ھېكايە
ياسىنجان سابىر ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول –يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىش كۆڭلۈم ئېچىلىدىغان ئادەتلرىمنىڭ بىرى ئىدى. بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزدۈم.
كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋېرىپ كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكىنىنمۇ تۇيۇماي قاپتىمەن. كۆزلىرىم چىڭقىلىپ ئەلەسلىشىپ، بېلىم، پۇت–قوللىرىم خېلىلا قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى، ياتاقتىكى ساۋاقدالىرىمنىڭ ھېچقايسىسى قايتىپ كەلمىگەچكە سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدۇم. ئادەتتە بۇنداق ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ گېپى بويىچە ئادەم كۆپ بۇنداق چوڭ ئالىي مەكتەپتە ئەڭ رومانتىك ئىش بولىدىغان ۋاقىتلار ئىدى. قار ياغقان كۈنلىرى بىزنىڭ بۇ مەركىزىي شەھەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەر ئاپئاق بولۇپ، يول چىراغلىرىنىڭ نۇرىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، ئادەمنى خىيالىي تۇيغۇلارغا باشلايتتى.مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدان كەڭرى ھەم چىراقلار كۆپ بولغاچقا ھەر قېتىم قېلىن قار ياغسا كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئالىدىغان ئالاھىدە جايلارغا ئوخشاپ قالاتتى. ئىز تورى www.iz.la
نېمىشقىكىن بۈگۈن ئۆزۈمچە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا بارغۇم كېلىپ قالدى، بىنانىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا ھەرخىل گۈللۈك چىنە خىشلارنى بېسىپ شەكىل چىقارغان جايلىرى قار ياغقاندا تېخىمۇ بەك سىلىقلىشىپ تېيلغاق بولۇپ كېتەتتى. ئالدىمدىكى مەيداندا بىر قانچىسى قار ئۇستىگە پالاقلاپ يىقىلغىلى تۇردى، بېرىپ يۆلەپ قوياي دېسىڭىز تونۇمايدىغان باشقا بىرسىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ يۈرگىلى بولمىغان، قاراپ تۇراي دېسىڭىز يىقىلغان كىشىنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرغاننىڭ ئۈستىگە تېخى ئادىمىگەرچىلىكى يوقكەن، دېگەن ئاتاقنى ئالىدىغان گەپ. شۇڭا، بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى ئامال ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىنا ئىچىدىكى سىنىپلاردىن چىقىپ تۇرغان، غۇۋا نۇرلار يورۇتۇپ تۇرىدىغان جاي بالىلار ئەڭ ئاسان يىقىلىپ چۈشىدىغان جاي ئىدى. خېلى سالماق قەدەملەر بىلەن گۈپۈلدىتىپ دەسسەپ ماڭىدىغانلارمۇ سەل–پەل بىخەستىلىك قىلىدىغان بولسا ئۆزىنىڭ نېمە بولغىنىنى بىلمەيلا پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ قالاتتى. بەرىبىر مېنىڭمۇ قىلىدىغان ئىشىم بولمىغاندىكىن، ئۇدۇل تەرەپتىكى قاراڭغۇراق بىر ئەپلىك جاينى تاپتىم–دە، قار تاماشاسىغا قوشۇپ ‹‹باشقىلارنىڭ يىقىلىش تاماشاسى››نى كۆرمەكچى بولۇپ تۇردۇم.
ھەر بەستلىك ئوغۇللار، نازۇك بەدەن قىزلار، يوغان چاپان بىلەن ئىغاڭلاپ كىتىۋاتقانلار، سوغۇقتىمۇ نوچىلىق قىلىپ مودا كىيىنىۋالغانلار كېلەتتى–دە، گۈپلا قىلىپ ئوڭدىسىغا چۈشەتتى. نەرىنىڭ قانچىلىك ئاغرىغىنىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ، سەكرەپ قوپۇپ، چاندۇرماي ھېچ ئىش بولمىغاندەك تېز–تېز يۈرۈشۈپ كېتەتتى. ئۇلار ئۆزىچە ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرۈتۈپ ھېچكىم كۆرمىگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىپ مېڭىشاتتى، لېكىن مەندەك بىرسىنىڭ بۇيەردە تۇرۇپ تاماشا قىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايتتى، ئەلۋەتتە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تاماشا تېخى ئەمدىلا قىزىۋاتقاندا ئالدىمدىن ئىككى مۇدا قىز شىپپىدە ئۆتۈپ قالدى، يېنىدىكى بىرسىنى كۆرۈپ، توك سوققاندەكلا بىر قىسما بولۇپ قالدىم. ئادەم دېگەن ياشلىقتا نېمە قىلىقلارنى قىلمايدۇ دەيسىز، مەنمۇ تېخى يۈرىكىمدىكى ياشلىق ئوتلىرىم ئەمدىلا ئۇچقۇنداۋاتقانلارنىڭ بىرى بولغاچقا، بىرەرسىنى كۆرۈپ يۈرەكتىكى ئوتلار لاۋۇلدش دېگەن بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋال-دە. ئادەتتە بۇنداق بىرلا كۆرۈپ، يۈرەك تىترىگەن ئەھۋاللاردا ياتاقتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ئويلاپ تاپقان ئەقلى ـــ دەررۇ سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، چارە ئىدى . چۈنكى ئەگەر سىز بىرەرسىنىڭ قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان، قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنى باشقىلاردىن سوراشقا توغرا كەلگەندە، ھېلىقى چېچى ئۇزۇن ئوماق قىزچاق دېگەندىن كۆرە ئۇدۇللا رەسىمىنى كۆرسىتىپ سوراش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىناتتى. بۇ ئارقىلىق شۇ قىزنىڭ ھەر بىر ئۇچۇرىنى، قايسى يىللىق، قايسى سىنىپ، ھەتتا تېلېفون نومۇرىغىچە سوراپ بىلىۋالغىلى بولاتتى. ھازىرمۇ ئۇ قىزنى كۆرۈپ بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىم سۈرەتكە تارتىۋېلىش بولغان ئىدى. رەسىمگە ئېنىقراق تارتىش ئۈچۈن يورۇقراق جاينى تېپىشىم كېرەكتە. تېزرەك مېڭىپ ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا ئۆتتۈم–دە، يورۇقراق بىر جاينى تاللاپ، تېلېفونومدىكى ئۇچۇرنى كۆرۈۋاتقان بولۇپ ئۇ قىزغا توغرىلاپ تۇردۇم. ئۇ قىز ئالدىمدىن ئۆتۈشىگىلا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن بىر قانچە سۈرەتكە تارتىپ ئۈلگۈردۈم، تارتىپ بولۇپلا بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ، نېمە بولغىنىمنى بىلمىدىم، تېيىلىپلا ئىككى پۇتۇم ئاسمانغا بولۇپ قالدى، كۆزۈمدىن ئوت چاقنىغاندەك بولۇپ مېڭىللىرىم سىرقىراپ كەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە بايىقى ئىككى قىز مېنى پۇت-قوللىرىمدىن يۆلەشتۈرگىلى تۇرۇپتۇ. قارىسام تېلېفونۇم قولۇمدا يوق نەلەرگە ئۇچۇپ كەتتىكىن، مەن ئىزدەپ بولغۇچە يەنە بىر قىز تېپىۋالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـــ ھە! مانا بۇ يەردىكەن، ۋوي بۇ رەسىمدىكى سەنغۇ ئاداش!
ـــ ئاپلا! ـــ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئىككى قىزنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ سەتلەشكەننى ئاز دەپ يەنە تېخى بايىلا تارتقان سۈرەتنى كۆرۈپ قالسا، نېمە كەلگۈلۈك بۇ ئەمدى، ئادەم ئوسال بولار بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس، ـــ ياقەي، خاتا كۆرۈپ قاپسىز. بۇ باشقا بىرسى، ـــ دېدىم-دە، قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپلا ھاپىلا -شاپىلا ياتاق تەرەپكە تىكىۋەتتىم.
سوغۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغاچقىمۇ ياكى بايا يىقىلغاندا خېلى قاتتىق چۈشتۈممۇ بىلمىدىم، پەقەتلا ماغدۇرۇم يوق. ھەممە يېرىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك زىڭىلداپ ئاغرىۋاتاتتى. شۇڭا بۈگۈن كەچتىكى سىنىپ يىغىنىغىمۇ چىقماي بالدۇرلا كارىۋاتقا چىقىپ ياتقان ئىدىم. ئۆزۈم يېتىۋالغىنىم بىلەن پۈتۈن خىيالىم سۈرەتتىكى ئاشۇ قىزدا ئىدى. تۇنجى قېتىمدىلا قالدۇرغان تەسىرىم نېمىدېگەن ناچار ھە! ئەمدى مېنىڭچە ئۇ قىزغا كۆرۈشۈپ تەلەپ قويۇش ئەمەس، ئىككىنچى قېتىم يولدا ئۇچراپ قالسىمۇ تىكىلىپ قارىيالماسلىقىم ئېنىق ئىدى. بۈگۈن ھەرنېمە بولسا مەن يىقىلغان ۋاقىتتىكى ئىشلارنى بىرەرسى كۆرۈپ قالماپتۇ، بولمىسا بۈگۈنكى ئىشلىرىم كېيىنكى سورۇندىكى ئەڭ قىزىق يۇمۇرغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. شۇ خىياللار بىلەن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئەتىسى سىنىپقا چىقسام نەچچە كۈندىن بېرى كىمنىڭ چىقىشىنى بېكىتەلمەي يۈرگەن خور ئوقۇش پائالىيىتىگە مېنى كۆرسىتىپ قويۇشۇپتۇ. سىنىپتىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ سايلام ئارقىلىق بېكىتىلگەنمىش. يوق ئادەمنى سايلىسا ھەممىسى قوشۇلىدۇ، قارشى تۇرىدىغان ئادەم يوق، ئېنىق سايلىنىمەن–دە. بۇ خور ئوقۇش دېگىنى مەكتەپنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتتە ئوقۇلىدىغان خور بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە يىغىۋېلىپ ئادەمنى ئاۋارە قىلغاندىن باشقا ھەممەيلەننى تەكرار–تەكرار ئاۋاز مەشىقىگە سېلىپ زېرىكتۈرۈۋېتەتتى. شۇڭا ئىككى كۈن بۇرۇن مەكتەپتىن ھەر بىر سىنىپتىن بىردىن ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى چىققىلى ئۇنىمىغاچقا تېخىچە كىمنىڭ چىقىشى بېكىتىلمەي يۈرەتتى. تۈنۈگۈن كەچ مەن سىنىپقا چىقمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەممىسى بىرلىشىپ دوپپامغا جىگدە سالغان چىغى. نېمە ئامال كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈندىن كېيىن مەشىق باشلانغاندا خور ئوقۇشقا مەن چىقىدىغان بولدۇم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەكتەپ كۇتۇپخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى ئوقۇغۇچىلار ئەڭ بۇرۇن ئىگىلەپ قويۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ئورۇن ئىدى. بىرەر جىددىي ئىش چىقىپ قالسا تۆتىنچى قەۋەتتىكى ئۆگىنىش زالىدىن چۈشكەندە ئەگەر لىفىت توختاپ كەتكەن بولسا، پالاقلاپ چۈشۈپ بولغۇچە ئادەمنىڭ چېكىسىدىن تەر ئاقاتتى، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆگىنىش زالىدىن ئەپلىك ئورۇن ئىگىلەيتتى. بىرىنچى قەۋەتنىڭ بۇنداق ئەۋزەللىكى بولغان بىلەن، لىكىن تازىلىق ئۆيى بولمىغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە يەر ئاستى ئۆيىدىكى تازىلىق ئۆيىگە ياكى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقاتتى. بۈگۈن بىرىنچى قەۋەتتىن ئورۇن ئالىمەن، دەپ يۈز– كۆزلىرىمنى چالا-بۇلا يۇيۇپلا يېنىپ چىققاچقىمۇ ياكى ناشتا قىلمىغاچقىمۇ بىردەم كىتاب كۆرۈپلا رۇھىم چۈشۈپ مۈگدەك بېسىشقا باشلىدى. يەر ئاستىدىكى تازىلىق ئۆيىگە چۈشۈپ ئەمدىلا يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ تۇرۇشۇمغا قالايمىغان ھۇۋلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى. گەرچە بۇزۇلۇپ غۇۋالىشىپ كەتكەن چىراغلارنىڭ نۇرىدا بۇ يەر خۇددى قورقۇنچلۇق فىلىملەرىدىكى ئۆيلەرگە ئوخشاپ قالغان، بايىقى ئاۋازلار بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ماڭا تەسىر قىلمايتتى. چۈنكى بۇ يەر ئاستى ئۆينىڭ ئادەم كۆرمەيدىغان قاراڭغۇ جايلىرىغا مۆكۈنۈۋېلىپ قالايمىغان ھۇۋلاپ ئادەم قورقۇتۇش مەن خېلى بۇرۇنلا ئويناپ كونىرىتىۋەتكەن قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمدىلا چىقىشىمغا ئۇدۇل تەرەپتىن ھېلىقى مەن سۈرەتكە تارتىۋالغان ئوماق قىز بىلەن ئۇنىڭ دوستى ئۇچراپ قالدى، دوستى ئوماق قىزغا قاراپ ‹‹كۆردۈڭمۇ ئاداش! بۇ يەردە جىن بار دېسەم پەقەت ئىشەنمەيسەن، قاردا تىك موللاق چۈشۈپ ھوشىنى تاپالماي يۈرگەن جىنلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ، مانا››. ئۆزى خېلى قاملاشقان قىز بولغان بىلەن ئۇنىڭ زەھەردىن ئاچچىق گەپلىرى سۆڭىكىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن مەن نېمىمۇ دېيەلەيتتىم، ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق–دە. تېخى تۈنۈگۈنلا بۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا يىقىلىپ يۈزۈم تۆكۈلۈپ بولغان تۇرسا، يەنە نېمىنى چۈشەندۈرەتتىم، بوپتۇلا ئىككى كۈندىن بېرى كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭىلا كېلىۋاتىدىغۇ ئەمدى.
ئىز تورى www.iz.la
ئىككى كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، خور ئوقۇشقا كۆرسىتىپ بېرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەكتەپنىڭ چوڭ زالىغا يىغىلىپ مەشىقنى باشلىۋەتتۇق. مېنىڭ بويۇم پاكارراق بولغاچقا ئەڭ ئالدىنقى رەتتە تۇرغۇزۇپ قويدى، مەن ئۈچۈن بۇ ئادەتتىكى نورمال ئەھۋال ئىدى، چۈنكى كىچىكىمدىن مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن خېلىلا پاكارراق بولغاچقا مەيلى خور ئوقۇش، سۈرەتكە چۈشۈش، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا بولسۇن، ئىشقىلىپ رەتكە تىزىلىدىغانلا ئىش بولسا ئەڭ ئالدىدا تۇراتتىم. ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى، بىردەمدىلا خورنىڭ رەتلىرى تىزىلىپ يېنىمغا بىرسىنى ئەكىلىپ قويدى، كىم ئىكەن دېمەمسىز؟ ئالدىنقى كۈنى سۈرەتكە تارتىپ، نەچچە كۈندىن بېرى سۈرىتىگە تولا قاراپ يەنە بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن، ئوتىدا غايىۋانە پۇچۇلىنىپ يۈرگەن ھېلىقى قىزنى يېنىمغا ئەكىلىپ قويغىنىغا مېنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغىنى ھېلىقى زەھەردىن ئاچچىق گەپ قىلىدىغان قىز كەينىمدىلا تۇراتتى، ئۇنى كۆرۈپ ئازراق جىددىيلىشىپ قالدىم، ئەگەر شۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئالدىدا ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاش سېسىق گەپتىن ئىككى ئېغىز قىلىدىغان بولسا، قاتتىق خىجالەتچىلىكتە قالىمەن-دە.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەگەر نەچچە كۈندىن بېرى قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنى بىرەرى بىلىپ قالغان بولسا، بۇ ئىشلارنى شۇنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقى دەپ چۈشىنەر ئىدىم. لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى ئىنسىجىنغا تىنمىغان تۇرسام. نېمىلا بولمىسۇن خور ئوقۇشقا چىققىنىمغا خۇشال بولدۇم، لېكىن كەينىمدە گۇمانلىق ئۇنسۇرغا قارىغاندەك قاراپ تۇرغان ئەسكەردىن بىرسى بار، شۇنداقلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام سېسىق گەپلەرنى پىلىموت ئوقىدەك ياغدۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ئېھتىماللىقتىن ساقلىنىشىم دىققەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. بۇ قېتىملىق خوردا ئوقۇيدىغىنىمىز ئىتتىپاقلىق توغرىسىدىكى خور بولۇپ، خورنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كەلگەندە خۇر ئوقۇغان ھەممەيلەن بىر-بىرىمىزنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى مەھكەم تۇتۇپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دولقۇنسىمان بىر خىل شەكىلنى چىقىراتتۇق، مەن خورنىڭ ئاشۇ يۇقىرى پەللىسىنى ئەڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن ئوقۇپ كېتەتتىم ھەم مېنىڭ ئەڭ تولۇق بىلىدىغان يېرىممۇ شۇ ئىدى. بۇ خورنىڭ ئاشۇ يۇقىرى پەللىسىنىڭ تۈگىمەسلىكىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ قولىنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىمىسۇن، خالىمىسۇن دەيسىز؟ مەن شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتلىرىمنى ئاشۇ خور بىلەن ئىپادىلەشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. كۈنلەر مانا شۇنداق لىرىك ھېسسىياتتا ئۆتتى، ئادەتتە دەرسلەرگىمۇ ئاران ئۈلگۈرۈپ چىقىدىغان ئادەم مانا ھازىر خور ئوقۇشقا سەھەر تۇرۇپ ئۆزۈمنى تۈزەشتۈرۈپ ھەر كۈنى ساقىلىمنى قىرىپ بىرىنچى بولۇپ كېلىمەن-دە، خورنىڭ ئاشۇ يۇقىرى پەللىسىنى، ئاشۇ دولقۇنسىمان ھالەتنى مەشىق قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن. گەرچە كەينىمدىكى ھېلىقى ‹‹پىلىموتچى ئەسكەر››دىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمىغان بولساممۇ، ھەر كۈنى خىيالىمدىكى مەشۇقنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشۇمدىن، كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشلىرىمدىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلغاندۇ، مۇھەببىتىمنى سەزگەندۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېلىقى مەيداندىكى سۈرەتكە تارتىۋالغىنىمنى، كۇتۇپخانىدىكى ئىشلارنى بىرەر قېتىممۇ يۈزۈمگە سېلىپ باقمىغان ئىدى. بارا-بارا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى ۋە تېلېفون نومۇرىنى بىلىۋالدىم. مەن غايىۋانە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن قىزنىڭ ئىسمى دىلارە بولۇپ مەن بىلەن بىر قاراردا ئوقۇيدىكەن، ھېلىقى ‹‹پىلموتچى ئەسكەر››نىڭ ئىسمى رەنا بولۇپ ئۇ ئىككسى ئايرىلماس قەدىناس دوستلاردىن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مەشق ۋاقىتلىرىمىزمۇ توشۇپ، پائالىيەتتە خورنى ئوقۇپ بولدۇق. ھەممىسى بۇ جاپالىق مەشىقنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن خۇشال ئىدى. لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم ئىدى، چۈنكى خور تۈگىدى، دېگەن گەپ ئەمدى ئۇنىڭ قولىنى يەنە تۇتالمايدىغان كۈنلەر باشلاندى، دېگەنلىك بولاتتى. شۇ كۈنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خور ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قولىنى پەقەتلا قويۇۋەتكۈم كەلمىدى، لېكىن يۈرەكتىكى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا دېيىشكە ئامالسىز ئىدىم ھەم دېيىشكىمۇ پېتىنالمايتتىم. شۇ كۈنى پۈتۈن غەيرىتىمنى يىغىپ، بىر نەچچە ئېغىز يۈرەكنى تىترەتكۈدەك سۆزلەر بىلەن قوشۇپ داۋاملىق ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرگۈم بارلىقى توغرىسىدا بىر پارچە قىسقا ئۇچۇر يازدىم. بىردەمدىن كېيىنلا ئۇ قايتۇرغان ئۇچۇرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇچۇردا پەقەت ‹‹ھازىر تور بىلەن تېلېفون بولمىغان بولسا، ئوغۇللار قىزلارغا قانداق قىلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلغان بولاتتى››، دېگەندىن باشقا ھېچنېمە يازماپتۇ، ئۇنىڭ ماقۇل بولغان ياكى ماقۇل بولمىغىنىنى بىلەلمىدىم. قىسقا ئۇچۇرنى قايتا-قايتا كۆرۈش ئارقىلىق، بەلكىم ئۇ مېنىڭ باشقا بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تەلەپ قويۇشۇمنى ئېيتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدىم –دە، تورمۇ يوق، تېلېفونمۇ يوق ۋاقىتتا كىشىلەر قوللانغان ئۇسۇلنى قوللىنىش نىيىتىگە كېلىپ، بىر كېچە ئۇخلىماي دېگۈدەك تەسىرلىك قىلىپ باش قاتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ چىقتىم. بۇ خەتنىڭ بېشىدىكى مەن ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن باشلاپ شۇ كۈنىگىچە بولغان ئىشلاردىن باشقىسى ئاساسەن دېگۈدەك توردىن چۈشۈرۈۋالغان پايدىلانما ئەسەر دېيىشكە بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ، بۇ ئىسىل پىشقان ئەسەر ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپقان ئىدىم . ھەپتىگە قالمايلا خەت كۈچىنى كۆرسەتتى، بىلىپ-بلمەيلا ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق يېقىنلىشىپ كەتتىم، ھايات دېگەن قىزىق بولىدىكەن. ئادەم دېگەن نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ، دەيسىز، تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا رەسىمگە تارتىپ قويۇپ، نىم قىلارىمنى بىلەلمەي يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم، مانا ئەمدى خۇددى ئۆزۈمنىڭ قولىنى تۇتقاندەك ئۇنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ بەخىرامان خاتىرجەم يۈرۈپتىمەن.
ئىز تورى www.iz.la
‹‹پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ، ئۇن تارتامدۇ ئادەممۇ›› دېگەندەك ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى. مەن سىناققا دۇچ كېلىۋاتقاندەك قىلاتتىم، دىلارە ماڭا ماقۇل دېگەن شۇ كۈندىن باشلاپ بىرسى ماڭا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈزمەي تېلېفون قىلىدىغان بولۇۋالدى. كېيىن بىلسەم ئۇ مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم ئابىدە ئىكەن. بىر قانچە قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئۇچراشقاندىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللىشى مېنى سەل ئەنسىرىتىپ قويۇۋاتاتتى. گەرچە ئابىدە باشقا مەكتەپتە بولسىمۇ، لېكىن كۆڭۈل دېگەن ساراڭ نەرسىگە بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايتتى. شۇڭا ھەر قانداق ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتاتتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۈنلەر شۇنداق بىر خىل رېتىمدا ئۆتۈۋاتاتتى، باشقىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا مەن ھازىر ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ خاتىرجەم كېتىۋاتاتتىم. لېكىن مېنىڭ دىلارەدىن باشقىغا كۆڭلۈم زادىلا تارتمايتتى، ئۇنى تۇنجى كۆرۈپ توك سوققاندەك تۇيغۇغا كەلگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئوخشاشلا ياخشى كۆرەتتىم. ھەش –پەش دېگۈچە يېڭى يىلمۇ كېلىپ قالدى، ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئابىدە بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ قالدىم. كۆرۈشىدىغان كۈنى يەنە دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى كەچ بولغاچقا ئازراق قار يېغىۋاتاتتى. قىزىق ئىشتە، قار بىلەن خوشۇم يوقلۇقىغا ھەر قېتىم بىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ قالساملا قار ياغاتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېلېفوندا پاراڭلىشىپ يۈرگەن بىلەن ئۆزىنى كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغاچقىمۇ، ئۇ كۈنى ئابىدەنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، قىز بالا دېگەن راستلا ناھايىتى تېز ئۆزگىرىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا يۈزىنى ئىشىك قىسىۋالغاندەك بىر قىسما كۆرۈنىدىغان قىز، مانا ئەمدى كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك تۇلۇن ئايدەك بولۇپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان. ئەسلىي ئويلىغىنىم بويىچە بولغاندا، مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى دەپلا بىر ۋاق تاماق يەپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەمدى ماڭا تېلېفون قىلىپ يۈرمەسلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويماقچى ئىدىم. لېكىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ خىياللىرىمنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلالمىدىم، كىممۇ ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ بۇنچىلىك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ يەتسۇن دەيسىز؟ ھېسسياتىم مېنى ئازدۇرۋاتاتتى، كاللامدا پەيدا بولغان خىياللار مېنى ئىرادەمگە خىلاپ يوللارغا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن پاراڭلاردىن كېيىن ئابىدە كېتىپ قالدى، قولۇمدا ئۇنىڭ بەرگەن كۆرۈشۈش سوۋغىتى تۇراتتى. كاللامدا نۇرغۇن چېگىش خىياللار، ئىشلار شۇنداق بولغىنى بىلەن ئاخىرىنى قانداق چىقىرىشنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم، پەقەت بىرسىنى تاللاي دېسەم بۈگۈنكى بۇ كۆرۈشۈش مەندە تەۋرىنىش ھاسىل قىلغان ئىدى. ھەرخىل رەڭلىك قەغەزلەر بىلەن ئورالغان بۇ سوۋغات قولدا ئالاھىدە كەشتىلەنگەن بىر گۈزەل پورتمال بولۇپ، قارىغاندا بۇنى ئابىدە ئۆزى بوش ۋاقىتلىرىدا مەخسۇس تىككەندەك قىلاتتى. پورتمال بىلەن بىللە چىققان خەتلەر مېنى تېخىمۇ ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. بۇ خەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئانچە بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىسەممۇ، لىكىن ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. مەن مۇشۇ ۋاقىتتا بەزىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قىز بىلەن بىللە يۈرۈيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، بىر تەرەپكە قارىسام، مەن ياخشى كۆرىدىغان قىز، يەنە بىر تەرەپكە قارىسام مېنى ياخشى كۆرىدىغان قىز. زادى قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە، ‹‹سەن سۆيگەننىڭ قولى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول›› دېگەندەك قىلاي دېسەم دىلارەگە ئۆزۈم تەلەپ قويغان ھەم ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىزمۇ باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە شۇنداق ياخشى. لېكىن ھەر ئىككىسى بىلەن تەڭلا يۈرۈشمۇ خەتەرلىك ئىدى، بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. لېكىن بۇ ئىشلارنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆزۈممۇ بىلەلمىگەچكە، بۇ ئىشلار شۇ پېتى بويىچە ئوز يولىدا مېڭىۋەردى. ئىز تورى www.iz.la
يېڭى يىل كىرگەن كۈنى ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى، ئەتىگەندىلا پورتمالىم سۇدا ھۆل بولۇپ كەتكەچكە، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىشلەتمەي ساقلاپ يۈرگەن ئابىدە بەرگەن ھېلىقى پورتمالنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالدىم. قېرىشقاندەك دىلارە بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى پورتمالىمغا سېلىپ قويىمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى، ئىچىمدە جىن بولغاچ پورتمالنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىككە تىرىشتىم، ئۇنىڭغا سۈرەت بېرىشنى ئىلگىرى ئۆزۈم ئېيتقان ئىدىم. لېكىن بۈگۈن بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ئاخىرى دىلارەنىڭ قېيداپ دومسىيىشلىرىغا چىدىماي پورتمالنى ئۇنىڭغا تۇتقازدىم. مانا ھەممە ئىش ئاشۇ پورتمالدىن باشلاندى. ئۇ پورتمالنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى بىر قۇر كۆرۈپلا ھۇقۇيتۇپ يىغلىغان پېتى قىزلار ياتىقى تەرەپكە غۇۋا ئاي يۇرۇقىدا ئاپپاق قارلارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپ كېتىپ قالدى. بۇ ئىشلار مېنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ھەرقانچە ئويلاپمۇ بۇ ئىككى ئىشنى بىر-بىرىگە باغلاپ بولالمىغان ئىدىم. گەرچە پورتمالنى ئابىدەدىن ئالغىنىم كۆڭلۈمگە ئايان بولسىمۇ، لېكىن دىلارەنىڭ پورتمالنى بىرلا كۆرۈپ ھەممىنى بىلىۋېلىشىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. بۇ ئىشلانى دىلارەنىڭ ئۆزىدىن سوراشقا تېخى تىلىم بارمايتتى، ئۇنىڭ يىغلاپ كەتكىنىدىن قارىغاندا بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ بىلىپ تۇرۇپمۇ مېنىڭ يۈزۈمگە سالماي يەنە پەقەت ئۆزى يالغۇز ياش تۆكۈشى مېنىڭ يۈزۈمنى قىلغانلىقى، مېنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇنداق دېلىغۇللۇق ئىچىدە بىر قانچە كۈندىن بېرى دىلارە بىلەن ئالاقىلىشالماي يۈرەتتىم. ئاخىرى بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇنىڭ ئايرىلماس دوستى ئامىنەدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ دېيىشچە، دىلارە بىلەن ئابىدە ئىلگىرى تونۇشمايدىغانلاردىن بولسىمۇ، لېكىن يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا بىر پويىزدا، بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ قالغاچقا، شۇ ۋاقىتتا تونۇشۇپ كېيىنچە ئىزدىشىپ يۈرۈپ سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغاچقا ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ ئوغۇل دوستى بارلىقىنى بىلسىمۇ بۇ ھەقتە ئانچە كۆپ پاراڭ قىلىشمايدىكەن. ئىككىسى بازار ئايلانغان ۋاقىتتا پورتمال تىكىدىغان كەشتىلىك ماتېرىيال ۋە پورتمالدىن بىر جۈپ ئالغان بولۇپ، سوۋغات ئۈچۈن ئورىغاندا ئىككىسىنىڭ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەپتۇ، پورتمالنىڭ ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندە بولسا، ئابىدە ئۇنى ئاللىقاچان بىرسىگە سوۋغات قىلىپ بېرىۋەتكەن بولغاچقا، دىلارە باشقىلار تىككەن پورتمالنى ماڭا بېرىشنى لايىق كۆرمەي ئۆزى قايتىدىن يەنە بىرنى تىكىۋاتقان ئىكەن. ئەسلى يېڭى يىل كۈنى ئۇنى ماڭا سوۋغات قىلىپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېخى تىكىپ ئۈلگۈرۈتۈپ بولالمىغاچقا، ماڭا رەسىمىنى بولسىمۇ بېرەي، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ شۇ كۈنى مەندىن ئالغىنى دەل ئۆزى تىكىپ، ئالمىشىپ كەتكەن پورتمال ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا ھەممە ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتكەن ئىكەن. ئامىنە يەنە بۇ ئىشلار ئاللىقاچان ئابىدەنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بولغاچقا، مېنىڭ يەنە دىلارە بىلەن ئابىدە ئىككىسىنى كولدۇرلىتىپ ئاۋارە قىلىپ يۈرمەسلىكىمنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى. بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى ئۆزۈمنى ئەيىبلەيتتىم، ئۆزۈمنى كەچۈرمەيتتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، شۇ ئىشلاردىن كېيىن روھىم چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدىم. تۈن كېچە سىرتتا يەنىلا ئاپپاق قار يېغىۋاتاتتى، ئۆچۈرۈلگەن كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، كاللامدا پەقەت بىرلا خىيال، پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ، ئۇن تارتامدۇ ئادەممۇ.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى كومپيۇتېر كەسپى 2009-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور