"مۇۋازىنەت" رومانى بىلەن ئەدەبىي جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئۇلۇگبەك ھەمدەم "لالە" ھىكايىسىنى تىرەن مەنىلىك بىر رەمز ئاساسىغا قۇردى. ئەپسانىۋىي گۈزەل لالە بەھەيۋەت تاغنىڭ قول يەتمەس چوققىسىدا شۇنداق بىر جەزبە بىلەن تەۋرىنىپ تۇرىدۇكى، ئىنسان ئۇنىڭ سېھرىگە قانداق بېرىلگىنىنى ئۆزى سەزمەي قالىدۇ، بارچە خەۋپ-خەتەرلەرگە قارىماي لالە تۇرغان چوققىغا ئىنتىلىدۇ. ۋەقە بىرىنچى شەخس نامىدىن ھىكايە قىلىنىدۇ. تاغنىڭ خەتەرلىك ئۇچمىلىرىدىن غۇلاپ كېتىپ ھالاك بولغانلار ئاز ئەمەس. ھىكايە قەھرىمانى بۇنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، بىئىختىيار تاغقا يامىشىپ چىقىشقا باشلايدۇ. لالىدە گويا كەئبىنى ئەسلەتكۈچى ئىلاھىي بىر جەزبە كۈچى سېزىلىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا لالە تەبىئىي گۈزەللىك، مۇكەممەللىك ۋە بەختنىڭ تىمسالى. ئادەم ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانسېرى يۈرىگى قۇۋانچقا، ھاياتى لەززەتكە تولىدۇ. لېكىن بۇ بەخت ۋە لەززەت مەنبەسىگە باشقىلارمۇ مۇشتاق. شۇنىڭ ئۈچۈن لالە تۇرغان چوققا يولىدا رىقابەت، رەشك، كۈرەش... داۋاملىشىدۇ. ھىكايە قەھرىمانى تەڭسىز مۇشەققەتلەر بىلەن بىر قىياغا كوتۈرىلىدۇ. نە كۆز بىلەن كۆرسۇنكى، ئۇنىڭ مەقسىتى يولىدا ئادەمزات يېتىپ بېرىشى بەسىي مۈشكۈل بولغان يەنە سان-ساناقسىز قىيالار تۇراتتى. ئەندى لالە مۇتلەق ھەقىقەت تىمسالى بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بارىسەن، ئەمما يېتەلمەيسەن، شۇنداق بولسىمۇ ئۆمۈربويى ئۇنىڭغا تەلپۈنىسەن. كىچىك بىر ھىكايىگە شۇنچە بەدىئىي پەلسەپىۋىي مەنىلەرنى سىغدۇرغىنى مۇئەللىپنىڭ زاكاۋىتى ۋە ماھارىتىدىن دالالەت بەردى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ياش ئەدىپلىرىمىز ھاياتنىڭ مۇرەككەپ ماۋزۇلىرىدا ئەركىن ۋە دادىل قەلەم تەۋرىتىشتى. ئىسەجان سۇلتان ھايات ۋە ماماتنىڭ بىر-بىرىگە قايسى دەرىجىدە باغلىقلىغىنى قىشلاقتىكى كاتتا باغنىڭ ئايىغىدىكى قەبرىستاندا ئۆسكەن مىۋىلىك دەرەخلەر تەسۋىرى ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ قىشلاقتا ئالەمدىن ئۆتكەن ئادەمنىڭ قەبرى بېشىغا مىۋىلىك دەرەخ كۆچىتىنى تىكىش ئادىتى بار ئىكەن. رەھمەتلىك بولۇپ كەتكەنلەر نامى شۇ دەرەخلەرنى كۆرگەندە ياد ئېلىنىدۇ: ئىسمائىل بابانىڭ ئۆرۈكى، تاشبۈۋى ئانىنىڭ بادىمى، خالخوجا ئاتىنىڭ ئالۇچىسى...
مۇئەللىپ "باغى ئىرەم" دەپ تەرىپلىگەن ئاۋات مەسكەن ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەجدادلارغا مېھرۇ ئاقىۋىتىدىن پايدا بولۇشىنى ھىكايىگە كىرگۈزگەن يۈز ياشلىق ئەۋلىيا رىۋايىتى ئارقىلىق يەنىمۇ تەسىرلىك ئىپادە قىلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دەۋرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداش بېرەلمىگەن ئايرىم ياشلارنىڭ جىنايەت يولىغا كىرىپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتقانلىقى زۇلفىيە قۇرۇلباي قىزىنىڭ "مۇھەببەت ۋە نەپرەت" ھىكايىسىدا يارقىن بايانلار بىلەن تەسۋىرلىنىدۇ. زۇلفىيە ئەدىبەلىرىمىز ئارىسىدا نىگاھىنىڭ ئۆتكۈرلىگى، ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتەلىشى ۋە ئىللەتلەرنى ئاياۋسىز پاش ئېتىش قابىلىيىتى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
شورالار دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن گىراژدانلىق ئۇرۇشىنىڭ دەھشەتلىك پاجىئەلىرى لوقمان بارىخاننىڭ "ئالدامچى تۈنلەر" ھىكايىسىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. شەپقەتسىز شورا تۈزۈمى بەدۆلەت ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغان نۇرقۇربېشىنىڭ ئاتىسىنى قىيناپ ئۆلتۈرىدۇ، خوتۇنىنى ئىلگىرى نۇرنىڭ خىزمەتكارى بولغان، كېيىن قىشلاق شوراسى رەئىسىگە ئايلانغان نىشان ئىگەللىۋالىدۇ. نۇر قۇربېشىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى يەتتە ياشلىق ئوغلىدا ئىدى. لېكىن ئالدانغان ياش بالا پەقەت نىشاننى ئاتا دەپ تەن ئالىدۇ، نۇردىن تانىدۇ، "كەت، باسمىچى!" دەپ يۈز ئۆرۈيدۇ. بۇ قەدەر ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرگە چىدىيالمىغان نۇر قۇربېشى ئۆزىنى ئۆزى ئېتىۋالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ماياگۈزەل سارىيىۋانىڭ "سۆيۈنچە" ھىكايىسىگىمۇ دراماتىك ۋەقەلەر ئاساس بولىدۇ. قەدىم زامانلاردا سۇلتان باھادىرخان دىگەن باتۇر سەركەردە، دانا ئەلبېشى بولىدۇ. ئۇ پەقەت پەرزەنتسىزلىكتىن ئىزتىراپ چېكىدۇ. نىھايەت، سۆيۈملۈك خوتۇنى ھامىلىدار بولىدۇ. شۇنىڭ خوشاللىقى بىلەن باھادىرخان كاتتا ۋەدە بېرىدۇ. پەرزەنت كۆرسە سۆيۈنچىسىگە جېنىنى ھەم ئايىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋەدىدىن ئۇنىڭ دۇشمىنى ئاۋەزخان پايدىلىنىدۇ، پەرزەنت تۇغۇلغاندا بىرىنچى بولۇپ خۇشخەۋەر كەلدى ۋە سۆيۈنچىسىگە باھادىرخاننىڭ بېشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باھادىرخان ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىر سۆزلۈك ئادەم بولغاچقا، ئۇ ئاۋەزخاننىڭ تەلىپىنى بىجىرمەكچى بولغاندا ئەل-يۇرت بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىدۇ. ھىكايە مۇئەللىپى كەسكىن مۇنازىرىدە باھادىرخان تەرەپتە تۇرىدۇ. لەۋزى ھالال باھادىرخان يالغانچى بولۇشتىن كۆرە ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. ئەلۋەتتە، ۋەدىسى يالغان ئادەملەر كۆپەيگەن شارائىتلاردا باھادىرخاننىڭ بۇ دەرىجىدە راستگۇي بولۇشى ئارتۇقچە مۇبالىغىدەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن يازغۇچى ئىنسان خاراكتىرىنى يورۇتۈش ئۈچۈن بەزەندە مۇبالىغىدىن پايدىلىنىشقا ھەقلىقتۇر.
توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھىكايىلارنىڭ تۈرلۈك ئۇسلۇبتا يېزىلغانلىقىمۇ كىتاپخاننى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئايرىم ھىكايىلاردا فانتازىيە ۋە شەرتلىكلىك كۆپ ئۇچرايدۇ. بىراق جاھانگىر خالمىرزىيىۋنىڭ "پەقەت ھايات ئەبەدىي" ۋە نەرگىزە غۇلاموۋانىڭ "شەھەرلىك كېلىنچەك" ھىكايىلىرى ئىزچىل رېئالىستىك ئۇسلۇبتا يېزىلغان. ئۇلاردا بۈگۈنكى شەھەر ۋە قىشلاقلىرىمىزدىكى مەئىشىي ھايات مەنزىرىلىرى ھەقىقىي كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ھەر ئىككى ھىكايىدە بىز مۇئەللىپلەرنىڭ سەمىمىيىتىنى، ئىنسانپەرۋەرلىگى ۋە ھايات ھەقىقىتىگە سادىقلىغىنى ھىس قىلىمىز.
ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇشبۇ ھىكايىلار توپلىمى ياش ئەدىپلىرىمىز يېڭى دەۋر بەرگەن ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، سۆز سەنئىتىنىڭ راۋاجىغا زور ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىدىن دالالەت بەردى.