
بۇرۇن بىر يىگىت بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپتۇ،گەرچە يىگىت ئۇنچە پۇلدار بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەن،ھەم يىگىتمۇ قىزنى شۇنداق قەدىرلەيدىكەن، ھەم قىزنى دائىم خۇشال قىلىشنى ئويلايدىكەن،ئۇ بەكمۇ تىرىشچان بولۇپ دائىم جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا قىز دوستىغا چىرايلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەن.
بىركۈنى يىگىت بىلەن قىز بازار ئايلانغىلى چىقىپتۇ،تۇيۇقسىز قىزنىڭ كۆزى پارقىراپ تۇرغان بىر ياقۇت ئۈزۈككە چۈشۈپتۇ،بىراق يىگىتنىڭ پۇلى بولمىغانلىقتىن،ئۇ ئۈزۈكنى قىز دوستىغا ئېلىپ بېرىشكە ئامالسىز قاپتۇ. شۇئارىلىقتا دەل بىرھەپتىدىن كېيىن قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن،يىگىت ئۆز-ئۆزىگە ؛<< بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە چۇقۇم ھېلىقى ئۈزۈكنى سېتىۋېلىپ قىزغا سوۋغا قىلىمەن.>> -دەپ نىيەت قىپتۇ.ئۇقىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەپتۇ،بىراق يىگىت ھەرقانچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ بىرھەپتە ئىچىدە ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى تېپىپ بولالمايدۇ-دە، شۇڭا يىگىت قىزغا قەغەزدىن ياسالغان بىر ئۈزۈكنى سوۋغا قىپتۇ ، بىراق قىز ئۇ ئۈزۈكنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىپتۇ ھەم قولىغا سېلىۋاپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ قىز ناھايىتى بىر پۇلدار يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ھەم ھېلىقى يىگىتتىن ئايرىلىپ كېتىپ پۇلدار يىگىت بىلەن توي قىپتۇ، كېيىن ئۇقىزنىڭ قوللىرىدا ھەرخىل ئالتۇن ئۈزۈكلەر پارقىراپ تورۇپتۇ،لېكىن ھېلىقى يىگىت بەرگەن قەغەز ئۈزۈكنى تاشلىۋەتمەي تارتمىسىغا سېلىپ قويۇپتۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ھېلىقى يىگىت بولسا ناھايىتى ئازاپلىنىپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇقىزنىڭ ھېلىقى پۇلدار يولدىشى قىمار ئويناپ،ئەيىش-ئىشرەت، كەيىپ - ساپاغا بېرىلىپ كېتىپ پۈتۈن مال-مۈلكى ۋەيران بوپتۇ،ئۇقىز بىلەنمۇ ئاجىرشىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئۇقىز كۆڭلى پەرىشان ھالدا بازار ئايلىنىۋېتىپ ھېلىقى بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئۇيىگىت بىرقىزبىلەن بىللە ئىكەن،قارىسا ئۇقىزنىڭ قولىدىمۇ يىگىت ئەينى چاغدا ئۆزىگە سوۋغا قىلغانغا ئوخشاش بىر ئۈزۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، ھەم دەرھال ئۆيىگە بېرىپ تارتمىسىدىن ھېلىقى ئۈزۈكنى قولىغا ئاپتۇ ، ئۇ ئۈزۈككە سىنچىلاپ قارىسا بىرخىل قاتتىق تويۇلۇپتۇ ،-دە ،دەرھال ئۇنى چوۋۇپتۇ، قارىسا ئىچىدىن ئەينى چاغدا بازاردا ئۆزىنىڭ كۆزى چۈشكەن ھېلىقى ئۈزۈك چىقىپتۇ.ھېلىقى قەغەزدە بولسا بىرنەچچە جۈملە خەت تۇراتتى . ئەسلىدە يىگىت بۇئۈزۈكنى ئۇقىزغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېنىنى ساتقان ئىكەن.
قىز يىگىتتىن ئايرىلىپ كەتكىنىگە مىڭ پۇشايمان قىپتۇ.بىراق ئەمدى تولىمۇ كىچىككەن ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!