ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

ۋاقتى:2010-10-17 12:40مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بولۇشقا باشلىدى، سەيدىن سۇس ھور كۆتۈرۈلەتتى، جانمۇ ھور دېېيىشىدۇ چوڭلار، ساناقلىق كۈنلىرىمىز قالدى، ساناقلىق پۇللىرىمىز بار، خەجلەيمىز، سورۇيمىز، چىقىرىمىز، بوشاپ قالغان ئىچىمىزنى يەنە ئاللىقانداق بىر نەرسىلەر بىلەن تولدۇرىمىز. سورۇندا قىزلار يوق، ئەرلەرنىڭ چىرايى رەڭسىز، خۇنۇك كۆرۈنەتتى. ھەممىنىڭ كۆزى رېستۇران ئويۇنىنى باشلاش ئۈچۈن كىچىك سەھنىگە چىققان قىزغا تىكىلدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
___ ھۆرمەتلىك.... ھازىر... باشلايمىز...
زىل ئاۋاز ھاراقنىڭ بۇسىدەك قۇسقۇمنى كەلتۈرەتتى ، قېنىم ئۇرغۇيتتى. ئەرگە تەگسەك بولمامتى سېكىلەك، بۇ ياقا يۇرتتا پىگورىڭنى چىقىرىپ خارلىشىپ يۈرگىچە...
بەدەن دېمەك پۇل دېمەك... دەيتتى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى.
قانچە ئەر بىلەن بىللە بولغانسەن... دەيتتىم ئىچىمدە.
ئۇقمايسەن يىگىت، مۇھتاجلىق، ساناپ ئولتۇرمىدىم. بۇ ماڭا ئازاب.
30 ياشتىن كېيىن قانداق قىلارسەن
ۋاھ، 40 ياش دېسەڭچۇ، بولدى قىل، ساختا ئەركەك، ئالىيجاناپ سۆز غىدىقىمنى كەلتۈرىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
سەن بىلەن بىللە بولغۇم كېلىدۇ... بۇ ئاخشام
تاماشاڭنى جايىدا قىل يىگىت ، ئەبگالىقىڭ چىرايىڭدىن چىقىپ تۇرىدۇ
قۇمۇلدىن چىققاندىن كېيىنلا پۇلغا سېتىلدىڭ دېگەن گەپ.
خاتا، ئۆز ئارزۇيۇمغا سېتىلدىم. پۇل مېنىڭ ئارزۇيۇمنى قاندۇرىدىغان ۋاسىتە.
ئاناڭ يوقمۇ سېنىڭ؟
ئانام بار... ئانام يوق... ئانام ئاجراشقان...
ئانا بولىدىغان قىز ئەمەسمىدىڭ سەن؟
كېيىنرەك بولارمەن، ئەنسىرىمەيمەن...
بىرسى بىلەن يۈرگەن بولغىيمىدىڭ؟
www.iz.la

يۈرگەن، رىشتىم دەسلەپتە باغلاندى ، كېيىن يۈرەك داغلاندى. بۇمۇ بولدى، ئەسكىلىشىشىمگە سەۋەب تېپىلدى. ئۆچۈمنى پۇخادىن چىققۇدەك ئالدىم، ھازىر قىسىلمايمەن، ئەركىن ياشايمەن.
ئەسلىدىنلا ئاچكۆز، شۆھرەتپەرەس، شەھۋەتپەرەس قىز ئوخشايسەن... بەدىنىڭ، بوينۇڭ، نازلىرىڭ، ساغراڭ... ۋاھ، كىيىملىرىڭ تېخى... ئۇيغۇر قىزى!
ۋاھ، قارا ما ئۇيغۇر يىگىتىنى... قارا بىزنىڭ قىزلىرىمىزغا، مەنلا ئەمەس...
خىيالىي پاراڭ ئۈزۈلۈپ قالدى، "بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي" دېگەن كونا مۇزىكىنىڭ ئۇسۇللۇق يېڭى مىلودىيىسى ["لاي لا لا لاي لاي... لاي لالالاي... " قىلىشى بىلەنلا ئالتە قىز سەھنىدىن خۇددى دۆڭدىن ئاققان لاي سۇدەك پەسكە ئېقىپ چۈشتى، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ناخشىغا جۇر بولدى. بۇرۇنقى ئۇيغۇر خانىشلىرىنىڭ سۈلكىتىنى، لاتاپىتىنى ئەسلىتىدىغان كەمچەت تۇماق ئۇلارنىڭ ھەۋەس بىلەن لىق توشۇپ كەتكەن پۈچەك كاللىسىدا چەمبەردەك ئايلىناتتى، كىيىمگە كەشتىلەنگەن زەر نەقىشلەر چىراغ نۇرىدا ۋىل-ۋىل پاقىرايتتى، تېشى قىزىل،ئىچى سېرىق كىيىملەر بۇ ئوتقاشتەك قىزلارنىڭ ئىچكى تاشقى قىياپىتىگە سموۋۇل قىلىنغاندەك تۇراتتى. پاھ، بۇ نېمىدېگەن ماسلىشىش! قىزىل، سېرىق رەڭ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى، ناخشا، رېتىم، تولغىنىش، ئىرغاڭلاش، تەبەسسۇم، ھاياسىز ھىجىيىش، شەرەتلەش، ئېڭەك ئوينىتىش، ئەۋرىشىم بەل ۋە بىلەكلەر، قانچىلىغان قوپال قوللارنىڭ مۇجۇقلىشىدىن ئۆتكەندۇ بۇ كىرىشكەن نازۇك قوللار-ھە... بىر نەرسە ئىچىمنى قىززىتاتتى، ئەرلەر جوزىدىكى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ ئاشۇ قىزلارغا قارىشىپلا قالغانىدى، كۆزلىرى بۇ قىياپەتلەرگە قانمايتتى ۋە كۆينەك ھەر بىر كۆتىرىلگەندە چىقىپ قالىدىغان پاچاقلاردا تىمىسقىلايتتى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


"يىلان ئۇسسۇلى" دەپ ئېلان قىلدى قىز.
بىر قىز كىندىكىنى ئوچۇق قويۇپ، بىر ئۆلۈك يىلاننى كۆتۈرەپ جوزىلارنى ئايلىنىپ مېھمانلارغا "بۇ راست يىلان" دەپ كۆرسەتتى، شۇنداقتىمۇ ئىككى-ئۈچ خەنزۇ ئەر ئورنىدىن قوپۇپ كەتتى، قىز ئۇلارنى قورقۇتۇپ قويغىنىغا خۇشال بولغاندەك جىلمىيىپ، بىزنىڭ ئالدىمىزدىن ئىپادىسىزلار ئۆتۈپ، مەيدانغا چۈشۈپلا ئەرەبلەرنىڭ تاقىر-تۇققۇر مۇزىكىسىغا جان-جەھلى بىلەن كىرىشىپلا كەتتى، مانا ئۇسسۇل دېگەن، مانا بەدەن دېگەن، مانا ئىشرەت بەزمىسى دېگەن... جوزىدىكىلەر بۇغدىيەكلىرىنى لىپىلدىتىپ، تۈكۈرۈكلىرىنى يۇتۇپ بىچارىلەرچە ئولتۇراتتى. بۇنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئۇسسۇللار تازا "ئاچالمىغاندەك"... كەيپىياتنى تاپالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بۇ قىزمۇ ھەقىقىي ئۇسسۇل دېگەن مانا، كۆرە مانا، قاراپ كۆزلىرىڭ تېشىلسۇن، يۈرەكلىرىڭ شەھۋەت قوللىرىدا مۇجۇلسۇن، ھەممە نەرسىمىز جەلبكار تۇيۇلسۇن... دەۋاتقاندەك، پۈتۈن بەدىنىنى، قورساقلىرىنى تىترىتىپ، سۆڭگەچلىرىنى كۆكۈيۈن چاققان بايتالدەك ئېتىپ زور ئىشتىياق بىلەن ئويناپ كەتتى، ئوينىدى، ئوينىدى، ھەۋەسلەر قايناپ-قايناپ، ئاخىرى يەنە پەسكويغا چۈشتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
"گۈل ئۈزۈش ئويۇنى" دەپ ئېلان قىلدى قىز ماڭىلا دەۋاتقاندەك.
يەنە بىر قىز قولىغا بىر گۈلنى ئېلىپ مەيدانغا چۈشتى، ئېلانچى قىز يەنە چۈشەندۈرۈۋاتاتتى: بىرىڭلار ئوتتۇرىغا چۈشۈپ قىزغا ماسلىشىپ ئوينايسىلەر، قىزنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئۈزۈپ ئالالىساڭلار ئۇتقان بولىسىلەر... قېنى كىم چۈشىدۇ...
خەنزۇلاردىن ھېچكىم چۈشمىدى، ئېلانچى قىز بىز تەرەپكە كەلدى:
__سىلەردىن بىرىڭلار چۈشۈڭلار...
قورساق سېلىپ كەتكەن مېھمانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشۈشكە ئۇنىمىدى. قىز مېنىڭ چىرايىمدىن بىر نېمىنى بايقىۋالدى بولغاي، خۇددى مېنى بىلىدىغاندەك ئىشەنچ بىلەن:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__ سىز چۈشىڭە ئۇنداق قىلماي، قىزنى خىجىل قىلمايلى...
قىزنى خىجىل قىلمايلى! ۋاھ، بولىدىغان گەپ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇر قىزى ئەمەسمۇ!
مېنىڭ بايا ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا سۆزلىشىپ كەتكىنىمنى سېزىپ قالدىمىكىنە بۇ مىجىلغان گۈل...
جوزىدىكلەر مېنى چۈشۈشكە قىستاشتى، چۈشتۈم، قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مومايلاردەك سەل ئېگىلگەن قامىتىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ چۈشكىنىمگە ئانچە خۇشال بولمىغاندەك كۆرۈنەتتى، پات-پات باشقا جوزىغا قارايتتى. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭغا بېقىپ ئۇنى چۆگىلەپ كەلگىنىمدە ئۇ ماڭا ھاياسىزلارچە تىكلەتتى، مەن ئەكسىچە ئوڭايسىزلىناتتىم ، ئۆزەمگە كايىدىم: بىز ئالمىشىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ نېمىگە ئۇنچە قىلىپ كېتىمەن؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مەن ئويۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئېلىۋېلىشقا شۇنچە كۈچىدىم، ئۇ ھەر قېتىم شارتلا قىلىپ قولىنى تارتىپ ئېلىپ قاچاتتى، مۇزىكا تېزلەشتى، مەنمۇ جىددىيلەشتىم، قىزنى چۆگىلەپ قوغلاپ، قوللىرىمنى سوزۇپ، ئۇ گۈلگە شۇنچە ئىنتىلدىم، تۇتۇق بەرمىدى. ئۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. پاكلىقىڭنىمۇ شۇنداق قوغدىيالىدىڭمۇ ناپاك گۇل؟! دېدىم ئىچىمدە ئاچچىق بولۇپ، ئاخىرى قوغلاۋېىرىشتىن ھارسىندىم، ھەرىكتىم سۇسلىشىپ كەتتى، مۇزىكىمۇ ئاياغلاشتى. قىز غالىبلارچە كۈلۈمسىرەپ، قولىدىكى گۇلنى چىڭ سىقىمداپ، بىز بىلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقلار، غەيۋەت، سەتلىشىشلەر بىلەن تولغان جايىغا كىرىپ كەتتى، نېمىشقا ئۇنى ناپاك گۈل دەيمەن، ئۇنىڭ ھاياسىز كۆزلىرىگە ئاساسەنمۇ؟ بۇمۇ بىر تېپىشماق بولۇپ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئارىلىقتا بىر قانچە تاينى يوق نومۇرلار ئوينالدى، ئۈچ قىز ئۈچ ئۆزبېك قىزنىڭ دېيىنى قويۇپ، مىكرافوننى ئاغزىغا يېقىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئىشلەشتى. ئۇسسۇل، ئۇسسۇل... بىزنى ئاخىرى ئۇسسۇل دېگەنگە تويغۇزىدىغان بولدى.. باشقا جوزىدا ئادەم ئازلاپ قالغانىدى.
"مەشرەپ'" دېدى ئېلانچى قىز، بۇ ئاخىرقى نومۇرىدەك قىلاتتى.
"مەشلەپۇ دېى يىسى شى... جىتى ۋۇ" دەپ خەنزۇچىنى بۇزۇپ سۆزلىدى قىز. بىر قانچە قىز مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇلنى باشلىدى. بىر قىز بىزنىڭ جوزىغا كېلىشى بىلەنلا جوزىدىكىلەر يەنە مېنى چىقىرىپ قويدى. قىزنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم، تولغىنىۋاتقان بەدەنلىرىگە ئاخىرقى قېتىم ھەۋەس، ئېچىرقاش، بىزارلىق بىلەن تىكىلدىم. بۇلار مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىن يوقىلاتتى. ھەۋەس ئوتلىرىنى قىززىغا ئىچىمىزگە يېقىپ قويۇپ كېتەتتى، شەيتانلار!

ئىز تورى www.iz.la


مەن يەنە بىر قىز بىلەن بېقىشىپ ئوينىدىم، بۇ قىز بىر قاراشتىلا باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلاتتى، چېھرى غەمكىن، كۆزلىرىنى بىر قات مۇڭ پەردىسى توسۇۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇسسۇلنىمۇ خالا-خالىماس ئويناپ قوياتتى، ئۇنىڭ ھەممىسىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، چىرايلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، لېكىن بۇ قىزنىڭ چېھرى يۇلتۇزلار ئارىسىدىن بالقىپ تۇرغان ئايدەك روشەن جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، غەمكىن جىلۋە، غەمكىن نەزەر، ئويماق لەۋلىرىدە چۈشىنىپ بولمايدىغان بىر تىترەش، گەپ سورىغۇم كەلدى، ئەمما نېمە دەيمەن، قاتتىق مۇزىكا ئاۋازى ھەممىنى بېسىپ كېتەتتى. مەن ئۇ قىزغا زوق، ئىنتىلىش بىلەن تىكىلدىم، ھېسداشلىق بىلەن كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپمۇ قويدۇم. قىز يەنە غەمكىن كۈلۈمسىرىدى، كۆز ئىشارەتلىرى ئارقىلىق پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
نېمانچە قاراۋېرىسىز ئىچ ئاغرىتقاندەك؟
بۇ ئىچ ئاغرىتىش ئەمەس، قىيالماسلىق
نېمىدىن قىيالمايسىز؟
بىر دەمدىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىمىز.
بۇ رېېستۇرانغا كەلسىڭىز بىز يەنە بار.
بۇ يەردىن كېتىپ قالماسسىز؟
كەتسەك يەنە مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلەيمىز، بەرىبىر ئوخشاش.
ئۇسسۇلنى نەدە ئۆگەنگەن، شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىدىمۇ؟
قىز جاۋاب بەرمىدى، بۇنىڭغا ئۇ كۆز ئىشارەتلىرىدىن قانداقمۇ جاۋاب تاپقىلى بولسۇن؟! www.iz.la
سىلەر كۈندە مۇشۇنداق ئۇسسۇل ئويناپ زېرىكمەمسىلەر؟
زېرىكىمىز، ئەمىسە نېمە ئىش قىلىمىز؟
سىزنى بىر چۈشىنىپ باقسام دەيمەن، ھەتتا يۈرۈپ قالساق دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن...
بىز مۇنداق يۈرگىنىمىز بىلەن سىزدەك بالىنى ياراتمايمىز.
نېمىشقا؟
چۈنكى بىز بەدىنىمىزگە، چىرايىمىزغا ئىشىنىمىز. ئۇسسۇل دېگەن قوشۇمچە...
سىز ... ئۇنداق... ھېلىقىدەك ئىش قىلمايدىغانسىز؟
بۇنىڭغىمۇ ئۇ كۆز ئىشارەتلىرىدىن جاۋاب چىقمايتتى. ئەمما مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ئاقلىدىم. بۇ قىز باشقىلارغا قارىغاندا تەربىيە كۆرگەندەك قىلىدۇ، ئانىسى ئېسىل ئايال بولسا كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇزىكا توختىدى، قىز ماڭا يەنە بىر تاتلىق جىلمىيىپ قويۇپ باشقا قىزلارغا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى.
جوزىدىكىلەر ئۇسسۇلنى قالتىس ئوينىدىڭ دەپ قويۇشتى، ئۇلار يېڭىدىن يەنە ئىچىشنى باشلىدى. پاراڭ باشلاندى، ئەمما ھەممىسى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. مەنىسىز پاراڭ، غەيۋەت-شىكايەت، سېرىق يومۇر، گەپ تالىشىش...ئارىسىدا سىقىلىپ كەتتىم، خىيالىم غەمكىن قىز تەرەپكە كېتىپ قالدى. 10 مىنۇتلار ئۆتسە كېرەك، قىزلار، ئاشۇ ئالتە قىز كەمچەت تۇماق، ئۇزۇن كۆينەكلىرىنى خۇددى ئېغىر بىر بوپىنى تاشلىغاندەك سېلىپ تاشلاپ، يېنىك ئۇھ تارتىپ، ئەمدى ئۇچىسىغا كىندىكىنى بىر ئاز ئوچۇق قويغان كوپتا، تار كاۋبوي شىملىرىنى كىيىپ، رېستۇراندىن چىقىپ كېتىشىۋاتاتتى. ئۇ قىزنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىزدىدىم، ئەمما ھەممىسى ئوخشاش دېگۈدەك كىيىنگەن، بوي-بەستى ئوخشاش بولغاچقا پەرق ئېتەلمىدىم، ئاچچىق بىلەن بولدى قىلدىم: ھەممىسى ئوخشاش، ھەممىسى ئوخشاش! بىر قازاننىڭ شورپىلىرى... يەنە كىملەرنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرەركىن بۇ نېمىلەر!
مەنبە؛سەئىدىيە بىلوگى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىچارە ئانا

    بۇگۇن دەم ئىلىش كۇنى بولغاچقا ياتاقدىشىم راھىلە بىزنى ئۆز ئۆيىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىزنىڭمۇ باشقا ئىشىمىز بولمىغاندىكىن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدۇق .ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سەل سىرتىدا ئىكەن . بىز خىلى يول يۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يى...

  • ئۈلۈم سائىتى

    تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ. _________ ئۇيغۇر خەلق ماقالى كشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان دانا بىر مويسىپىت بار ئىدى.كۈنلەرنىڭ رىدىە ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقدىن ئۈچ ئائىلىدە ئۈلۈم نامىزىغا داخىل بولۇشقا توغرا كەلدى. دەسلەپتە جامائەت...

  • ئانا يىغىسى....

    ئانا يىغىسى.... ئاھ خۇدا ،يارتقان ئۇلۇغ ئىگەم ! نىمىشقا ماڭا بۇ ئازابنى ھەدىيە قىلىسەن ، نىمىشقا ماڭا بۇ تۇغماس دىگەن نامنى ئىنئام قىلىسەن ؟!سىنىڭ ئالدىڭدا ،بەندىلىرىڭنىڭ ئالدىدا قانچىلىك گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيتتىم ؟! مىنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش پەرزە...

  • ئۈچ مىكىياننىڭ يىللىق باھالاشتىكى تەقدىرى

    يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار...

  • ئۇسۇلچى قىزنىڭ جىلىۋىسى

    سورۇندا ئوولتۇراتتۇق، كىمنىڭ بىزنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقى كاللامغا كىرىۋالدى، ئۈستۈمدىكى ئالا-يېشىل چىراغلار رەڭدار پۇللارنى، ماۋزېدۇڭنىڭ باش رەسىمىنى پىقىرىتىپ چۆرۈۋاتقاندەك بولاتتى، خاتا سەزگۈلەر، يېڭىلىشقان ھۆكۈملەر تەخسە-تەخسە دۆۋىلەنگەن سەيلەردەك پەيدا بول...

  • QQ غا ئاشىق بولغان قىز

    QQ غا ئاشىق بولغان قىز (ھېكايە) نۇرئەلى ئەھەت دوختۇرخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم . تەقدىرىمگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . قۇلاق تۈۋىمدە دوختۇرنىڭ ئاۋازى جاراڭلىماقتا : ــــ كەچۈرۈڭ ، كېسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ...

  • مۇھەببەت ئارمانى (1)

    ...

  • قەغەز ئۈزۈك

    بۇرۇن بىر يىگىت بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ،گەرچە يىگىت ئۇنچە پۇلدار بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن،ھەم يىگىتمۇ قىزنى شۇنداق قەدىرلەيدىكەن، ھەم قىزنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايدىكەن،ئۇ بەكمۇ تىرىشچان بولۇپ دائىم جاپالىق ئىشل...

  • مىنىڭ بوۋام

    مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ بولسام ئۇنداق بولىمەن، بۇنداق بولىمەن دەيتتىم. چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش توغرىسىدىكى سوئاللىرى دائىم دېگۈدەك سورىلىپ تۇراتتى. - چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن، بالام؟ - سوراپ قالدى بوۋام. بۇ دادامنىڭ دادىسى...

  • مۇمام خاتىرسىگە

    مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى كۆرۈنىدىغان بۇ ساسلىق ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بارا - بارا تارىيىپ كىچىككىنە بىر ئويمانغا ئايلىنىپ قال...