ئانا ھەققىدە ھېكايە

ۋاقتى:2010-10-03 19:03مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

< توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى >
    ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن «ئانا ھەققىدە ھېكايە» ناملىق بۇ چۆچەك ئون بەش دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جاھاندىكى بىھىساب ئانىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان.
   بىر ئانا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى، ئوغلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن ۋايىم يەپ كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان ئىدى. چىرايى خۇنسىز بۇ ئوغۇل كۆزىنى يۇمۇپ ياتاتتى. نەپىسى سىقىلاتتى، خۇددى ئۇھ تارتىۋاتقاندەك ئاندا- ساندا چوڭقۇر ئۇھسىنىپ قوياتتى. بۇ كىچىككىنە جان ئىگىسىگە قاراپ تۇرغان ئانىنىڭ چىرايى تېخىمۇ مۇڭلۇق تۈسكە كىرگەن ئىدى. بىرەيلەن ئىشىكنى چېكىپ كىرىپ كەلدى، بۇ بىر نامرات بوۋاي بولۇپ، ئاتنىڭ ئۇچىلىقىدەك بەپالا كىيىمگە ئورۇنىۋالغانىدى، شۇنداق قىلغاندا ئىسسىقراق بولاتتى، يەنە كېلىپ بوۋايمۇ شۇنىڭغا مۇھتاج ئىدى. تالادا قارا قىش ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولۇپ، جاھان قار- مۇز بىلەن قاپلانغان ئىدى، ھۇۋۇلداپ تۇرغان سوغۇق شامال كىشىنىڭ يۈزىگە يىڭنىدەك سانچىلاتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بوۋاي سوغۇقتىن توڭلاپ- تىترەۋاتقان، بالا ۋاقتىنچە ئۇخلاپ قالغان شۇ پەيتتە ئانا ئاستا بېرىپ ئوچاق بېشىدىكى قۇتىغا بۇ بوۋاينى ئىچىپ ئىسسىنىۋالسۇن دەپ ئازراق پىۋا قۇيدى. بوۋاي ئولتۇرۇپ بۆشۈكنى تەۋرەتتى. ئانىمۇ بوۋاينىڭ يېنىدىكى شىرە ئالدىدا ئولتۇردى- دە، نەپىسى قىينىلىپ كېتىۋاتقان ئاغرىق بالىسىغا قاراپ، ئوماق قولىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.
مېنى بۇ بالىنى تۇتىۋالىدۇ، دەپ ئويلاۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟- سورىدى ئانا، پەرۋەردىگارىمىز بالامنى قولۇمدىن تارتىپ ئېلىپ كەتمەيدۇ!
بۇ بوۋاي دەل ئەزرائىلنىڭ ئۆزى «شۇنداق» دېگەندەكمۇ، «ياق» دېگەندەكمۇ قىلىپ غەلىتە بىر سىياقتا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئانا يەرگە قاراپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشەتتى. ئۈچ كېچە- كۈندۈز كىرپىك قاقمىغان بولغاچقا بېشى تولىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا ئەمدى كۆزى ئۇيقىغا كەتتى، بىراق شۇنچىكىلا كۆز يۇمۇۋالغان ئىدى. چۆچۈپ ئويغىنىپلا شۈركىنىپ كەتتى. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


نېمە ئىش بذ؟، دېدى ئانا تۆت ئەتراپقا قاراپ چىقىپ. ھېلىقى بوۋايمۇ، بالىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى بوۋاي بالىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. بۇلۇڭدىكى كونا سائەت چىكىلداپ تۇراتتى، بۇ كونا سائەتنىڭ قوغۇشۇن ماياتنىكى «پاققىدە» قىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن سائەتمۇ ھەرىكەتتىن توختىدى. بىچارە ئانا تالاغا چىقىپ ئوغلىنى توۋلىدى.
تالادا قارا تون كىيىۋالغان بىر ئايال قار ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئەزرائىل بايا سىز بىلەن بىللە ئۆيىڭىزدە ئولتۇراتتى، مەن ئەزرائىلنىڭ بالىڭىزنى كۆتەرگىنىچە پالاقشىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، شامالدىنمۇ تېز يۈگىرىدىكەن. ئىش قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەتكەن نەرسىنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرمەيدۇ! بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئېيتىڭە، ئۇ قاياققا كەتتى؟ دېدى ئانا، شۇ تەرەپنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، تاپمىسام بولمايدۇ!
بىلىمەن! دېدى قارا تونلۇق ئايال، بىراق، سىزگە ئېيتىپ بېرىشىمدىن ئىلگىرى ئۆزىڭىز بالىڭىزغا ئېيتىپ بەرگەن ناخشىلارنى ماڭىمۇ بىر قېتىمدىن ئېيتىپ بېرىسىز. مەن ئۇ ناخشىلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئىلگىرىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. «تۈن ئىلاھى» دېگەن مەن شذ. سىز بۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتقىنىڭىزدا كۆزىڭىزدىن ياش تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرگەنمەن.
مەن بۇ ناخشىلارنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي، ھەممىسىنى ئېيتىپ بېرەي! دېدى ئانا، بىراق، مېنى تۇتۇپ قالماڭ، چۈنكى مەن ئەزرائىلغا يېتىشىۋېلىپ، بالامنى تېپىپ كەلمىسەم بولمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
بىراق، تۈن ئىلاھى زۇۋان سۈرمەي ئولتۇراتتى. ئانىنىڭ قوللىرىنى ئۇشقىلاپ ناخشا ئېيتىپ، ياش تۆكمەكتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. ئۇ نۇرغۇن ناخشىلارنى ئېيتتى، ئەمما تۆكۈلگەن ياشلىرى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن تۈن ئىلاھى مۇنداق دېدى:
سىز ئوڭ تەرەپتىكى ئاۋۇ قاراڭغۇ ئاق شەمشاد ئورمانلىقىغا قاراپ مېڭىڭ، مەن ئەزرائىلنىڭ بالىڭىزنى كۆتۈرگىنىچە ئاشۇ يول بىلەن كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم.
يول ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە يەنە بىر يول بىلەن كېسىشكەن ئىدى؛ ئانا زادى قايسى يولغا چۈشۈپ مېڭىشىنى بىلەلمىدى. ئۇ تۇرغان يەردە بىر تۈپ چاتقال تىكەن بولۇپ، تىكەن شاخلىرىدا نە بىرەر تال يوپۇرماق، نە بىرەر تال چېچەكمۇ كۆرۈنمەيتتى. قىشنىڭ بۇ قەھرىتان كۈنلىرىدە تىكەننىڭ ئۇششاق شاخلىرىغا نوكچا مۇز تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەزرائىلنىڭ بالامنى كۆتۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆردۈڭمۇ؟
كۆردۈم. دېدى چاتقال تىكەن، بىراق، مېنى كۆكرىكىڭگە تېڭىپ ئىسسىتىپ قويمىساڭ، ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيمەن. شۇ تاپتا بۇ يەردە توڭلاپ ئۆلەيلا دېدىم، مۇزغا ئايلىنىپ قالايلا دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن ئانا چاتقال تىكەننى ئوبدانراق ئىسسىتىش ئۈچۈن كۆكسىگە مەھكەم تاڭدى، چاتقال تىكەننىڭ نەشتەرلىرى ئانىنىڭ ئېتىگە سانچىلدى، تېنىدىن قان تامچىلاشقا باشلىدى. لېكىن، چاتقال تىكەنگە يېڭىدىن يېشىل يوپۇرماقلار ئۆسۈپ چىقتى، يەنە كېلىپ مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق بولىۋاتقان قىش كېچىسىدىمۇ چېچەك ئاچتى، چۈنكى بۇ غەمكىن ئانىنىڭ يۈرىكى ئەنە شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى! شۇنداق قىلىپ چاتقال تىكەن ئانىغا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىنى ئېيتىپ بەردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئانا چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلدى. كۆلدە نە بىرەر كېمە، نە قېيىقمۇ يوق ئىدى. يەنە كېلىپ كۆلدە بۇ ئانىنى كۆتۈرگىدەك قېلىن مۇز تۇتمىغان، سۇمۇ ئانچە تېيىز بولمىغاچقا كېچىپ ئۆتەلمەيتتى. بىراق، بالامنى تاپىمەن دەيدىكەن، بۇ كۆلدىن چوقۇم ئۆتمىسە بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئانا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بۇ كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچكىلى تۇردى. ئەمما، بۇ سۇنى ھېچكىممۇ ئىچىپ تۈگىتەلمەيتتى. كۆڭلى غەم- ئەندىشىگە پاتقان ئانا شۇ تاپتا قانداقتۇر بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى.
ياق، بۇ مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش!، دېدى كۆل. بىز شەرتلىشەيلى! مەن مەرۋايت يىغىشقا ئامراق، كۆزلىرىڭ مەن ئەزەلدىن ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىككى تال ئەڭ نۇرلۇق مەرۋايت ئىكەن. ئەگەر ئۇلارنى يىغلاپ چىقىرىپ ماڭا بەرسەڭ سېنى ئاۋۇ چوڭ پارنىكقا يەتكۈزۈپ قويىمەن. ئەزرائىل ئاشۇ يەردە ماكان تۇتۇپ گۈل- گىياھ ۋە دەل- دەرەخ ئۆستۈرىۋاتىدۇ. ھەر بىر تۈپ گۈل ياكى دەرەخ بىر ئادەمنىڭ جېنى!

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئاھ بالام، مەن شۇ بالام ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلاتتىم! دېدى ئانا يىغلىغىنىچە. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ پەريات ئۇرۇپ قاتتىق يىغلىۋىدى، ئاخىرى كۆزلىرى كۆلگە ئېقىپ چۈشۈپ، ئىككى تال بىباھا مەرۋايتقا ئايلاندى. كۆل خۇددى ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇرغاندەك ئانىنى ئىگىز كۆتۈردى. شۇنداق قىلىپ ئانا قارشى قىرغاققا لەيلەپ بېرىۋالدى، بۇ يەردە ئون نەچچە چاقىرىم كەڭلىكتىكى غەلىتىلا بىر ئۆي تۇراتتى. كىشىلەر بۇنىڭ زادى نۇرغۇن دەرەخ ۋە ئۆڭكۈرلىرى بار بەھەيۋەت تاغ ياكى ياغاچ بىلەن سېلىنغان ئۆي ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز قارىچۇقى يىغا دەستىدىن ئېقىپ كەتكەن بۇ بىچارە ئانىمۇ ئۇنى كۆرەلمەيتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئوغلۇمنى ئېپ كەتكەن ئەزرائىلنى نەدىن تاپارمەن؟  سورىدى ئانا.
ئۇ تېخى بۇ يەرگە كەلمىدى!، دېدى مەخسۇسلا ئەزرائىلنىڭ پارنىكىغا قارايدىغان قەبرە باقار موماي.- بۇ يەرنى قانداق تاپتىڭ؟ ساڭا كىم ياردەم قىلدى؟
پەرۋەردىگارىمىز ياردەم قىلدى! دېدى ئانا، پەرۋەردىگارىمىز ئىنتايىن شەپقەتلىك، شۇڭا سىزمۇ شەپقەتلىكدۇرسىز. جېنىم بالامنى نەدىن تاپارمەن؟
بىلمەيمەن، دېدى موماي، سەنمۇ كۆرەلمەيسەن! بۈگۈن ئاخشام نۇرغۇن گۈل- چېچەك ۋە دەرەخلەر سولدى، ئەزرائىل ھېلىلا يېتىپ كېلىپ، باشقىلەتىن تىكىدۇ! ساڭىمۇ ئايان، ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتلىق دەرىخى ياكى ھاياتلىق گۈلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارايدىغان گەپ. ئۇلار باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە ئوپمۇ ئوخشاش، ئەمما ئۇلارنىڭ سوقۇپ تۇرغان يۈرىكى بولىدۇ. كىچىك بالىنىڭمۇ يۈرىكى سوقۇپ تۇرىدۇ. ئۆزۈڭ ئىزدىگىن، بالاڭنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ قالارسەن. بىراق، يەنە بىر قەدەمدە قىلىدىغان ئىشىڭنى ئېيتىپ بەرسەم، ماڭا قانداق ھەق بېرىسەن؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سىزگە بەرگىدەك نەرسەم يوق، دېدى ھەسرەتلىك ئانا، بىراق، سىز ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگىمۇ بارالايمەن.
ساڭا ئۇ يەردە قىلغۇزغىدەك ھېچ ئىشىم يوق، دېدى موماي. ئەمما ئاشۇ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىڭنى ماڭا بەر. ئۆزۈڭگىمۇ ئايان، چاچلىرىڭ بەك چىرايلىقكەن، ماڭا بەك ياراپ قالدى! چېچىڭنىڭ ھەققىگە مېنىڭ ئۇچتەك ئاپئاق چېچىمنى ئال، ھەر ھالدا يوقتىن ياخشى.
يەنە باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلمايدىغان بولسىڭىز، چېچىمنى بېرىشكە رازىمەن! دېدى ئانا.
شۇنىڭ بىلەن ئانا ئۆزىنىڭ چىرايلىق قارا چېچىنى مومايغا بەردى، ھەققىگە موماينىڭ ئۇچتەك ئاپئاق چېچىنى ئالدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەزرائىلنىڭ چوڭ پارنىكىغا كىردى. بۇ يەردىكى گۈل ۋە دەرەخلەر غەيرى- غەلىتە سىياقتا بىرگە ئۆسەر ئىكەن. ئەينەك قوڭغۇراقنىڭ تېگىدە چىرايلىق ھەمەلگۈللەر ئۆستۈرۈلگەن؛ چوڭ غۇنچىلىق، سوغۇققا چىداملىق مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. خىلمۇ- خىل سۇ ئۆسۈملۈكلىرىدىن بىرمۇنچىسى ھېلىمۇ ياشناپ تۇرىۋاتقان، بىرمۇنچىسى يېرىم قۇرۇپ قالغان ئىدى. سۇ يىلىنى بۇ ئۆسۈملۈكلەرگە يۆمىشىپ يۈرەتتى، قارا قىسقۇچپاقىلار ئۆسۈملۈك يىلتىزلىرىنى ئامبۇردەك مەھكەم قىسىۋالغان ئىدى. ئۇ يەردە يەنە نۇرغۇن چىرايلىق پالما، دۇب ۋە چىنار دەرەخلىرى؛ كەرەپشىگۈلى ۋە ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئىپارگۈللىرى بار ئىدى. ھەر بىر تۈپ دەرەخ ۋە ھەر بىر خىل گۈلنىڭ بىردىن ئىسمى بار ئىكەن، ھەر بىر تۈپى بىر ئادەمنىڭ جېنىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن؛ بۇ ئادەملەر ھېلىمۇ ھايات ئىكەن، بەزىسى جۇڭگودا، بەزىسى گرىنلاندىيىدە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارالغان ئىكەن. بەزى چوڭ دەرەخلەر كىچىك تەشتەكلەرگە تىكىلگەن بولغاچقا، چىڭقىلىپ تەشتەكنى يېرىۋېتەي دەپ قالغان ئىكەن. مۇنبەت تۇپراقنىڭ بىر مۇنچە يېرىگە نۇرغۇن نازۇك گۈللەر تىكىلگەن، گۈل ئەتراپىدا مۇخلار ئۆسكەن ئىكەن؛ كىشىلەر بۇ گۈللەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرىدىكەن ۋە پەرۋىش قىلىدىكەن. بىراق، بۇ ھەسرەتلىك ئانا ئەڭ كىچىك ئۆسۈملۈكلەرگە ئېڭىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى جىمغىنە تىڭشايتتى. ئۇ ئاشۇ بىھېساب گۈللەر ئىچىدىن بالىسىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاپ تېپىۋالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تاپتىم! توۋلىۋەتتى ئانا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوللىرىنى كۆك رەڭلىك چىلگە باھارگۈلىگە ئۇزارتتى، بىتاپ بولۇپ قالغان بۇ گۈلنىڭ بېشى بىر ياققا ساڭگىلاپ قالغان ئىدى.
بۇ گۈلگە چېقىلما! دېدى موماي، مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرغىن. ئەزرائىل كەلگەندە مېنىڭچە ئۇ ھەرقاچان كېلىدۇ.بۇ گۈلنى يۇلغۇزمىغىن. سەن ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ: مەن جىمى ئۆسۈملۈكنى يۇلۇپ تاشلايمەن دېگىن، شۇنداق قىلساڭ ئۇ قورقىدۇ. ئەزرائىل بۇ گۈللەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جاۋابكار؛ ئەزرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىجازىتىنى ئالماستا، ئۇلارنى ھېچكىمنىڭمۇ يۇلۇشىغا بولمايدۇ.
شۇ ئەسنادا ئۆيگە بىردىنلا سوغۇق شامال كىردى. كۆزىدىن ئايرىلغان ئانا بۇ شامالنىڭ ئەزرائىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلمىدى.
ئىز تورى www.iz.la

بۇ يەرنى قانداق تاپتىڭ؟ دېدى ئەزرائىل، مەندىنمۇ بالدۇر كەپسەنغۇ؟
چۈنكى، مەن بىر ئانا- دە! دېدى ئانا.
ئەزرائىل ئاشۇ نازۇككىنە گۈلگە قولىنى ئۇزارتتى، ئانا بولسا بۇ گۈلنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەرگىنى قايرىپ قويارمەنمۇ دەپ ئىچى تىت- تىت بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەزرائىل ئانىنىڭ قولىغا قاراپ پۈۋلىدى، ئانىنىڭ قولىغا سوغۇق شامالدىنمۇ ئۆتە سوغۇق ئۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ماغدۇرىدىن كېتىپ، قوللىرى ساڭگىلاپ چۈشتى.
ھەرقانچە قىلغىنىڭ بىلەنمۇ ماڭا تاقابىل تۇرۇش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ! دېدى ئەزرائىل.
ئەمما پەرۋەردىگارىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ! دېدى ئانا. ئىز تورى بەك ياخشى
مەن پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈۋاتىمەن! دېدى ئەزرائىل، مەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ باغۋىنىدۇرمەن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بارلىق گۈل- گىياھلىرى ۋە دەل- دەرەخلىرىنى پېلەككە كۆچۈرۈپ، ئاشۇ سىرلىق ئەلدىكى جەننەتكە يۆتكەيمەن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى، قانداق ياشايدىغانلىقىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىش ھەددىم ئەمەس!
بالامنى قايتۇرۇپ بەرگىن! دېدى ئانا يېلىنىپ- يالۋۇرۇپ. ئۇ بىردىنلا يېنىدىكى چىرايلىق ئىككى تال گۈلنى كاپپىدە تۇتۇپ، ئەزرائىلغا ئۈنلۈك ئاۋازدا: «گۈللىرىڭنى قويماي يۇلىۋېتىمەن، ئەمدى يولۇم قالمىدى!» دېدى.
تەگمە! دېدى. ئەزرائىل.قاتتىق ئازابلاندىم دەيسەنۇ، ئەمدى كېلىپ باشقا بىر ئانىنىمۇ ئۆزۈڭدەكلا ئازابقا قويماقچى بولىۋاتىسەن!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

باشقا ئانا؟ دېدى بۇ بىچارە ئانا ۋە دەرھال ئۇ ئىككى تال گۈلنى قويىۋەتتى.
مانا بۇ سېنىڭ كۆز قارىچۇقىڭ، دېدى ئەزرائىل،مەن ئۇلارنى كۆلدىن سۈزىۋالدىم، قارىچۇقلىرىڭ شۇنداق نۇرلۇق ئىكەن. ئەسلىدە سېنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن. مانا ئېلىۋال، ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك نۇرلىنىپ كېتىپتۇ، يېنىڭدىكى ئاۋۇ قۇدۇققا قاراپ باققىنە. سەن يۇلىۋەتمەكچى بولغان بۇ ئىككى تۈپ گۈلنىڭ ئىسمىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن، سەن بۇ گۈللەرنىڭ جىمى كەلگۈسىنى، پانىيدىكى پۈتكۈل تۇرمۇشىنى، ئۆزۈڭ نابۇت قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ زادى قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.
ئانا قۇدۇققا قارىدى- دە، بىر جان ئىگىسىنىڭ نەقەدەر بەختىيار ئىكەنلىكىنى، ئەتراپىدىكى شۇ قەدەر شادلىق ۋە شادىيانە مەنزىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلى راستتىنلا شۇ قەدەر شادلاندى. ئۇ يەنە غەم- قايغۇ ۋە نامراتلىق ئىچىدە، ئازاب ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئۆتىۋاتقان يەنە بىر جان ئىگىسىنىمۇ كۆردى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ ئىككى خىل تەقدىر پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان!. دېدى ئەزرائىل.
ئۇلاردىن قايسىسى ئازاب گۈلى، قايسىسى بەخت گۈلى؟ سورىدى ئانا.
ساڭا ئېيتىپ بەرسەم بولمايدۇ، جاۋاب بەردى ئەزرائىل. بىراق، بىر ئىش بار، بىلسەڭ بولىدۇ: بۇ ئىككى گۈلنىڭ بىرى سېنىڭ بالاڭ. بايا كۆرگىنىڭ دەل بالاڭنىڭ تەقدىرى ئۆز بالاڭنىڭ كېلەچىكى.
ئانا ۋەھىمە ئىچىدە توۋلىۋەتتى، ئۇلاردىن قايسىسى مېنىڭ بالام؟ ئېيتىپ بېرىڭە! شۇ مەسۇمە بالامنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ! بالامنى ئازاب ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىڭ! بالامنى ئېلىپ كېتىۋېرىڭ! پەرۋەردىگارنىڭ دۆلىتىگە ئېلىپ بېرىڭ! تۆكۈلگەن ياشلىرىمنى، قىلغان ئىلتىجالىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، بايىقى قىلغان- ئەتكەنلىرىمنى ئەپۇ قىلىڭ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى بىلمىدىم! دېدى ئەزرائىل، بالامنى ئېلىپ كېتىمەن دەمسەن ياكى مېنى ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان بىر يەرگە ئېلىپ بار دېمەكچىمۇ سەن؟
ئانا بۇ چاغدا قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ، يەرگە يۈكۈنۈپ تۇرۇپ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىلتىجا قىلدى:
پەرۋەردىگارىم، ئىرادەڭ ئەبەدىل ئەبەد خەيرلىكتۇر. ئىرادەڭگە مۇخالىپ ئىلتىجالىرىمغا پەرۋا قىلمىغايسەن! ماڭا پەرۋا قىلمىغايسەن! پەرۋا قىلمىغايسەن!
ئانا شۇنىڭ بىلەن بېشىنى بولۇشىچە پەس قىلىپ ساڭگىلاتتى.
ئەزرائىل بۇ ئانىنىڭ بالىسىنى ئېلىپ، ھېلىقى نامەلۇم ئەلگە قاراپ ئۇچتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە؛ گۈلىستان تورى بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئانا ھەققىدە ھېكايە

    توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى ئانىنىڭ ئۆز بالىسىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئانا ھەققىدە ھېكايە ناملىق بۇ چۆچەك ئون بەش دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جاھاندىكى بىھىساب ئانىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. بىر ئانا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرات...

  • دادام ماڭا كىتاپ ئېلىپ بەردى

    مىنڭ ساۋادىم چىققاندىن بۇيان مەن كىتاپ ئوقۇشىقا بەكىمۇ ئامىراق ئىدىم. ئۆيدىكىلەر مىنىڭ كىتاپ كۆرۈشىمىگە قارشى تۇراتتى بۇلۇپىمۇ دادام ، ھېلىغۇ ھىكايە ، رومان كىتابلاركەن دەرسىلىك كىتاپ كۆرسەمىمۇ دادامىنڭ ئاچچىقى كىلەتتى ھەتتا مىنى ھۇرۇنلۇق قىلىپ كىتاپ ئوقۇ...

  • تاغامىنىڭ پۇشايمىنى

    تاغام بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئىچىدە ئەڭ ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچى ئىدى بوۋامىمۇ كۆپرەك ۋاقتىلاردا تاغامىغا يول قوياتتى، بىركۈنى مۇمام قاتتىق ئاغرىپ قالدى مۇمام دۇختۇرخاندا ئىدى بىزگە قاتتىق پۇلىنىڭ خورلىقى كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشى...

  • مەن زادى كىم ؟

    بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەر ئەتراپىدا، S شەھىرىدىكى جەنۇبىي خەلق يولىدا بىر ئەر كىشى بىر قارا رەڭلىك پىكاپنى ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت پىيادىلەر يولىدىكى كىشىلەر توپىغا ئېتىلغان، نەتىجىدە نەق مەيداندا ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، يەتتە ئادەم يارىلانغان. ۋەقە يۈ...

  • نان قەدرى

    ئەنۋەر يەنە شۇ تاماق ئۈستىلىدە ئۇنى يەيمەن، بۇنى يىمەيمەن، سەپ ئانىسى بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى. ئانىسى چېرايلىقچە: - ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم، ئۇنداق قىلما، تاماق ئايرىما، تاماق ئايرىش ياخشى ئىش ئەمەس، خۇدا ساقلىسۇن، لېكىن بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كۈنلەرمۇ...

  • تىلەمچىنىڭ رەسىمى

    بىر رەسسامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پولنىڭ ئۇ قېتىدا بىر تىلەمچى ئولتۇرىدىكەن. رەسسام تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، ھەممىدىن رايى قايتىپ مۇشۇ يولغا كىرىۋالغان بۇ تىلەمچىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئۇ بىر نەچچەمۇھىم يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈ...

  • مۈشۈك ھەقىقىدە ھىكايە

    جەنۇپنىڭ ئالتۇن كۈزدە پەسلىدە تۈرلۈك مىۋىلەر تۆكمە بۇلۇپ، ھەممە يەر مول ھۇسۇلغا ، توقچىلىققا تولغان مەزگىلدە ،سەھرادىكى تاغامنىڭ تەكرار تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئارامدا ئۈيىمىزدىكى تۆت جان،تۇققانلارنىڭ ئۈيىدە مېھمان بۇلۇشۇپ قايتىپ كەلدىم...

  • زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

    چۈشەندۈرۈش؛زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا...

  • ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىققان ئىكەن . پادشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى سىناش ئۈچۈن ، ئارام ئالغان سورۇندا نەسىردىن ئەپەندىگە قاراپ بېشنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاغزىنى كۆرسىتىپ . شاھ يۈزنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ گېلنى كۆرسىتىپتۇ . شا...

  • ‹ئا› نىڭ ھىكايىسى

    ئا نىڭ ھىكايىسى ئاشپەز ئادىل، ئالتۇنچى ئالىمجانلار ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاداۋەتلەشكەنىدى. ئادىلنىڭ ئاغىنىسى ئالمىچى ئابلا ئايالىغا ئالتۇن ئالغىچە ،ئايزىرىلەرنى ئارتۇق ئارىلاپ ئالغۇزىۋەرگەچكە،ئالتۇنچى ئالىمجان ئاچچىقلاپ ئابلاغا ئاليىپ ئاۋازلىرىنى ئاۋۇت...