ئەركىن سابىر
(ھېكايە) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. ‹‹بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟›› دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قالدى، ئارىدا نەچچە قېتىم كېلىشتۈرۈپ قويماقچى بولساقمۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ كاجلىقى تۇتۇپ، بىر – بىرىگە زادىلا يېقىن كېلىشمىدى. بەزىدە ‹‹توۋا، بىر – بىرى بىلەن تېپىشكەن ئېشەكمۇ بىر ئېغىلغا سىغىدىغۇ، ئادەم بالىسى تۇرۇپ شۇنچىلىك بولالماسمۇ؟›› دەپمۇ قالىمەن. راستىنى ئېيتسام، ھەممە ئىشنى تېرىغان مىرقەدىر، ئۇ ھېلىقى جىگدىخانغا تېلېفون قىلمىسا بولاتتى، كۆرەڭلىگىنى بولمامدۇ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نېمە قىلىسەن ئۇنداقلارنى چاقىرىپ؟ دېدى ھەبىبۇل شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.
- يېنىمىزغا تارتىپ ئولتۇرىمىز، دېدى مىرقەدىر.
- ئۆيدە خوتۇنۇڭ بار تۇرسا...
- بولسا نېمە بوپتۇ؟ دادام ئەپ بەرگەن خوتۇن دەپ، بىر خوتۇننىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتۈش ۋاجىپمىدى؟
- ۋاجىپمۇ – ئەمەسمۇ، ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، لېكىن ھەر قانچە بولسىمۇ، يېڭى يىلدا ئادەمنى نەس باستۇرمىساڭ بولاتتى!
- ھوي، نېمە بولدۇڭ؟ غۇتۇلداپلا كەتتىڭغۇ!؟ ئولتۇرسا مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرىدۇ...
- يوغان ئىش!
- يوغان ئىش قانداق؟ چىدىغانغا چىقارغان، بولسا سەنمۇ بىرەرسىنى چاقىرىپ يېنىڭدا ئولتۇرغۇز.
www.iz.la
- مەن سەندەك شاللاق ئەمەس.
- ئادەمنى تىللىما!
- تىللايمەن قانداق؟!
- بولغان ئىش مانا شۇ. ئىككىسى ھاي دەپ بولغىچە كاللا – موللاق بولۇشتى. خۇشچاقچاقلار بىلەن قىزىپ ئولتۇرىمىز، يېڭى يىلدا ھەر بىرىمىزگە بىر ياش، بىر ئەقىل قوشۇلۇشىنى تىلەيمىز دېيىشكىنىمىز نېمە بولدى ئەمدى؟ بىردىنلا چېچىلدۇق – دە، تارىدۇق.
- ئۇ ئىشقۇ ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن بۇ يىل قايتا جەم بولارمىز دېسەك، ھەبىبۇل مىرقەدىر بار سورۇنغا ئاياغ باسمايمەن دەپتۇ. شۇنداق دېگەن يەردە ئىمىرغىياس بارمىش، ئۇ ھەبىبۇل بارمىسا مەنمۇ بارمايمەن دېگۈدەك.
- ئىمىرغىياسقا نېمە بوپتۇ؟ -دېدىم سوپىغا، ھەبىبۇل بىلەن كىندىكى قوشمىكەن؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نېمىسى قوشلىقىنى مەن نەدىن بىلەي،- دېدى سوپى، ئىمىرغىياس بارمايمەن دېۋىدى، ئاۋۇ رەقىت بىلەن ئابدۇلمۇ بارماسقا چىقتى.
- ۋاي – ۋۇي، گۇرۇھ بوپتۇ – دە. مەيلى ئۇزۇنغا چىقسۇن، ئۇلارسىز يېڭى يىل بولمايدىغاندەك!
- شۇ ئەمەسمۇ؟! -دېدى سوپى.
- مىرقەدىرچۇ، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىڭمۇ؟
- قىلدىم، ئۇ يەنە يېنىمىزغا قىستۇرىدىغانلارنى چاقىرامدۇق دەيدۇ.
- شۇنداق دېدىما؟ تازىمۇ ئادەم بولمايدىغان نېمىكەن ئۇ! مەن سەل ئاچچىقلاندىم، بۇلتۇر تېرىغان خاپىلىقى يەتمەمدۇ، يەنە شۇ گەپنى قىلغىنىنى قارا!
- ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ سوپى تېخىچە تېلېفوندا گەپ قىلىۋاتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھېچقانداق قىلمايمىز، دېدىم – دە، تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئەسلىدە ھەر يىلقى سورۇننى ھەر بىرىمىز نۆۋەت بىلەن تەشكىللەپ كېلىۋاتقانتۇق، بۇ يىل سوپىنىڭ نۆۋىتى ئىدى، ئۇ ياۋاش، كەم سۆز بولغاچقا، ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئون كۈن بۇرۇنلا تېلېفون قىلىشقا باشلىغانىدى، لېكىن ئىش ئەنسىرىگىنىدەكلا بولدى.
شۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە خوتۇنۇم:
- بىزنى ئاپاملارنىڭكىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز، دېدى.
- نېمىشقا، بۈگۈن يېڭى يىل ھارپىسى، ئۆيدە گۇڭۇر – مۇڭۇر ئولتۇرۇپ يېڭى يىلنى تەبرىكلىمەمدۇق؟ سورىدىم مەن.
- ۋاي – يەي، گۇڭۇر – مۇڭۇر دەپ كەتكىنىڭىزنى، قاچانلاردا شۇنداق قىلىپ باققان؟ ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن ھاراق ئىچكىلى قاچارسىز يەنە!
- بۇ يىل ئۇنداق بولمايدۇ.
- ئەجەب ئوڭلۇق بوپ كېتىپسىزا؟
- مەن ئوڭلۇق بوپ كەتمىدىم، ئاغىنىلەر بىر – بىرى بىلەن يامانلاقتا.
- شۇ، بىر يېرى بار، بايىلا بارىدىغان تۆشۈك قالمىغىنىنى بىلگەنتىم، بولمىسا مەن بىلەن بالىلىرىڭىز خىيالىڭىزغا كېلەمتى؟ خوتۇنۇم گېپىنى تۈگىتىپ، ماڭا گۇمانىي نەزەردە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ قارىشى بىكار ئەمەس ئىدى. ئادەتتە ھەر يېڭى يىل ھارپىسى كەچتە ئاغىنىلەر تەرەپ – تەرەپتىن تېلېفون قىلىپ ئولتۇرغۇزمايتتى. شۇ ئەسنادا مىرقەدىر تېلېفون قىلدى.
- ئارىغا قىستۇرۇلىدىغانلارمۇ بار، كەلسەڭ كۆڭلۈڭ بۆلەكچىلا خۇش بولۇپ قالىدۇ، -دېدى ئۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەبىبۇل تېلېفون قىلدى. ئۇ ئىمىرغىياسلار بىلەن ئايرىم جايدا سورۇن تۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سوپى. لېكىن مەن ھېچقايسىسىغا يا بارىمەن، يە بارمايمەن دېيەلمىدىم، چۈنكى خوتۇنۇمنىڭ قاش – قاپاقلىرى بۆلەكچىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغانىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- بېرىۋېرىڭ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن تېلېفونستتەك بۇ يەردە تېلېفون قوبۇل قىلىپ ئولتۇرماي، دېدى ئۇ ئاخىر. بالىلار بۇ گەپ بىلەن شۈكلەپلا كەتتى، ئۇلارغا قاراپ مەنمۇ لام – جىم دېيەلمىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى