(ھىكايە)
دىلسۆز
copyright by www.iz.la
سەن ئاشۇ مېنىڭ ساڭا بولغان ئوتلۇق سۆيگۇمگە پەرۋاسىز مۇئامىلدە بۇلۇپ ،ئىككىمىزنىڭ ۋىسالى ئۇچۇن ئازراق كۈچۈنىشتىن ئايىنىپ ،ئۆزەڭچە ماڭا كۆڭۇل بۇلۇپ،ئاتا –ئانامنىڭ رايى ئۇچۇن .مەندەك يالغۇز قىزنىڭ ،جەمىيەتتە ئورنى يولى بار ئاتا -ئانامنىڭ ئىرادىسى ئۇچۇن ئۇچ يىللىق پاك سۆيگۇمىزدىن ۋاز كەچكىنىڭ ،مېنىڭ سەن بىلەن يۇرتۇڭغا كېتىشىمگىمۇ بۇ يەردىكى تەييار بولغان خىزمىتىمنى تاشلاپ سەن ئۈچۇن ھەمىنى باشتىن باشلاش ئىرادىسىگە كەلگىنىمگىمۇ ئىشەنمەي جىم –جىت يوقاپ كەتكىنىڭگە ساپ – ساق 10يىل بولدى ،مەن بىلمەيمەن دادام ساڭا نىمە دىدى .سەن شۇنداق رەھىمسزىلىك بىلەن مېنىڭ تاشلاپ كېتىپ قالدىڭ زار –زار يىغلاشلىرىمغا .توختىماي ئۇچۇر قىلىش ،تىلفۇن قىلىشلىرىمغا ۋە يازغان خەتلىرىمنى جاۋاپسىز قويدۇڭ . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
سەن مېنىڭ ھەتتا توي كۇنۇم ،تويلىق كۆينەكلىرىمنى سېلىۋېتىپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىۋېلىپ ،سەن ئۈچۇن ئاشىقىم ئۈچۇن مەشۇقنىڭ ئاڭ ئاخىرقى سادىقىتىنى بىلدۇرشۇم ئۇچۇن سەپەر قىلىش نىيىتىگە كىلىپ ئاپامدىن رازىلىق ئېلىش ئۈچۇن تىلفۇن قىلغىنىمدا ئاپامنىڭ يىغلاپ يىلىنىپ كەتكىنىنى ئەمما سېنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىگىنىنى، ئاپامنىڭ زار –زار يىغلاشلىرىغا ئۆزى بېقىپ تەربىيلاپ چوڭ قۇلغان مەندەك ۋاپاسىز قىزىنىڭ «ئەمىسە بولىدۇ مەن سىلەر ئۇچۇن توي قىلىمەن ،ئەمما مەن چۇقۇم ئاجرىشىپ كېتىمەن» دىيىشتەك يولسىز تەلەپلىرىمگە ماقۇل بۇلۇپ يۇشۇرۇنچە كېچىك ماشىنا بىلەن مېنى ئۇزۇن يولۈق بېكەتتىن ئېلىپ كېتىپ ،كۆچۇرۇشكە كەلگەن مېھمانلارغا قىزىمنىڭ گېرىمى پۇتمەي ساقلىتىپ قويدۇق دەپ جىق ھوزرىلەر بىلەن قوشۇپ قويغىنىنى .مەن توي كېچىسى ،يۇزىمنى پولادەك قىلىپ رەھىمسىزلىك بىلەن «سېنى ياخشى كۆرمەيمەن .مېنىڭ ئەسلا ساڭا ياتلىق بولغۇم يوقتى ،چۇنكى مېنىڭ سۆيىدىغان يېگىتىم باشقا دەپ يېڭى كۆيۇمنى يېقىن كەلتۇرمەي كېچىچە سېنىڭ ئېسمىڭنى توۋلاپ يىغلاپ چىققىنىمدا ئەتىسى مېنى گەپ قىلمەي ئاتا –ئانامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىنىنى كەينىمدىن بىر پاتمان ئۇششاق گەپ تېپىپ ،ساڭا بولغان ساپ مۇھەببەتىمگە قىزلىق ئېزىتىمگە ھاقارەت قىلغىنىنى ،ئاتا –ئانامنىڭ نۇمۇستىن ئولگىدەك بولۇپ مېنى بۇ تويغا مەجبۇرلىغىنىغا مىڭ- مىڭ پۇشايمان قىلىپ كەتكىنىنى بىچارە دادامنىڭ شۇ ئاچىقى ئېچىگە ئۆتۇپ كېتىپ ايۇرەك كېسىلى قوزغىلىپ ۋاقىتسىز ئالامدىن كەتكىنىنى .بارلىق ئۇرۇق تۇققان ،دوس –بۇرادەرلىرىمنىڭ مېنى ئەيىپلاپ كەتكىنىنى،ئاپامنىڭ مېنى ئەلەمگە چىدىماي نەچچە –نەچچە رەت ئۆيدىن قوغلاپ يەنە چىدىماي:
ئىز تورى بەك ياخشى
« -سېنى جېنىمزىغا تۇرسۇن دەپ تاپقان بولغىيتۇقمۇ ؟سېنى بىزنى مۇشۇنداق خەلقى ئالام ئالدىدا نۇمۇسقا قويسۇن دەپ تەربىيلىدۇقمۇ ئەخمەق بالام .دۇت بالام ..ۋاي بىچارە ئاتىسىز قالغان يېتىم بالام .مېنىڭ يېتىملىكىممۇ يېتەتتىغۇ ؟ ئەمدى ،مەن بۇ دەرتىلىمنى كىمگە ئېيتاي» دەپ يىغلىغىنىچە بىردەم ئۆزىنى بىردەم مېنى كاچاتلاپ يىغلاپ كەتكىنىنى ،شۇ ياتقىنىچە ساق نەچچە ئاي ئورۇندىن قوپماي يېتىپ كەتكەنلەرنى سەن ئەسلا بىلمىدىڭ .شۇ چاغلاردا مەن ساڭا سېنىڭ ھەقىقى يېگىتلىك مەردانە قىياپىتڭ بىلەن جاسارەت بىلەن ئوتۇرغا چېقىپ مېنى كەڭرى يەلكىلىرىڭ بىلەن قوغدىشىڭغا ،ئازار يىگەن قەلبىمگە تەسەللىي بۇلۇشڭغا نەقەدەر تەشنا ئېدىم ھە ؟ www.iz.la
ئەمما سەن شۇ كەتكىنىڭچە ،ئەسلا قايتا پەيدا بولمىدىڭ .سېنىڭمۇ ئاتىسىز يېتىم بالىلىقىڭنى ،ئاناڭنىڭ ئاغرىقچان جاپاكەش يار يۇلەنچۇكسىز مەزلۇم ئىكەنلىكىنى ئائىلە ئاھۋالىمزىدا پەرىقنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىنلا بىلەتتىمغۇ ،بىز بۇ توغۇرلۇق تېخى تەپسىلىمۇ سۆزلەشكەن ،ئەمما سېنىڭ نىمە ئۇچۇن ھالقىلىق پەيتتە يېنىۋالغىنىڭنى ،ئۆز بەرگەن ۋەدىلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغىنىڭنى ئەسلا چۇشەنمىدىم .سېنىڭ ئايدىڭ كېچىلەردە كۆكتە پارلاپ تۇرغان تۇلۇن ئايغا قاراپ تۇرۇپ مۇھەببتىمىز ئۈچۇن بەرگەن ۋەدىلىرىڭ شۈنچىلىكمىتى؟مېنى مەس –ئەلەس قىلىپ ،قەلبىمنى ئالامشۇمۇل تاتلىق ھېسلارغا چۇمدۇرگەن نازۇك قوللىرىمنى تارتىنغانلىرىمغا قارىماي كۈچلۇق ئېسىق قوللىرىڭ بىلەن دۇپۇلدەپ تۇرغان يۈرۇكۇڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ ئىچكەن قەسەملىرىڭ شۇنچىلىكمىدى ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سېنىڭ مېنى نەقەدەر ياخشى كۆرۇدىغىنىڭغا ئىشىنەتىم ،سەن نىمە ئۇچۇن مېنىڭ پەقەت سەن بولغانلىقىڭ ،تېرىشچان ،غۇرۇرلۇق ھەقىقى يىگىتلىكىڭنى سۆيگىنىمگە ئىشەنمەيسەن ؟ مەن سېنىڭ ھېچنىمەڭنى دىمىگەن پەقەت ماڭا بولغان ساپ مۇھەببتىڭنى ئۇنتىنسىز كۆڭۇل بۇلىشىڭنى مېنى ھاياتىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭ دەپ بىلگىنىڭ ئۇچۇن سەن بىلەن بىللە بولغىنىمدا ئۆزەمنى دۇنيادكى ئەڭ بەختلىك قىز دەپ ھېس قىلغانلقىم ئۇچۇن ھەر بىر بېقىشىڭدا ئۆزەمنىڭ سەن ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىمنى ھېس قىلىپ ،قەلبىمدىن تومۇر –تۇمۇرلىرىغا ئېيتقىسىز ئىللىق بىر سېزىمنىڭ تارايدىغىنى ئۇچۇن سېنى ياخشى كۆرگەن .
ئەمما سەن قېنى مەن ساڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا سەن نەدە قالدىڭ ؟
ئەمدى سەن نەدىن پەيدا بولدۇڭ ؟! نىمە ئۇچۇن ساۋاقدىشىمىز رەھىمە ئارقىلىق مېنى سۇرۇشتۇرىسەن ؟ئەمدى سۇرۇشتۇرگەننىڭ نىمە ئەھمىيىتى ؟
10 يىل ۋاقىت بىر ئويلىسا تۇلىمۇ ئۇزۇن ئۇ ئازاپلىق يۇرەكلەرنىڭ قان زەرداپلىق يارا –ئېغىزىنى سىرتىدىن بولسىمۇ نېپىز بىر قەۋەت قاقاش تۇتقۇزۇپ ئېتىپ قويۇشقا قادىر . بىر ئويلىسا خۇددى تۇنۇگۇنكىدەكلا سېنىڭ سىمايىڭ .سېنىڭ گەپ سۆزلىرىڭ ،بەرگەن ۋەدە قەسەملىرىڭ يالغۇز قالغانلىرىمدا قۇلاق تۇۋەمدە ياڭرايدۇ ،ئەمما ئىشەنسەڭ ھازىرقى ھېسياتىم بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ،بۇرۇن تەشنالىق بىلەن ،ئېنتىزارلىق بىلەن شۇ ۋەدە قەسەملىرىڭگە مەپتۇن بولغان بولسام ئەمدى بىر خىل بىزارلىق مەنسىتمەىسلىك ھېسياتىمدا تىڭشايمەن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قەلبىم سۇۋۇپ كەتتى مەندە ئەمدى مۇھەببتىن ئەسەر يوق ،پەقەت مەجبورىيەتلا قالدى ،مەن كېيىن يەنە توي قىلدىم ،ھازىرقى يولدۇشۇم مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ ،ئەينى چاغلاردا سېنىڭ رەسمىڭنى كۆرسىتىپ مۇشۇ مېنىڭ سۆيگۇنۇم دەپ پەخىرلىپ مۇھەبىتىلىك ھىكايىلىرىزمىنى ئېيتپ بەرگىنىمدە ماڭا بەخت تىللەپ سەمىمى تىلەكلىرىنى بىلدۇرگەن ،سۆيۈگۇمىدىن تەسىرلىنىپ ئۈنتۈنسىز چېكىنگەن ۋېجدانلىق يېگىت. ئاتام –ئانام تەرەپىدىن مەجبۇرلانغان توي كۈنۇم ، سەن ئۇچۇن ،بەختىم ئۈچۇن كۇرەش قىلىش ،تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ئۇرۇنغىنىمنى قوللاپ بەرگەن ،ئەمما دادام ،ئاپامنىڭ رازلىقسىز ئۇنداق يولغا مېڭشىمنىڭ خاتالىقىنى ،ئۇلارنىڭ دىلىغا بىھۇدە ئازار بەرمەسلىكىمنى ئۇتۇنگەن كۆيۇمچان يىگىت . ئۇ باشتىن ئاخىر مەن بىلەن بىللە كەينىمدىن ماڭا مەدەت بۇلۇپ دادام تۈگەپ كەتكەندە بولسۇن ،ئاپام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا بولسۇن مىنەتسىز مەن ئۇچۇن بارلىقىنى ئاتىغان مېھرىبان يېگىت ،سېنى ئەسلەپ سېنىڭ ۋاپاسزىلقىڭدىن ئاغرىنىپ يۇم –يۇم يىغلاپ كەتكەنلىرىمدە ياشلىرىمنى سۇرتۇشۇم ئۈچۇن قول ياغلىق بەرگەن ،روھى بېسىملارغا چىدىماي ئۆلىۋېلىش خىياللىرىغىمى كەلگىنىمدە ماڭا ئۇمۇت بەرگەن .ئاپام ئالدىدىكى مەجبورىيىتىمنى تۇنۇتۇپ ئادەمنىڭ بەك شەخسىيەتچى بۇلۇپ كەتمەسلىكى توغۇرلۇق نەسىھەت قىلغان ۋە چىدىماي ھۆڭ –ھۆڭ يىغلىغانلىرىمدا كەڭرى يەلكىلىرىنى مېنىڭ ياشلىرىمنىڭ ئېقىشىغا تۇتۇپ بەرگەن ،ئېسسىق قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سېلاپ ماڭا تەسەللىي بەرگەن ،ئاشۇنداق دوزاقتەك كۈنلىرىمدىن بۇگۈنكىدەك خاتىرجەم كۇنلىرىمگە ئۇلىنىشىمغا پۇتۇن مېھرى بىلەن ياردەمدە بولغان يېگىت .
ئىز تورى www.iz.la
سەن رەھىمەگە ئون يىلدىن بويان مېنى ئەسلا ئۇنۇتمىغىنىڭنى تا ھازىر قېزىڭ ئەمدى ئۇچ ياشقا كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا مېنى ئەسلەيدىغىنىڭنى ،ھەتتا قېزىڭغا مېنىڭ ئېسمىمنى قويغىنىڭنى .مەن بىلەن بۇ كېيىنكى ئۆمرۇڭدە قايتا بىر كۇرۇشۇش ئۇچۇن ھېچقانداق بەدەلدىن يانمايدىغىنىڭنى ،يۇز –تۇرانە كۆرۇشۇپ ئۆز ئاغزىڭ بىلەن بەزەن بىر گەپلەرنى دىمىسەڭ ئۆلسەڭمۇ ئارمەندا كېتىدىغىنىڭنى ئېيتىپسەن؟
ھازىر 10يىلدىن كېيىن .سېنىڭمۇ ئۆز ئالدىڭغا تۇتقان يولىڭ ،قارىماققا بولسىمۇ خاتىرجەم تۇرمۇشۇڭ مېنىڭمۇ ئۆزەمنىڭ قايتا تاللىشىم بولغنىدا ئۇ گەپلەرنى قايتىدىن دىيىشىپ ئولتۇرشىمىزنىڭ يەنە زورىتى بارمىدۇ ؟
نىمىمۇ دىيىشىڭ مۇمكىن پەرھاتنىڭ شېرىنىڭ ۋېسالىغا يېتىشىنى توسىشى ئۇچۇن تاغنى يېرىپ سۇ باشلاش ،چۆلنى بوستان قىلىش شەرتىنى دادامنىڭ ساڭا قويغىنىنى دەرسەنمۇ ؟سېنىڭ ئامالسىز قېلىپ شۇ تاغ ئارسىدا قۇرام تاشلارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىڭ توغىرلىق ھىكايەڭنى دەرسەنمۇ ؟ ئەمدى ئەھمىيىتى قالمىدى ،چۇنكى مەن شېرىن بوللامىدىم سەنمۇ پەرھات ئەمەستۇرسەن .بەلكىم بۇ خىل تەسىرلىك ئاشىق –مەشۇقلىق ھىكايىسىنى داۋالاشتۇرۇش بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۇتۇلمىگەندۇ ؟
ئۇ بىزنىڭ ياشلىقىمزىدىكى قىسقىغىنە تاتلىق ھەم ئازاپلىق كەچمىشىمىش .بىز بۇرۇن بىر مەزگىل سۆيگەن ھەم سۆيۇلگەن ،ئەمما ئۇ ھازىر ئۆتمۇشكە ئايلاندى ...
ھەمىسى تەغدىر ! ئۇنتۇپ كەت .ھەمىنى ئۇنتۇپ كەت ،مەنمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم ....دەپ قەلىپ خاتىرسىنى ياپقىنىچە ياش ئايال چۇڭقۇر بىر نەپەسلىنىۋېتىپ ،ئۇماق ئوغلىنى ئۇخلىتىمەن دەپ ئۆزى ئۇخلاپ قالغان يولدىشىنىڭ يوتقىنىنى مېھرى بىلەن يېپىپ قويغىنىچە بوش ئاۋازدا ئوغلى ئاڭلاپ قانمىغان ئەمما تېخى تۇگىمىگەن بالىلار چۆچىكىنى داۋاملاشتۇردى ...
-شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىر ئالۋاستىنى يېڭىپ بەختلىك تۇرمىشىنى باشلاپتۇ .... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن