندە سوقۇلۇپ بېشى، يۈزى ھەم قول - بىلەكلىرى ئازراق زەخىملەنگەنىدى.
كىشىلەرمۇ بۇنى «بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى»  دەپلا چۈشىنىشتى. ھادىسىنىڭ  جەريانىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق گۇناھ ئارتىلمىدى. لېكىن شۇ ئىشتىن كېيىن نېمىدۇر بىرنەرسە ئۇنىڭ ئىچىنى تاتىلىغاندەك، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قوچۇۋاتقاندەك ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي كۆڭلىنى بىر خىل غەشلىك، دەككە - دۈككىچىلىك قاپلىۋالغانىدى. ھە دېگەندىلا ھېلىقى ئىش ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ  يۈرىكىنى مۇجۇپ، ئۇنى ساراسىمىگە سالاتتى.  ئۇ قانداقتۇر بىرنېمىدىن قورققاندەك نە ئۇيقۇسى، نە غىزا يېگۈسى كەلمەي پەرىشانلىق ئىلكىدە ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدى. بىراق جىمىكى بالا - قازانىڭ ھەننىۋاسى ئۆگۈنى تېرىلدى. كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشىپ ھېلىقى ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، مېيىتىنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇمۇ جامائەتنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ھاۋا تۇتۇق ئىدى، پۈتۈن ئەتراپنى داد - پەريادلار، يىغا - زار قاپلىغان بولۇپ، كىشىلەر ئېغىر قايغۇ ئىلكىدە كېتىشىۋاتاتتى. ھېلىقى ئايالنىڭ ئىككى بالىسى دەريا - دەريا ياش تۆككىنىچە، جىنازىغا ئېسىلىپ زار - زار يىغلايتتى، جىنازا  كۆتۈرۈپ ماڭغانلارنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىۋالاتتى، پۇتلىرىنى قۇچاقلىۋالاتتى، «ئانامنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟ ئۇنى ئېلىپ كەتمەڭلار!» دەپ يېلىناتتى، يالۋۇراتتى. ئۇلارنىڭ نالە - پەريادىغا  چىداپ بولمايتتى. پۈتۈن ئەتراپنى ئېچىنىشلىق يىغا - مۇڭ قاپلىغان بولۇپ، نامازغا كەلگەنلەرنىڭ  ھەممىسى ئىككى بالىنىڭ نالىسىغا چىدىماي يىغلاشماقتا ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇيۇقسىز قۇيۇندەك بىر ساراسىمە ئولىشىپ يۈرىكى ئاغقاندەك، ئوتتا پۇچۇلانغاندەك بولدى. شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشتى...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇ نېمىشقىمۇ بۇ يەرگە كەلگەن بولغىيدى؟ باشتا كەلمىگەن بولسا بوپتىكەن. كېلىپ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرمىگەن بولسا بۇنداق بولماسمىدىكىن؟!...
ئۇ ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە بولالمىدى. كۆرسەتمىگەن دوختۇر - تېۋىپلىرى، ئىشلەتمىگەن دورا - ئوكۇللىرى قالمىدى، ئوقۇتۇپ باقتى، ئىسرىقلىدى، لېكىن ھېچقايسىسى كار قىلمىدى، ئەكسىچە كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ، زەھەردەك ئاچچىق تۇيغۇلار ئۇنىڭ قەلبىنى تىلىپ بارغانسېرى ھالسىرىتىۋەتتى. ئۇ جىمىكى بالا - قازانى ھېلىقى ئىشتىن كۆرەتتى. شۇنىڭغا باغلاپ  ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى! «نېمىشقىمۇ شۇنداق قىلغان بولغىيدىم» دەپ پۇشايمان قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرغۇسى، جامائەت ئالدىدا قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۆز - ئۆزىنى  كاچاتلىغۇسى، «ئادەم بالىسى بولساڭلار بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلار!...» دېگۈسى، ھېلىقى ئىككى بالىدىن كەچۈرۈم سوراپ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان تاپقان پۇل - دۇنيالىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا بېرىپ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى تىلىگۈسى كېلەتتى. لېكىن ئورنىدىن تۇرالمايتتى. شۇلارنى ھەربىر ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچچىق ئەلەم، ھەسرەت، پۇشايمان تىغى تىلاتتى. قۇلاق تۈۋىدە نېمىدۇر بىرنەرسە توختىماي غۇڭۇلدايتتى، غۇڭۇلداش كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاغرىق كۈچىيىپ مېڭىسىنى بىر كىم پىچاق تىقىپ قوچۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئىڭراپ كېتەتتى، كۈن بويى «گۈر... گۈر... ۋۇ... ۋۇ...» قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدىن كەتمەيتتى، ھەر قېتىم بۇ ئاۋاز ئاڭلانغاندا ئۇ يىلاندەك تولغىنىپ  كېتەتتى. ئۇ بۇ ئاۋازغا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. لېكىن بۇ ئاۋاز توختىماي غۇڭۇلدايتتى. ئىز تورى www.iz.la
 گۈر... گۈر... گۈر... ۋۇ... ۋۇ... ۋۇ...
 ھېلىقى ئاۋاز  بارغانسىېرى كۈچىيىۋاتاتتى. بىردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ پۈتۈن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىككىيلەن ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
 ئەزرائىل، دەپ قىياس قىلدى ئۇ، جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن چېغى!...
ئۇ قورقۇپ قاچماقچى بولدى. لېكىن پۇت - قوللىرى مىدىرلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىردىن ھېلىقى ئىككىيلەن ئىككى كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىككى كىچىك بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ مۇشتۇمى تۈگۈلگەن، كۆزلىرىدىن ئوت چاچراپ تۇراتتى. ئۇ قاچماقچى بولدى. لېكىن مىدىرلىيالمىدى. شۇئان ھېلىقى ئىككى بالا يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۇنىڭغا چاڭگال سالدى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 سەن ئانامنى ... ئانامنى قايتۇرۇپ بەر، ئانامنى قايتۇرۇپ بەر، ۋۇ نومۇسسىز ئەبلەخ!
 ئاھ، ۋايجان!...
ئۇ قاتتىق ئىڭرىۋەتتى، شۇئان دېمى كېسىلىپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئاچچىق بىر ئاغرىق پۈتۈن تېنىگە يامرىدى.
 دادىسى، نېمە بولدىلا؟!
 دادا، نېمە بولدىڭىز؟!
ئۇنىڭ خوتۇن - بالىلىرى ئەتراپىغا ئولىشىپ  يىغلىشىپ كەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ يىغلاشقىنى ئۇنىڭغا ئاڭلانمايتتى. گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى. شىرقىراپ ياغقان يامغۇر كۈچىيىۋاتقاندەك قىلاتتى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تۈز سىزىق

    تۈز سىزىق(ھېكايە) ئاپتۇرى : چۇشتاق پازىل بۈگۈن كېچىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىكوندىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە، غۇۋا يېنىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىغا، نېرىدىكى بىنانىڭ چىرىقى يېنىق تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىلىرىگە بىزارلىق ئىلكىدە قا...

  • مۇنبەردىن باشلانغان مۇھەببەت

    مۇشۇ چاغلارغىچە 23 بەتلىك ھايات مۇساپەمدە مەن ئۇچۇن مۇھىم ۋە ئانچە مۇھىم بولمىغان ئادەملەر ئارىسىدا يەككە -يىگانە ياشاپ كەلدىم .ھاياتتىن ،تۇرمۇشتىن رازى بولغان چاغلىرىممۇ كۆپ بولدى .چۇنكى مەن ھەر جەھەتىن كۆپ بەخىتلىك ..مىنىڭ مۇكەممەللىككە .مېھىر-مۇھاببەتك...

  • گۈزەل بىر ھىكايە

    پاناق بۇرۇن بىر ئوغۇل بالا ئىككى ياش ۋاقىتىدا مېڭە ياللۇغى بولۇپ قالغاچقا ئەقلىي ئىقىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۆگىنىشتە تولىمۇ قىينىلىدۇ.مەسىلەن،باشقىلار ئىككى-ئۈچ يۈز خەتلىك ماقالىلەرنى يازغاندا،ئۇ ئاران تۆت-بەش قۇرلا خەت يازىدۇ.ئەمما، ئۇنىڭ يازغان ماقالىس...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇرسەت ئەنە شۇنداق ئاددى!

    بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنتايىن چىرايل...

  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...