بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇيان ئىزدەپ، ئاخىرى دەرەخكە قارىسا ،بىرتوپ مايمۇنلار قالپاقلارنى كېيىپ دەرەخ شىخىدا ئولتۇرغىدەك .بوۋاي قالپېقىمنى قايتۇرۇپ بىرىڭلار دەپ مايمۇنلارغا يالۋۇرغان بولسىمۇ ،مايمۇنلار قالپاقنى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ .ئاخىرى بوۋاينىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ - دە،مايمۇنلارغا قاراپ سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىكەن ، مايمۇنلارمۇ سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ، ئاندىن ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىكەن ،مايمۇنلارمۇ ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ .بوۋاي پۇرسەت يېتىپ كەلدى دەپ ئويلاپ ، بېشىدىكى قالپاقنى يەرگە تاشلىغان ئىكەن،مايمۇنلارمۇ بېشىدىكى قالپاقنى يەرگە تاشلاپتۇ ،بوۋاي يەردىكى قالپاقلارنى تېرىۋىلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ ۋە بۇ ۋەقەنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بىرىپتۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! يىللار ئۆتۈپ قالپاق ساتىدىغان ئىش بوۋاينىڭ نەۋرىسىگە مىراس قاپتۇ .بوۋاينىڭ نەۋرىسى بىركۈنى قالپاق سىتىپ بەك چارچاپ كىتىپتۇ - دە، ئۇمۇ بوۋىسىغا ئوخشاش بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇيان ئىزدەپ، ئاخىرى دەرەخكە قارىسا ،بىرتوپ مايمۇنلار قالپاقلارنى كېيىپ دەرەخ شىخىدا ئولتۇرغىدەك ،شۇچاغدا ئۇنىڭ ئېسىگە بوۋىسى سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بوۋىسىغا ئوخشاشلا دە،مايمۇنلارغا قاراپ سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىكەن ، مايمۇنلارمۇ سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ، ئاندىن ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىكەن ،مايمۇنلارمۇ ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپتۇ بېشىدىكى قالپاقنى يەرگە تاشلىغان ئىكەن، بىر مايمۇن دەرەختىن سەكرەپ چۈشۈپ قالپاقنى ئىلىپ دەرەخكە چىقىپ كىتىپتۇ - دە، ئۇنىڭغا قاراپ:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- سىنىڭ بوۋاڭ بولسا ، بىزنىڭ بوۋېمىز يوقمىكەن - دەپتۇ
خەتكۈچلەر: