توزىغان غۇنچە (3)

ۋاقتى:2012-01-07 16:55مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   — جىنىم قىزىم، مېنى تاشلىۋەتمەڭ، دادىڭىز ھەر قانچە بەختكە ئېرىشتۈرسىمۇ، مىسكىن ئاپىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ! –دېدى مەريەمخان سارەمنى قۇچاقلاپ.
سارەم بىر كۆزى ياش، بىر كۆزى قان ھالدا دادىسىنىڭكىگە كەتتى، سوتتا ئۇ دادىسىنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ ئۆزىنى دادىسىغا بۇيرۇپ بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما ئۇ شۇ كەتكەنچە ئانىسىنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى، دادىسىنىڭ ئۆزىنى جەننەتكە ئەمەس دوزاخقا ئېلىپ ماڭغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. شازادىگۈل ئۇنىڭغا بىر چىنە ئاشنىمۇ دوق قىلىپ بېرەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سارەمنى ئۆينىڭ ھەممە ئىشىغا سالاتتى.
— بۇ قىز ئوقۇپ نەگە باراتتى، ئۆيدە مەن بىلەن تۇرۇپ، ئۆي ئىشىغا پىشسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆيدە تۇرسا، سىزمۇ مەندىن خاتىرجەم بولىسىز، دەيتتى شازادىگۈل سايىتقا. ئۇنىڭ گېپىدىن شاللاقلىقى چېنىپ تۇراتتى، سايىت شۇڭا ئۇنىڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن سارەمنى مەكتەپتىن توختىتىۋالدى. سارەمنىڭ ئالىي ئىستەكلىرى بار ئىدى، يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ تۇرمۇشنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە ئۆرلىمەكچىدى. ئەمما ھازىر ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. تۈنۈگۈن كەچتە دادىسىنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ چىقتى، بىراق نەگە بېرىشنى بىلەلمىدى. ئانىسىنىڭكىگە بارغۇسى بولسىمۇ، دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىشىدىن ۋە ئانىسىنى كۆرگىلى بارغىنىغا ئانىسى گۇناھكاردەك ئۇنى ھاقارەتلەپ كېتىشىدىن قورقتى. ئۇ ئەمدى شۇنچىلىك ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولغىنىدىن ئۆپكىدەپ يىغلىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شازادىگۈل ئۇنى تۈرمىگە قامىغاندەك قامىۋالغانىدى، ئۇ ئۆز زۇلۇملىرىنى سايىتنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن سارەمنى ئەركىلىتىپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قوياتتى. سارەم ئۇنىڭ سۆيۈشلىرىدىن سەسكىنەتتى ۋە چاندۇرماي سۇخانىغا چىقىپ يۈز-كۆزىنى يۇيۇۋېتەتتى. شازادىگۈل ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سېزىپ تۇراتتى ۋە سايىت خىزمەتكە كەتكەندە، سۇخانىغا كىرىپ ئەتەي ئاغزىنى نەچچە چايقايتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سارەم شۇلارنى ئويلاپ تامنىڭ تۈۋىدە ئۇزاق ئولتۇردى. ھاۋا تۇتۇلۇپ كەتكەچكە، ئاسماندا يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئاسمانغا ئۇزاق تىكىلدى، كۆڭلى نېمىنىدۇر تۇيغاندەك، ئۆز يۇلتۇزىنى كۆرۈۋالماقچى بولاتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭ تېنى قورۇلدى، ئۇنىڭ كىيىملىرى يېلىڭ ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى ۋە مىرزاتنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدى، مىرزاتلار نېرىقى كوچىدىكى بىر بىنادا تۇراتتى. بىراق ئۇ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى، قىز بالا تۇرۇپ مۇشۇ كېچىدە ئۇنىڭكىگە بارسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ قالغانىدى. ئۇ ئارقىسىغا ياندى، قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغۇسى كەلمىدى، بەلكىم بىرەر ئىشنى ئويلىغاندۇ. www.iz.la
ئۇ مىرزاتنى ياخشى كۆرەتتى، مىرزاتنىڭ باغرىدا ئۆزىگە تەسەللى تاپاتتى، مىرزات بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا ھاياتقا، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، ئىشەنچلىرى ئاشاتتى. تۆت ئايدىن بۇيان ئۇ مانا شۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قالدى.
سارەم خىيالغا بېرىلگەن ھالدا كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېتىپ باراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ قاياققا ماڭغىنىنى ۋە نېمە ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى، كۆزلىرىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى، قۇلاقلىرىغىمۇ ھېچنېمە ئاڭلانمايتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇنى نېمىدۇر يەردىن يۇلۇپ ئالدى-دە، نەچچە مېتىر يەرگە ئېتىۋەتتى.
ئۇنى ماشىنا سوقۇۋەتكەنىدى، شوپۇر ئۇنى شۇئان دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوختۇرلار ئۇنىڭ ئارقا مېڭىسىنىڭ ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى، ھەتتا مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ساقچىلار بۇ ناتونۇش قىزنىڭ يانچۇقىدىن چىققان سۈرەتكە ئاساسەن مەريەمخاننى تەستە تاپتى. مەريەمخان قىزىنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدى، ئۇ دوختۇرلارنىڭ تەسەللىسى بىلەن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ، سايىتنىڭ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدى، بىراق سايىت ئىدارىسىدە يوق بولۇپ چىقتى، ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى.

ئىز تورى بەك ياخشى


يامغۇر بارغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى، مەريەمخان تىت-تىت بولۇپ سايىتقا يەنە تېلېفون قىلدى، لېكىن يامغۇرلۇق كېچىدە سايىت ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندەك تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئۇ ئۈستىبېشى چىلىق -چىلىق ھالدا قايتىپ كىردى، لەۋلىرى كۆكۈرگەن، چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى. ھېلىمۇ مىرزات بىلەن ماۋۇ ئىككى قىز ساۋاقدىشى ئاڭلاپلا يېتىپ كەلدى، بىراق ئۇلار نېمە قىلىپ بېرەلەيتتى؟
مەريەمخان ئەتىگەندىن تا ھازىرغىچە ھېچنېمە يېمىدى، خۇددى قىزى بىلەن تەڭ بىھۇشلىنىپ، قىزى بىلەن قۇچاقلاشقىنىچە ئۇ دۇنياغا بىللە كەتمەكچىدەك قىلاتتى. بىراق سارەم بىرەر قېتىممۇ كۆزىنى ئېچىپ ئانىسىغا قاراپ باقمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنە ئىككى تامچە ياش سىرغىدى-دە، ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا كەتتى. ئۆي ئىچىدىن باشتا بۇقۇلداپ، كېيىن ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى ۋە دېرىزىنىڭ ئوچۇق قانىتىدىن ھالقىپ چىقىپ، يامغۇرلۇق تۈن قوينىنى يېرىپ يىراقلارغا تارىدى. ھالبۇكى، سايىت بۇ يىغا-زارنى ئاڭلىمىدى، ئۇ ھېلىمۇ شېرىن دەملەرنىڭ پەيزىدە مەست ئىدى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئىشىلتىلمىگەن نومۇر

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم. زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەت...

  • سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم

    ھېكايە ئانىسى جېكقا تېلېفون بېرىپ ، ئۇ ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن بوۋاينىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، توي ئىشى، خىزمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ دەستىدىن ئۇ بوۋاينى يوقلاپ بېرىش تۈگۈل ئۇنتۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى...

  • ھارپا ئاخشىمى

    ئەركىن سابىر (ھېكايە) سوپىنىڭ تېلېفونى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. بۇ ئاغىنىلەرگە نېمە بولدى؟ دېدىم ئىچىمدە. ئەسلىدە ھارپا ئاخشىمى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئولتۇرماقچىدۇق. بۇ ھەر يىلى بىزگە ئادەت ئىدى. بۇلتۇرقى سورۇندا ھەبىبۇل بىلەن مىرقەدىر ئۇرۇشۇپ، تەتۈر قارىشىپ قال...

  • توزىغان غۇنچە(1)

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھۇش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • قاقچى بوۋاي

    (ھېكايە) ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكا...

  • بۇ توي كۆينىكىڭ

    گۈلباھار سىدىق ئابباس بىر يىلنىڭ ئالدىدا يېقىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بېرىپ قالدىم.توي بولدىغان قىز ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ،رېستۇرانغا ناھايتى كېچىكىپ كەلدى.بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان مېھمانلار بويۇنلىرىمىزنى سوزۇشۇپ قىز بىلەن يىگىتكە قاراشتۇق.يىگىت كۈل...

  • بىزنىڭمۇ بوۋىمىز بار

    كەرىم ئىسىملىك بىر بوۋاي قالپاق سېتىپ جان باقىدىكەن . ئۇ قولىدىكى قالپاقلارنى كۆپرەك سېتىش ئۈچۈن ، سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يېزا-كەنتلەر ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپ سودا قىلىدىكەن . ياز كۈنلىرىنىڭ بىر چۈشتىن كېيىنلىكى ، ھاۋا بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ ، ئۇ نۇرغۇن يەرلەرگە ب...

  • يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى!(پىنھانە)

    يېڭى يىلدىكى كۆز يېشى! ھەممىنى پاك_پاكىزئۇنتۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپتىمەن،بىراق بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بولىشى بىلەن توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىم، بۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى.ئالىقاچان ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشقان شۇ ئۆتمۈشلەر ،شۇ ئەسلىمىلەر ئەسلىدە خۇپىيانە ھالدا قەلى...

  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...