بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ، فوركىس بېشىنىڭ يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتقانلىقىنى، كۆز ئەتراپىنىڭمۇ قارىداپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. نېرۋىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان فوركىس ئاخىرى پىسخولوگىيە دوختۇرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— قاراڭ دوختۇر، ماڭا بىر ياردەم قىلمىسىڭىز بولمىدى،-دېدى فوركىس يالۋۇرغان ھالدا،-ھەر كۈنى كەچتە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاي دېسەملا، دائىم كارىۋات ئاستىدا بىرى باردەكلا بىلىنىدۇ. ئەمما كارىۋات ياپقۇچىنى قايرىپ كارىۋات ئاستىغا قارىسام قۇپقۇرۇق. شۇنىڭ بىلەن بولماي كارىۋات ئاستىدا ئۇخلاپ باقتىم، بۇ ۋاقىتتا كارىۋات ئۈستىدە ئادەم باردەك بىلىندى. مۇشۇنداق قىلىپ مەن بىردەم كارىۋات ئۈستىدە، بىردەم كارىۋات ئاستىدا، بىردەم ئۈستىدە، بىردەم ئاستىدا ياتتىم... دوختۇر ماڭا چوقۇم ياردەم قىلىڭ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم ساراڭ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن.
دوختۇر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:
— سىزنى دەرھال داۋالىمىساق بولماپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلىڭىزنى ساقايتىش ئاسان ئەمەس، تەلىيىڭىزگە ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز، مەن مۇشۇ خىل روھىي كېسەللىكنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى،-دېدى.
فوركىس دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى.
— بەك ياخشى بولدى دوختۇر، قېنى ئېيتىڭە، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
— ئەمدىكى ئىككى يىلدا سىز ھەر ھەپتىسى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر سائەت مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىسىز ، كېسىلىڭىزنى چوقۇم ساقايتىۋېتىمەن،-دېدى دوختۇر.
— ھەق ئېلىش ئۆلچىمىڭىز قانداقكىن؟-سورىدى فوركىس. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— بىر سائەتكە 100 دوللار ئالىمەن .
— بەك قىممەتكەن ،- دەۋەتتى فوركىس.
ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، بىر كۈنى دوختۇر كوچىدا كېتىۋاتقان فوركىسنى ئۇچرىتىپ قالدى ، ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى ، كۆز چۆرىسىدىكى قارىلارمۇ يوقاپ كەتكەن ئىدى . دوختۇر قىزىققان ھالدا:
— سىز مېنى بىرلا ئىزدەپ بارغانچە ئىككىنچىلەپ كەلمىدىڭىز ، ئەجىبا كېسىلىڭىز ساقىيىپ كەتتىمۇ؟-دەپ سورىدى .
فوركىس كۈلۈپ تۇرۇپ:
— سىز بەك يۇقىرى ھەق ئالىدىكەنسىز، بىر قېتىمدا 100 دوللار ئالغىلى تۇرسىڭىز، مەن خانىۋەيران بولۇپ كەتكۈدەكمەن . كېيىن مەن 10 دوللارلا خەجلىۋىدىم كېسىلىم ساقىيىپ كەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دوختۇر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ:
— شۇنداقمۇ؟ بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن، بۇ جاھىل خاراكتېرلىك پىسخىكا كېسەللىكى ئىدى.
— ئەمما قاراڭچۇ دوختۇر، مانا ئالدىڭىزدا ساپمۇساق تۇرمامدىم.
— كېسىلىڭىز قانداق ساقىيىپ كەتتى؟-دەپ سورىدى دوختۇر قىزىققان ھالدا.
— ياغاچچى ئۇستامنى تەكلىپ قىلىپ، كارىۋاتنىڭ تۆت پۇتىنى كەستۈرۈۋەتتىم.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى