قاقچى بوۋاي

ۋاقتى:2011-11-22 12:15مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
       ماھىرە ئوبۇلقاسىم 
    قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پېرسوناژنى ئەسلەتكەنىدى.
    بوۋاي كىچىك چىلەك مەشتىكى پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان كۆمور چوغىغا ئىككى قولىنى سۇنغانچە پاكار ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. قار ئۇنىڭ تېرە تۇمىقى، كونا جۇۋىسى ۋە قول ھارۋىسىدىكى قاقنىڭ ئۈستىگە توختىماي چۈشەتتى. مەن بوۋايغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، قاقتىن ئازراق ئېلىش نىيىتىدە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. www.iz.la
    — كېلىڭ قىزىم، قاق ئالامسىز؟
    — بىر كىلو ئالاي دېگەن.
    بوۋاي تەستە ئورنىدىن تۇردى، ئۇ توڭۇپ قولاشمايۋاتقان قوللىرىدا بىر يالتىراق خالتىنىڭ ئاغزىنى ئاچالمايۋاتاتتى. مەن بوۋاينىڭ قولىدىكى خالتىنى ئىتتىك ئېلىپ تاللاپ قاق سالغاچ:
    — بوۋا سىز يالغۇزمۇ؟ – دەپ سورىدىم.
    — ھەئە، بوۋاي جۇۋىسىنىڭ يېڭى بىلەن قاقنىڭ ئۈستىدىكى قارنى تازىلاۋېتىپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى – دە، تۈرۈم – تۈرۈم قورۇقلار قورشاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ئاھالىلەر كومىتېتى ماڭا ‹‹سېنى تۇرمۇش كاپالەت پۇلى بىلەن تەمىنلەيمىز، ئەمدى سىرتقا چىقىپ قاق ساتما›› دېگەنىدى، مەن رەت قىلدىم. چۈنكى سالامەتلىكىم ياخشى بولغاندىكىن مىدىرلاپ تۇرغىنىم ياخشى، بىكار قالسام بوشىشىپ كېتىدىكىمەن. شۇڭا ئۇ پۇلنى ئېھتىياجلىقلار ئالسۇن دەپ ئويلىدىم، قىزىم، ماۋۇ مەكتەپنىڭ ئالدىدا قاقنىڭ سودىسى ياخشى، ئوقۇغۇچى بالىلار قاق يېيىشكە ئامراق دەڭە... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    بوۋاينىڭ قاداق باسقان قوللىرى قاقنى تارازىلاۋېتىپ توختىماي تىترەيتتى. روشەنكى، بۇ قوللار تالاي جاپا – مۇشەقەتنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ھەميىنىمدىن پۇل ئالغاچ سورىدىم:
    — بالىلىرىڭىز يېنىڭىزدا ئەمەسمىدى؟
    — بىرقىزىم، بىر ئوغلۇم بارئىدى، كېسەل سەۋەبىدىن ئارقا – ئارقىدىن قازا قىلىپ كەتتى. بالىلارنىڭ ئانىسى بالا ئوتىغا چىدىماي، مەندىن ئايرىلىپ بالدۇرلا بالىلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى... بوۋاي جۇۋىسىنىڭ مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن يېڭى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى...
    — ھەي قېرى، قېقىڭدىن بىر كىلو تارتىۋېتە! – دېگەن قوپال ئاۋاز بوۋاي بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈۋەتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
    — ھە مانا، مانا بايۋەچچى...، – بوۋاي قاقنى تارازىلاپ يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئۇ ئەرگە ئۇزاتتى، ئەر 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى بوۋايغا بېرىپ:
    — بولدى قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولما، ئاشقىنى ساڭا سەدىقە بولسۇن، –دەپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭدى. ئەرنىڭ تەللەپپۇزىدىن كەمسىتىش، تەكەببۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى.
    — بايۋەچچى توختاپ تۇرۇڭ، ما ئىشڭىز ماڭا ھاقارەت بولىدۇ؟ قاق ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ ياكى سەدىقە بەرگىلىمۇ؟ سەدىقە بەرگىلى كەلگەن بولسىڭىز خاتالىشىپسىز...
    بوۋاينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى غەلىتە قىسىلغانىدى، 100 يۈەننى تۇتۇپ تۇرغان قولى بەكلا تىترەپ كەتتى. بوۋاينىڭ گېپى بىلەن شاپپىدە توختاپ قالغان ئەر بۇرۇلۇپ بوۋايغا قاراپ دۇدۇقلاپ قالدى.

copyright by www.iz.la


    — مەن... مەن... مەن...
    — قاراڭ بايۋەچچە، سىزدەك چاغلىرىمدا مەنمۇ پۇلنى پۇلغا ئۇرۇپ، كۆپ پۇل تاپقان ئەركەك ئىدىم، مېنىمۇ باشقىلار ‹‹بايۋەچچە›› دەپ ئاتايتتى. كىشلەر ھەۋەس قىلغۇدەك بەختلىك ئائىلەممۇ بار ئىدى... بىركىلو قاق ئون كوي بولىدۇ، مەن سىزگە 90 كوي قايتۇرىمەن، بوۋاي 90 يۈەننى ئەرگە تەڭلەپ، ئاچچىققىنە كۈلۈمسىرىدى.
    — بوۋا، مەن... كەچۈرۈڭ، ئەر مەندىن خىجىل بولدىمۇ ياكى بوۋاينىڭ گېپىدىن خىجالەت بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر، ‹‹قېرى››نى ‹‹بوۋا››غا ئۆزگەرتتى.
    — ھېچقىسى يوق بايۋەچچە، گەرچە سەكسەنگە تاقاپ قالغان بولساممۇ، سالەمەتلىكىم ياخشى. ھازىرچە ھېچكىمگە يېلىنمىدىم، تېلىنمىدىم... www.iz.la
    بوۋاينىڭ تەلەپپۇزىدىن ھاياتقا بولغان بىرخىل ئۈمىدۋارلىق، رازىمەنلىك، شۈكۈر – قانائەت، مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى. ئەر بوۋاي قايتۇرۇپ بەرگەن پۇلنى سىقىمدىغانچە ئۇنىڭغا ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى كەمسىتىش، تەككەببۇرلۇقنىڭ ئورنىنى چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت، قايىللىق ئىگىلىگەنىدى.
    — بوۋا، ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن، كەچۈرۈڭ! ھېلىمۇ ئەركەك ئىكەنسىز!
    ئەر شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالدى. بوۋاي ماڭا قاراپ بېشىنى چايقاپ قويدى، مەندىن قاقنىڭ پۇلىنى ھېسابلاپ ئېلىپ يانچۇقىغا سالغاندىن كېيىن، پاكار ياغاچ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇپ كىچىك چېلەك مەشكە قولىنى سۇندى... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    مەن ئالدىمغا بىرقانچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئارقامغا قارىدىم. بوۋاينىڭ ئالدىدا سۇس يېلىنجاپ تۇرغان كىچىك چېلەك مەش كۆزۈمگە گويا نۇرلۇق بىر چىراغدەك، يەنى ئەجدادىمىز ياندۇرۇپ كەلگەن ئىنساپ، دىيانەت، پاكلىق، ئېتىقاد، ئادىمىيلىك، غۇرۇر... چىرىغىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆڭلۈم ئۆيگە قايتىپ كەلدى

    -تېچلىقمۇ؟بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن سەككىز يىلىدىن بۇيان ئۇنتۇيالمىغان،مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋاز ئىدى.ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىزنىڭ يۇرتقا ساياھەتكە كەلگەنلىكىنى،شۇڭا مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ ماڭا تېلىغۇن قىلىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئا...

  • ئۈچ تال ئالقات

    ئاپتۇرى : چېڭ خەي تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن مەن بىر ئۆسۈملۈكشۇناس . كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىمدا قانداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلغانلىقىم- تىرىشىپ ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە سىرداشقۇسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تازا بىر كەپ...

  • نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

    (ھېكايە) شۈ رېنخې ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپ، ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، بۇ ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ئىختىيارسىزلا ئويغا چۆمدۈم ھەم ئىدارىدىن سالقىنداش پاراۋانلىقىنى بالدۇرراق تارقاتقان بولسا ياخشى بولاركەن-ھە، دېدىم ئىشخا...

  • بۇمۇ ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتمۇ؟....

    كونىلاردا؛(ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن)دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆز بار.ياش دوستلارغا سەلبي دەرىسلىك بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن.مەن ناھىيمىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىدىكى مۇنداق ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. ئىمىن يالغۇز ئولۇغ بولۇپ،تولىم...

  • يەشىككە قاچىلانغان مېھر-مۇھەببەت

    مۇيەسسەر خېلىل ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، پوچىتخانىنى كۈندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرۇش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. ھەر قېتىم كىرگىنىمىدە ماڭا ئوخشاش خەتخەۋەر سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرگىلى كىرگەنلەردىن سىرت، ي...

  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...

  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...