ئىپپەتئاي

ۋاقتى:2011-11-27 11:55مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئاپتورى:سۈزۈك ئاي بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

ئىز تورى www.iz.la

(چۆچەك)

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

"ئىپپەتئاي"ناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام...
  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر.
- ھېكمەت خاتىرلىرىدىن -              
  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى سودىگەر بولغاچقا داۋاملىق ئۆيدە تۇرالمايدىكەن. شۇڭا ئۇ قىزى ئىپپەتئاي بىلەن دائىم يالغۇز قالىدىكەن. ئىپپەتخاننىڭ ئىپپەتلىكىدىن، نۇمۇسچانلىقىدىن پۈتكۈل مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قايىل ئىكەن. ئۇنى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق "ئىپپەتخان"دەپ تەرىپلىشىدىكەن. ئۇنىڭ قىزى ئىپپەتئايمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل،نۇمۇسچان، چىرايلىق قىز ئىكەن.
كۈنلەر، ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ، ئىپپەتئاي شۇنداق گۈزەل قىز بولۇپ چوڭ بوپتۇكى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى پۈتكۈل يۇرتقا داڭق كېتىپتۇ. شۇڭا ئىپپەتخان قىزىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ. قىزىغا ئۆزىنى قانداق قوغداش، يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە سۆزلەپ بەرمەكچى بوپتۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بىر كۈنى ئىپپەتخان قىزى ئىپپەتئاينى يېنىغا چاقىرىپتۇ. ئىپپەتخان بىر ساندۇقنى كۆتۈرۈپ ئەپچىقىپ ئىپپەتئاينىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئىپپەتئاي ئالدىراپ ئانىسىدىن سوراپتۇ:
- ئانا، بۇ ساندۇقتا نېمە بار؟ قۇلۇپ بىلەن چىڭ تاقالغانغا قارىغاندا، ئىچىدە ئېسىل ئۈنچە مەرۋايىت بار ئوخشىمامدۇ؟ -دەپتۇ. ئىپپەتخان ساندۇقنى ئاچماق ئۈچۈن تەرەددۇتلىنىپ:
- قىزىم، بۇ مەن ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتىنمۇ قىمەتلىك گۆھەر. مۇشۇ گۆھەر بىلەن مەن باشقىلار ئالدىدا ئىززەتلىك، ھۆرمەتلىك ئايال بولالىغان. بۇ ئاتاڭنىڭ ئىززىتى، مېنىڭ ھۆرمۈتۈم، -دەپتۇ ۋە ساندۇقنى ئېچىپتۇ. ئىپپەتئاي ساندۇق ئىچىدىكى گۆھەرنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ. ساندۇق ئىچىدىن ئاپئاق بىر پارچە رەخت بىلەن غىلاپلانغان بىر دانە خەنجەر چىقىپتۇ. قىز ھەيرانلىقتىن گاراڭ، سەبىي كۆزلىرىنى ئانىسىغا تىكىپ سوراپتۇ:

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

- ئانا، بۇ ئاق رەخت، خەنجەرنىڭ نېمە خاسىيىتى بار؟
ئىپپەتخان گۆدەك قىزىغا ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ:
- قىزىم، قارا بۇ رەختكە،-دەپلا رەختنى ئېچىپتۇ. رەختنى ئېچىشىغىلا قىپقىزىل بىر نۇر غۇۋا ئۆي ئىچىنى نۇرغا چۈمكەپتۇ، - بۇ قىزىل نۇرنى كۆردىڭمۇ؟ مانا بۇ مېنىڭ قىممەتلىك گۆھىرىم.
- ئانا،نېمىدىگەن چىرايلىق نۇر -بۇ؟!
- شۇنداق قىزىم، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك، گۈزەل نۇر. بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىزلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك نۇرى. بۇ نۇر پەقەت ئىككى تەننىڭ بىر بولمىقى بىلەنلا ئۆز خاسىيىتىنى تاپىدۇ. بۇ نۇر ئاللاھنىڭ قىزلاغا بەرگەن ئامانىتى. پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ مۇقەددەس نىسىۋىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇ مۇقەددەس توي كېچىسىدىكى مۇقەددەس نۇر، قىزىم. قىز ئۆزىنى پاڭ تۇتۇپ ھالال ئەرلىرىگىلا بۇ نۇرنى سالامەت تاپشۇرغاندىلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. پەقەت ھالال ئەرلەرلا بۇ قىممەتلىك ،مۇقەددەس نۇرنىڭ ھەقىقي ئىگىسى. ئاڭلا قىزىم، ھارام يوللار بىلەن ئېرىشىكەن پاكلىقنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئالدىڭدىكى بۇ رەختتىكى نۇر مېنىڭ پاكلىقىم، مېنىڭ ئىززىتىم. شۇڭا ئۇنى تا بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلدىم. ئېسىڭدە بولسۇن، ھەر قاچان بۇ پاكلىق نۇرۇڭنى ھاياتىڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ ساقلىغايسەن. شەيتاننىڭ ئەقلىڭگە تىزگىن سېلىۋېلىشىدىن ساقلان. نۇرۇڭ سېنىڭ قىزلىق غۇرۇرۇڭ، سېنىڭ قىممىتىڭ. ئۇنى ھالال ئىگىسىگە يەتكۈچە پاك ساقلىغىن. "ئىپپەتئەي"غا خاس ئىپپەتلىك قىز بولغىن. بۇ خەنجەرنى ئانام ماڭا بەرگەن. ئەمدى ساڭا بېرەي. ئۇنى يېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىما. ناۋادا، ناپاكلار ساڭا قارا قۇلىنى ئۇزاتماقچى بولغىنىدا ئۆزۈڭنى قوغدىغىن، - دەپتۇ. ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى چۈشەنگەن ئەقىللىق قىزنىڭ يۈرەكلىرى قايتا ئويغانغاندەك بولۇپ، ھەربىر سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەقىش كەبى ئۇيۇلۇپتۇ. ئىپپەتئاي شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىپپەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان قىز بولۇپ ئۆسۈپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىپپەتئاينىڭ گۈزەللىكى، ئىپپەتلىكلىكى يۇرت-يۇتلارغا تاراپ كېتىپتۇ. بۇ شەھەردىن خېلىلا يىراق بىر تاغ بولۇپ، تاغدا بىر توپ قاراقچى ياشايدىكەن. قاراقچىلارنىڭ "سەمەر"ئاتلىق بىر ئاتامانى بولۇپ، ئۇ ئىپپەتئاينىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق-بىقارار بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىپپەتئاينىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ.
بىر كۈنى ئىپپەتئاي بازارغا سودىلىققا چىققاندا، قاراقچى سەمەرنىڭ ئادەملىرى ئىپپەتئاينى بۇلاپ قېچىپتۇ. ئىپپەتخان بىلەن يولدىشى قىزىدىن ئايرىلىپ قالغىنىدىن ھەسرەت چىكىپ، تولا يىغلاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ، لېكىن ئامال قىلالماپتۇ. ئىپپەتئاي قانچە قىلسىمۇ قاراقچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالماپتۇ. سەمەر ئىپپاتئايغا زورلۇق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا ئىپپەتئاي يېنىدىكى خەنجەرنى شارتتىدە چىقىرىپ ،مەردانە ھالدا سەمەرگە دەپتۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- سەندىن ئۆتىنەي. جېنىمنى ئالساڭ ئال! بىراق،مېنى بۇلغىما... بۇ جايغا پاك كەلدىم،ئۆلسەم مەيلىكىن، ناپاك ھالدا كېتىشكە رازى ئەمەسمەن. ئۆلسەم كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ. ماڭا زورلۇق قىلىپ ئىپپىتىمنى بۇلغۇساڭ ،ئالدىڭدىلا ئۆلۈپ بېرىمەن.
ئىپپەتئاينىڭ مەردانە سۆزلىرىدىن سەمەر سەل پەس كويغا چۈشۈپتۇ. سەمەر قاراقچى بولغان خېلى كۆپنى كۆرگەن كىشى بولغاچقا ئىپپەتئايغا سەل ھۆرمىتى قوزغىلىپتۇ. سەمەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
- ئەي قىز، بۇنداق مەردانە سۆزلىرىڭگە، جۈرئەتلىكىڭگە نېمە سەۋەب بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ. ئىپپەتئاي ئانىسى ئىپپەتخاننىڭ سۆزلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. سەمەر ئىپپەتخانغا قايىل بوپتۇ ۋە ئىپپەتئايغا: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھەي مەزلۇمە، ئاناڭنىڭ ئىپپەتلىكىدىن تەڭرى ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! غەيرىتڭگە ئاپىرىن! قاراقچى بولۇپ يۈرگىنىمگە تالاي يىللار بوپتۇ. مۇشۇ كەمگىچە ھېچقانداق بىر ئايال زاتى ئالدىمدا بۇنداق دېگەن ئەمەس... مەنمۇ ئەسلى بىر ياخشى يىگىت ئىدىم، بىراق ئاتا -ئانامدىن كىچىك قېلىپ باي -غوجىلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە مۇشۇ يولغا كىرىپ خەلق قاغىشىغا كەتكەنمەن. بىرمۇ ئۇرۇق-تۇغقىنىم يوق. سەن ھەقىقەتەنمۇ ئىسىمى-جىسمىغا لايىق "ئىپپەتئاي" ئىكەنسەن. مەن ئۆمرۈمدە ياخشى ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. سېنى قويىۋېتەي. بىراق بىر شەرتىم بار. مېنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرسەڭ، مېنى ھالال جۈپتىم بولۇشقا قۇشۇلساڭ...،-دەپتۇ. ئىپپەتئاي سەمەرنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك، مەردلىك، قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: www.iz.la
- مېنىڭمۇ بىر شەرتىم بار. سىز قاراقچى دېگەن يامان ئاتاقتىن قۇتۇلۇپ ھالال كەسىپ، توغرا يولدا مېڭىپ، گۇناھلىرىڭىزغا تۆۋە قىلىپ، ئاۋامنى رازى قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن. مۇبادا، قۇشۇلمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاي،-دەپتۇ. ئىپپەتئاينىڭ سۆزلىرى سەمەرگە قاتتىق تەسىر قىپتۇ. ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن سەمەر:
- بولىدۇ. سىزگە رەھمەت. ئاۋۋال ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلاي. ئاندىن ئەلنى رازى قىلىپ ئۆمرىمنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ھالال، پاك ياشاي،-دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەمەر ئىپپەتئاينىڭ ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلىپ، ئۇنى ئەمرىگە ئاپتۇ. ئىپپەتئاينى قەدىرلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. قاراقچىلىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ، ئىپپەتئاينىڭ ئاتىسى بىلەن بىرگە سودا قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ھالال ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى تېزلا يۈرۈشۇپ، خېلى ئابرويلۇق، باي سودىگەرگە ئايلىنىپتۇ. ھېلىقى قاراقچى ئاستا -ئاستا خەلق يۈرىكىدىن ئۆچۈپتۇ. ئىپپەتئاينىڭ ئىپپەتلىكىدىن قاراقچىنىڭ ياخشى ئادەمگە ئايلانغانلىقىدەك ھېكايىلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا داستان بولۇپ تاراپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، نۇزۇگۇم، ئىپارخان قاتارلىق ئىسىل، پاك قىزلىرىمىز ئەنە شۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

قۇشۇمچە:
قىزئىپپىتى -زىمىن ئىپپىتى
مودىلىشىش، غەرىپلىشىشنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئەۋج ئېلىشى، بالدۇر مۇھەببەت باغلاشنىڭ كۆپىيىشى، ئەخلاق، شەرمى-ھايا، نۇمۇسنىڭ كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىشى، يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە ئاتالمىش "مەدەنىيەت" نىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ ئىپپەتئايغا ئوخشاش غۇرۇرلۇق، ئېسىل قىزلىرىمىز ئاز ئەمەس. قىزلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرگەن يىگىتلىرىمىز پەقەت ئېغىزىدىلا ياكى قارا سىياھ بىلەنلا  "پاك ياشا ئۇيغۇر قىزلىرى" دەپ شۇئار توۋلاپ، ئەشۇ ئاجىز قىزلارنى مۇھەببەتتە ئالداپ ئۇلارنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنى قوغدىماي، ھەدىسلا ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىيدىغان يىگىتلىرىمىز گە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. ھەي يىگىت، سىز ھەقىقىي ئەركەك بولسىڭىز شېرىن مۇھەببەت دەملىرىنى ھالالىقتىن ئىزدەڭ! ھەرگىز ناپاكلىق قاپلىغان چۆل كەبى بوستانلاردىن مىۋە ئىزدەش كويىدا بولماڭ. سىزدە ھەقىقي ئەركەككە خاس جاسارەت، شىجائەت بولسۇن. مۇھەببەت ھەرگىز ھەۋەس ياكى شەھۋەت ئەمەس... ئۇ ئەڭ پاك تۇيغۇ. سىز مىللەتنىڭ تۈۋرىكى بولغاچقا كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد-يۇلتۇزلىرىنى قوغداش ۋە ئاسراش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇ مۇقەددەس بۇرچىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھەي سۈيۈملۈك قىز. ئۇيغۇرغا خاس لاتاپەت بىلەن ياشاڭ. پاكلىق سىزدىكى بىردىبىر قىممەتلىك بايلىق. ھايا ۋە نۇمۇس روھىڭىزدا، جىسمىڭىزدا تولۇق ئەكىس ئەتسۇن. ئۆزىڭىزنى بوياق بىلەن بوياشتىن بۇرۇن روھىڭىزنى پاكلىق بىلەن بېزەڭ. قىممەتلىك بەرگىللىرىڭىز ھەرگىز ناپاك جايلاردا ئىز سالمىسۇن... نۇمۇسچانلىقىڭىزدىن ئايمۇ سىزدىن خىجىل بولسۇن. مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقي گۈزەللىكىڭىز، زىبالىقىڭىز... ساختپەزلىك بىلەن بىراۋنى ئالدىماڭ. بىراۋنى ئالدىغىنىڭىز بىلەن تەڭرىنى مەڭگۈ ئالدىيالمايسىز... زىمىن ئىپپىتى-قىز ئىپپىتى... مىللەت كەلگۈسىدۇر!
ھەي ئاتا -ئانا بولغۇچى، پەرزەنتىڭىزگە ئىپپپەت تەربىيىسى بەردىڭىزمۇ؟ پەدىشەپ ھېس قىلامسىز؟ قاچانغىچە پەدىشەپ ھېس قىلىسىز....؟؟؟ ئىپپەت توغرىسىدىكى تەربىيە ھەرگىز پەدىشەپ ئەمەس... مۇبادا پەرزەنتىڭىز يامان ئىش قىلىپ بولغاندا پۇشايمان قىلسىڭىز بۇنى كىمدىن كۆرەتتىڭىز؟ بىپەرۋالىق قىلىپ يۈرمەڭ... راستىنلا بۇنىڭغا سەل قاراپ پەرزەنتتىڭىزگە بۇ تەربىيىنى كەم قىلسىڭىز بۇ سىزنىڭ مەڭگۈلۈك جىنايىتىڭىز...

copyright by www.iz.la

ھەي ئۇيغۇر قىزى ھايا ۋە ئىپپەتنى قەبلىگاھ قىلغىن... ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرىمىز سەندە، گۈلۈم.
2010-يىلى (ئۈرۈمچى) ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(11)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...

  • قاپاق سېتىش

    بۇرۇنقى زاماندا چىغ قالپاق ساتىدىغان بىر بوۋاي ئۆتكەن ئىكەن .بىر كۈنى بۇ بوۋاي قالپاق سېتىپ بەك ھىرىپ قاپتۇ - دە، بىرتۈپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىلىپ،قالپاقلارنى دەرەخ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ،ئۇيقۇغا كىتىپتۇ .ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلار يوق تۇرغىدەك . ئۇيان ئىزدەپ - بۇ...

  • قەپەستىكى قۇش

    رۇك ئەپەندىم گەۋدىسى كەڭ، بەستلىك كەلگەن ئادەم. ئۇ بۇ يىل 70 ياشتىن ئاشقاچقا بەللىرى سەل ئىگىلگەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەدەملىرى بۇرۇنقىدەكلا ئىتتىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قورۇقىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرىۋاتاتتى. بەزىلەر رۇك ئەپەندىمنىڭ قورۇقى 150 ياۋرۇغا يارايدۇ دەيت...

  • نان قېپى

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى. بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى ھۆكۈمەتتىن پالانى كۈنى ئىشقا چۈشىدۇ، ئىش ھەققى مانچە يۈز سوم دېگەن ئۇقتۇرۇش كېلىدۇ. بۇ دېگەن بىر ئۆمۈر يېتىپ يېسەممۇ تۈگىمەيدىغان ئالتۇن تېغىم بولىدۇ. شۇ چاغدا ھۇ...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...

  • مايمۇن قىز

    ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا: باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ...