سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

ۋاقتى:2012-01-10 12:30مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

 ھېكايە

   ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى.
   ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كېلىۋالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئالدىراش بولغانلىقتىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاشقا ۋاقتىمۇ يوق ئىدى، ئائىلىسىگىمۇ تۈزۈك قاراپ بولالمايۋاتاتتى. كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇ جان تىكىپ ئىشلەۋاتاتتى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسالمايتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
   ئانىسى تېلېفوندا ئۇنىڭغا:
   ـــ بېرسىن ئەپەندىم تۈنۈگۈن كەچ ئالەمدىن ئۆتتى. ماتەم مۇراسىمى ھەپتىنىڭ ئۈچى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ـــ ئۇنىڭ كاللىسىدا بالىلىق ئەسلىمىلىرى يالت قىلىپ قالدى. ئۇ ئاستا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى بىر ئاز تىنچلاندۇرۇپ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.
   ـــ جېك، گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟
   ـــ ھە، كەچۈرۈڭ ئانا، ئاڭلاۋاتىمەن. مەن ئۇنى ئويلاپ قويمىغانغا خېلى بوپتۇ. كەچۈرۈڭ، راستنى ئېيتسام، ئۇنى نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ـــ دېدى جېك.
   ـــ بىراق، ئۇ سېنى ئېسىدىن چىقارماپتۇ، ھەر قېتىم مېنى كۆرگىنىدە سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سوراپ كېتەتتى. دائىم سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى تىلغا ئالاتتى، ـــ دېدى ئانا.

www.iz.la

   ـــ مەن ئۇنىڭ ئاشۇ كونا ئۆيىنى ياقتۇراتتىم، ـــ دېدى جېك، ــ ئۇ ماڭا ياغاچچىلىقنى ئۆگەتكەن، مانا ھازىرقى خىزمىتىمگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ماڭا ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان كىشلىك تۇرمۇش قائىدىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى... ئانا، مەن ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا چوقۇم قاتنىشىمەن.
   گەرچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئايرۇپىلان بىلەن يۇرتىغا قايتىپ باردى. بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈلدى، قاتناشقان ئادەممۇ كۆپ ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ بالىسى يوق، تۇغقانلىرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەپ كەتكەنىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   جېك كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئانىسىنى ئېلىپ بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. جېك ئۆيگە كىرىپلا بالىلىق دەۋرىگە قايتقاندەك بولۇپ قالدى. ئۆي ئىچىدىكى سەرەمجانلار ئەينى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئىدى. ئۇ ئۆيدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى، ھەر بىر ئۆي-جاھازلىرى ۋە قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىتەتتى. تۇيۇقسىز ئۇ بېرسىن ئەپەندىنىڭ كىتاب ئىشكاپى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى.
   ـــ جېك، نېمە بولدى؟ ـــ دەپ سورىدى ئانىسى.
   ـــ ھېلىقى كىچىك قۇتا يوق تۇرىدۇ، ـــ دېدى جېك.
   ـــقايسى كىچىك قۇتا؟ ـــ سورىدى ئانا.
   ـــ ئالتۇن كىچىك قۇتا بولىدىغان، دائىم مۇشۇ كىتاب ئىشكاپىدا سولاقلىق تۇراتتى. مەن بېرسىن ئەپەندىمدىن نەچچە قېتىملاپ ئىچىدە نېمە بار دەپ سورىغان ئىدىم، ئۇ ھەر قېتىم مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم بار دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، ـــ دېدى جېك.
www.iz.la

   ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەر جېكنىڭ خاتىرسىدىكىگە ئوخشاش ئىدى، پەقەت ئالتۇن قۇتا يوقاپ كېتىپتۇ، جېك كۆڭلىدە بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى.
   ـــ بېرسىن ئەپەندىمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان بولدۇم، ـــ دېدى جېك ئەپسۇسلانغان ھالدا، ـــ بولدى، ئانا. بالدۇرراق قايتايلى، ئەتە ئەتىگەن ئايرۇپىلانغا ئۈلگۈرمىسەم بولمايدۇ.
   ئىككى ھەپتىلەر ئۆتكەندە، جېك ئۆز ئۆيىنىڭ پوچتا ساندۇقىدا پوچتالىيون قالدۇرۇپ قويغان باغاقچىنى كۆردى. باغاقچىدا: ‹‹سىزگە كەلگەن بىر پوسولكا بار، چوقۇم ئىمزايىڭىز بولۇشى كېرەك، ئۆيىڭىزدە يوق ئىكەنسىز، ئۈچ كۈن ئىچىدە پوچتىخانىغا كېلىپ ئېلىۋېلىڭ››، دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. www.iz.la
   ئىككىنچى كۈنى جېك پاسولكىنى ئالغىلى پوچتىخانىغا باردى. ئېچىپ كۆرۈۋىدى، بېرسىن ئەپەندىمنىڭ كىتاب ئىشكابىدىكى ھېلىقى كىچىك ئالتۇن قۇتا بىلەن بىر پارچە خەت چىقتى. خەتتە: ‹‹مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ قۇتىنى ۋە ئىچىدىكى نەرسىنى جېكقا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. قۇتا ئىچىدە ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم بار›› دېيىلگەن ئىدى. كونۋېرت ئىچىدە يەنە بىر كىچىك ئاچقۇچمۇ بار ئىدى. جېك ئاۋايلىغىنىچە ئاچقۇچ بىلەن قۇتىنى ئاچتى، ئىچىدە بىر دانە يانچۇق سائىتى تۇراتتى. سائەت قاپقىقىنى ئېچىۋىدى، قاپقاقنىڭ ئىچى تەرىپىگە ‹‹جېك، سېنىڭ ۋاقتىڭغا رەھمەت! –خالورد بېرسىن›› دېگەن بىر نەچچە خەت ئۇيۇقلۇق ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
   ‹‹ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى مېنىڭ ۋاقتىمكەن -دە››، دەپ ئويلىدى جېك.
   جېك ئالتۇن سائەتنى سىقىمدىغىنىچە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى. مېنىڭ ۋاقتىم، بېرسىن ئەپەندىم ئۈچۈن مېنىڭ ۋاقتىم ئەڭ قىممەتلىك ئىكەن. بۇ مېنىڭ ئائىلەم ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۆڭلىدە يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوغلىنى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ كەلمەكچى بولدى.
   قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزگە ھەمرا بولغان ئادەملا سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەمدۇر.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
87.5%
ناچار
(1)
12.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇرسەت ئەنە شۇنداق ئاددى!

    بىر كۈنى كەچتە بىر ئادەم پەرىشتىگە يولۇقۇپ قاپتۇ.پەرىشتە ئۇ ئادەمگە يىقىندا ئىنتايىن موھىم ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى.ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسا كۆپ بايلىققا ئېرىشىپلا قالماستىن جەمئەتتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىنتايىن چىرايل...

  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...