ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

ۋاقتى:2010-10-30 11:57مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  
جىم-جىت پىچىرلاشلار
ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداق ئەمەس دىمەكچىمۇسىز؟؟مەن سىزگە ئازابنى گۈزەل بولىدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن.بىراق بىز بەزىدە ئازابنىڭ شۇ قەدەر قىرتاق بولۇشىغا قارىماي بىز ئۇنىڭدىكى پەقەت بىزگىلا مەلۇم بولغان شېرىنلىكنى تامشىشنى خالايمىز.مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان بىر خىل ئىنكاس ئەمەسمۇ؟؟ www.iz.la
شۇ قەدەر سۆيۈملۈك مەندىكى ئازاب،
بولسىمۇ تەمى بەك ئاچچىق ۋە قىرتاق.
ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى چېكىنى ئىزدەشچۈن،
مەڭگۈگە قول سۇنماي ئەتراپىڭغا باق!!
لىققىدە گۈلزارلىققا كىرگىنىڭىزدە سىزنىڭ ئەڭ مەيلىڭىزنى قوزغايدىغىنى زادى قايسى گۈلدۇر؟شۇ گۈلزارلىقتا سىز ئۆزىڭىز سۆيگەن ياۋايى تاغ گۈلىدىن نەچچە ھەسسە يېقىملىق،گۈزەل ۋە خۇشپۇراق گۈللەرنى كۆرگەندە ھېدلاپ باققۇڭىز كېلەرمۇ؟"خام سۈت ئەمگەن بەندە ئەمەسمۇ بىز..چوقۇم ھېدلاپ باققۇمىز كېلىدۇ،خۇش پۇراقتىن ھوزۇرلانغۇمىز كېلىدۇ،مۆرىتى كەلگەندە شۇ گۈلنى مەڭگۈ باغرىمىزغا تاڭغۇمىز كېلىدۇ.. خەير..لېكىن ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ..ئەنە شۇ چاغدا يىراق تاغ چوققىسىدا سىزگە ئىشەنىچ باغلىغان مىسكىن تاغ گۈلى ئوتلۇق قوياشنىڭ نۇرلىرىنى
يەتكۈچە سۈمۈرۈپ سىزگە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىملىق،خۇشبۇي ھېدلىرىنى ساقلاپ تۇرغان بولۇدۇ..."
ئىز تورى www.iz.la


تاغ باغرىدا ئۆسكەن ..
يېشىل تەبىئەتكە قىزىل پايانداز سالغان
ئۇ چوغلۇق گۈلى..
بەرگى نىمانچە قىزىل..
ئاھ..
ئۇنىڭ بەرگىگە
قان-ياشلاردا قىسمەت يېزىلغان
ئۇ ئۇزۇن ياشىمايدۇ..
قان بەرگىسى شاختا تۇرمايدۇ...
يېنىككىنە سەلكىن شامال ئېلىپ كەلگەن خەۋەردىن
ئىھ..گۈل بەرگىلىرى تۆكۈلۈۋاتقان ئاشۇ ھالەتتىن سىز قانداق بولۇسىز؟؟ بولۇپمۇ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تىترەۋاتقان بەرگىلەر سىزگە قانداقتۇر بىر كەچمىشنى پىچىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇ ئاتا قىلامدۇ؟؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇڭلانغان بەرگىلەرنىڭ ھىكايىلىرى قەيەردىن باشلىنىپ قەيەردە توختايدىغاندۇ؟؟
 
توزۇپ كېتىدۇ..ئۇچۇپ كېتىدۇ..
ئاي ھىكايە سۆزلەيدۇ
كېچە..تۈن باغرىدا ساڭگىلاپ تۇرغان ئاي كۈز شامىلىدا شۈركىنىپ قورۇلغان يەلكىلىرىمگە يېقىملىققىنە نۇرلىرىنى تۆككىنىچە جىلمىيىپ تۇرۇدۇ. مەن ئايغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدىم. ياق..ئاي ماڭا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


مەن سۆزلىسەم ئۇيقۇم كەلگەندە توختىتىپ قويۇپ شېرىن ئۇيقۇغا كېتىشىم مۇمكىن.
مەن سۆزلىسەم ئايدەك يېقىملىق سۆزلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن،
مەن سۆزلىسەم ئايدەك تولۇق سۆزلىيەلمەسلىكىم مۇمكىن.
چۈنكى ئاي كۆك قەرىدە ئېسىلىپ تۇرغۇنىچە ھەممىگە،ھەممىگە گۇۋاھچى.شۇنداق ئەمەسمۇ_ھە؟!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئاي سۆزلەيدۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن ھىكايە،
تۈن كېچىدە ئۇيقۇ قاچقان كۆزلەرگە .
تەڭگە-تەڭگە نۇر باغرىدا ئېرىيدۇ،
لەززەت ئىچرە مەست بولغان جۇپ كۆلەڭگە.

ھىجرانلىق دەملەرگە بېرىپ خاتىمە،
ئايدىڭ كەچ يوللارغا چېچىلدى سۆيگۈ.
قىززىغان قانلارنىڭ ئارامگاھى بوپ،
مەجنۇنتال تۈۋىدە ھېس قالدى ئىزگۈ.

شەبنەمنى قوندۇرغان بەرگىلەر چاقناپ،
تولۇقلار تولۇنئاي ئېيتقان قىسسەنى.
چىن ئاشىق چىن سۆيگۈ ئېيىتقان ناخشىلار،
ئىھ گۈزەل لىباسقا ئورار كېچەنى.

باغرىمدا ئەلەڭلەپ تۇرغان سىماغا،
يۈرىكىم تىۋىشى بېرەتتى قەسەم. ئىز تورى بەك ياخشى
ھىجرانلىق دەشتىدە چاك بولغان لېۋىم،
بىر سەندىن كۈتمەكتە شەربەتتىن زەم-زەم.

ئاي سۆزلەپ ھارمىدى ئاڭلاپ ھارمىدىم،
بۇ گۈزەل كېچىدىن پۈتتى لېرىكا.
خىياللار بېغىدا قىزىرىپ كۈلدى،
ئىھ بەرنا سەن يىگىت،مەن گۈزەل زىبا.

ئاي ھىكايىسىنى سۆزلەپ بولدى...
جىم-جىت بولۇپ قالغان تەبىئەت سىھىرلەنگەن ئىدى. بۇ ھالدىن ئىلھاملانغان بۇلۇتلار سۈرۈلۈپ-سۈرۈلۈپ كېلىپ ئاي يۈزىگە رومال تارىتتى.
چىك-چاك،چىك-چاك..
بىردىن يامغۇر تۆكلۈلۈشكە باشلىدى. ئېيتىڭچۇ؟؟ يامغۇر بۇلۇتلارنىڭ سۆزلىرىمىدۇ؟؟ بۇلۇتلار يامغۇر تۆكۈپ بىزگە قانداقتۇر كەچمىش ئېيتماقچىمىدۇ؟؟
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
جىم-جىت مۇڭلانغان بەرگى....دېرىزىگە تىنماي ئۇرۇلۇپ بىر خىل ئاۋاز چىقىرىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىغا قارىغىنىچە خىياللارغا پاتتى. ياق..ئۇ ھىكايە ئاڭلاۋاتاتتى. يامغۇر سۆزلەۋاتاتتى....
 


مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


سۈبھى تۈن پەردىسىنى قايرىدى.تاڭ ئاتتى..ئەمدى ھەممە ئالدىراش..غۇلىچىمنى كەڭ كېرىپ ئالدىراشلىققا تولغان ھاياتنىڭ بۇ بېتىنى چىڭ قۇچاقلىدىم

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە گۈلچى قىزلار بىلوگى

copyright by www.iz.la

 

ئىز تورى www.iz.la

ئۆز-ئۆزۈمگە چۆكتۈم بۇ كېچە،
.

 

ئىز تورى www.iz.la

شېرىن چۈشتىن كۆزلىرىم بىدار.
سۈكۈتلەردىن تېلىققان تىنىق،
خۇددى ئوتتا تىترىگەن بىمار.

سىم-سىم يامغۇر چېكىپ دېرىزە،
ھاياتلىقتىن بېرىدۇ خەۋەر.
سۇغۇق ھوجرا بىردىن ئىللىيدۇ،
ئەسلىمەمدە ناز قىلسا دىلبەر.

دىلكىشىمنى تاپقاندەك بولۇپ،
ئەسلىمىگە يېپىشتىم دەرھال.
ھېقىقدىغان ۋىسالسىز سۆيگۈ،
باغرىمغا باش قويدى بىمالال.

تىرسىلدىغان يامغۇر ئۈنىدىن،

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇيقۇڭ قېچىپ ئۆرۈلگەنسەن-ھە؟!
چاچلىرى ھۆل كۆزلىرى لىق ياش،
ئاشۇ قىزنى ئويلىغانسەن ھە؟!

تەغدىر ئېكەك سالغان ئۆتمۈشنىڭ،
سۇبھى ئاستا ۋارىقىن ياپتى.
ئىھ ، ئۈزۈلمەس ئۇزۇن بۇ يولدا،
كېچە ئۆتتى يەنە تاڭ ئاتتى

پاك سۆيگۈمنى چېچىۋەتتىم ھاۋاغا،تېرىۋالسۇن سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرگەنلەر
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
85.7%
ناچار
(1)
14.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈرەككە چۈشكەن ئۆچمەس داغ

    چوڭ گۇللەرگە پۇركەنگەن ھويىنىڭ گۇللۇك تەرەپكە قىلىپ ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارۋاتتا قەيسەر ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرى گۇللۇكتىكى بىر تال گۇلگە ،ياق، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نوقتىغا تىكىلگەن ئىدى ، چوڭ ئىشىكنىڭ چاراقشىپ ئېچىلىشىمۇ ئۇنى خىيالىدىن ئ...

  • نان ھەققىدە ھكايە

    1 يىگىرمە ياشلارغا كىرىپ قالغان ئەكبەر مەكتەپ ئاشخانىسىدىن كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى . يول ئۈستىدە ياتقاننان،موما پارچىلىرىنى كۆرگەن ئەكبەرنىڭ قوشۇمىسى بىردىنلا تۈرۈلدى. ئۇ ياچۇقىدىن بىر سۇلياۋ خالتىنى چىقىرىپ،ئۇنىڭغا بۇنان،تىرىپ سالغىلى تۇردى. ئاتمىش ياشلار...

  • پەمدۇرنىڭ ھىكايسى

    پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى بۆرە شاپتۇلىسىدەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھاي...

  • ھەق يوللۇق تاياق

    ئاتا-ئانامنىڭ زورى بىلەن توي قىلغاچقىمىكىن ياكى ئۇنۇڭ چوڭچىلىقىدىنمۇ ھەر قېتىم بازارغا چىقسام خۇتۇن ئالغانغا تۇيۇپ كىتەتتىم ،گەرچە ئۇنۇڭ بىلەن چىقىشالمىساممۇ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلمەسلىككە بانا تاپالماي بۇينۇمدىن سۆرىگەندەك سەنشىخاڭزا ،دۆڭكۈۋرۈك ،دابازالارنى...

  • چ چ دىكى يالغانچى قىز

    چ چ دىكى يالغانچى قىز ھېكايە خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئ...

  • ئالدىراڭغۇ كەپتەرنىڭ ھىكايىسى

    بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن،...

  • ئاي سۆزلىگەن ھىكايە

    جىم-جىت پىچىرلاشلار ھاياتلىق بەك گۈزەل ھە...ئۇنىڭ گۈزەللىكى شىلدىرلاۋاتقان بۇلاق سۇلىرى،مەيىن چىققان شامال،گىرىمسەن ئاسمان.. ھەممىدە ئىپادىلىنىپ قەلب تارلارنى چەكسە بەزىدە كۆزلەرگە لىق تولغان ،چاناقلاردىن پاتماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇندا...

  • ھەقىقي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...