مەﻫەللىگە قايرىلىدىغان ئۆستەڭدىن ئاۋايلاپ ئۆتۈۋاتقان سادىق قارى دادۈي قورۇسى تەرەپتىن بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقان كەنت باشلىقى ساۋۇتنى كۆرۈپ ئىشىكىنى دېۋىتتى. ئىشەك ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ئارىلىقىدىن سۇ كۆرۈپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر ماڭماي تۇرۇۋالدى. قارىم ئېشەكتىن چۈشتى.
__ بازاردىن... كەچ قاپتۇققۇ؟!- دېدى ساۋۇتاخۇن شىرشىم كۆزىنى ئاران ئېچىپ، ئاغزىنىڭ شالىسىنى قۇيۇپ،- گۇڭشېدا نېمە يىغىن ئاچتىڭلار...
__ مۇقىملىق...- دېدى سادىق قارى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ مۇقىملىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەملا... سىلى.. ﻫە.. گەپ قىسلا..
__ بىلىمىز..
__ مۇقىملىق دېگەن.... نېمىكەن زادى؟
__ مەسچىتلەرنى تەرتىپكە سېلىش، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش...
__ سىلىگە ﻫۆكۈمەت قانچە پۇل... مائاش بېرىۋاتىدۇ.
__ مائاش ئەمەس، تۇرمۇش پۇلى دېسىلە...سىلىمۇ بىلىلا شۇ 130 كوي..
__ بۈگۈن مائاش... ئالغاندىمىز، ئەكەلسىلە پۇل بولسا بىر... 50 كوي بېرىپ تۇرسىلا...
__ بۇ.... بۈگۈن تۇرمۇش پۇلى ئالمىدۇق.
__ خۇدا ئالدىدا ... يالغان گەپ قىلمىسىلا... قارا يۈز.. قارا يۈز بولاپ كېتىلا دەيمەن...
__ ئادەمنى قىستىمىسىلا دادۈيجاڭ، بىز مۇشۇ پۇل بىلەن ..
__ ئا..ﻫاي... موللام خەقتىن نەپ ئالماق، پېتىر ناندىن قىل ئالماق دەپ... مەن سىلىدىن قەرز سوراۋاتىمەن.. قەرز... پۇللىرىنى يەۋالىمەن دېمىدىم... ئىماملىققا سىلىنى مەن كۆرسەتكەن جۇما.
__ مۇشۇ پۇلنى نېمە قىلىدىغانلىقلىرىنى مەن بىلىمەن، بېرىپ ﻫاراق ئىچىلا...ئاندىن شۇ خوتۇننىڭ ئۆيىدە... بۇ قاراپ تۇرۇپ مېنىمۇ گۇناﻫقا شېرىك قىلغانلىق ئەمەسمۇ ئۇكام...
__ ﻫاراقنى مەن ئىچسەم ...سىلىگە نېمە گۇناﻫ قارىم، يوق گەپنى قىلماي... پۇلدىن بىر 50 كوي چىقارسىلا... جىددىي ئىش چىقىپ قالدى...
__ بېرەلمەيمەن ئۇكام... سىز تەڭشىلىپ قاپسىز... بۇ قەرز ئېسىڭىزدە تۇرمايدۇ...
__ ئېسىمدە تۇرىدۇ... مەن سىلىدىنمۇ ساق ﻫازىر..
__ ئەمىسە 20 كوي بېرىپ تۇراي..
__ ئا..ﻫاي، ئەكەلسىلە... سىلىدەك گىجىڭ ئادەمنى...
سادىق قارىم ئۇزۇن چاپىنىنىڭ ئىچىدىن ئاختۇرۇپ، كونىراپ كەتكەن 10 كويلۇقتىن ئىككىنى چىقىرىپ ساۋۇتاخۇنغا سۇندى:
__ رەندام ئوقۇتۇپ ئالغان پۇل ئىدى... قايتۇرمىسىلا يامان بولىدۇ...
__ نېمە بولىدۇ... نېمە..
__ قارغىش...
__ ئاغزىلىرىغا ﻫېزى بولسىلا ﻫە ، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا... قاغىش...پاغىش.. سىلىنىڭ مۇشۇنداق.. گەپلىرى... دەل.. مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
__ ئەمدى دەيمىنا، كىشىنىڭ ﻫەققىنى قايتۇرۇش دىنىمىزدا ئېنىق بەلىگىلەنگەن..
__ ئا.. ﻫاي.. بولدى، ۋەز ئېيتمىسىلا.. ئەكەلسىلە، ئېشەكنى بېرىپ تۇرسىلا..
__ نېمە قىلىلا؟ مەن ئۆيۈمگە قانداق كېتىمەن؟..- سادىق قارىم جىلە بولۇپ جايىدا جىم تۇرالماي قالدى. www.iz.la
__ ئى شەگىچە بېرىۋالاي...
__ ئېشەك شاش، سىلە مىنەلمەيلا... يىقىلىپ كەتسىلە يەنە ماڭا ئېشىپ قالىلا ئۇكام...
__ ۋاي... بولدى قىلسىلا... قوتۇر ئېشەكلىرىنى مىنەلمىسەم ... مەن ساۋۇت بولماي كېتەي.. نى نى ئوغلاقلارنى ئېلىپ قاچقان ئادەم بىز... نېمە بۇ ئېشەك.. دېگەن... ئەكەلسىلە... بىر مىنىپ باقاي..
سادىق قارىم خالار-خالىماس، ئېشىكىنىڭ چۇلۋۇرىنى ساۋۇتاخۇنغا تۇتقۇزۇپ قويدى. ساۋۇتاخۇن تەڭشىلىپ قالغىنىغا قارىماي ئېشەككە بىرلا ئارتىلىپ مىنىۋالدى-دە خىرىلداپ كۈلدى: ئىز تورى www.iz.la
__ قارىم، ئېشەكلىرى ﻫاڭگىمۇ يا مېدىمۇ...
__ مېدە... نېمە بولدى...
ساۋۇتاخۇن پۈتۈن مەﻫەللىنى چۆچۈتكىدەك قاقاخلاپ كۈلۈپ كەتتى، كۈلۈپ تېلىقىپ، ئىككى پۈكۈلۈپ ئېشەكنىڭ بوينىغا كاللىسى تېگەي دەپ قالدى..
__ ۋاي... قارىم... بۇ .. بەك.. پەيزى ئېشەككەن ئەمەسمۇ... سېمىز بېقىپلا.. ئولتۇرالماي قېلىۋاتىمەن... لەڭپۇڭدەك لىغىرلاپ... ئەجەپ خوشياقتى.. خىت.. ﻫۇ گۇي.. ئۆتە كۆۋرۈكتىن..
ئېشەك ئۆتمەي تۇرۇۋالغانىدى، ساۋۇتاخۇن قاتتىق بېقىندىدى. ئېشەك سۇ كۆرۈنگەن ئارىلىقتىن پارتتىدە ئاتلاپ بىر سەكرىۋىدى، كۈلكىسى تېخى تۈگىمىگەن ساۋۇتاخۇن ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدىن سىرىلىپ ياغاچ كۆۋرۈككە مۈرىچىلەپ چۈشتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئېشەك مەﻫەللىگە ﻫاڭراپ قاچتى. سادىق قارىم ۋاقىراپلا قالدى. ساۋۇتاخۇن ۋايجانلاپ ياتاتتى...
__ بىر نېمە بولمىغانلا ئۇكام...
__ قانداق ئېشەك... باقتىڭ... ﻫە ئاناڭنى... ﻫېلى بىكار... يۆلە مېنى... تۆلە مېنى..
__ مىنمىسىلە دېسەم ئۇنىمىدىلا... ئېشەكنىڭ خۇيىنى مەن ئوبدان بىلەتتىم...
__ ﻫە.. سەن بىلىسەن... مېدەڭنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىسەن... ئېشىكىڭ جۇنۇپ.. يا سەن جۇنۇپ... مېنى .. نەس باستى... ۋاي ئاناڭنى... ئېشىكىڭنى تۇتۇۋالسام... جۇمۇ... سېنى تەتۈر مىندۈرۈپ مەﻫەللىگە..سازايى قىلسام..مۇ.. دەردىم چىقمايدۇ... مېنىڭ..
__ ئۇكام.. مەست بولۇپ قاپسىز... ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي...ﻫېلى خەق كۆرسە سەت...
__ قويۇۋەت مېنى... مەشەدە ياتىمەن... ۋاي ئاناڭنى.. ئەجەپ ئاتتى.. قۇڭىغا... زىق تىقتىڭمۇ يا ﻫەي... جۇنۇپ قارى...گەپ قىل.. پۇلۇڭنى ئالغان گۇناﻫىم... مۇشۇ بولدىمۇ..ﻫە.. ئەتىلا .. سېنى ئىماملىقتىن... قالدۇرۇۋەتمىسەم... خەپ... ﻫەممە پۇلۇڭ ... يوق...
__ ئۇكام، مەست بولۇپ قاپسىز... ئۇنتۇپ كېتىڭ...مەن 20 كوي پۇلنى ئۇنتۇپ قالاي... سىزمۇ بۇ ئاچچىقنى ئۇنتۇپ كېتىڭ...
__ ماڭا.. بىر چىنە مۇز دوغاپ ئەكىلىپ بەر... ﻫەي.. مەن چىدىمىدىم...
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ساۋۇتاخۇن كۆۋرۈكتە ئىڭراپ ياتىۋەردى، سادىق قارىممۇ ئۇنى تاشلاپ كېتەلمىدى، ناماز شام ۋاقتى .ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغدا يىراقتىن بىر كىملەرنىڭ قارىسى كۆرۈندى... سادىق قارىم ئىچىدە ئېشەكنى تىللايتتى، ساۋۇتاخۇنغا ئاچچىق ئىزا-ئەلەم بىلەن قاراپ قوياتتى... راست، بۇ ﻫاراقكەش مېنىڭ رازىلىقمسىز پۇلۇمنى ئالغانلىقى، ئېشىكىمگە مىنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ جازانى تارتىۋاتقان بولسا-ﻫە... دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ تەقۋالىقىدىن سۆيۈنۈپمۇ قالاتتى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يىراقتىن كۆرۈنگەنلەر كېلىپ بولغىچە سادىق قارىم دادۈيجاڭنى تاشلاپ قويۇپ ئۆيىگە شام ئوقۇغىلى ئالدىراپ ماڭدى، ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئېشىكى دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ ياغاچنى پۇراپ تۇراتتى، ئالدى پۇتلىرى بىلەن دەرۋازىنى تېپىپ قوياتتى، قۇيرۇقىنى تىنماي شىپاڭلىتاتتى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!