ئۆمۈرلۈك ئارمان

ۋاقتى:2011-10-21 11:37مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

(ھېكايە)
مۇستاپائاۋۋادىلبەسسارە(سۇدان)

ئىز تورى بەك ياخشى

ئۇ ئۇچسىغا كەڭرى پەرىجە كېيىۋالغان، بېشىغا ئاق سەللە يۆگىۋالغان، قولىدا تەۋسەي تۇتىۋالغان ئىدى، ئۇ قولىدىكى تەۋسيىنى توختىماي سىيرىيتى، ئۇنىڭ بۇ سىياقىدىن مەسچىتتىن چىقمايدىغان، بەش ۋاق نامازنى قازا قىلماي ۋاقتىدا ئۆتەيدىغان ، مەسچىتتىن كەمدىن — كەم چىقىدىغان بىر قارى ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. پۈتۈن چىرايلىرىنى بومبۇر ساقال بىسىپ كەتكەن، ئۇ قارا پەرجىنى مۆرىسىدىن ئەسلى چۈشۈرمەيىتتى. ئۇنى كۆرگەنلىكى ئادەم ئۇ پۇلى ھەم كۈچى بار، يۈز — ئابرويلۇق ئەرباپ بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتى.
ئەدان تاغىنىڭ ئېنتۇرماندا چوڭ بىر دۇكىنى بار ئىدى ئاللاھ پانى ئالەمدىكى جىمى ياخشىلىقنى ئۇنىڭغا نىسىپ قىلغانىدى، شۇغنىسى، ئۇ ئايالى خەدىچە بىلەن توي قىلغانىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ھازىرىغىچە پەرزەنىت يۈزى كۆرمىدى. پۇلى بولغىنى بىلەن ئەر — خوتۇن ئىككەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئارام بىغىشلايدىغان ئوغلى بولمىغاچقا تۇرمۇشى مەنىسىز ئۆتەتتى. ئەدان تاغا نۇرغۇن دوختۇر — تېۋىپلارنى تەكلىپ قىلىپ ئايالىنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئەدان تاغىنى سۆيۈندۈرگۈدەك جاۋاپ بەرمىدى. خەدىچىمۇ نۇرغۇن پالچى — مۇججىمەنلەرگە بەيئەت قىلىپ، پۇل خەجلىدى. خەدىچە ئۇلارغا پۇل خەجىلەشتە بىزەمۇ پىخسىقلىق قىلمىدى، ئۇلاردىن  ھېچنىمىنى ئايىمىدى. ئۇنىڭ بىردىن — بىر ئازۇسى ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلدىغان چىرايلىق بىر ئوغلىنى قاتارغا قوشۇش ئىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

ئەدان تاغا بارغانسىرى كۆپ تىلاۋەت قىلىشقا مەسچىتكە باردىغان ۋاقىتمۇ كۆپىيشكە باشلىدى. ئۇ ھەمىشە باشقا ناماز نامازخانىلار قايىتقاندىن كېيىن قايتىلاتىن ئولتۇرۇپ قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، ئاللاھتىن ئاخىرقى ئۆمۈرىدە بىر ئوغۇل پەرزەنىت ئاتا قىلىشىنى تىلەيتتى.
  بۇ ئىش ئەدان تاغىنىڭ كۆڭۈل پەرشانلىقىغا ئايلىنىپ قالدى،پۈتۈن ئوي خىيالىنى چۇلغىۋالدى، ئۇ ھەر قانچە ئويلىنپمۇ بىرەر ئامال تاپالىمىدى. ئۇ كېيىن بۇ دەتلەرگە چىدىماي دوسىتلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشىتى ۋە بۇ ئىشنى ئۇلارغا دېدى. مۇبادا ئۇ بۇ ئىشنى دوسىت بۇرادەرلىرىگە دېمىسە، دوسىت بۇرادەرلىرى كېلىپ ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى كوچىلاپ سورشى مۇمكىن ئىدى، چۈنىكى ئۇ يېقىندىن بۇيان يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، دوسىت بۇرادەرلىرنىڭ سورۇنىدىن ئۆزىنى ئىلىپ قاچىدىغان، شۈكلەپ بېشىنى سېلىپ يۈرۈيدىغان، ئۇپۇق تامانغا قارايدىغان، قالايمىقان خىيال سۈردىغان بولۇپ قالدى. ئۇ خىياللار قوينىدىن بىرەر ئۈمۈد ئۇچقۇنى تاپماقىچى بولىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ بۇرادىرى ئەخمەتكە كۆڭۈل پەرشانلىقىنى تۆكىتى، شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت ئۇنىڭغا يەنە بىر خوتۇن ئال دەپ مەسلىھەت بەردى، بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەدا تاغىنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى، قاتتىق تەئەججۈپلەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى...
ئەدان تاغا ئويلانغاندىن كېيىن خىيالىدا ئۇزۇندىن بۇيان دىدارلاشماي كېلىۋاتقان بۇ مەبۇدە پەيدا بولدى. ئەدان تاغا ياشلىق باھارى جىلۋىلنىۋاتقان قىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا ياشلىق باھارى سۇلغانلىقىنى، پىشانلىرىنى تارام— تارام قورۇق باسقانلىقىنى ئويلىدى، ئۇ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قاتتىق دىلغۇل بولدى، يۇشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن ئۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىش نىيتىدىنمۇ ۋاس كەچتى. ئەدان تاغا ئۇ قىزنى تۇنجى قېتىمم بىر توي ۋىچركىسىدا كۆرگەن ئىدى، قىز ۋىچىرىكىدا ئادەمنىنڭ مەسلىكى كەلگۈدەك لەرزان ئۇسۇل ئوينىغان ئىدى، ھامىدىن تاغا قىزنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرۈش بىلەنلا ئەس— ھۇشىنى يوقۇتۇپ قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئەدان تاغا ئو قىزنى ئۇنىتالمىدى. ئەمما يېشى بىر يەرگە بىرىپ قالغاچقا ئۇ قىزغا قانداقمۇ چىش يېرىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلالىسۇن؟ ئۇنىڭ ياشلىق باھارى سۇلغان، چاچلىرى چۈشۈپ شالاڭلاپ كەتكەن بولسىمۇ، قىزغا مۇھاببىتى كۈنسايىن كۈچەيىدى، ئۇ قىزنى ئەمرىگە ئېلىش خىيالى كاللىسىغا كىرىۋالدى. ئۇ پۇل بايلىقنى قىزنىڭ ئاتا ئانىسىغا تەغدىم قىسا، قىزنى ئالالارمۇ ياكى ئازغىنە كىرىم قىلىدىغان قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ تەلۋىنى رەت قىلىۋىتەرمۇ؟ ئەدان تاغا بۇلارنى ئويلاپ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى، ئۇ ئۇزۇن ئويلانغاندىن كېيىن كۆڭۈل سىرىنى يېقىن دوستى ئەخمەتكە دېدى. ئەخمەت ئۇنىڭ مۇدداسىنى قىزنىڭ ئاتىسىغا ئېيىتماقىچى بولدى، چۈنكى ئەخمەت قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن يېقىن ئۆتۈشەتتى...

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


شۇنداق قېلىپ ئۇلار ئىككىنچى كۈنى قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قىزنى سورىماقىچى بولدى. ھامىدىن بوۋاي قىزنى پۇل— بايلىققا سېتىۋالماقىچى بولغىنى بىلەن قىزنىڭ كۆڭلىنى سېتىۋالماقىچى بولغىنى بىلەن قىزنىڭ كۆڭلىنى سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەتەي ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئەدان تاغا ئەخلاق بىلەن قىممەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ قەدەمنى باتۇرلۇق بىلەن تاشلاشقا نىيەت قىلدى.
ئۇلار ئەتىسى قىزنىڭ ئاتا — ئانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىزنى سورىدى. قىزنىڭ ئاتىسى ئۇلارنى تولىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى. ماتەم كەبى ① مەرت سۇدانلىقىدەك ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا كۈتىۋالدى. مول داستىخان راسلىدى. پەتىلەپ كەلگەن بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى كاتتا سودىگەر، يەنە بىرى شەيىخ ئىدى. شۇنداق تۇرسا قىزنىڭ ئاتىسىى ئۇلانى قىزغىن كۈتۈۋالمىسا بولامدۇ؟                     ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەدان تاغا ئۆزنىڭ كۈيئوغۇل بولۇش نىيىتى بارلىقىنى قىزنىڭ ئاتىسىغا ئېيىتى. قىزنىڭ ئاتىسى بۇ ئىشنى رەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە چەكسىز خۇرسەن بولدى، ھەتتا ھامىدىن تاغىغا:
— سىز بۇ شەھەردە بىز ئۇچراتقان ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك لايىق بولدىڭىز. بىز سىزنى تاشلاپ باشقا لايىقلارنى تاللارمىزمۇ؟ — دېدى.
ئەدان تاغا بولغۇسى قېيىن ئاتىسى دېگەن بۇ گەپلەرنى ھاياجان ئىلكىدە تەكرارلىدى. بۇرادەرلىرى ئەخمەت ھاسىسى بىلەن يەرنى بوش توكۇلداتقىنىچە مەسچىتتە قىرائەتخانىلىق قىلىۋاتقاندەك يېقىملىق ئاۋاز بىلەن:
— مېنىڭ ئەدان بىلەن ئۈلپەتلىشىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىل بولدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىختىلاپ بولغىنى يوق. ھامىدىن ئاق كۆڭۈل، مۆمىن ئادەم، ئۇنى ئەرلەرنىڭ ئۈلگىسى دېسە بولىدۇ— دېدى. ئىز تورى www.iz.la
ئەخمەت ئەدان تاغىنى بولىشىغا ماختاپ ئۇچۇرغاندىن كېيىن ئۇلار كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىدا توي قىلىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى، ئاتا قىزغا ياكى ئاپىسىغا ھېچقانداق مەسلىھەت سالماي ئۇلار بىلەن گەپنى پۈتۈشتى، ئۇ كۆڭلىدە، پەقەت مېنىڭلا قىزىمنىڭ بەخت ئىقبالىغا مەسئۇل بولۇش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلىغان ئىدى، شۇنداق ئىكەن قىزنىڭ يەنە قانداق تاللاش ھوقۇقى بولسۇن؟ ياكى قىز ئاتىسى تاللاپ بەرگەن لايىقىدىن نارازى بولسۇنمۇ؟ ئەداننىڭ نەزىرىدە ئايال تاپىئەسى ئۆيگە خالىغانچە تىزىپ قويىدىغان بىر ئۆي سەرەمجىنى ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇرچى بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەتىۋارلىق قىزىنىڭ رىزقىنى بىر بوۋاينىڭ رىزقىغا قوشۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بولغۇسى كۈيئوغۇل ئايانماي پۇل خەجلىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇ قىزنى تاۋار—دۇردۇنغا پۈركىگىنىچە لەھەتكە يولغا سالماقچى، تاۋار — دۇردۇن بىلەن قىزىنىڭ قوۋۇرغىلىرىنى سۇندۇرۋەتمەكچى، توغرىسىنى دېگەندە قىزنى بوۋايغا مايىل قىلىپ قويماقچى، قىزنىڭ ئۈمۈد ۋەخىياللىرىنى بەرپات قىلماقچى بولدى.
ئۇ ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئالدىغا خوشال يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇلارغا خوش— خەۋەر يەتكۈزدى، توي كۈنى بېكىتىپ بولغانلىقىنى دېدى.
ئايالى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ئېغىزى قۇلىقىغا يەتتى، ئەجەپ ئوبدان بوپتۇ دەپ تەنتەنە قىلدى. ئاپىسىنىڭ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىز ئۆيگە كىردى —دە نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئۇنىڭغا، — قىزىم، بۈگۈن قۇتلۇق توي كۈنى، يىگىت ئۆيىمىزگە كېلىپ سەن بىلەن چاي ئىچىشىدۇ!— دېدى.
ئالمىرە بولغۇسى ئېرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى، ئاپىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندى، قىز ئەسلىدە ئۆزىگە كۆز تاشلاپ يۈرگەن يىگىتلەرنىڭ بىرسى بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىگە لايىق بولۇپ كەلگەن يىگىتنىڭ ئاتىسى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدى، قىز خورلۇق ھېس قىلىپ يىغلىۋەتتى. ئاتام مېنى قۇل كەبى سېتىۋىتىپتۇ دەپ زارلاندى.
ئاھ، پەرۋردىگار، نېمە ئۈچۈن قىزنىڭ قىسمىتىگە ھەسەت ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دوزاخقا ياشاش پۈتۈلگەندۇ؟ بۇ ھەسەت ئوتلىرى ھامىنى بىر كۈنى بۇ قېرى بوۋاينىڭ يۈرۈكىگە تۇتۇشاتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئاھ، پەرۋەردىگار، قىزنىڭ قىسمىتىگە مەھبۇستەك ياشاش پۈتۈلگەنمىدۇ، ئۇنىڭ ئۆمرى قەدىرسىز، خورلۇق ئىچىدە ئۆتەرمۇ؟!
—ئاھ، پەرۋەردىگار ، نېمىشكە قىزنىڭ قىسمىتىگە بىر ئۆمۈر يىغا — زار ۋە ئازاپ — ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاش، كۈن بويى ياش تۆكۈش، بەربات بولغان ئۈمۈدىگە ماتەم تۇتۇش ئەنئەنە بىلەن رىئاللىق قوينىدا غايىپ بولىدىغان خىيال پۈتۈلگەنمىدۇ؟!
ئۇ بىر تال شام بولۇپ يورۇپ ئاتىسىنىڭ قاراڭغۇلۇق قاپلىغان دىللىرىنى يورۇتۇش، ئاتىسىنىڭ دەرت— ئەلەملىرىنى تۈگۈتۈش، ئاتىسىغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئۆزى دوزاخنى تاللىماقچى بولدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىدى، شۇڭا بۇ ئىرادىگە بەندە بوي سۇنۇش كېرەك ئىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئالمىرە« مۇھەببەت ئۇۋىسى»غا كېلىپ، ئېرىنىڭ باشقا خوتۇنى خەدىچە بىلەن بىرگە تۇردى. ئۇ خەدىچەنىڭ ئۆزىگە خۇددى مېھرىبان ئانىدەك، سەمىمى دوستەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى سەزدى. ئۇ ئالمىرەدەك زىبا بوي، چىرايلىق بولسىمۇ، ئالمىرەگە كۈندەشلىك قىلمىدى. باشقا ئايال بولغان بولسا، ئېرىگە كۆرۈنمىسە، ئالمىرەگە تۈرلۈك توزاقلارنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن، ئەر — خوتۇن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالغان بولاتتى. ئەمما بۇ ئاقكۆڭۈل ئايال بۇ ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەي ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى رىقابەتچىسى بىلەن تولىمۇ ئەپ ئۆتەتتى.
ئەدان تاغا خوتۇنىنىڭ ھالىدىن تولىمۇ ئوبدان خەۋەر ئالدى، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بەردى. خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقمىدى. ئەمما خوتۇنى بولسا ئۇنىڭ كۆيۈنۈشلىرىنى چۈشەنمىدى. ئۇ ئېرىدىن بىزار بولدى، ئېرى خۇددى ئاسماننى قاپلاپ تۇرغان قارا بۇلۇتلاردەك ئۆزىنىڭ باش ئۈستىدە پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالغاندەك سەزدى. ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا ئىشەندى، ئۇ بۇ قىز ناكەس بوۋاينىڭ ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى بىرەر يىگىتنىڭ باغرىغا تاشلاشنى، كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ھېسياتچان قىزلاردەك مۇھەببەتلىك خىياللاردىن ھوزۇرلىنىشنى، ئۇ يىگىتنى ئۆزنى پاناھگاھى قىلىشنى، ئۆزىنى قوغلاشقان يىگىتلەرنىڭ يامان كۆزلىرىدىن ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدى، ئەمما قىزنى ياشلىق باھارى، قىزلاردا بولىدىغان گۈزەل خىيالى ئەدان تاغىغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي بەرپات بولدى.

www.iz.la


— ئىش شۇ يوسۇندا كېتىۋەردى، ئالمىرەنىڭ راھەتلىك، تۇرمۇشىمۇ بىر خىلدا ئۆتۈۋەردى. ئۇ ئۆيدىن سىرتقا چىقمىدى، ناگان— ناگاندا ئايال مېھمانلارنى ۋە دوستلىرىنى كۈتەتتى.
— شۇنداق قىلىپ ئۇ كەيىپ— ساپالىق تۇرمۇش قوينىغا چۆكۈپ كەتتى. بۈگۈن بىر تىلگىرامما كەلدى، تىلگراممىدا خەدىچەنىڭ ئىنىسى مەخمۇت كېلىمەن دېگەن ئىدى. مەخمۇت كىلىشتىن ئىلگىرى خەدىچە ئالمىرەگە ئىنىسىنىڭ نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلىشىپ چاتاق تىرىپ قويغانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ مىجەزى ئوڭۇشلۇق، ئوچۇق يىگىت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئالمىرە تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ئۇ يىگىت بىلەن ياشىدى. ئالمىرە يىگىتنىڭ ساقلاپ قويغان رەسىمىنى كۆرگەندە يىگىتنى ئالدىدا تۇرغاندەك سەزدى ۋە يىگىتكە خىيالەن ئاشىق بولۇپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالمىرەنىڭ مەخمۇت توغرىسىدىكى گۇڭگا خىيال قۇشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاستا— ئاستا تونۇشلۇق بولۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭ قەلب قەسىرىگە قاراپ ئۇچتى.
يىگىتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ يېقىنلاشىتى، قىز تەلمۈرگەن كۈنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى، قىز مەخمۇتنى كۆرۈش ئۈچۈن تەقەززا بولدى. مەخمۇت پات ئارىدا يېتىپ كېلەتتى، مەخمۇتنىڭ لەزىز ۋە مەزلىك سۆزلىرى پۈتۈن ئائىلىنى قۇچتى، ئۇنىڭ كۆزى ئالمىرەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشتى. ئالمىرەنىڭ شەھلا كۆزلىرى يىگىتنى ئەسىر قىلىۋالدى.
مەخمۇت مەسخىرلىك تەلەپپۇز بىلەن ھەدىسىگە ، — ھەي، خەدىچە ئۇ كۈچلۈك بىر رىقابەتچى ئىكەن شۇنداقمۇ؟— دېدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
خەدىچە ئۇندىمىدى، سۇسقىنە كۈلۈپ قويدى، ئەمما ئالمىرەنىڭ چىرايلىرىدا كۈلكە، قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسىدەك لەۋلىرىدە لەرزان تەبەسسۇم پەيدا بولدى. مەخمۇت ھەدىسى بىلەن ئالمىرە ئوتتۇرسىدا لەرزان تەبەسسۇم پەيدا بولدى. مەخمۇت ھەدىسى بىلەن ئالمىرە ئوتتۇرسىدا تەبەسسۇم ئەيلىدى، چاقچاق قىلدى.
ئۇنىڭ چاقچاقلىرى مەسخىرلىك بولسىمۇ، يېقىملىق ئاڭلىناتتى. مەخمۇت ئالمىرەگە پات— پات گەپ قىلىپ قوياتتى. ئالمىرە بولسا مەخمۇت بىلەن كۆز بېقىشاتتى، تەبەسسۇم ئەيلىشەتتى...
شۇ كۈنى ئەدان تاغا تەسۋەي سىرگىنىچە  ئۇياق — بۇياققا ماڭدى، تولىمۇ جۇشقۇن، روھلۇق كۆرىنەتتى، ياشلىق باھارى جىلۋىلىنىۋاتقاندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى! ئۇ ئالمىرەنىڭ مەخمۇت بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىغا ئۇزۇن بولغانلىقىنى بايقىدى. مەخمۇتنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە رەشتىلىك ئوتلىرى پەيدا بولىدى. ئۇلارنىڭ پات— پات ئۈنلۈك كۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چىدىماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئالمىرەگە ئۈنلۈك كۈلمەڭ دەپ بۇيرۇق قىلدى، ئەمما ئالمىرە رەدىيە بەرگىنىچە ، — كۈلۈشمۇ پەرھىزگە مۇخالىپمۇ؟— دېدى.

copyright by www.iz.la


ئەدان تاغا غەزەپتىن گەپ قىلالماي قالدى— دە دۇكانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ھەسرەت ئوتلىرى ئۇنىڭ يۈرەك — باغرىنى ئۆرتىۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئامراق ئايالىدىن ھەمىشە ئەندىشە قىلىپلا يۈردى، بۇ شاللاق سولتەكنىڭ ياش ئايالىنى ئالداپ كېتىشىدىن ئەنسىردى. ئۇ كۆڭلىدە مەخمۇت كەلگەن كۈننىمىڭنى تىللىدى. بۇ ئىپلاس سولتەك ئەدان تاغىنىڭ قولىدىكى بۇ گۈلنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ياق... ئەدان تاغا بۇ سولتەكنىڭ ئامراق ئايالنىڭ پاكلىقىغا، نامىغا داغ تەككۈزۈشىگە زىنھار يول قويمايتتى.
ئەمما بۇ يىگىتتىن قۇتۇلغىلى بولار؟ ئۇنى ھەيدىۋىتىش كېرەكمۇ، شۇنداق قىلسا ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان ئايالى خەدىچەگە قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ ئۇ ئاللاھغا تىۋىندى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تۇتۇرۇقسىز پەرەزلىرىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋىسى بولسا كېرەك دەپ بىلدى. كېيىن ئۇ كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھ ئۆتكۈزدىممۇ نېمە دەپ ئەندىشە قىلدى. چۈنكى گۇمان ئىماننى يوقۇتىدۇ دېگەن گەپ بار— دە ئەدان تاغا ئويلانغاندىن كېيىن ئاخىرقى زاماندىكى جازا خىيالىغا  كېلىپ، بەدەنلىرى شۈركىنىپ كەتتى، چۈنكى ئاخىرقى زامان بولغاندا بايقىنىڭ، بالا — پەرزەنتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


بۈگۈن ئەدان تاغا ئۆيگە بالدۇر قايتتى. بىر خىل شوخ تۇيغۇ ۋە گۇمانىي كۈندەشلىك ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى. ئەدان تاغا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئالمىرەنىڭ ھۇجرىسى ئالدىغا كېلىپ، ئىشىك يوچۇقىدىن ھۇجرا ئىچىگە قارىدى. ئۇ شۇ تاپتا ھۇجرىدا بىر ئىش بولىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ مارىغان ئىدى.
بۈگۈن ئەدان تاغىنىڭ كۆزىگە بىر ئىش چېلىپ قالدى، ئەدان تاغا بۇنداق ئىشىنى كۆرۈشنى خالىمايتتى. ھەيرانلىقتىن كۆزى چەكچىيىپ كەتتى. پۈتۈن ئەزايى — بەدەنلىرىدىكى قانلار ئۇيۇشۇپ قالغاندەك بولدى. ئۇ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەچكە يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى. غەزەپتىن ئەقلىدىن ئادىشىپلا قالدى. كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالدى، ئۇنىڭ ياش چىرايلىق، ئامراق ئايالى ئۆزىنى مەخمۇتنىڭ قوينىغا تاشلىغان ئىدى. ئۇ ئەبلەخ ئايالىنىڭ كۆكسىنى سىلاپ ئويناۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاتەش لەۋلىرى جۈپلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇزۇندىن — ئۇزۇنغا داۋاملاشقان ئۆپۈشلەر... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەدان تاغا كىچىك خوتۇنىدىن تۇنجى قەدەمدە مەغلۇبىيەت ئوقى يىگەچكە يەنە كونا ئايالى خەدىچەنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇرۇن ئائىلە ئەھۋالى ناچار، ئۆزىدىن كىچىك قىزلار بىلەن توي قىلىپ سوغۇق مۇئامىللەرگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇنىشىنىڭ بىر مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. بۇ ئۇنىڭ باراۋەرسىز نىكاھ سارىيىدا ياش، چىرايلىق بىر خوتۇننى تۇتۇپ قىلشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇ خوتۇننى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشنىڭ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ  بېرىشىنىڭ بىھۇدە ئاۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم مۇنداق بىر قائىدىنى ماددى شارائىت ۋە ئۇنىڭ مەۋھۇم نۇر ھالقىلىرى بىلەن گۈزەل نىكاھ سارىيى قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇنىڭدىمۇ ئىللىق، مۇھىم نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئەدان تاغا ئەمدى بۇنداق ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلغاندۇ، ئىلاھىم ئۇ ئىككى قەلىبنى تۇتاشتۇردىغان، بەخت ماكانى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان روھىنىڭ بىردەكلىكىگە، ھېسيات يىپلىرىنىڭ باغلىشىغا سەل قارىغانلىقتىن بۇ قېتىمقى توي ئىشىدا مەغلۇپ بولغان ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇبادا ئەدان بوۋاينىڭ خوتۇنى خەدىچە بويىدىكى تۆرەلمىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى سەزمىگەن بولسا بۇ يىل ھەر قانداق ئۆزگۈرۈش بولغان ئەھۋالدىمۇ تېز ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى.
ئەدان تاغا ئايالى يەڭگىگەن كۈنى پاقلاندەك ئوغلىغا قارغىنىچە ئالەمچە سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئوغلىنى قۇچقىغا ئېلىپ ھاياجانلانغىنىچە،— ئاھ پەرۋەردىگار، رەھمەت ساڭا... ئاھ پەرۋەردىگار، رەھمەت ساڭا... —دېدى.                  
①ھاتەم (605-؟) ئەرەپلەرنىڭ قەدىمى دەۋىردىكى شائىرى بولۇپ، مەرىتلىك بىلەن مەشھۇردۇر.
خەنزۇچە "داڭلىق ئەرەب يازغۇچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرى" ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(مەزكۇر ھېكايە تېخى ئېلان قىلىنمىغان) www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قاقچى بوۋاي

    ماھىرە ئوبۇلقاسىم قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى. مەن مەركىزىي شەھەردىكى بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قاق سېتىپ ئولتۇرغان بۇۋاينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ سوئال بەلگىسىدەك ئىگىلىپ تۇرغان گەۋدىسى ماڭا قايسىدۇر بىر ھېكايىدىكى پې...

  • توكيولۇق قىز

    كىچىكىدىن سەھرادا چوڭ بولغان بىر قىز توكيۇغا كىلىپ بىر چوڭ مىھمانخانىدا مۇلازىم بوپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى خىزمىتى بولۇپ، ئۇ ناھايتى ھاياجانلانغانلىغىدىن كۆڭلىدە مەن خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەيمەن دەپ قەتئىي نىيەتكە كەپتۇ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭغا تۇنجى ب...

  • مۇز قاپلىغان سۆيگۈ

    خىيالغا پىتىپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ ئولتۇرغانچە بىر كۈن، بىرە ئاي، ياق بىرە يىل ئولتۇرىدىغاندەك قىلىمەن. خىياللىرىم مىنى، چەكسىز دىڭىزدا يالغۇز ئۈزىۋاتقان بىلىقنى دىڭىز دولقىنى بىر ئىتتىرىپلا قۇرۇقلۇققا ئىلىپ چىقىپ سۇدىن ئايرىۋەتكەندەك، بارچە خۇشاللىقلىرىمدىن...

  • يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىن...

  • كارىۋات ئاستىدا ئادەم بار

    فوركىس بىر ئىنژېنېر، ئۇ ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا نەچچە كۈن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تولىمۇ زەئىپلىشىپ كەتكەن ئىدى. كۈنلەپ جىددىي ئىشلىگەنلىكتىن ئۇنىڭ نېرۋىلىرى جىددىيلىشپ، ئازراق تەشۋىشلىنىپ ق...

  • بۇزۇق بولسام نېمە بوپتۇ

    ھەر ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بار - قۇرئاندىن. - كېچىچە سىزنى ئېلىپ قالسام قانچە ئالىسىز؟ - ئېرشات قولىدىكى تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كىيىن يېنىدىكى قولىنى ئاستا يېنىدىكى قىزغا سوزۇپ. - 600 كوي بېرەلەمسىز؟ - كىلىشتۇق، تېلغۇن قىلىڭ - قىز قولىدىكى تېلىغۇننى قويۇ...

  • قىزىم ،ساڭا ئۆگەي دادا بولالمىدىم.2-داۋامى<ھىكايە>

    بۇ ۋىجدان دىگەن نىمنى ساتىمەن دىسە بىردەملىك،قايتۇرۇپ ئالىمەندىسە تاپقىلى بولمايدىغان..... **************** ئۆزئۆزۈمگە نەچچە قىتىملاپ تۆۋەدىگىنىمنى بىلمەيمەن.بىرچاغلاردا ئۆزۈمگەكىلىپ قارسام كوچا چىراقلىرى يولنى غۇۋايورۇتۇپ تۇرۇپتۇ،مەن يەنىلا شۇئىغىرقەدەمل...

  • توزىغان غۇنچە

    ئەركىن سابىر كۆزىڭىزنى ئېچىڭە، سارەم، ئاۋازىمنى ئاڭلىغانسىز؟ مىرزات يىغلامسىرىغانچە بوشقىنا توۋلىدى. لېكىن سارەم ھېچنېمىنى ئۇقمايتتى، ئۇ ئۈن تىنسىز ياتاتتى. تۈنۈگۈن كېچىدىن بۇيان ئاشۇ بىھوش جىسمىنى دېمىگەندە، ئۇ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقانىدى. دوخت...

  • يۈز قەدەملىك مۇھەببەت

    سەن بىلەن يانمۇ-يان ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، بىز دىيىشۋالغان 100 قەدەمنى مېڭىپ تاماملاپ بولغاندا ئاندىن ئارقىغا يانىمىز ئەگەر ئارقىمىزغا يانغۇچە قارشى تەرەپنى يەنە كۆرەلىسەك ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ھەممىنى باشتىن باشلايمىز ئەگەر كۆرەلمىسەك داۋ...

  • مايمۇن قىز

    ئۈچ ئوغلى بار بىر پادىشاھنىڭ شەھىرىدە بىر باينىڭ بىر قىزى بار ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھنىڭ چوڭ ئوغلى باينىڭ شۇ قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ دادىسىغا: باينىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرسىكەن دەپ ئەلچى كىرگۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئوتتۇرانچى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىچىك ئوغلىمۇ...

  • پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلمى

    ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق...

  • ئائىلە ماجراسى

    ئۆتكەن زاماندا بىر پادىشاھ ۋەزىرگە مۇنداق دەپتۇ، -ئوغلۇمنى ئۆيلىگەن چېغىمىدا كېلىنىمىنى ئۆز قىزىمىزدەك كۆرۈپ ئىلتىپات ۋە ھۆرمەت قىلىدىم،ئۇ توي ھارپىسىدا ئوغلۇمغا(ئەمگەكتىن قاچمايمەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ دوئاسىنى ئالىمەن)دېگەنكەن.ئاتا-ئانىسى بول...

  • مەرتىۋىگە ئىگە بولغان ئوغرى

    ئاسماندىكى يۇلتۇزنى شوتا قويماي ئۈزۈۋالىدىغان بىر ئالىقانات ئوغرىنىڭ ماھىرلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ قورقىماستىن پادىشاھنىڭ خەزىنىسىنى ئوغرىلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ،خەزىنىگە كىرىش يوللىرىنى،ساقچىلارنىڭ قوغداش تەرتىپ-نىزاملىرىنى ئوبدان تەكشۈرۈپ،ئاندىن ئىشق...

  • يالىڭاچ ئايال

    قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، ئىككى ئەر يەر تۈزۈلۈشى ھەم تىك ھەم خەتەرلىك بىر جىلغىغا يېتىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ يېشى چوڭراقى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى ، ياشراقى ئوغلى ئىدى . قەبرىنى قېلىن قار قاپلاپ كەتكەن ، قەبرە تېشىمۇ يوقنىڭ ئورنىدىلا ئىدى . دادىسى ئوغ...

  • جاۋابسىز قالغان مۇھەببەت

    ھاياتىڭنىڭ شۇ دەقىقىللىرى ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشتەك بىر ئىگىز بىر پەس كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتماقتا ئىدى ... شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇل...