بىر جۈپ كەپتەر ياز كۈنى قىشلىق ئۇزۇقى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا چوقۇلاپ ، ئۇۋىسىنىڭ بىې بۇلۇڭدا زاپاس قىلىپ ساقلاپ قويغانكەن. بىر كۈنى كەپتەرلەرنىڭ ئەركىكى ئاشۇ داننى ياخشى ساقلاشنى چىشى كەپتەرگە تاپىلاپ قۇيۇپ سەپەرگە كىتپتۇ. دانلار جوغلانغان ۋاقتى نەم ئىكەن، شۇڭا كۆپۈپ تورغاچقا كۆپ كۈرۈنگەن ئىكەن، ئەركەك كەپتەر سەپەردىن قايتىپ كەلگۈچە ھاۋانىڭ ھارارىتى بىلەن ئۇ دانلار قۇروپ كەتكەچكە جىمىقىپ ئاز كۆرۈندىغان بۇلۇپ قاپتۇ.
ئەركەك كەپتەر سەپەردىن قايتىپ كىلىپلا داننىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ،چىشىسىغامۇنداق دەپتۇ:
- بۇ داندىن نىمىشقا يېدىڭ؟بۇنى قشلىقىمىز ئۈچۈن زاپاس قىلىپ قويمىىدقمۇ؟
--ئىلا،بىلا ،-دەپتۇ چىشى كەپتەر،-مەن داندىن يېيىش تۈگۈل ، يېيىش دىگەن خىيالنى كەلتۈرمىدىم.
ئەركەك كەپتەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەپتۇ ۋە غەزىپى تېشىپ ئۇنى تۇمشۇقى بىلەن بىر نەچچنى قۇچۇپ ، قانتى بىلەن بىر نەچچنى سوققانىكەن، چىش كەپتەر ئۈلۈپ قاپتۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كىيىن ئىككى-ئۈچ يامغۇر يېغىپتۇ، دان ھاۋانىڭ نەملىكى بىلەن يەنە كۈپۈپ ئەسلدىكى جىق كۆرۈنگەن ھالىتىگە قايتىپ كەپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئەركەك كەپتەر بۇدانلارنى ئۆزجۈپتىنىڭ يىمىگەنلىكىنى بىلىپ ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ نالا قىلىپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- مېھرىبان يارنىڭ پىراقى قاتتىق رەنىج ئىكەن،نادامەتنەڭ پايدا بەرمەسلىكى ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ئىكەن،- دەپتۇ.
شۇڭا ئەقىللق كىشلەر ھەرقانداق ئىشتا ئالدىرماسلىق كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەزى ئەقىللىق ۋوزىرلەر ئالدىراڭغۇ ۋە غەزەپلىك شاھلار ئۈچۈن مۇنداق پۈتۈكلەرنى پۈتۈپ بەرگەن، بۇنى پادىشاھ مۇھىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۆزىگە دەستۇر ئەمەل قىلغان. بۇ ئاگاھلاندۇرغۇچى پۈتۈك ئۈچ بۈلەك بۇلۇپ، بىرنچى پۈتۈكنىڭ مەزمۇنى ":قۇدىرتىڭنىڭ بارىدا ئىختىيارىڭنىڭ تىزگىنىنى نەپسى ھايۋاننىڭ ئىلىكىگە بەرمە، چۈنكى ئۇ سېنى ئەبەدىي ھالاكەتكە تاشلايدۇ."
ئىككىنچى:پۈتۈكنىڭ مەزمۇنى"ئاچچىق ۋاقتىدا ئالدىڭزدا ئاجىز بۇلۇپ تۇرغانلارغا رەھىم قىلغىن، شۇنداق قىلساڭ ئاخىر بىر كۈن ساڭىمۇ رەھىم قىلدۇ" دېگەندىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى پۈتۈككە"ھۆكۈم يۈرگۈزۈشتە شەرىئەتنىڭ سىر تىغا چىقما ۋە ھېچقاچان ئىنساپنى تاشلىما" دىگەن مەزمۇندا ئىكەن.
مانا بۇ ياۋاشلىق ۋە ئېغىرلەرنىڭ پەزىلتىنىڭ بايانى ۋە ئۇنىڭ باشقا خۇلۇق-مىجەزلەردىن ئەۋزەللىكىنىڭ تەرپى. ئەقللىق كىشلەر بۇرۇن ئۆتكەن كىشلەرنىڭ تەجىبىلىرىنى ۋە ھۆلۈمالارنىڭ ئىشارەتلىرنى ئۆزئىشلىرىغا پېشىۋا قىلىش، .ئەل ۋە دۇنيا ئىشلىرىنى ياخشىلاش بىناسىنى ھېكمەت ۋە ئىلىم-بىلىم ئاساسىغا قويۇشنى ، غەزەپ ۋە يەڭگىللكتىن يېنىپ، سەۋىر ۋە چىدامغا توختىىشى لازىمدۇر. ئەگەر ھەركىم ئاللانىڭ ئەنە شۇنداق مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولسا ، ئۇنىڭ ھىممىتىنىڭ بېشى تەۋەززۇ تاجى بىلەن زىننەت تېپىپ ، سۈپىتىنىڭ قامىتى ياۋاشلىق لىباسى بىلەن جابدۇندۇ، بىلمەك كېرەككى ، تەۋەززۇ ۋە ياشلىق دۈشمەننى دوسىت، دوستنى تۇغقاندىنمۇ يېىن قىلدىغان سۈپەتتۈر.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!