بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ ھە ئۇكام بىر ئىش بارمىدى ؟
_ مەن ياتىقىمنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى سوراي دىگەن ....
_ھە سەن يېڭى ئوقۇغۇچىكەنسەندە ،_دىگىنىچە قۇلۇمدىكى قەغەزنى قولىغا ئىلىپ بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە سۆز باشلىدى
_ سېنىڭ ياتىقىڭ 203-ياتاقكەن ، بۇ ياتاق 2- قەۋەتتە ....
_ رەخمەت سىزگە ،-دىدىمدە يۇك تاقلىرىمنى كۆتۇرۇپ 2- قەۋەتكە چىقتىم ،201.....202مەن شۇنداق سانىغاچ ماڭدىم 203.... ھەمۇشۇ مېنىڭ ياتىقىمكەندە دەپ جەزىملەشتۇردۇمدە ، ئىشىكنى ئېچىپلا كىردىم ، ياتاق ئىچىدە 3~4بالا ياتاقلىرىنى تۇزەشتۇرمەكتە ئىدى ،
_ ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ،-دىدىم مەن پەس ئاۋازدا
_ۋەئەلەيكۇم ئەسىلام ،-دىگەن قۇلىدىكى ئىشنى قۇيۇپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۇرۇشۇپ باشقا گەپ سۆز قىلمايلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋەردى ،مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ سۆز قىلمايلا ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم ، مانا ھەربى مەشىق تۇگەپ دەرىسمۇ باشلاندى بۇ ئارلىقتا ياتاقداشلىرىم بىلەن يېقىن بولۇپ كەتتۇق ، مېنىڭ بىر ياتاقدېشىم بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئىسمى ئېزىز ئىدى ، ئۇ سىمىزكەلگەن كېلىشكەن بودەك ئىدى ، مېنىشقىكىن ئۆزۇممۇ بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق ، بىرسىمىز بولمىساق تاماقمۇ گېلىمىزدىن تاماق ئۆتمەس ھالەتكە كىلىپ قالغاندۇق ، بىر كۇنى ئۇ ماڭا ؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ بۇ شەنبە ئۆيناپ كىلەمدۇق ؟-دىدى
مەن بۇ شەھەرگە كىلىپ ئويناپ باقمىغاندىم ، سىتقاچىقساممۇ كۇچا ئايلىنىش ، نەرسەكىرەك سېتىۋىلىش بىلەنلا چەكلىنەتتى ،شۇڭا ئۇنىڭ بۇ گىپى ماڭا بەك ياقتى
_ مېھمان قىلامسەن ،_دىدىم مەن كۇلۇپ تۇتۇپ
_چاتاق يوق ،دەپ قاپسەن .... ئىككىلىمىز كۆلۇشتۇق ، شۇنداق قىلىپ دىيىشىپ گەپنى ئۇزدۇق شەنبىمۇ ھەش پەس دىگۇچە كىلىپ قالدى ،بىز ئەتىگەندە چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ سىرقا چىقتۇق .
_ نەگە بارىمىز ،-دىدىم مەن سۇئال نەزىرسىدە ئۇنىڭغا قاراپ
_ نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى ھېلى بىلىپ قالىسەن بۇگۇن مەن مېھمان قىلغاندىكىن گەپ قىلماي كەينىمدىن ماڭ ... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىز بىر تاكسىغا ئولتۇرۇپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن بىر يەرگە توختىدۇق مەن ماشىنىدىن چۇشۇپلا ئەتراپقا نەزەر سالدىم كۆزۇمگە « كۆك ئاسمان ئىچىملىكخانىسى » دىگەن ۋىۋسدا چېلىقتى ، مەن بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغاندىم مەكتىپىمىزدىكى زابويلارنىڭ ئامراق جايى ئىدى .
_ بۇگۇن تازا بىر ئىچەي دەپسەندە ،_دىدىم مەن سۇئال نەزىرسىدە ئۇنىڭغا قاراپ، ئۇ دۇكان تەرەپكە قاراپ ماڭغاچ
_ سەنمۇ ئىچەرسەن ، بۇگۇن ئىچمىسەك بولمايدۇ ،-دىدى
_ مېنى بىلىسەنغۇ ، مەن بۇنداق ئىشلاردا يوق ،دىدىم مەن ئۇنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ ، ئىككىمىز دۇكانغا كىردۇق ، ئۇ نېرىراقتا تۇرغان كۇنتۇچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن قېشىمغا كىلىپ «بىز ئاۋۇ ئايرىم خانىدە ئولتۇردىغان بولدۇق »دەپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كىردىم ، بۇ ئايرىم خانىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر جۇزا ۋە بىرنەچچە ئورۇندۇق قويۇلغاندى ، ئىچىدىن گۇپۇلدەپ ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى ، مەن بىئارام بولۇپ ئاران دىگەندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋالدىم،بىردەمدىن كىيىن كۇتكۇچى كىرىپ كەلدى ،دۇستۇم 4پوتۇلكا پىۋىنى بۇيۋىتىۋىتىپ .
_ ئاداش بۇگۇن ئىچمىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ ، بۇگۇن مەن يەنە بىر نەچچە دوستۇمنىمۇ چاقىرىپ قويدۇم ،ئۇلانىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۇزۇمنى قىلمىساڭ بولمايدۇ ،_دىدى.
- ياق ئاداش مەن بۇ نەرسىنى ئىچمەي ،ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغان ، بۇندىن كىيىنمۇ ئىچىكۇم يوق ، - دىدىم مەن رەت قىلىش تەلەپپۇزىدا .
ئارىدىن ئوزۇن ئۆتمەي كۇتكىچى پىۋىلارنى كۆتۇرۇپ كىردى ، ئۇ ئىككى ئىستىكانغا پىۋىلارنى قۇيۇپ بىرنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ ؛
_ ئىچە ئاداش ھېچ نەرسە بولمايدۇ ، ھازىر بۇ نەرسىنى قىزلامۇ ئىچىدىغان تۇرسا سەن ئىچمىسەڭ سەت تۇرمامدۇ ،_ دىدى ھەم بىر روكىنى ئۆزى ئىچىپ قۇرۇقدىۋېتىپ . مەن گەپ قىلالمىدىم،ئەمما بۇ نەرسىنى قەتتىي ئىچكىم يوق ئىدى ،ئۇ يەنە گەپ باشلاپ ؛
_ ھە ماقۇل ھازىر ئىچمە ھېلى بۇ يەرگە بىر نەچچە قىزلارمۇ كىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا سەتلىشىپ قالساڭ مەندىن خاپا بولما ،-دىدى مەن بۇنىڭغىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ئاردىن ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە بىر نەچچە قىز ئوغۇل كىرىپ بىز بىلەن قىسقىغىنە سالاملاشقاندىن كېيىن تارتىنمايلا كىلىپ ئولتۇردى ، پىۋىلار قۇيۇلۇپ بىر قېتىم چۇگىلەتكەندىن كېيىن گازىر كۆز ،ئوتتۇرا بوي بىرسى گەپ باشلاپ؛
_ ئېزىز قائىدىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ بۇ دۇستۇمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قويمامسەن ،-دىدى
_ خاپا بولماڭلار بۇ دۇستۇمنى تۇنۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالتىمەن ، بۇنىڭ ئىسمى ھەسەنجان ، مەن بىلەن ساۋاقداش ، بولۇپ قويىدىغان گۇي بۇ ،- دەپ گىپىنى ئاخىرلاشتۇردى ،ئاردىن قايسىدۇر بىرى چاقچاق ئارلاش قىلىپ ؛
_ ھە بوپ قويىدىغانلىقى قىز بالىدەك نازلىنىپ ئولتۇرشىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ ،_دەپ قاقاقلاپ كۇلدى ، سورۇندا سەت ھېجىيىش ئەۋىج ئالدى ، مېنىڭ ئاچىقىمدىن قاپاقلىرىمنىڭ تۇرۇلگەنلىكىنى كۇرۇپھەممىسى جىمىپ قېلىشتى ھەمدە ئۆز گەپلىرىگە چۇشۇپ كېتىشتى ، مەن ئەزەلدىن بۇنداق سورۇندى كۇرۇپ باقماپتىكەنمەن، تۇۋا بۇنداق سورۇنلاردا ئۆز گىپىگە ئۆزى كۇلىشىدىكەن ، ھەتتا كۇلمەيدىغان ئادەتتىكى گەپلەرگىمۇ كۇلۇشۇپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك بولۇشۇپ كېتىدىكەن ئارىدىن چىرايلىق زىلۋا كەلگەن بىر قىز بىر رومكا پىۋىنى كۆتۇرۇپ كىلىپ ؛
_ بۇ مېنىڭ كۆڭلۇم ، بۇ بىر رومكىنى ئىچىۋېتىڭ ،-دىدى كۆلۇمسىرەپ
_ خاپا بولماڭ ، مەن ئەزەلدىن ئىچىپ باقمىغان ،-دىدىم مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ ؛
_ بىر رومكا ئادەم ئۆلتەرمەيدۇ ،مېنى تۇنىمايدىغان ئوخشىمامسىز ،سىزگە دەپ قويەي مەن ھازىرغىچە ھېچ كىمگە ھاراق تۇتۇپ باقمىغان بۇگۇن سىزگە تۇتۇم ، ئىچمىسىڭىزمۇ ئىچىسىز بولمىسا ئىسمىمنى ئاڭلاپ قويۇڭ ،جەمىيەت ئۇينايدىغان باللانىڭ قايسى بىرسىدىن «مەرھابا توكا» دەپ سوراپ بېقىڭ ،ئاندىن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ قالىسىز ،- دىدى ئۇ ماڭا زاردە بىلەن قاراپ ، مېنىڭ بەدىنىمنى سوغۇق تەر قاپلاپ كەتتى ، ھەمدە رومكىنى قولۇمغا ئىلىپ بىر كۆتۇرۇپلا ئېچىۋەتتىم ،سۇرۇندىكىلەر «ئوغۇل بالا» دەپ توۋلاشتى ، مەن شۇنداق قىلىپ بۇ سۇرۇنغىمۇ كۇنۇپ كەتتىم ، بىز مەكتەپكە قاتتۇق ، بۇنداق سۇرۇنلار ھەپتىسىگە بىر ئىككى قېتىم ئويۇشتۇرىلىدىغان بۇلدى ،مەنمۇ كۇنلەرنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇنداق سورۇنلارغا ئامىراق بولۇپ قالدىم، بىر كۇنى بىر ساۋاقسېشىم مېنى بىرسىنىڭ ئىزدەپ كىلىپ پەستە ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېتتى ، مېنى ھازىرغىچە مەكتەپكە ھېچكىم ئىزدەپ كىلىپ مەن ھەيرانلىق ئىچىدە پەسكە چۇشتۇم ، قارىسىام ئوقۇش بىناسى ئادىدا مەن باشتا سورۇنغا بارغاندىكى ھېلىقى قىز ماڭا كۆلۇمسىرەپ قاراپ تۇرۇپتۇ ، مەن بىر قەدەم ئىككى قەدەمدىن ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بادىم ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- سىز مېنى ئىزدەپ كەلگەنمۇ ؟
_ ھە مەن سىزنى ئىزدەپ كەلگەن ، قانداق ئىزدىسەم بولمامتى ،-دىدى ئۇ كۇلۇمسىرەپ
_ مەن تېخى ئۇنداق دىمىدىمغۇ ؟ ئەمما سىزدەك داڭلىق خېنىملار مېنى ئىزدىگۇدەك بالا ئەمەسقۇ مەن ، بىرەرئىش بارمىدى ؟
_ شۇنداق بىر ئىش بار ئىدى ، سىزنىڭ قاچان ۋاقتىڭىز بار ، بىز ياخشىراق پاراڭلاشساق بولاتتى ،-دىدى
_ ماقۇل چاتاق يوق ،ئەمما ھازىر دەرىس ۋاقتى بىزگە چۇشتىن كىيىن دەرىس يوق شۇ ۋاقىتتا كۇرۇشسەك قانداق دەيسىز ؟-دىدىم ئۇنىڭغا سوئال نەزىرسىدە قاراپ
www.iz.la
_ ھە ماقۇل ئەمىسە سىزنى چۇشتىن كېيىن سائەت 2دە «ئارام چايخانىسى»دا ساقلايمەن ، چۇقۇم بېرىڭ، دېدىدە مەڭتەپ سىرتىغا قاراپ چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ نېمەئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى مەن پەرەز قىلالمايۋاتاتتىم ،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كاللامدا مىڭ خىيال ھۆكۇم سۇرىۋاتاتتى ، چۇشكىچە بۇلغان بۇ دەرىسلەر ماڭا پەقەت خۇش ياقمىدى ، ئاران دىگەندە چۇشتىن كىيىن سائەت بىر يېرىمنى قىلىپ چىرايلىق كىيىپ ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدىم ، ئۇ جايغا بارغاندا چايخانا ئالدىدا بىر قىز مېنى كۇتىۋالدى ، مەن ئۇنىغا سىنجىلاپ قاراپ بىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سورۇندا ئۇنىڭمۇ بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم ،ئۇ مېنى ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا باشلاپ كىرىپلا چىقىپ كەتتى ،
ئىز تورى بەك ياخشى
_ سىزنى كەلمەمدىكىن دەپتىمەن تېخى ،_دەپ كۇلۇمسىردى ئۇ
_ سىز چاقىرسىڭىز كەلمەسلىكە ھەددىممۇ مېنىڭ ، - دىدىم مەن يەرگە قاراپ ، بۇنىڭ تۇنجى قېتىم بىر قىز بىلەن ئايرىم ئولتۇرشۇم بۇلغانلىقى ئۈچۈنمۇ يۇرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكۇدەك سوقىۋاتاتتى ، مەن ئۆزمۇنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇ يەنە سۇز باشلىدى .
_ ئەمدى مەقسەتكە كىلەيلى ، مەن بۇ شەھەردە ياشاپ ھېچ قانداق بىر ئوغۇل بالىغا كۆز سالمىغان ئەمما سىزنى ئالدىنقى قېتىم كۆرۇپ سىزگە قىزىقىپ قالدىم ، مېنىڭ سىز بىلەن يۇرگۇم بار ، سىز ماقۇل دەڭ ياكى بۇلمايدۇ دەڭ بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر چۇنكى مەن قولغا كەلتۇرمەن دىگەن نەرسەمنى قولغا كەلتۇرمەي قويمەيدىغىنىدىن ،- دىدى ئۇ ماڭا قاراپ ، مېنىڭ يۇرەكلىرىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغاندى ، مەن نەچچە قېتىم ئېزىزدىن بۇ قىزبالىنىڭ ناھايتى يامانلىقىنى بۇ شەھەردىكى خېلى مەن مەن دىگەن ئوغۇللارنىڭمۇ بۇ قىزدىن قۇرقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ، بۇ قېتىم مەن ئۇنىڭغا «ياق »دىسەم مېنىڭ يامان كۇنگە تۇرغانلا گەپ ئىدى ، شۇڭا مەنئىككىلەنمەيلا ماقۇل دىدىم ، بىز شۇنداق قىلىپ يۇرۇپ قالدۇق ،ئۇ مېنى نۇرغۇن سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ باردى ھەمدە شەھەردە قانداق ياشاشنى ، جەمىيەتتە قانداق ئويناشنى بىر-بىركەپ ئۆگەتمەكتە ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن يۇرگەندىن كېيىن جەمىيەتتىكى نۇرغۇن بالىلار مەندىن تەپتارتىدىغان بولدى ،ھەتتا مەكتەپتىمۇ مېنىڭ ئىناۋىتىم ھەسىلە ئاشتى ، بۇنداق ياخشى كۇنلەر مېنى ئۆزىگە تارتىپ چۆكۇپلا كەتكەندىم ، يۇرىكىممۇ يۇغىنىدى ، كۆزۇمگە سىمىغانلارنىڭ ئەدىپىنى بىرىپ قوياتتىم ھەتتا مەندىن بىر ئىككى چىقىدىغان چوك كۇچتۇڭگۇرلەرمۇ ماڭا تىك قارىيالمايدىغان بولدى ، مەن ئەسلىمنى تامامەن ئۇنتىغان ئىدىم ،ئائىلەم دېھقان دادام ، سەھرايىم مېنىڭ نەزىرىمدە ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەتتى ، بىر كۇنى چۇشتە مەن دەرستىن چۇشۇپ سىتقا چىقسام بىر بوۋاي ئالدىمغا كەلدى ،مەن ئۇنى تىلەمچى ئوخشايدۇ دەپ ؛
_ھازىر يېنىمدا پارچە پۇل يوق كېيىن كىلىڭ ،_دىدىم ، ئۇ ماڭا ھەسرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ
_ئوغلۇم مېنى تۇنىماس بولۇپ كەتتىڭمۇ ،- دىگەندىلا ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ،
_دادا نېمىشقا ماكتەپ ئالدىغا كەلدىڭ ، مەن ساڭا نەچچە رەت مەكتەپكە كەلمە دىگەن ئەمەسمۇ ،-دىدىم مەن دادامنى چەتكە تارتىپ ،
_ سىنى كۆرگۇم كىلىپ كەلدىم ئوغلۇم ،سەن نەچچە ئاي بولدى ئۆيگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىڭ ئاناڭ سېنى سېغىنىپ كۇندە يېغلاپ ئولتۇرىدۇ ،_دىدى ئۇ كۆز ياشلىرىنى تۆكۇپ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ نېمىگە يىغشلايسەن بولدى قىل بىز بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرساق بولمايدۇ ، باشقا ساۋاقداشلىرىم كۆرۇپ قالسا مېنى سەھرالىق دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ ، شۇڭا سەن ھازىرلا قايتىپ كەت ، بۇدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلمە ،_دىدىم مەن قاتتىق تەلەپپۇزدا ، دادام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يېنىدىن 300يۇېەن پۇلنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى ،مەن ئۇ پۇللارنى كۆرۇپ خۇشال بولۇپ كەتتىم ، ئۇ پۇللار مېنىڭ بىر ئايلىق تاماكا پۇلۇم بولالمىسىمۇ ، بىر كەچ باللا بىلەن ھاراق ئىچەلەتتىم، مەن پۇلنى كاپپىدە قىلىپ ئالدىمدە « بۇلدى سەن قايتىپ كەت »دىدىم ، دادام ماڭا يەنىلا قاراپ تۇراتتى ، « قارايسەنغۇ مىېنڭ بىر يەرلىرىمگە قارا يۇقۇپ قاپتىمۇ ؟ بۇلدى سەن قايتىپ كەت »دەپ ئوللۇك توۋلىدىم ، دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار مارجاندەك تۆكۇلۇپ تۇراتتى ،«ھەسەنجان » دەپ چاقىرىلغان ئاۋاز مېنى چۇچۇتىۋەتتى ، مەن شۇنىڭدىن ئەنسىرەتتىم ، مەن مەرھابانىڭ دادامنى كۆرۇپ قېلىشىدىن ، مېنى سەھرالىق دېيىشىدىن ئەنسىرەتتىم ،مەن ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ،
_ كىمۇ ئۇ؟ بەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىپسىزغۇ ، بۇ قېرى بىلەن ،-دىدى ئۇ ماڭا قاراپ
_ ھە بىزنىڭ بىر قوشنىمىز ، ئۇ كېتىشكە پۇلى يوق تۇرۇپ قاپتىكەن مەن ئۇنىڭغا ئازىراق پۇل بېرىپ كېتىشىنى ئېتىم شۇ باشقا ئىش يوق ،-دىدىم مەن
بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۇپ كەتتى،قاچانكى يېنىمدا پۇل قالمىسا ئاتا _ئانامنى ئېسىمگە ئالاتىمدە تىلىغۇن قىلاتتىم ، بولمىسا ئۇلارنى ئەسلەپمۇ قويماتتىم ، كۇنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ، مەن بۇرۇنقىدىنمۇ ئەسەبىيلەشكەندىم ، مەكتەپكە ھەپتىدە ئۈچ كۇن بارسام تۆت كۇن بارماتتىم، «پاختەك كۇندە دۇمدا ئۇچۇرۋەرمەيدىكەن» بىر كۇنى ئوقۇتقۇچۇم مېنى چاقىرىپ ئىز تورى www.iz.la
_ ھەسەنجان مەن سىزگە كۆپ نەسىيەت قىلدىم ، ئەمما سىز ئاڭلىمىدىڭىز ؟بۇ قېتىم مەكتەپ ئويلىشىپ سىزنى مەكتەپتىن چىكىندۇرۇشنى قارار قىلدى ، سىز رەسمىيىتىڭىزنى ئۆتەپ قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، _دىدى
بۇ گەپ ماڭا بىر مۇش يىگەندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى ، مەن ئوقۇتقۇچۇمغا شۇنچە يالۋۇرساممۇ ئۇ قۇلاق سالمىدى ، نېمە ئامال ؟ مەن مەكتەپتىن ئايرىلدىم ، شۇ كۇنى كەچتە مەن دوسلىرىمنى يىغىپ بولدى دىگۇچە ھاراق ئىچتۇق، مانا شۇ كۇندىن باشلاپ مەن سەرەرگەندارلىق تۇمۇشۇمنى باشلىدىم ، توۋا بۇ تۇرمۇشمۇ بولۇپ قويىدىكەن، بۇرۇنقىدەك زىركىشلىك دەرسلەر يوق ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تەنە گەپلىرى يوق شۇنداق ئازادە ۋە ئەركىن بولۇپ قالغاندىم ، بىز بىر كۇنى كەچتە دىسكۇ خانىغا كىردۇق ، ئۇ يەردە خۇشال ئويناۋاتاتتىق بىرسى پۇتۇمغا قاتتىق دەسىۋېتىپ مەندىن ئەپۇ سورىدى ،مەنمۇ جېق گەپ قىلمىدىم ، مەن جايىمغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بىر دۇستۇم ؛
_ بىزنى شۇنداق بۇزەك قىلسا بۇلامدۇ ؟ قاراپ تۇرۇپ پۇتىڭغا دەسىۋېتىپ خاپا بولما دىسىلا ئىش تۇگەمدۇ ؟ قۇپە ئۇنى بىر ئەدەپلەيلى ،- دىدى مەن مەسلىكىمدە ھېچ نەرسىنى بىلمەتتىم ، كىمدۇر بىر قولۇمغا بىر پىچاقنى تۇتقۇزۇپ قويدى ، مەن ھېلىقى مېنىڭ پۇتۇمغا دەسىگەن بالىنىڭ كەينىدىن كەپلا پىچاقنى تىقتىم ، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپلا يەرگە يېقىلدى ، نىمىسىنى دەي مەن بىلەن بىرگە كىرگەن دوسلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق ھەممىسى تىكىۋېتىپتۇ ، مېنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى ، ئەتسى ئاندىن نىمە بولغانلىقىنى بىلدىم مەن بىر ئادەمنى ئۆلتۇرۇپ قويۇپتىمەن ،باشتا ئۇنچە ئۇكۇنۇپ كەتمىدىم ، ئەمما سوتقا چىقىپ ماڭا 'ئۆمۇرلۇك قاماق جازاسى »بەرگەندىلا ئاندىن ھوشۇمنى يىغدىم بۇ ۋاقىتتا مەن كۆپ كىچىككەندىم ، مەن ئەتراپقا بىر نەزەر سالدىم ، ئاتامۋە ئانام يېغلاپ ئېقىپ كەتكەندى ، مېنىڭ جان -جىگەر دوستلىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق ئەمما كىچىكىمدە بىرگە ئويناپ چۇڭ بولغان يۇز كۆزلىرى توپا باسقان سەھرادىكى دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى كەپتۇ ،ئولارنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بۇلغان ھېسداشلىقى چىقىپ تۇراتتى ، مەن شۇ ۋاقىتتا ئاندىن « ئانا.........» دەپ قاتتىق توۋلىدىم ، نىمە ئامال بۇندىن كېيىن مېنى كۇتىدىغىنى پەقەت تۇرمە ئىدى ، ھازىر ئۆكۇنسەممۇ نىمە ئامال ، ئۆزۇمگە ئۆزۇم قىلغاندە........