توزىغان غۇنچە

ۋاقتى:2011-11-13 12:59مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   ئەركىن سابىر
    — كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟
    مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن – تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوختۇرلار ئۇنىڭ ھايات قېلىشىدا ئۈمىد يوق دەپ ئاخشام ئېنىقلا ئېيتتى.
    مەريەمخان ياش تۆككىنىچە قىزىنىڭ كارىۋىتى يېنىدا ئۆرە تۇراتتى. بىچارە ئانىنىڭ باغرى شۇ تاپتا قانچىلىك پۇچۇلىنىۋاتقاندۇ؟ يۈرەك پارىسى كۆزىنى بىر ئاچسا ئىدى، كاشكى!
    سارەم بۇ يەردە كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ مىرزاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا كېرەك، ئىككى كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. مىرزات لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى. بۇ ھال ھەممەيلەننىڭ ئۆپكىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى. بولۇپمۇ مەريەمخان ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى. ئۇ رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ ئىتتىكلا كارىدورغا چىقىپ كەتتى. سەلدىن كېيىن كارىدوردىن ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىچ – ئىچىدىن قاپساپ كەلگەن يىغا بىراقلا ئېتىلىپ چىققانىدى. بىراق يىغلاش بىلەن نېمە ئىش ھەل بولىدۇ؟ مەريەمخان سارەمنى بالىلارغا تاپشۇرۇپ ئۆزى سىرتقا ماڭدى. كۆز ياشلىرى كۆز ئالدىنى غۇۋالاشتۇراتتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    سىرتتا ئادەملەر يوق دېيەرلىك ئىدى، ئەتىگەندىن بۇيان يېغىۋاتقان يامغۇر يول ياقىلىرىدا ئېرىق بولۇپ ئاقماقتا ئىدى، ئويمانراق يەرلەردە كۆللەر ھاسىل بولغانىدى. مەريەمخان ئوي – چوڭقۇرغا، سۇغا قارىماي ئۇدۇللا ماڭدى ۋە كوچىنىڭ نېرىسىدىكى بوتكىغا بېرىپ سارەمنىڭ دادىسى سايىتقا تېلېفون قىلدى. تېلېفون ئۇلاندى – يۇ، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. سوغۇق ھاۋا بەدەننى شۈركەندۈرەتتى، مۇشۇنداق چاغدا سايىتنىڭ ئۆيىدە بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئېھتىمال...
    مەريەمخان ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشتىن ئۆزىنى تارتتى. دېمىسىمۇ سايىت ئۆيىدە بولۇپ، ياش خوتۇنى بىلەن ئىسسىق يوتقان ئىچىدە چىرمىشىپ ياتاتتى. ئۇ تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلىدى، لېكىن شېرىن دەملەردە ئالتۇن ئوردېن بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولسىمۇ ئۇ تېلېفوننى ئالمايتتى. دۇنيالىقتا بىرتال قىزىنىڭ بىھوش ياتقانلىقىنى ۋە شۇ تاپتا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا سايىت ھازىرقى خوتۇنى شازادىگۈلنى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ:
    — قىزىم، شازادىگۈل ئاپىڭىزغا سالام بېرىڭ، دېگەندە، سارەم بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئولتۇرۇۋالغانىدى. شازادىگۈل كەتكەندىن كېيىن، دادىسىغا:
    — ئاپام ھايات تۇرسا، نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ دەپ خاپا بولدى ۋە شۇ كۈنى كېچىچە دادىسىنىڭ بىمەنىلىكىگە ئىچى ئۆرتىنىپ ئۆپكىسى ئۆرۈلگىدەك يىغلاپ چىقتى.
    — يىغلىماڭ، قىزىم، – دېدى مەريەمخان ئىككى قېتىم قىزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇ خوتۇن دادىڭىزغا گۈلپەرى كۆرۈنگەنىكەن، يىغلاش بىلەن يولىدىن قايتۇرالمايسىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    — سىز نېمىشقا گەپ قىلمايسىز، ئاپا؟ سارەم ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆپكىدىدى، دادام ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە، بىلىپ تۇرۇپمۇ سۈكۈت قىلغىنىڭىز نېمىسى؟! زادى نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز؟ نېمىشقا مەيلى دەيسىز؟ مېنى بولسىمۇ نېمىشقا ئويلاپ قويمايسىز؟!
    — ئاھ، قىزىم، سىزنى ئويلىمايدىغان ئىش بولامدۇ، بىراق مېنىڭ كۈچۈم نېمىگە يېتىدۇ!؟
    مەريەمخان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشسىمۇ، شۇ گەپتىن كېيىن بەدىنى سىلكىنىپ كەتتى. سارەم ئانىسىنىڭ ئىچ – ئىچىدىن بۇقۇلداۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى. ئۇ بۈگۈن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ بۇ ئۆيدە خاپىلىق ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى، ئەمما بۇ خاپىلىقلار بۈگۈنكىدەك يۈرەكنى تىلغان ئەمەس. ئۇ دادىسىنىڭ قاچانلاردىن تارتىپ بۇزۇلغانلىقىنى بىلمەيتتى، بىلىدىغىنى ئانىسىنىڭ بىر چاغلاردا ۋېلىسىپىتقا ئارتىپ ئۇن، كۆمۈر ئەكىلىدىغانلىقى ئىدى. ئۆينىڭ ھەممە ئېغىر – يېنىك ئىشلىرىنى مەريەمخان قىلاتتى، ھەتتا ئەرلەرنىڭ چامى ئاران يېتىدىغان ئىشلارغىمۇ يۈگۈرەيتتى. بىچارە ئايال ئاشۇ جاپالاردا تۈگىشىپلا كەتتى، ياش تۇرۇپ چىرايىغا قورۇق چۈشتى، ئەتلىرى تارتىلدى، ئورۇق گەۋدىسىگە چوڭ كېلىپ قالغان كىيىملىرى ئۇنى بارغانچە مومايغا ئوخشىتىپ قويدى. سايىتنىڭ بولسا ئۇنىڭغا ئۆچلۈكى كېلەتتى، كوچىدىكى ياش، چىرايلىق چوكانلارنى كۆرگەندە، ئۆز ئۆمرىنىڭ مۇشۇ ئىسكەتسىز خوتۇن بىلەن زايە كېتىۋاتقىنىغا ئۆكۈنەتتى. مەريەمخان ئۇنىڭ ئويلىرىنى بىلىپ تۇراتتى، ئۇ سېمونت زاۋۇتىدىن ئىش ئورنىدىن قالغاندىن بۇيان ھەر ئايدا ئالىدىغان تۇرمۇش پۇلى بىلەن ئۆيىنىڭ كەم – كۇستىنى قامدايتتى. سايىت ئۇنىڭغا مائاشىدىن زاكالەت ئايرىغاندەك بېرەتتى ۋە بەرگەن ئاشۇ ئازغىنا پۇلىغىمۇ دوق قىلاتتى. ئۇ مەريەمخاننى نەس باسقاندىن نەس باسقانغا چىقىرىپ تىللايتتى، ئۇرىدىغاندەك دېۋەيلەيتتى. بۇنداق چاغدا سارەم قورققىنىدىن بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    — قورقماڭ، قىزىم، دەيتتى سايىت مەريەمخاننى تىللاپ ھارغاندىن كېيىن، مەن سىزنى دەپ ئاپىڭىز بىلەن ئۇرۇشىمەن، مەرەز خوتۇن سىزنى نابۇت قىلمىسۇن دەيمەن!
    — مېنى... مېنى دېسىڭىز، دادا، ئا... ئاپامنى تىللىماڭ.
    — نېمىشقا ئەمدى؟
    — ئاپامنىڭ مە... مەرەز خوتۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئۇنى تىللىسىڭىز مەن قورقىدىكەنمەن...
    — ماقۇل قىزىم، ئەمدى تىللىماي.
    سايىت شۇنداق دەيتتى – يۇ، خۇيىنى ئۆزگەرتمىدى، ئۇ مەريەمخاننى سېسىپ قالغان ئالما قاتارىدا كۆرمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، سارەم ئۆيدە يوق چاغلاردا تىللايتتى. مەريەمخان ياۋاش ئايال ئىدى، ئۇ ئېرىنىڭ خورلاشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، كېچىلىرى ئۈنسىز ياش تۆكۈپ تاڭ ئاتقۇزاتتى. سارەم ئانىسىنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قارايتتى – يۇ، ئۈندىمەيتتى، ئۇ ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئىچىدە چۈشىنىپ تۇراتتى، كۈندىن – كۈنگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ ئىچى سىيرىلاتتى، لېكىن رەھىمسىز دادا ئالدىدا ئۇنىڭمۇ ئامالى يوق ئىدى. سايىتنىڭ بۇ ئاجىزەلەرنىڭ يۈرەك – باغرىنىڭ خۇن بولۇۋاتقىنى بىلەن كارى يوق ئىدى، ئۇ نەلەردىدۇر تۈنەپ يۈرەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    مەريەمخان سايىتنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى خېلى بۇرۇنلا سەزگەن، ئەمما يۈرەكلىرى مۇجۇلۇپ كەتكەچكە، بىچارە ئايال ئۆكتەم ئېرىگە ھېچنېمە دېيەلمىگەنىدى. ئۇ سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئويىچە، سايىت بىر كۈنلىرى ئوڭشىلىپ قايتىپ كېلەتتى. لېكىن ئۇ ئىشنىڭ ئۆزى كۈتكەننىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى بىلمىدى. ياز كىرىپ، ھاۋا ئىسسىشقا باشلىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سايىت ئاخىر ئەسكىلىكىنى قىلدى. ئۇ شازادىگۈلنى ئۇدۇللا ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. مەريەمخان ئېرىنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغىنىغا خاپا بولۇپ كەتمىدى، لېكىن ئەمدىلەتىن رېسىدە بولۇۋاتقان قىزىنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرگىنىگە ئاچچىقى كەلدى، قېنى ئۇ سايىتنىڭ ‹‹يۈرەك پارەم›› دەپ، سارەمنى ئەركىلىتىپ يۈرۈشلىرى؟!

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    شازادىگۈل چاچلىرىنى بۈدۈر قىلدۇرۇپ مۈرىسىگىچە قويۇۋەتكەنىدى، يەڭسىز كوپتىسىنىڭ ئالدى كۆكسىگىچە ئوچۇق، كالتە يوپكىسىدىن ئاپپاق يوتىلىرى كۆرۈنەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ھاياسىزلىقىغا باقماي تېخى كۆرەڭ ئىدى. ھال تارتىپ مېڭىپ، سۈرمە سۈرگەن قاپاقلىرىنى سۈزۈپ مەريەمخانغا قارىدى ۋە بويىغان لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلدى. مەريەمخان بۇ خورلۇق ئالدىدا يەر يېرىلسا كىرىپ كەتسەم دەيتتى. سارەمنىڭمۇ شازادىگۈلگە قاراپ ئىچى يېرىلغۇدەك بولدى، شۇ تاپتا دادىسىدىن قورقمىسا، ئوچاقتىن قوقاسنى ئېلىپ بۇ نومۇسسىز بۇزۇقنىڭ بېشىغىلا تۆكۈۋەتكۈسى كەلدى. ئۇ لېۋىنى چىشلەپ ئاران تۇرغاندا، دادىسىنىڭ ‹‹قىزىم، بۇ شازادىگۈل ئاپىڭىزغا سالام بېرىڭ›› دېگىنى ئۇنىڭ مېڭىسىنى بېگىز تىققاندەك زىڭىلدىتىۋەتتى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلغىنىچە تارام – تارام ياش تۆكتى، يىغلاۋېتىپ ‹‹بۇ خوتۇننىڭمۇ ئېرى، ئىللىق ئائىلىسى، ماڭا ئوخشاش ئاجىزەسى بار بولغىيتتى، شۇ تاپتا ئۇ قىزمۇ مەندەك يىغلاپ ئولتۇرغاندۇ؟›› دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    شۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ، سايىت مەريەمخان بىلەن ئاجراشتى ۋە شازادىگۈل بىلەن توي قىلدى. مەريەمخان شۇ كەمگىچە ئۇنىڭ ھەممە يولسىزلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم سارەمنى تارتىۋالماقچى بولغىنىغا ئۇنۇمىدى. بىراق سايىت ئۇنىڭ ئۇنۇمىغىنىغا يول قويمىدى، مۇشۇ كونا ئۆينى ئۆتۈنۈپ بېرىش بەدىلىگە، سارەمنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالدى. مەريەمخاننىڭ ‹‹ماڭا ئۆي لازىم ئەمەس، قىزىمنى مەن ئالىمەن!›› دەپ قىلغان نالىلىرىمۇ بوشلۇقتا ساداسىز قالدى.
    — جېنىم قىزىم، مېنى تاشلىۋەتمەڭ، دادىڭىز ھەر قانچە بەختكە ئېرىشتۈرسىمۇ، مىسكىن ئاپىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ! –دېدى مەريەمخان سارەمنى قۇچاقلاپ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
    سارەم بىر كۆزى ياش، بىر كۆزى قان ھالدا دادىسىنىڭكىگە كەتتى، سوتتا ئۇ دادىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ئۆزىنى دادىسىغا بۇيرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما ئۇ شۇ كەتكەنچە ئانىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى، دادىسىنىڭ ئۆزىنى جەننەتكە ئەمەس دوزاخقا ئېلىپ ماڭغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. شازادىگۈل ئۇنىڭغا بىر چىنە ئاشنىمۇ دوق قىلىپ بېرەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سارەمنى ئۆينىڭ ھەممە ئىشىغا سالاتتى.
    بۇ قىز ئوقۇپ نەگە باراتتى، ئۆيدە مەن بىلەن تۇرۇپ، ئۆي ئىشىغا پىشسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆيدە تۇرسا، سىزمۇ مەندىن خاتىرجەم بولىسىز، دەيتتى شازادىگۈل سايىتقا. ئۇنىڭ گېپىدىن شاللاقلىقى چېنىپ تۇراتتى، سايىت شۇڭا ئۇنىڭغا كۆز – قۇلاق بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن سارەمنى مەكتەپتىن توختىتىۋالدى. سارەمنىڭ ئالىي ئىستەكلىرى بار ئىدى، يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ تۇرمۇشنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ئۆرلىمەكچىدى. ئەمما ھازىر ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. تۈنۈگۈن كەچتە دادىسىنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىقتى، بىراق نەگە بېرىشنى بىلەلمىدى. ئانىسىنىڭكىگە بارغۇسى بولسىمۇ، دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىشىدىن ۋە ئانىسىنى كۆرگىلى بارغىنىغا ئانىسى گۇناھكاردەك ئۇنى ھاقارەتلەپ كېتىشىدىن قورقتى. ئۇ ئەمدى شۇنچىلىك ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولغىنىدىن ئۆپكىدەپ يىغلىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شازادىگۈل ئۇنى تۈرمىگە قامىغاندەك قامىۋالغانىدى، ئۇ ئۆز زۇلۇملىرىنى سايىتنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن سارەمنى ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قوياتتى. سارەم ئۇنىڭ سۆيۈشلىرىدىن سەسكىنەتتى ۋە چاندۇرماي سۇخانىغا چىقىپ يۈز – كۆزىنى يۇيۇۋېتەتتى. شازادىگۈل ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سېزىپ تۇراتتى ۋە سايىت خىزمەتكە كەتكەندە، سۇخانىغا كىرىپ ئەتەي ئاغزىنى نەچچە چايقايتتى. ئىز تورى www.iz.la
    سارەم شۇلارنى ئويلاپ تامنىڭ تۈۋىدە ئۇزاق ئولتۇردى. ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەچكە، ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئاسمانغا ئۇزاق تىكىلدى، كۆڭلى نېمىنىدۇر تۇيغاندەك، ئۆز يۇلتۇزىنى كۆرۈۋالماقچى بولاتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭ تېنى قورۇلدى، ئۇنىڭ كىيىملىرى يېلىڭ ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە مىرزاتنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدى، مىرزاتلار نېرىقى كوچىدىكى بىر بىنادا تۇراتتى. بىراق ئۇ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى، قىز بالا تۇرۇپ مۇشۇ كېچىدە ئۇنىڭكىگە بارسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قالغانىدى. ئۇ ئارقىسىغا ياندى، قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغۇسى كەلمىدى، بەلكىم بىرەر ئىشنى ئويلىغاندۇ.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    ئۇ مىرزاتنى ياخشى كۆرەتتى، مىرزاتنىڭ باغرىدا ئۆزىگە تەسەللى تاپاتتى، مىرزات بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا ھاياتقا، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، ئىشەنچلىرى ئاشاتتى. تۆت ئايدىن بۇيان ئۇ مانا شۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قالدى.
    سارەم خىيالغا بېرىلگەن ھالدا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېتىپ باراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ قاياققا ماڭغىنىنى ۋە نېمە ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى، كۆزلىرىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى، قۇلاقلىرىغىمۇ ھېچنېمە ئاڭلانمايتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇنى نېمىدۇر يەردىن يۇلۇپ ئالدى – دە، نەچچە مېتىر يەرگە ئېتىۋەتتى.
    ئۇنى ماشىنا سوقۇۋەتكەنىدى، شوپۇر ئۇنى شۇئان دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى، ھەتتا مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ساقچىلار بۇ ناتونۇش قىزنىڭ يانچۇقىدىن چىققان سۈرەتكە ئاساسەن مەريەمخاننى تەستە تاپتى. مەريەمخان قىزىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدى، ئۇ دوختۇرلارنىڭ تەسەللىسى بىلەن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ، سايىتنىڭ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدى، بىراق سايىت ئىدارىسىدە يوق بولۇپ چىقتى، ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    يامغۇر بارغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى، مەريەمخان تىت – تىت بولۇپ سايىتقا يەنە تېلېفون قىلدى، لېكىن يامغۇرلۇق كېچىدە سايىت ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغاندەك تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئۇ ئۈستىبېشى چىلىق – چىلىق ھالدا قايتىپ كىردى، لەۋلىرى كۆكۈرگەن، چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ھېلىمۇ مىرزات بىلەن ماۋۇ ئىككى قىز ساۋاقدىشى ئاڭلاپلا يېتىپ كەلدى، بىراق ئۇلار نېمە قىلىپ بېرەلەيتتى؟
    مەريەمخان ئەتىگەندىن تا ھازىرغىچە ھېچنېمە يېمىدى، خۇددى قىزى بىلەن تەڭ بىھوشلىنىپ، قىزى بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە ئۇ دۇنياغا بىللە كەتمەكچىدەك قىلاتتى. بىراق سارەم بىرەر قېتىممۇ كۆزىنى ئېچىپ ئانىسىغا قاراپ باقمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە ئىككى تامچە ياش سىرغىدى – دە، ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتتى. ئۆي ئىچىدىن باشتا بۇقۇلداپ، كېيىن ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى ۋە دېرىزىنىڭ ئوچۇق قانىتىدىن ھالقىپ چىقىپ، يامغۇرلۇق تۈن قوينىنى يېرىپ يىراقلارغا تارىدى. ھالبۇكى، سايىت بۇ يىغا – زارنى ئاڭلىمىدى، ئۇ ھېلىمۇ شېرىن دەملەرنىڭ پەيزىدە مەست ئىدى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
44.4%
ناچار
(5)
55.6%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...

  • مايمۇن قىز

    ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا: باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ...

  • پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلمى

    ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق...

  • ئائىلە ماجراسى

    ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ۋەزىرگە مۇنداق دەپتۇ، -ئوغلۇمنى ئۆيلىگەن چېغىمىدا كېلىنىمىنى ئۆز قىزىمىزدەك كۆرۈپ ئىلتىپات ۋە ھۆرمەت قىلىدىم،ئۇ توي ھارپىسىدا ئوغلۇمغا(ئەمگەكتىن قاچمايمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دوئاسىنى ئالىمەن)دېگەنكەن.ئاتا-ئانىسى بول...

  • مەرتىۋىگە ئىگە بولغان ئوغرى

    ئاسماندىكى يۇلتۇزنى شوتا قويماي ئۈزۈۋالىدىغان بىر ئالىقانات ئوغرىنىڭ ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ قورقىماستىن پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنى ئوغرىلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ،خەزىنىگە كىرىش يوللىرىنى،ساقچىلارنىڭ قوغداش تەرتىپ-نىزاملىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ،ئاندىن ئىشق...

  • يالىڭاچ ئايال

    قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، ئىككى ئەر يەر تۈزۈلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى ، ياشراقى ئوغلى ئىدى . قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى . دادىسى ئوغ...

  • جاۋابسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...

  • سەبىينىڭ پىنغانى

    ئالدىنقى ھەپتە نەۋرە ئاچامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ،ئىككمىىز تاماق خانىدا تۇغۇلغان كۈننى تەبىرىكلەپ ئولتۇراتتۇق ،تۇيۇقسىز ئاڭلانغان يىغا ئاۋازىدىن ،ئۈستەلدىكىلەر ھەمىمىز بىر-بىرىمىزگە سوئال نەزىرىدە قاراشتۇق . ئەسلىدە بىر ئايال بىر قىزنى ئۇرىۋاتقان ئىكەن ،ق...