مېنى قىزىل كىيىندۈرۈپ قويۇڭ

ۋاقتى:2011-10-20 11:25مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئىسكەندەر جېلىل تەرجىمىسى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


تەربىيچى ھەم ساغلاملىق يىتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان باللار بىلەن بىللە ئىشلەۋاتىمەن. بۇ خىل ئالاھدە باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مېنىڭ ھاياتىمغا بېرىلگەن بىر  سوغات ئىدى. ئۇلار ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى, بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كىچىككىنە ۋۇجۇدىدىن غايەت زور غەيرەت- شىجائەتنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. مەن سىلەرگە تايلور توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەي.
تايلور تۇغۇلىشىدىنلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ئىدى. ئۇ تېببي دورىلارنىڭ ياردىمىدا ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بەش ياش ۋاقتىدا مەيدىسىدىكى ۋىنا تومۇرىغا نەيچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نەيچە دۈمبىسىگە ئېسىۋالغان سومكىنىڭ ئىچىدىكى پومپىغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. دورىلار مۇشۇ پومپىنىڭ ياردىمىدە تارتىپ چىقىرىلىپ، نەيچە ئارقىلىق ئۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئۆتەتتى. بەزى ۋاقىتتا، تايلور نەپەسلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئوكسېگىنغا مۇھتاج بولاتتى. ئىز تورى www.iz.la
جانغا زامىن كېسەللىككە دۇچار بولغىنىنى بىلگەچكىمىكىن، تايلور باللىق  چاغلىرىدىكى بىر مىنوت ۋاقىتتىنمۇ ۋاز كىچىشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ دائىم دىگۈدەك ئارقا ھويلىدا دورا سومكىسىنى دۈمبىسىگە ئاسقان ۋە كىچىك ھارۋىسى بىلەن ئوكسېگىن قاچىسىنى سۆرىگەن ھالدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. تايلورنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھايات بولالىغانلىقىدىكى ساپ خۇشاللىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان كۈچ- قۇدرىتىگە ھەيران ئىدى. تايلورنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، ئۇنىڭ بەك تېز يۈگىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تەيلورنىڭ قىزىل كېيىم كېيۋىلىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا دەرىزىدىن قاراپلا تەيلورنىڭ نەدىلىكىنى ئاسان كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى دەيتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ ئۆلگۈر كېسەل ئاخىرى تايلوردەك شوخ ئويناپ يۈرگەن كىچىك ئەزىمەتنى يىقىتىپ قويدى. ئۇ ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانىسىمۇ ئوخشاشلا ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ساقيالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تايلورنىڭ ئانىسى تايلورغا ئۆزىنىڭمۇ ئوخشاش ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن پات ئارىدا جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچۇرىشىدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى بەزلەيتتى.
ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، تايلور ئىشارەت قىلىپ مېنى كېسەل كارۋىتىنىڭ يېنىغا چاقىرىپ: “ مەن بەلكىم پات ئارىدا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنىڭدىن قورقمايمەن. مەن ئۆلگەندە ماڭا قىزىل كېيىم كەيدۈرۈپ قويۇڭ، بولامدۇ؟ ئانام ماڭا جەننەتكە كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتى. شۇڭا مەن جەننەتتە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقاندا ئانام مېنى ئاسانلا تونىۋالسۇن“ دەپ پىچىرلىدى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

”چولپانلار ئىنگىلىز تىلى“ (All Star English)  ژورنىلىدىن ئېلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
60%
ناچار
(2)
40%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...

  • مايمۇن قىز

    ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا: باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ...

  • پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلمى

    ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق...

  • ئائىلە ماجراسى

    ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ۋەزىرگە مۇنداق دەپتۇ، -ئوغلۇمنى ئۆيلىگەن چېغىمىدا كېلىنىمىنى ئۆز قىزىمىزدەك كۆرۈپ ئىلتىپات ۋە ھۆرمەت قىلىدىم،ئۇ توي ھارپىسىدا ئوغلۇمغا(ئەمگەكتىن قاچمايمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دوئاسىنى ئالىمەن)دېگەنكەن.ئاتا-ئانىسى بول...

  • مەرتىۋىگە ئىگە بولغان ئوغرى

    ئاسماندىكى يۇلتۇزنى شوتا قويماي ئۈزۈۋالىدىغان بىر ئالىقانات ئوغرىنىڭ ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ قورقىماستىن پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنى ئوغرىلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ،خەزىنىگە كىرىش يوللىرىنى،ساقچىلارنىڭ قوغداش تەرتىپ-نىزاملىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ،ئاندىن ئىشق...

  • يالىڭاچ ئايال

    قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، ئىككى ئەر يەر تۈزۈلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى ، ياشراقى ئوغلى ئىدى . قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى . دادىسى ئوغ...

  • جاۋابسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...