بۇ بىر راست بولغان ئىش. بەلكىم بۇ ماقالىنى كۆرگەنلەر جەمئىيەتتە، ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ بارلىغىغا ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن ئەمما كونىلار «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن.جەمئىيەت نىمە ئۈچۈن يىگىت دەپ خىتاپ قىلىدۇ؟ ناتىۋان قىزلار نىمە ئۈچۈن يىگىت دەپ نىدا قىلىدۇ؟...
تەكلىپ: ئادەمنىڭ تېشىغا ئەمەس ئىچىگە قاراپ باھا بېرەيلى!
مىھراي مەلۇم بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدۇ، مىھراينىڭ ئىلگىركى مۇھەببىتى ئىلھام بولسا مىھراينىڭ ئىدارىسىگە قوشنا يەنە بىر ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى. ھەر ئىككىلىسى ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي تونۇشۇپ قالغان. بىرمەزگىل ئۇچرىشىش، مۇڭدىشىش ئارقىلىق ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىنى يارىتىپ ئاخىرىدا يۈرۈپ قالغان. ئەمما كىم بىلسۇن؟ ئوتتۇرىلىقتا يۈز بەرگەن كىچىككىنە بىر ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئىلھام مىھراي بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن. مىھراي سەۋەبىنى سورىغىنىدا ئىلھام مىھراينىڭ شۇ ئىشقا توغرا چۈشەنچە بەرمىگەنلىكىنى سەۋەپ قىلغان. مىھرايمۇ ئىلھامنىڭ شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىشنى چۈشەنگىلى ئۇنىماي ئۆزى بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنى ئىلھامنىڭ مۇھەببىتىدىكى ئاجىزلىق دەپ قاراپ ئىلھامنىڭ بۇ خىل يەڭگىلتەك، مەسىلىلەرگە قارىتا يۈزەكى پىكىر قىلىدىغان خاراكتىرىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئىلھام بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئاز-تولا خۇشالمۇ بولغان. تۇرمۇش دىگەندە ئادەم دوستسىز، مۇھەببەتسىز ئۆتەلمەيدىغۇ؟ مىھرايمۇ ئىلھامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە، ئۆزىگە تەلەپ قويغانلارغا ئەستايىدىل زەن سېلىپ ئۇلارنى دەڭسەشكە باشلىغىنىدا ئىلھام يەنە بىر قېتىم مىھراينىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەن. مىھرايدىن قايتا يارىشىۋېلىشنى ئۆتۈنگەن. بۇ چاغدا مىھراي كۆڭلىگە ئاللىبۇرۇن باشقا بىرسىنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشنى پۈكۈپ بولغان بولغاچقا ئىلھامنىڭ تەلىپىنى چىرايلىق رەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە مىھراي ئىلھامنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولۇپ ئىلھام ئۆزى بىلەن يارىشىۋېلىشنى ئېيتىپ ئالدىغا كەلگەن چاغدا مىھراي ئىلھامغا قاراپ ھەيران قالغان. ئۆزىنىڭ قانداقلارچە مۇشۇنداق شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرۈيدىغان بىرسى بىلەن بىر مەزگىل گەرچە قىسقا بولسىمۇ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگىنىگە تەئەججۈپلەنگەن ھەمدە ئىلھامنىڭ تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان ئەمما ئىلھام بولدى قىلمىغان. مىھراي كۆڭلىدە بەلكىم ئىلھام مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ سۈرۈشتۈرگەن چاغدا ئىلھامنىڭ مۇھەببىتى بىلەن يەنىلا ياخشى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلگەن. بۇ زادى نىمە ئىش؟ ئىلھام زادى نىمە قىلماقچى؟..... ئىلھامنىڭ قىلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان مىھراي ئىلھامغا ھەممىنى يەنى مۇھەببىتى بار تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆزىنىڭ كەينىگە كىرىۋالىدىغانلىقى، نىمىشقا ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولماستىن ئەكسىچە ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلماي ھازىرقى مۇھەببىتى بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كېتىشىنى ئېيتىپ نەسىھەت قىلغان. لېكىن ئىلھام ئۇنى سىزنى ياخشى كۆرگەنچىلىك ياخشى كۆرەلمىدىم دەپ مىھراينىڭ كۆزىگە كىرىپلاۋالغان. ئادەم بەك ساددا بولۇپ كەتسىمۇ ئاسانلا باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالىدىغان گەپ ئىكەن. مىھراي گەرچە ئىلھام بىلەن يارىشىپ قېلىشقا قوشۇلمىسىمۇ لىكىن ئىلھامنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا يولىنى توسىۋېلىشلىرى، ئىشخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۋېلىشلىرىدىن نومۇس قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدۇ، گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئىلھام بولسا مىھراي بىلەن يارىشىۋالالمىغانسىرى مىھراينىڭ دوستلىرىغا تېلىفۇن قىلىپ ئۇلاردىن مىھرايغا خىزمەت ئىشلىشىنى، مىھراي بىلەن يارىشىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ بىچارىلەرچە يېلىنىدۇ. مىھراينىڭ دوستلىرى بولسا ئىلھامغا ئىچ ئاغرىتىپ مىھراينى تاش يۈرەك دەپ ئەيىپلەپ مىھرايغا خىزمەت ئىشلەيدۇ. مىھراي دوستلىرىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئىلھامغا چىرايلىق چىراي ئاچىدۇ يۇ لېكىن ئۇنڭغا ھەقىقىي ئىشىنەلمەيدۇ. بىر تەرەپكە قارىسا زىيادە ئېغىر خىزمەت بېسىمى، يەنە بىر تەرەپكە قارىسا خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئىلھامنىڭ تېلېفونلىرى بۇ خىل بېسىمغا چىدىمىغان مىھراي ئاخىرى بىر كۈنى غەيرەتكە كېلىپ ئىلھام كىيىن ئارىلاشقان قىزغا تېلېفون قىلىدۇ. مەقسىتى پەقەتلا ئىلھام بىلەن ئىككەيلەننىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى بىلىپ بېقىش بولۇپ، قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ ئىلھام بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى، ئىلھامنىڭ مىھراينىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مىھراي ئىلھام بىلەن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئازارلىق پەيدا قىلىپ قويۇشنى خالىماي ئىلھامنىڭ ئۆزىگە قىلىپ يۈرگەنلىرىنى دىمەستىن ئەكسىچە ھەممە گۇناھنى ئۆزىگە قويۇپ ئۇ قىز بىلەن ئىككىسىگە بەخت تىلىپ تېلېفوننى قويىۋېتىدۇ. ئىلھام يەنە بىر قېتىم قېشىغا كېلىپ يارىشىپ قېلىش دىگەن گەپلەرنى قىلغان چاغدا ھەممە گەپنى،ھەتتا ئۇ قىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىدىن تارتىپ ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ قىزمۇ ئىلھامغا مىھراينىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ مىھراي كۆڭلىدە مەن ھەممە ئىشىنى بىلىپ بولغاندىكىن ئەمدى مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالماس دەپ ئويلايدۇ ئەمما ئىلھام مىھراينىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە مىھرايغا داۋاملىق ئاۋارچىلىك كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. مىھراي ھەتتا ئىلھامنىڭ سەۋەبىدىن كىيىن ئۆزى ياقتۇتۇپ قالغان بالا بىلەنمۇ ئايرىلىپ كېتىدۇ. مىھراي ئۇ بالىدىن ئايرىلىپ كەتكەن كۈنى ئىلھام مىھرايغا ھەمراھ بولىدۇ لىكىن مىھراي ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدۇ. باشقا قىزلارنىڭ بىر قېتىمدا نەچچە ئوغۇل بالا بىلەن يۈرۈپ تۇرۇپمۇ شۇلار بىلەن چىرايلىق ئايرىلىپ كېتەلەيدىغانلىقى ئەمما ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلھامدىن قۇتۇلالماي قالىدىغىنىغا ھەيران بولىدۇ. ئىلھام مىھراينىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىنى بىلگەندىن كىيىن مىھرايغا «مۇشۇنداق چاغدىمۇ مەندىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچامسىز...»دەپ تەسەللىي بېرىدۇ ئەمما مىھراي ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدۇ. ئىلھام سەۋەبىدىن ئۆز مۇھەببىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغىنىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ دە ئىلھامنىڭ ھازىرقى مۇھەببىتىگە تېلىفون قىلىپ ئۇ قىزغا پۈتۈن گەپلەرنى ئېيتىدۇ لىكىن كىم ئويلىغان ئىلھام ئۇ قىزغا مىھراينىڭ ھەممە گېپىنى قىلىپ بەرگەندىن باشقا يەنە مىھراينى مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى، مىنىڭ ئالدىمغا تىزلىنىپ ياش تۆكۈپ يالۋۇردى دەپ ئۆزى مىھراينىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مىھراي ئىلھامنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قىلغان قىلىپ ئۇ قىزغا سۆزلەپ بېرىپتۇ ئەپسۇس......ئىلھام مىھرايغا يالۋۇرۇپ گۈل دەستە سوۋغا قىلغان كۈن، مىھراينىڭ ئالدىدا ئوغۇل بالىنىڭ يېشى بوش يەردىن چىقمايدۇ دەپ تۇرۇپمۇ يۇم-يۇم ياش تۆككەن كۈن دەل ئۇلۇغ روزا كۈنلىرى ئىدى. ئىشىنەمسىلەر؟ مىھراي ئەمەلىيەتتە ئىلھامنىڭ ئىچمەيدىغان، ھەم چەكمەيدىغان، روزىنى تولۇق تۇتۇپ، بەش ۋاخ نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغانلىقىغا ئىچى كۆيۈپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەن، ئۇنىڭ ھەممە گەپلىرىگە ئىشەنگەن ئىدى لىكىن، ئەمدىچۇ؟........ شۇ ئۇلۇغ روزا كۈنى ئىلھام بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ئوقۇپ تۇرۇپ شۇ روزا ئېغىزى بىلەن ئۆز مۇھەببىتىگە يالغان سۆزلەپ مىھرايغا تۆھمەت چاپلىسۇن، يەنە شۇ ئۇلۇغ كۈندە مىھراي بىلەن كۆرۈشۈپ مىھرايغا مەن سىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن دەپ مىھراينى ئالدىسۇن بۇ زادى نىمە ئىش؟ ........مۇشۇمۇ ئۆزىنى يىگىت، ئەر كىشى، ئوغۇل بالا دەيدىغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟ ...........
ئەمەلىيەتتە بۇ مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن، ھەقىقىي بولغان ۋەقە. مەن نەچچە قېتىم ئىلھامنىڭ چىرايلىق، ياغلىما گەپلىرىگە، بىچارە تۇرقىغا ئالدىنىپ دوستۇمغا ئاچچىقلانغان، دوستۇمنى ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشقا نەسىھەت قىلغان ئىكەنمەن، ئەمما كىم بىلسۇن دوستۇم ھەر قېتىم سەن ئۇنى چۈشەنمەيسەن دىگىنىدە مەن ئەكسىچە دوستۇمنى چۈشەنمەستىن ئىلھامغا يان بېسىپ دوستۇمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن ئىكەنمەن . مەن ئىلھامنىڭ دوستۇمغا يالۋۇرغان ۋاقتىدىن باشلاپ تاكى ئىلھامنىڭ مۇھەببىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىلھامنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكۈچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە باشتىن ئاخىر بار، ھەممىگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇغلۇقيۇ بۇ ئىشلارغا قاراپ توۋا دەپ ياقا چىشلەپ، تاس قالدىم كۈچۈم يەتكەن بولسا ئىككى قىزنى تەڭ ئالداپ يۈرگەن ئۇ بىر نەرسىنى بىر نەچچە تەستەك ئۇرۇپ، ئۇنىڭ يالغانچىلىقى ئۈچۈن دوستۇمغا بەرگەن ئازارلىرىمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋالغىلى. ئەپسۇس، خەخ ئەسكى بولسا ئۇلارغا ئەگىشىپ ئەسكى بولۇپ كېتىشنىڭ ھىچقانداق ئورنى يوق. ئەسكىلەرنىڭ جازىسىنى خۇدايىم ئۆزى بېرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گەرچە مىھراي مۇشۇ ئىشتىن كىيىن ئىلھامدىن ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلغىنىغا خۇشال بولسىمۇ لېكىن بىزنىڭ كاللىمىزدىن قەتئىيلا ئۆتمەيدىغانى ئىلھام ساراڭمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ نىمىشقا كۈندۈزى بىر قىزنى ئالداپ ئاخشىمى يەنە بىر قىزنى ئالداپ يۈرۈيدۇ؟ ئۇ زادى نىمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئۇنىڭ خۇددى مىھرايدەك ۋە ياكى ھازىرقى مۇھەببىتىدەك ئاچىسى ۋە ياكى سىڭلىسى يوقمۇ؟ ئۇنىڭ ئوقىغان نامازلىرى، تۇتقان روزىلىرى زادى نىمىگە ھېساب؟.......
ئى،ئۇلۇغ ئاللاھ! بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، قەلبىگە ھىدايەت ئاتا قىلغىن.يىگىت ، ئەر دەپ ئىشەنگەن تاغلىرىمىز يىقىلىپ بىز يۆلەكسىز قالمايلى !!!...