ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ھېچكىمگە ئىشەنمەيتتى. ئۇ ھەريىل يەرگە ئۇرۇق سالغاندا ھەر بىر تال ئۇرۇقنى توتىيا بىلىپ ئۆز قولى بىلەن تاللايتتى. ئۇ قورۇقنىڭ ئوغلىغا ئايلاندى. ياق، ئوغلى دېگەندىن كۆرە قورۇق ئۇنىڭ پۈتكۈل روھىغا ئايلانغان ئىدى. قانچىلىغان بوران – چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رۇك ئەپەندى مانا ئەمدىلىكتە قېرىغان بىر قارىغاي دەرىخىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلار كىشىگە يېڭىلا ئاغدۇرۇلغان ئېتىزنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭ قالايماقان كۆرىنىدىغان بۇرۇتلىرى ئېتىزلىقتىكى ياۋا ئوت- چۆپلەرنى ئەسلەتسە ئاقارغان چاچلىرى گوياكى ئاپئاق قارلار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىسىنى ئەسلىتەتتى. كىشىلەر رۇك ئەپەندى بىلەن قورۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قان بىلەن گۆشتەك دەپ قارايتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رۇك ئەپەندىنىڭ يېتەرلىك مال- دۇنياسى بار. ئۇنىڭ تۆت ئوغۇل – قىزى بار،لېكىن ئۇ ئۆزى بىلەن تەڭ قوراملىقلارنىڭ راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ بىر ئۆمۈر ئەمگەك قىلىشنى تاللىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ كۈندىن – كۈنگە ياخشى بولماي قالدى. تومۇز ئىسسىقتا دەم ئالالمىغان چاغلاردا دەرەخكە يۆنىلىۋېلىپ بىر دەم ئارامىنى ئېلىۋالاتتى. دوختۇر ئاللىبۇرۇنلا ئۇنىڭغا ئېغىر ئەمگەكتىن ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى ئەسكەرتكەن ئىدى. لېكىن،ئۇنىڭ يەنىلا ئەتتىگەن تۇرۇپ كەچ يېتىپ ئېتىزلىققا يۈگرەيدىغان ئادىتى بار ئىدى.
رۇك ئەپەندىنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار ئىدى. بۇنداق مۇنبەت تۇپراقنى ئۇ ھاياتىدىكى بايلىق دەپ قارىغاچقا باشقىلارنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىشىنى خالىمايتتى.ئۇنىڭ نەزىرىدە باھار پەسلىدە يەر ئاغدۇرۇش، ئۇرۇق سېلىش، ياز كۈنلىرى سۇ سۇغۇرۇش، ئوت ئوتاش، كۈز كۈنلىرى ھوسولنى يىغىۋېلىش،قىش كۈنلىرى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللۇك ۋە مۇكەممەل بولغان تۈرمۇش شەكلى ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىكى ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، يېڭى ۋە ساپ بولغان ئۈزۈم شەربىتىنى چىقرىشى كۆزىگە سىغمايتتى؛ ئۇمۇ باشقىلارنىڭ يوڭ قىرقىش، ئۇن تارتىش قاتارلىق ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئىشلارنى قىلىشىنى ياقتۇرمايتتى. مەن بىر كۈن ياشىسام قورۇققا بىر كۈن قارايمەن، ئەگەر بىر كۈنى مەن ماڭالمايدىغان بولۇپ قالسام، ئۆمىلەپ بولسىمۇ بارىمەن. بىر كۈنى مەن ئىشلارنى قىلىش كۈچىدىن قالسام كىم مېنىڭ خىزمىتىمنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ مېنىڭ ئوغۇللىرىممۇ؟ ئۇلار ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىنى چۆرىدەپ تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش ئۆتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەدىكىمۇ ئارتۇق ۋاقتى بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ، ئۇلارنى قورۇققا باشلىسام ، ئۇلار خۇددى قاراقچىلارنى باشلىغان بىلەن نېمە پەرقى بار، يەر نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە! ئۇ بىزنىڭ بىر ئۆمۈر چوقۇنىشىمىزنى، ئېتىقاد قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ دەپ ئويلاتتى رۇك ئەپەندى. ئىز تورى بەك ياخشى
بالىلارمۇ بوۋايغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى توغرىسدا نەسىھەت قىلاتتى. رۇك ئەپەندى بولسا، «ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر ئوغلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزسە، قالغان ئۈچ ئوغلى ھەسەت قىلارمۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ يەردە بىر بۆلۈك مال – دۇنيا بار. ئۇنىڭ مال – دۇنياسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، قىرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش بولۇرمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆي- ئوچاقلىق بولدى،ئۇلار ئەمدى ئاتىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، پەقەتلا ئاياللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. » دېگەنلەرنى ئويلايتتى.
بوۋاينىڭ تېنى كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلىشىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ ئاتنى مىنىپ قورۇقنى ئايلىنىپ كۈزەتچىلىك قىلىدىغان مادارى يوق ئىدى. بوۋاينىڭ ئېتىزلىرىدا ياۋا ئوت – چۆپلەر ئۆسۈشكە باشلىدى. دوختۇر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا ئېغىر ئەمگەكتىن ئۆزىنى ئازاد قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر كۈنى بالىلار بىر پۈتى گۆرگە ساڭگىلاپ قالغان ئاتىسىغا نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن، ھەممسى روك ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ يەر خۇددى كىچىك تىپتىكى يىغىلىش ئۆتكۈزىۋاتقان جايغا ئوخشاپ قالدى. « ئاتا، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، سىز ئەمدى دەم ئېلىشقا مۇھتاج. قورۇقنى باشقىلار باشقۇرسۇن.» بالىلارنىڭ سۆزى شۇ يەردىلا توختىتىپ قويۇلدى.
« باشقىلار؟ باشقىلار دېگىنىڭلار كىم؟ ئۇنداقتا مەن ھېچقانداق ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقى بولمىغان باشقا بىر كىشىنى ئۆز قورۇقۇمنى باشقۇرۇشقا ئەكىلەمدىم؟ مەن ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكىمنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن تېنىمدە نەپەسلا بولىدىكەن، مەن چوقۇم ئۆزۈم كۆرەش قىلىمەن.» دەپ كەسكىنلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى رۇك ئەپەندى.
www.iz.la
« لېكىن، دوختۇر سىزنىڭ ئارام ئېلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى، ئەمىسە سىز قورۇقنى بىزنىڭ باشقۇرۇشىمىزغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ، بىز قېرىنداشلار چوقۇم ئىناق – ئىتتىپاق بولۇپ ھەمكارلىشىمىز ھەمدە سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى بالىلار.
« ئەبلەخلەر، ئاتاڭلار كۆز يۇمماي تۇرۇپ، سىلەر مال- دۇنيانى بۆلۈشمەكچى بولىۋاتامسىلەر!» بوۋاي ئەمدى ئاچچىقلانغان ئىدى. بالىلار ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
« بالىلىرىم،ھەممىڭلار بۇياققا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن، بىر قۇشقاچنىڭ ھېكايىسى. سىلەر ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇنداق جاھىللىق قىلىشىمنىڭ تېگىگە يېتىسىلەر.» دېگىنىچە رۇك ئەپەندى بالىلارغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سىلەر كىچىك چېغىڭلاردا مەن لەمپە ئاستىدىن بىر كىچىك قۇشقاچ بالىسىنى تۇتىۋېلىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدىم. ئۇ بەك ئوماق ئىدى، مەن ئۇنى قەپەسكە قاماپ، بالىخانىغا قويۇپ قويدۇم. دەسلىپىدە قۇشقاچ ھېچنېمە يىمىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ بۇ قۇشقاچ ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى دەپ ئويلىدىم.لېكىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى قۇشقاچ قەپەسنىڭ ئەتراپىنى توختىماي ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى.مەن بۇ قۇشقاچلارنىڭ كىچىك قۇشقاچنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئۇلار ئۆز بالىسىنىڭ قەپەس ئىچىگە قامالغانلىقىنى كۆرۈپ ئازاپلانغان ئىدى. ئۇزاققا قالماي ئۇلار ئۇچۇپ كەتتى. قايتىپ كەلگەندە ئاغزىغا چىشلەپ بالىسىغا يېمەكلىك ئەكەلگەن ئىدى. مەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولىشىغا دەخلى قىلمىدىم. كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى مەن ئامال تېپىپ ھېلىقى ئاتا- ئانا قۇشقاچلارنى تۇتىۋالدىم. مەن ئۇلارنى قەپەسكە قاماپ، بالا قۇشقاچنى قويىۋەتتىم. مەن ئۇ ئىككى قۇشقاچقا يېمەكلىك بەرمىدىم. مەن كىچىك قۇشقاچنى ناھايىتى تېزلا قايتىپ كېلىدۇ، يىمەكلىك تېپىپ ئەكىلىپ ئاتا – ئانىسىغا بېرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن بالىلىرىم، سىلەر بىلەمسىلەر؟ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئىككى قۇشقاچ ئۆلۈپ قالدى. كىچىك قۇشقاچ ئەركىنلىككە ئېرىشىپلا ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھېكايىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن رۇك ئەپەندىم بالىلىرىغا: « بالىلىرىم، ئادەمنىڭ قەلبى ھامان كېيىنكى ئەۋلاتقا تارتىشىدۇ. شۇڭا مەنمۇ سىلەرنىڭ ئۆز بالىلىرىڭلارغا كۆيىنىدىغان قەلبىڭلارنى چۈشىنىمەن.قورۇق مېنىڭ ھاياتىم، ئۇ بولمىسا،مەن خۇددى قەپەسكە قامالغاندەك ھېس قىلىمەن.بالىلىرىم، مەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى چۈشۈنىمەن، سىلەر تېز قايتىپ كېتىڭلار، مەن داۋاملىق تۈردە قورۇققا ئىگىدارچىلىق قىلىپ باشقۇرىمەن،شۇنداقلا ئۇنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق ئەركىن بولۇشۇمنى ياقتۇرىمەن.سىلەر ئاتاڭلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنەمسىلەر؟» دېدى.
بالىلار ئەمدىلەتىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. ئۇلار ئاتىسىنى ياخشى كۆرسە، چوقۇم ئۇنىڭغا ئۆزىگە تەۋە بوشلۇق بېرىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.دۇنيادا يەنە بىر خىل ھۆرمەتلەش بار،ئۇ بولسىمۇ قارشى تەرەپكە مۇتلەق ئەركىنلىكنى بېرىش. (ئايشەم گايىت خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان)