يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

ۋاقتى:2011-11-30 17:54مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

سۈن جىڭفېڭ


     چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى.
     كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چۇلغۇۋالدى. بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن دادام دۇدۇقلاپ ئېغىز ئاچتى:
   – بالام، نەتىجەڭ نومۇر چېكىدىن  ئون نومۇر يۇقىرىكەن، قايسى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇۋالالماپتىمەن. قايتىشىمدا دىققەتسىزلىكىمدىن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، چاقىرىق قەغىزىڭ...

ئىز تورى www.iz.la

    دادامنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقات قىلالمىدىم. ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتىم. ئاشۇ ئاخشىمىدىن باشلاپ دادامنىڭ چىرايىغا قارىمىدىم.
     ئوقۇش باشلانغاندا باشقا مەكتەپنىڭ قايتا ئوقۇش سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ‹‹خەپ›› دېگەن بىر خىل ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئوقۇدۇم. بىر يىللىق جاپالىق ئەجرىم مېۋە بەردى. ئاخىر چۈشۈمدىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇۋالدىم – دە، ئىلگىرىكى مەكتىپىمگە بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئوقۇتقۇچىلىرىمغا يەتكۈزمەكچى بولدۇم.
    سىنىپ مەسئۇلۇم بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ مېنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن:

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


    – سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىڭ، ئەمما بۇلتۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگىنىڭگە مەنمۇ ئەپسۇسلاندىم. مانا بۇ يىل غەيرەت قىلىپسەن، ئەمدى داداڭمۇ خاتىرجەم بولىدىغان بولدى،  دېدى.
    – نېمە؟ بۇلتۇر نومۇرۇم توشماپتىكەنما؟  سورىدىم ھەيرانلىق بىلەن.
    – بۇلتۇر داداڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ نەتىجەڭنى ئۇققاندىن كېيىن ماڭا ‹‹بالامنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكى چوڭ ئىش ئەمەس، مەن ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن›› دېگەنىدى. داداڭ قانداق ئۇسۇل بىلەن سېنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردىكىن، بىلمىدىم،  دېدى مۇئەللىم.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


     ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىم خىرەلەشتى. ئەينى چاغدا دادامنىڭ مېنى روھىي زەربىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن قەستەن كۆۋرۈكتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ چاناقلىرىم ياشقا تولدى. شۇئان ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. كاللامدا قولۇمدىكى چاقىرىق قەغىزىنى دادامغا تېزرەك كۆرسىتىش، دادامنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى يالغان سۆزلىرى  ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشلا بار ئىدى...
      ساتتار غۇپۇر تەرجىمىسى
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...