دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

ۋاقتى:2011-12-04 10:49مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم

(دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن)
   مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، قەيسىرانە، مېھرىبان ئوبرازى خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەن . بارلىقىنى بىز پەرزەنتلىرىگە بېغىشلاپ ، بىزنى قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانام گەرچە ھازىر قېرىپ جۈدەپ كەتكەن بولسىمۇ ، كۆيۈمچان دادامنى قىران شاھزادىگە ، مېھرىبان ئانامنى گۈزەل مەلىكىگە ئوخشىتىمەن. پەرزەنت ئۈچۈن دادىمۇ ، ئانىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ، ئوخشاشلا قەدىرلىك . ئۇلارنىڭ ئالەمچە مېھرى بىلەن چوڭ بولغان مەن ئۇلارغا بىر ئۆمۈر قەرزدار . شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنى قانچىلىك ماختىسام ، مەدھىيەلىسەم ئازلىق قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە . نۆۋەتتە، ئۆزەم بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مېنىڭ تۇنجى ئۇستازىم، مائارىپ بېغىدىكى تۆھپىكار باغۋەن، سۆيۈملۈك دادام ھەققىدە يازماقچىمەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   دادام ئابدۇرېھىم ھاشىم 1939-يىلى 10-ئايدا كورلا شەھىرىدە ئوقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە كورلا 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا سىنىپىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن چەرچەن ناھىيەسىگە ئالتە ئايلىق مۆھلەت بىلەن خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى تاكى 1981-يلىغىچە چەرچەن ناھىيەسىدە 26 يىل ئىشلەپ 1198-يىلى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن . 1993-يىلى 10-ئايدا مائارىپ ئۈچۈن 38 يىل قان-تەر ئاققۇزغان دادام شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىقتى . مانا بۇ يىل دادام 72 ياشقا كىردى. ‹‹ياشلار ئۈمىد بىلەن ، قېرىلار خاتىرە بىلەن ياشايدۇ ›› دېگەن ئىكەن زاندىرىس . شۇ تاپتا دادام ئۆز كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئۈمىد، جاپا-مۇشەققەت، ئەجىر ۋە مېۋە، كۆپلىگەن كەچمىش ۋە شېرىن ئەسلىمىلەر گىرەلەشكەن ھايات خاتىرىلىرىنى ۋاراقلىماقتا. مەنمۇ بىكار ۋاقىتلىرىمدا، بولۇپمۇ بېشىمغا مۈشكۈلاتلار كەلگەندە بالىلىق چاغلىرىمدىكى دادامنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يەتكۈچە تارتقان جەبرى- جاپالىرىنى، دادام باسقان ئۆچمەس ئىزلارنى ھۆرمەت بىلەن قانماي-قانماي ئەسلەپ قالىمەن. ئەينى يىلى دادام چەرچەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغاندا ئاران 17 ياشتا ئىكەن . ئۇ چەرچەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرىغا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بېرىلىپ ئىشلىگەن. چەرچەن ناھىيەسى بايىنغولىن ئوبلاستنىڭ ئەڭ چەت ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان، شارائىتى ناچار ناھىيە بولۇپ، دادام خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ناھايىتى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ قىلچە بوشاشمىغان. 1958-يىلى 9-ئايدىن 1959-يىلى 10-ئايغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا سىياسىي نەزەرىيە كەسىپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان . كېيىن ئانام بىلەن توي قىلىپ بىز ئالتە پەرزەنتكە دادا بولغان . دادام بىز پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئانامنى خىزمەتتىن چىقىرىۋالغان بولغاچقا ، بىز سەككىز جان دادامنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە 100 نەچچە يۈەن مائاشىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتۇق. ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق ئېغىر بولغاچقا ‹‹دادا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى›› دېگەندەك، جاپاكەش دادام ئۆز خىزمەت ئورنىدا كەسىپىنى قىزغىن سۆيۈپ، خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەپ ‹‹ماھىر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشسە، ئائىلىدە قانداق قىلسا بىزنى ياخشى باقالايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ باش قاتۇراتتى. ئارام كۈنلىرى چۆللۈككە بېرىپ ئوتۇن تېرىپ ئىككى كۈندە ئاران قايىتىپ كېلەتتى. ئۇ ئوتۇن ئەكىلىشكە تولاراق جۈمە كۈنى كەچتە ماڭاتتى. مۇنداق چاغدا زاغرىدىن بىر نەچچىنى قولياغلىققا ئوراپ، سۇدانغا سۇ قاچىلاپ يولغا چىقاتتى. ئەتىسى تاتلىق ئويقۇغا قېنىپ ئويغانغان ۋاقتىمدا دادام نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ؟ داداممۇ مۇشۇنداق قېنىپ ئوخلىۋالسىچۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. يەكشەنبە كۈنى سەھەردە دادام ئوتۇننى ئېلىپ قايىتىپ كېلەتتى. ئۇكىللىرىم بىلەن ئوتۇننى ھويلىغا توشۇيتتۇق. شۇ چاغدىكى ئوتۇن توشۇيدىغان ئىشلارمۇ بىزگە كۆڭۈللۈك بىلىنەتتى. بۇ ۋاقىتتىكى دادامنىڭ تۇرقىنى دېمەيسىز. كىيىم-كېچەك، يۈز-كۆزلىرى توپا، قوللىرى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ خۇددى جاپاكەش دېھقانغىلا ئوخشاپ قالاتتى . يازدا دادامنىڭ يېتەكلىشى بىلەن باشاق تېرەتتۇق. دادام تەرگەن بۇغداي ، قوناق ، ئارپىلارنى زاۋۇتقا ئاپىرىپ تارتىپ ئۇن قىلىپ كېلەتتى . دادام بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايتتى. ئۇ ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەننى ياخشى يېگۈزۈش ، ياخشى كىيدۇرۇش ، ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنەتتى، تىرىشاتتى . بازاردىن ئاجىزراق ، ئۇرۇق قويلارنى ئەرزان سېتىۋېلىپ كېلىپ ئۆيدە باقاتتۇق . دادام ئىشتىن كېلىپ قويلارغا ھەلەپ بېرەتتى . بىز مەكتەپكە ماڭغۇچە، كەلگەندىن كېيىن قويلارغا ئوت ئەكىلەتتۇق . قويلار سەمىرىگەندە ئۆلتۈرۈپ يەيتتۇق. جاسارەتلىك دادام مەكتەپتە خىزمەتنىڭ ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي يەنە ھويلىمىزغا ئۈزۈم تال تىكىپ ھويلىمىزنى چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزۈۋېتەتتى . يازدا يەنە ھويلىغا كۈدە، شوخلا، جاڭدو، كەرەپشە، سەۋزە، چامغۇر دېگەندەك كۆكتاتلارنى تېرىپ ئائىلىمىزنى قامدىغاندىن باشقا يەنە قولۇم- قوشنىلارنىمۇ تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەتتى . يۇقىرقىلار مېھرىبان دادامنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىمىزنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن قىلغان ئەڭ جاپالىق ئىشلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىلا، خالاس. كېيىنكى كۈنلەردە بىز كەينى-كەينىدىن ئالىي مەكتەپكە ماڭدۇق . بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . مەن دادامنىڭ دائىم مائاش چىققاندا خىزمەتداش ۋە ئەل ئاغىنلىرىدىن قەرز ئالغان پۇللارنى قايتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتىم . دادام ، ئانام ئەنە ئاشۇنداق جاپالىق شارائىتتا تېجەشلىك بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ ، بىز پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلىگەچكە ، ئالتە پەرزەنت جەمئىيەتتىن تېگىشلىك ئورنىمىزنى تاپتۇق . ئىككى ئىنىم ۋە مەن دادامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇق . چوڭ ھەدەم دوختۇر، كىچىك ھەدەم ئاگرانوم، كىچىك ئىنىم دىكتور بولدى . بىز ئالتە پەرزەنتنىڭ تۆتىمىز تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ، ئىككىمىز ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە بولدۇق . بۇلارنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ بىزنى ياخشى تەربىيەلىگەنلىكىنىڭ، بىزگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. بۇنى ئويلىسام يەنىلا بىز كىچىك ۋاقىتتىكى ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ.
copyright by www.iz.la

   ئەينى يىللاردا دادام بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزنى بەك چىڭ تۇتاتتى . بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغىنىغا قارىماي ئۆيگە كىرىپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. تاپشۇرۇقلىرىمىزنى بىردىن-بىر كۆزدىن كەچۈرەتتى . دادام يەنە بىزنى ‹‹خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىڭلار›› دەپ بۇ جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قوياتتى. بىر كۈنى دادام ناھايىتى توم ، تېشى قاتتىق ، خورۇم بىلەن مۇقاۋىلانغان بىر نەچچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەتنى ئۆيگە ئېلىپ كىردى . بىز بالىلار خۇشاللىقىمىزدىن چورقىرىشىپ كەتتۇق. دادام بىزگە: ‹‹بالىلىرىم ئۆيدە شۇنچە قىيىنچىلىق بولغىنىغا قارىماي سىلەرگە بۇ لۇغەتلەرنى سېتىۋالدىم ، مەقسىتىم سىلەرنى ياخشى ئۆگەنسىكەن دەيمەن ››، دېدى. بىز تەڭلا ‹‹ماقۇل دادا›› دەپ تۆۋلىدۇق. دادام بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي ، يەنە بىزگە تۇرمۇشتا ئىقتىسادچىل بولۇشنى، ئەخلاق پەزىلەتلىك بولۇشنى، قىسقىسى، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىپ تۇراتتى. بىر ئىش ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم ئىككى ئىنىم يوق ئىشنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى . بۇنى كۆرگەن دادام بەكمۇ خاپا بولۇپ كەتتى ۋە ئۇلارنى ئۇرۇشۇشتىن توختىتىپ مۇنداق دېدى: ‹‹نېمىشقا بىر-بىرىڭلار بىلەن دائىم چىقىشالمايسىلەر ؟ بىر تۇغقان تۇرۇپ ئەپ ئۆتەلمىسەڭلار ، خەق بىلەن قانداق ئەپ ئۆتىسىلەر. بۇ بىر مۇناپىقلىققۇ ؟ ۋىجدان ئىگىسى ئاۋال ئۆز قېرىندىشى بىلەن ئىناق ئۆتۈشى كېرەك ››. كونىلار ‹‹بىر قېتىم جېدەل بولغان ئۆيدە 40 كۈن بەرىكەت قاچار دەپتىكەن . شۇڭا بالىلىرىم ئىناق ئۆتۈڭلار » دېدى . ئەينى ۋاقىتتا دادام ئېيتقان بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن . مانا ئەمدى ۋىجدان نېمە؟ مۇناپىق نېمە ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىشقا باشلىدىم... مەن يەنە دادامنىڭ ‹‹ئۆز ئىشىڭلارغا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار›› دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەندىم. دادام ھازىرمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز يېرىم ، غەمكىن بولۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزدا غەمكىنلىك ئادەم ئۈچۈن پەقەتلا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، كەيپىياتىڭلارنى ئۆزۈڭلار تەڭشەپ، ئۈمىدۋار بولۇڭلار، ‹‹ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ ئولتۇرۇۋالماي توختىماي تىرىشىڭلار، ئىزدىنىڭلار دەپ نەسىھەت قىلىدۇ ۋە بىزنى توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   دادامنى شۇنچە ھۆرمەتلىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ مېھرىبان دادا بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ۋاپادار ئەر بولغانلىقى. سۆيۈملۈك ئانام بىز ئالتە پەرزەنتنى تۇغۇپ بېجىرىم چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش جەريانىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاننى ئاز دەپ ئالتە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ كېسەل ئازابىنىمۇ يەتكۈچە تارتتى. ئانام ھەر قېتىم ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا ياكى ئوپېراتسىيەگە چۈشكەندە دادام بىزگە ‹‹ئوقۇشۇڭلارنى ئوقۇڭلار، خىزمىتىڭلارنى ئىشلەڭلار، ئاناڭلارغا ئۆزۈم قارايمەن›› دەپ بىزنى يېقىن كەلتۈرمەي، ئانامنى ئۆزى باقاتتى. ئۆيدە ئۆزى تاماق ئېتەتتى. ھەممە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى. ئانامنىڭ سالامەتلىكىنى تېزراق ئەسلىگە كەلسۇن دەپ ئۆزى گۆشسىز تاماق يەپ ئانامغا شورپا سالاتتى. ئانامنىڭ ھەر قېتىملىق ئوپېراتسىيەگە كەتكەن ئىقتىسادىي چىقىمىنىمۇ دېمەيلا قوياي... شۇ كۈنلەردە دادام بىر تەرەپتىن خىزمەت، بىر تەرەپتىن ئۆي ئىشلىرى، ئانامنى كۈتۈش ۋە بىزنى بېقىش جاپاسىدا جۈدەپ ئورۇقلاپلا كېتەتتى... ئۇنىڭ بەزىدە شۇنداق ھارغىن ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ يىغلاپ كېتەتتىم. ئىشچان دادام ھەممە تاماقنى ئۆزى ئېتەتتى. دادامنىڭ ئەپچىل قولى بىلەن مانتا تۈگۈشلىرىنى كۆرسىڭىز، ئۇنى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن ماھىر ئاشپەز ئۇستاممىكىن دەپ قالىسىز. مەنمۇ مانتا تۈگۈشنى دادامدىن ئۆگەنگەن. ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار يېڭى توي قىلغاندا دادام ئانامغا تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىپتىكەن. دادام يەنە ئانام ساق چاغلاردىمۇ ‹‹ئاناڭلار سىلەرنى بېقىپ جاپا تارتىۋاتىدۇ، ناننى مەن ياقاي›› دەپ تونۇرغا نان ياقاتتى... بۇلارنى يازسام يېزىپ تۈگىتەلمەيمەن. كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. شۇڭا دادامنى ئاددىيلا سۆز بىلەن ئەمەس، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن مېھرىبان دادا، ياخشى ئەر دەپ تەرپلەيمەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   ‹‹كۆرگەن كۆرگەننى قىلار، كۆرمىگەن نېمىنى قىلار؟›› دېگەندەك دادامنىڭ ئاتا- ئانىسىغا بولغان چەكسىز كۆيۈمچانلىقى ۋە چوڭقۇر مېھرى-مۇھاببىتى، بىز پەزەنتلەرگە ئاتا-ئانىغا قانداق كۆيۈنۈشنى، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، قانداق پەرزەنت بولۇشنى ئۆگەتكەن. ئەينى يىللاردا چەرچەن ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان دادام كورلىدىكى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمايتتى. تەتىل بولسىلا ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كېلەتتى. ئەينى چاغدا قاتناش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، قىسقىسى، قاتناش قورالى يوق دېيەرلىك بولغاچقا چەرچەندىن كورلىغا ھازىرقىدەك نەچچە سائەت ئەمەس، نەچچە كۈندە ئاران يېتىپ بارغىلى بولاتتى. يەنى كۆپىنچى ۋاقىتلاردا چاقىلىققىچە ئېشەك ھارۋىدا بېرىپ، چاقىلىقتىن يۈك ماشىنىسى ئوقۇشۇپ ئاندىن كورلىغا باراتتۇق. يول ئەسكى، سەپەر شۇنداق ئۇزۇن، جاپالىق بولسىمۇ دادام پۇرسەت تاپسىلا كورلىغا بېرىپ چوڭ دادام، چوڭ ئاناملارنى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاپ كېلەتتى. مەلۇم بىر يىلى بىز بىر ئائىلە كىشلىرى چوڭ داداملارنىڭكىگە كەلدۇق. شۇ چاغدا چوڭ دادام ھاشىم نورۇز چوڭ، دادامغا چوڭقۇر مېھرى بىلەن تويمىغان ھالدا قاراپ قوللىرىنى تۇتۇپ شۇنداق دېدى: ‹‹جېنىم بالام ئابدۇرېھىم، سەن كىچىكىڭدىن تارتىپ جاپادا چوڭ بولغان، ھازىرمۇ چەت ناھىيەدە ئىشلەپ كۆپ جاپا تارتىۋاتىسەن، سەن ئوقۇغان ۋاقىتلاردىمۇ ئائىلىمىزنىڭ ھال كۈنى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۆزۈڭنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا يالغۇزلا شەھەرگە كىرىپ ئوقۇدۇڭ. تەتىل كۈنلىرى كېسەك قويۇپ پۇل تېپىپ ئوقۇش پولۇڭنى ئۆزۈڭ ھەل قىلىپ بىزگە ئېغىرىڭنى سالمىدىڭ ھەم بىزگە ھەر دائىم سىڭىللىرىڭنى، ئوكىلىرىڭنى مەكتەپتە چوقۇم ئوقۇتۇش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا سەۋەبچى بولدۇڭ. 17 يېشىڭدا يېنىمىزدىن ئايرىلغانچە ئاشۇ يىراق يەردە ئىشلەۋاتىسەن. بىز تەشكىلگە دەردىمىزنى ئېيتايلى، دەرھال يۆتكىلىپ كەلگىن. كۆزىمىزنىڭ ئوچۇقىدا يېنىمىزدا تۇرغىن، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز توق تۇرسۇن›› دېدى. چوڭ ئاناممۇ مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان دادام ئەدەب بىلەن پەس ئاۋازدا: ‹‹جېنىم دادا، ئانا مېنىڭمۇ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا يېنىڭلارغا يۆتكىلىپ كەلگۈم، سىلەرنى پەرزەنت، نەۋرە مېھرىگە قاندۇرغۇم، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىۋالغۇم بار. ئەمما ئۇ جاي ماڭا تولىمۇ ئېھتىياجلىق. ئۇ يەردە ئوقۇتقۇچى كەمچىل، ھازىرچە قايىتىپ كېلەلمەيمەن. ئەمما ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز قايتىپ كېلىمەن›› دېدى. گەرچە دادام شۇنداق ۋەدە بەرگەن ۋە يۆتكىلىپ كېتىشنى تالاي قېتىم ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىلىمگە تەشنا سەبىيلەرنىڭ ئوماق چىرايى، ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست چەرچەن خەلقىنىڭ ئۈمىدلىك بېقىشلىرى، رەھبەرلىكنىڭ ‹‹بۇ يەردىن كەتسىڭىز بولمايدۇ، يەنە بىر مەزگىل ئىشلەپ بەرسىڭىز›› دەپ قايتا-قايتا ئىلتىجا قىلىشى دادامنى بۇ يولدىن توسۇپ قوياتتى. يىللار، ئايلار ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ئۆتۈۋەردى. شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ياشلىق دەۋرى، ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى تەكلىماكاننىڭ ئېتىكىدىكى بۇ ناھىيەدە ئۆتتى..... دادام كۈندىن-كۈنگە قېرىپ كېتىۋاتقان ئاتا-ئانىسىنى ئويلىسا كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولاتتى. 1979-يىلى چوڭ دادام ھاشىم نورۇز چوڭ ئالەمدىن ئۆتتى. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، دادام چوڭ دادامنىڭ سوغۇق يۈزىنى بولسىمۇ كۆرەلمىدى. ئارا يىراق بولغاچقا دادام يىتىپ بارغىچە چوڭ دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىمۇ بىر تەرەپ قىلىپ بولغان ئىدى. www.iz.la
   تەقدىر تولىمۇ رەھىمسىز كېلىدىكەن. چوڭ دادامنىڭ دادامغا دەيدىغان نورغۇن يۈرەك سۆزلىرى بولغىيدى-ھە؟ دادامنىڭمۇ ئۇنىڭغا قىلىپ بېرىشىنى ئويلىغان نورغۇن ئىشلىرى بولغىيدى؟ ئەمما تەقدىر يول قويمىدى. دادام بۇ كۈنلەردە تولىمۇ ئازابلاندى، كۆپ قايغۇردى. ئەمما ئىشلار ئورنىغا كەلمەيتتى..... دادام تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ خىزمەتكە بۇرۇنقىدەك بېرىلىپ كەتتى. 1981-يىلى قىشتا دادام ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭغا دادام شۇنداق خۇشال بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر يەرلىرىدىن قىيمايۋاتاتتى. بىز بالىلار ‹‹كېتەيلى دادا، چوڭ ئانامنىڭ يېنىغا يۆتكىلىپ كېتەيلى›› دەپ توۋلىشىپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئاناممۇ كۆپ قېتىم خەت يېزىپ يۆتكىلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا ھەم ياشىنىپ قالغان چوڭ ئانامنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىسى بولغان دادامدىن ئايرىلىپ تۇرۇۋېرىشكە تاقىتى يوقلۇقىنى بىلگەچكە، دادام ئاخىرى يۆتكىلىشكە قوشۇلدى. مېھرى ئىسسىق چەرچەن خەلقى دادامنى كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزىتىپ قويدى. بىز شۇ يىلى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئائىلە بويىچە كۆچۈپ كەلدۇق. دادام سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەندى. بېرىلىپ ئىشلەپ ئۆزىدە ئەستايىدىللىق يېتىشتۈرگەن، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر دائىم قاتتىق تەلەپ قويىدىغان دادام بۇ مەكتەپتىمۇ تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. ئۇ دەرس ئۆتۈشكە ماھىر، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشكە قادىر بولغاچقا ئىزچىل سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى. يەنە كېلىپ مەكتەپتىكى باشقۇرۇش تەس، ئوقۇغۇچىلار قورۇلمىسى مۇرەككەپ سىنىپلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق تەربىيەلىرى بىلەن بۇ سىنىپلارنى تېزلا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزەتتى. دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار دادامنى ‹‹ئىسمى جىسمىغا لايىق كۆيۈمچان ئۇستاز›› دەپ تەرپلەشكەنلىرىدە، مەن دادامدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. دادام دەم ئېلىش بولسىلا ھەتتا بەزىدە كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بولسىمۇ قوشئېرىق يېزىسىنىڭ چىغىرتماق كەنتىدىكى ئانىسىنى يوقلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئەينى يىللاردا يېزىلارغا ئاپتوبۇس ماڭمىغاچقا شەھەر ئىچىدىن قوشئېرىق يېزىسىغا بارىدىغان 20 كىلومېتىرچە يولنى دادام ۋېلسىپىت مىنىپ باساتتى. بەزىدە بىزنىمۇ بىللە ئېلىۋالاتتى. دادام يېزىغا بارسىلا قارا سومكىغا تاتلىق تۈرۈم، گۆش دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى ۋە دورىلارنى ئېلىپ چوڭ ئانامغا ئېلىپ باراتتى. يول ئەسكى بولغاچقا بېرىپ بولغۇچە بىر چېچىدىن بىر تەر چىقىپ كېتىدىغان دادام ئىشىكتىن كىرىپ بىردەم ھاردۇق ئېلىۋېلىپلا، چوڭ ئانامنىڭ قىلىپ بولالمىغان ياكى قىلالمىغان ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلايتتى. ئەمدى بىلسەم ئاشۇ چاغدا دادام بىر مىنۇت بولسىمۇ ئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋالاي، دەپ ئويلىغان ئىكەن! دادامنىڭ بۇ كۆيۈمچانلىقىدىن بىز بەكمۇ تەسىرلىنىپ كېتەتتۇق. دادام چوڭ ئانام ئەپرۇسخان 1997-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئۇنى بېقىپ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلدى ۋە بۇ جەھەتتە بىزگە ئۈلگە، نەمۇنە بولدى . مانا ئەمدى مەنمۇ ئىككى بالىغا ئانا بولدۇم . ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىدىم ۋە دادامنىڭ ئەينى يىللاردا بىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك بولدۇم. دادامنىڭ قەلبى ئاقكۆڭۈللۈك، سەۋر-تاقەت، چىدام-جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بىلەن تولغان ئىكەن . شۇڭا دادامنى تەرپلەشكە ھەر قانچە تىرىشساممۇ قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ... گەرچە قېرىش بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بولسىمۇ ، بەزىدە دادامنىڭ مۈكچەيگەن بەستىگە، كۈندىن كۈنگە ئاجىزلىشىۋاتقان قەدەملىرىگە قاراپ ئەينى يىللىرى ئاشۇ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولسا داداممۇ باشقا مويسىپىتلارغا ئوخشاش ساغلام تۇرار بولغىمىدى ، دەپ ئويلاپ قالىمەن . ئەمما ‹‹ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن›› دېگەندەك، دادام تەربىيەلىگەن نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوبلاستىمىز، ئاپتونوم رايونىمىز ھەتتا مەركەزدە ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەپ تۆھپە قوشماقتا. بىز ئالتە پەرزەنتمۇ دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ ئۇنى يەرگە قاراتمىدۇق. تەشكىلمۇ دادامنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كۆپ قېتىم ئوبلاست دەرىجىلىك ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىلغار پارتىيە ئەزاسى››، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى›› دېگەندەك شەرەپلىك ناملارنى بەردى. دادام تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا دادامنى چاقىرىپ تون كىيگۈزۈشلىرى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ، دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىۋاتقان دەستە-دەستە گۈللەر، ئاغرىپ قالغىنىنى ئاڭلاپلا قالسا ، يوقلاپ ئەھۋال سوراشلىرى ، بىزلەرنى كۆرگەندىمۇ دادامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ دادامغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سالامەتلىك تىلەشلىرى، ھەتتا بىزنىمۇ ئوستازىمىزنىڭ پەرزەنتى دەپ قاراپ ھۆرمەت بىلەن خەيرىخاھلىق قىلىپ كېتىشلىرى، دادامنىڭ ئۆچمەس تۆھپىسىنىڭ، ئەجىر مېۋىسىنىڭ مەھسۇلى بولسا كېرەك ، دەپ ئويلايمەن .
www.iz.la

   ئەي قەلبى پاك ، پەرىشتە كەبىي دادا ، سىز قەلبىمىزدە نۇرانە مويسىپىت، ئالىيجاناپ دانىشمەن ، مېھرىبان ئۇستاز، بىز پەرزەنتلەر سىزدىن پەخىرلىنىمىز، سىز مېنىڭ كەسىپىمدىكى ئۇستازىم بولسىڭىز، ھايات مۇساپەمدىكى ئۈلگەم.
   دادا، ياش چاغلىرىڭىزدا ئىسپورتچىلاردەك چاققان، تېتىك، ساغلام بولسىڭىز، مانا ئەمدى قېرىلىق ئازابى ۋە كېسەللىك ئازابى سىزنى ھالسىراتتى. سىز كۆپ چارچىدىڭىز، ھاردىڭىز، كېلىڭ دادا، قۇرۇق باسقان يۈزلىرىڭىزنى، ئاقارغان چاچلىرىڭىزنى مېھرىم بىلەن سىلاي، مۈكچەيگەن بەللىرىڭىزنى تۇتۇپ قوياي، ماغدۇرسىز پۇتلىرىڭىزنى ئىسسىق سۇ بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيۇپ قوياي. بىردەم بولسىمۇ راھەتلىنىڭ، سىز ئانام ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، سىزگە مېھرى بىلەن باقىدىغان، سىزگە كۆيۈنىدىغان بارلىق يېقىن كىشلىرىڭىز ئۈچۈن سالامەت بولۇڭ. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ دادا.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   (ئاپتور: كورلا شەھىرى تېكىچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىدا) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...