لەنەت ساڭا سىتودېت قىز

ۋاقتى:2011-10-18 13:13مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   ئالىىي مەكتەپ ھاياتى تۇلىمۇ گۈزەل بىر ھايات،گۈزەل بۇلۇپلا قالماي ناھايىتى چەكلىك بىر ھايات،يەنە كىلىپ ئۇ ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ.بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يىتەلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتايىن تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ،قىسقىغىنە بۇ ۋاقىتنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ،كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام،مەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە يۈز كىلەلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شۇنداق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ باركى،ئۇلار ئۆيىدىن،ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇيۇن-تاماشا دىگەنگە باشچىلاپ كىرىپ كىتىدۇ.ئۇلار شۇ تاپتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىش ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان پەند-نەسىھەتلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەن،شۇنداق قىلىپ قىزلار بولسا ئەيىش-ئىشرەتكە،ئوغۇللار بولسا ئىچىملىك-چىكىملىكلەرگە بىرىلىپ شۇ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى،گۈلدەك ياشلىقىنى،ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.ئەمما بۇنىڭ بىلەن ھەممە نەرسە ئاخىرلاشمايدۇ،ئۇلارنىڭ بۇ پاسسىپ قىلمىشلىرى ئىلغار،مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامىنىمۇ سېسىتىدۇ.ئەڭ مۇھىمى بارچە دەرت-ئەلەم ئۇلارنىڭ ئاشۇ كۈيۈمچان،مىھرىبان،جاپاكەش،پەرزەنت ئوتىدا كۈيۈپ كۈل بولىۋاتقان بىچارە ئاتا-ئانىلىرىغا بۇلىدۇ.ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ئاشۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن قانچىلىغان زور بەدەللەرنى تۆلىگەن؟ قانچىلىك كۆپ قۇربانلىقلارنى بەرگەن-ھە؟ ئەجىبا ئۇلار پەرزەنتلىرىدىن شۇنى كۈتكەنمىدى؟ئۇلار نىمىشقا تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىمەيدىغاندۇ؟گۈزەل ۋە چەكلىك بۇ ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغاندۇ؟ئەجىبا پەقەت ئايرىلغاندىلا،قولدىن كەتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يىتىش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنداق بۇزۇلۇپ كەتكىنى يوق،ئۇ پەقەت قىسمەن بىر ئەھۋال.شۇنداق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ باركى ئالىي مەكتەپ بۇسۇغۇسىدىن ئاتلىغاندىن تارتىپ تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر موچەن پۇلىسىنى ئالماي ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ مەكتەپنىڭ،دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى بىلەن ئوقۇشى ۋە تۇمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن.بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۈيۈندۈرىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئەيىش-ئىشرەت،كەيىپ-ساپا،ئىچىملىك ،چىكىملىكلەرگە بىرىلىپ بارسا كەلمەس يولغا كىتىپ قېلىۋاتقانلىقىدەك بۇنداق پاجىئەلەر ھازىر ئالللىقاچان كىشىلەرگە يېڭىلىق تۇيۇلمايدىغان ،مۇنداقچە قىلىپ ئېيقاندا مودىدىن قالغان بىر تىمىغا ئايلىنىپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلار ئاڭلىغاننى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەم كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا يەنە بىر خىل ناچار ئادەت شەكىللەندى،ئۇ بولسىمۇ ئابرويپەرەسلىك.ئابرويپەرەسلىك بولغاندىمۇ چىكىدىن ئاشقان ئابرويپەرەسلىك.ئۇلار ئابرويپەرەسلىكتە چىكىدىن ئېشىپ ئۆز ئابرويى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن نۇمۇس قىلىدىغان ھەتتا ئۇلارنى ئىنكار قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.تۆۋەندىكى ئەسەر ۋەقەلىكى تۇلىمۇ ئاددىي ئەمما ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلغان.يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قۇيىمەنكى بۇ بىر ھەقىقىي ۋەقە ھەتتا كىشى ئىسىملىرىمۇ ئۆزگەرتىلمىگەن. www.iz.la
        رۇشەنگۈل سىنىپىمىزدىكىلا ئەمەس مەكتىپىمىزدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن مودىكەش قىزلارنىڭ بىرى بۇلۇپ،ئۇنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن بىزنىڭ ياتىقىمىز خۇددى كىيىم-كىچەكلەرنى توپ تارقىتىش بازىرىغىلا ئوخشايتتى.ئۇنىڭ كۈنلىرى توختىماي كىيىم ئالماشتۇرۇش،ئەينەك ئالدىدىن كەتمەي گىرىم قىلىش بىلەنلا ئۆتەتتى.  ياتاقتىن ھەممىدىن بۇرۇن چىقىپ كەتسە ھەممىدىن كىيىن قايتىپ كىلەتتى.ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقىتلىرى نىمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى.گەرچە ئۇنىڭ بىلەن بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇپ،بىر ياتاقتا يېتىپ كىلىۋاتقان بولساقمۇ بىراق ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ ئائىلىسى توغرىلىق بىر نەرسىلەرنى  بىلمەيتتۇق.ئۇمۇ ئەزەلدىن بىزگە ئائىلىسى توغرىلىق بىر نەرسىلەرنى دەپ باققان ئەمەس.بىراق بىز ئۇنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى،يۈرۈش-تۇرۇشلىرى،ھەر ۋاقىت يانچۇقىدىن پۇل ئۈزۈلمەسلىكىگە قاراپ ئۇنى بىرەر چوڭ باشلىقنىڭ ھېچبولمىغاندا بىرەر باي ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى بولسا كىرەك دەپ پەرەز قىلىشاتتۇق. بىر كۈنى بىز چۈشتىن بۇرۇنقى تەنتەربىيە دەرسىنى تاماملاپ،چۈشلۈك ئارامدا ياتاققا قايتىپ كىردۇق. ئارقىدىنلا ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلىپ چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،بەللىرى يادەك ئېگىلگەن،يۈزلىرىنى تال-تال قورۇقلار قاپلىغان،كىيىم-كىچەكلىرى تۇلىمۇ ئاددى-ساددا بىر ئانا ئالدىمىزدا خۇددى پەرىشتىدەكلا پەيدا بولدى.ئانىنىڭ قولىدا خالتا-خۇلتىلار تۇراتتى.لەۋلىرىدىن تەشنالىق،چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى.بىراق ئۇ ئانىنى كۆرگەن رۇشەنگۈلنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ،پۇت-قۇلىدا جان قالمىدى،ئۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى.ئۇ ئارلىقتا ھېلىقى ئانا ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن لەۋلىرىنى ئاران مىدىرلىتىپ:«قىزىم سالامەتمۇ سەن؟كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپلا كەتتىڭغۇ؟ئاغرىپ قالمىغانسەن؟جۈدەپ قاپسەن،ھاۋا شۇنچە سوغوق تورسا نىمانداق يېلىڭ كىيىنىۋالدىڭ؟جېنىم بالام،سېنى شۇنداق سېغىندىم،سېنى يىسۇن دەپ ئۆز قۇلۇم بىلەن نان يېقىپ كەلدىم،ئۆينىڭ نېنىنى سېغىنىپ قالغانسەن؟.......» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئەي ساۋاقدىشىم،كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ئۇ سېنىڭ ياق ھەممىمىزنىڭ مېھرىبان،جاپاكەش،كۈيۈمچان،پەرىشتە سۈپەت ئانىمىز ئىدى.شۇ تاپتا مىنىڭ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىغۇم،چاچلىرىنى ھىدلىغۇم،قولللىرىغا سۆيگۈم كەلدى.ئانا تېخىچە ئۆرە تۇراتتى.سەن شۇنچە يىراقتىن ھېرىپ-چاڭقاپ سېنى دەپ كەلگەن ئاناڭنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ:«جېنىم ئاپا شۇنچە يىراقتىن ھېرىپ-چارچاپ مىنى دەپ كەپسەن،كەل كارۋىتىمغا كىلىپ بىردەم ئولتۇرۋال،ئۇسساپ كەتكەنسەن،مەن ساڭا چاي قۇيۇپ بىرەي» دىيىشنىڭ ئورنىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇنىڭ ساڭا ئۇزىتىلغان قوللىرىنى سىلكڭپ تاشلىدىڭ-دە ،ئۇنى تارتىپ تېز-تېز مېڭىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىڭ.چىقىپ كەتتىڭيۇ،قانداق تېز چىقىپ كەتكەن بولساڭ شۇنداق تېز قايتىپ كىردىڭ.قايتىپ كىرىپلا بىزگە:«خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار،ئۇ مىنىڭ ئاپام ئەمەس،بىر يۇرتلىقىمىز ئىدى،كىچىكىمدىن مىنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى،شۇڭا قىزىم دەپ تۇرىۋالىدۇ،بۇ يەردىن ئۆتكەچ مىنى يوقلاپ كەپتىكەن .......»دەپ چۈشەندۈرۈپلا كەتتىڭ.سەن ئېنىقلا ئاناڭدىن نۇمۇس قىلىۋاتاتتىڭ.سەن ئاشۇ سېنى 9ئاي 9كۈن قورسىقىدا كۆتۈرۈپ ،ئاچچىق تولغاق ئازابىدا مىڭ ئۈلۈپ،مىڭ تىرىلىپ ئاران دىگەندە سېنى تۇغۇپ،ئاق سۈت بىرىپ چوڭ قىلىپ،يىمەي يىگۈزۈپ،كىيمەي كىيگۈزۈپ،باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتقان،ئۆزى جاپا تارتسىمۇ سېنى باشقىلار ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويماي،ئۆزى يىمىسىمۇ،ئۆزى كىيمىسىمۇ،تاپقان-تەرگىنىنى ساڭا ئەۋەتىپ سىنى ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا خۇددى باشلىقنىڭ قىزىدەك،بايۋەتچىلەرنىڭ مەلىكىسىدەك قىلىپ كۆرسەتكەن،يانچۇقۇڭدىن پۇلنى ئۈزۈلدۈرمىگەن ئاشۇ كۈيۈمچان جاپاكەش مېھرىبان،پەرىشتە سۈپەت ئاناڭدىن نۇمۇس قىلىۋاتاتتىڭ.قۇندۇزدەك چاچلىرىنى كۆزىنىڭ نۇرىنى،بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغان ياشلىق باھارىنى خازان قىلىپ سەن ئۈچۈن پەقەت سەن ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان شۇ ئاناڭدىن نۇمۇس قىلدىڭ.ئۆز ئابرويۇڭ ئۈچۈن ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن شۇ ئانىغا بىر تامچە ئۇسسۇزلۇقمۇ بەرمەستىن قوغلاپ چىقاردىڭ.ساڭا تەشنالىق بىلەن سۇزۇلغان قوللىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن سىلكىپ تاشلىدىڭ،شۇ ئانا قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ-ھە؟«ئۇ مىنىڭ ئاپام ئەمەس» دىگەن گەپ قانداقمۇ ئېغىزىڭدىن چىققاندۇ؟سېنىڭ شۇنداق قىلىشقا ھەققىڭ بارمۇ؟سەن ئۆز ئابرويۇڭنى ئويلاپ شۇنداق قىلدىڭ،ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس،  سەن ئاللىقاچان بىزنىڭ نەزىرىمىزدىن غۇلاپ چۈشتۈڭ!ھەرگىزمۇ شۇنداق بىر سەھرالىق ئانىنىڭ قىزى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئەمەس،ئەكسىچە شۇنداق پەرىشتە سۈپەت بىر ئانىنى ئېتىراپ قىلالمىغىنىڭ ئۈچۈن!ئەي ئابرويپەرەس ساۋاقدىشىم،مۇشۇمۇ بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا بىلىم ئېلىۋاتقان سىتۇدېنتنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ئەجىبا سەن ئانا بولماسسەنمۇ؟بۈگۈن ئاناڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈن يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە سېنىڭ بېشىڭغا كەلمەسمۇ ؟؟؟              تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛چىمبۇلاق مۇنبىرىدىكى (تۇمارىس)نىڭ يازمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(17)
81%
ناچار
(4)
19%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...

  • مايمۇن قىز

    ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا: باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ...

  • پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلمى

    ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق...

  • ئائىلە ماجراسى

    ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ۋەزىرگە مۇنداق دەپتۇ، -ئوغلۇمنى ئۆيلىگەن چېغىمىدا كېلىنىمىنى ئۆز قىزىمىزدەك كۆرۈپ ئىلتىپات ۋە ھۆرمەت قىلىدىم،ئۇ توي ھارپىسىدا ئوغلۇمغا(ئەمگەكتىن قاچمايمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دوئاسىنى ئالىمەن)دېگەنكەن.ئاتا-ئانىسى بول...

  • مەرتىۋىگە ئىگە بولغان ئوغرى

    ئاسماندىكى يۇلتۇزنى شوتا قويماي ئۈزۈۋالىدىغان بىر ئالىقانات ئوغرىنىڭ ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ قورقىماستىن پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنى ئوغرىلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ،خەزىنىگە كىرىش يوللىرىنى،ساقچىلارنىڭ قوغداش تەرتىپ-نىزاملىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ،ئاندىن ئىشق...

  • يالىڭاچ ئايال

    قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، ئىككى ئەر يەر تۈزۈلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى ، ياشراقى ئوغلى ئىدى . قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى . دادىسى ئوغ...

  • جاۋابسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...