جەنۇپنىڭ ئالتۇن كۈزدە پەسلىدە تۈرلۈك مىۋىلەر تۆكمە بۇلۇپ، ھەممە يەر مول ھۇسۇلغا ، توقچىلىققا تولغان مەزگىلدە ،سەھرادىكى تاغامنىڭ تەكرار تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئارامدا ئۈيىمىزدىكى تۆت جان،تۇققانلارنىڭ ئۈيىدە مېھمان بۇلۇشۇپ قايتىپ كەلدىم. كۈزپەسلى ھەقىقەتەن سەھرا گۇيا جەننەتكىلا ئوخشاپ قالىدىكەن ،شاخ شاختا خۇددى قىزىل گۈل بىلەن رەڭ تالىشىپ قىزىرىپ پىشقان ئۈزۈم ،ئانار ،ئالما نەشپۈتلەرنى شۇنداقلا بىر ئېغىزغا سالدىڭىزمۇ خۇددى ھەسەل سۈيى قۇشۇلۇپ قالغاندەك، شۇنچىلىك تەملىك شۇنچىلىك شىرىن. ھاۋاسىنىڭ شۇنچىلىك ساپ، تىنىچلىغىنى دىمەمسىز ، شەھەردىكى قىستاڭچىلىق ،قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن سۈرەن ،ۋاڭ چۇڭلاردىن ئەسەرمۇ يوق .دېھقانلارنىڭ ھال كۈنى تېخى ئۇمۇم يۈزلۈك ھاللىنىپ كىتەلمىسىمۇ ئەمما مېھمان دوسىت ، ئاق كۈڭۈل،سەمىمى قىزغىنلىغى ئادەمنى ھەقىقەتتەن سۈيۈندۈرەتتى .شەھەردە بىنا ئۇيلەردە يىل بۇيى دۇقۇرۇشۇپ تۇرساقمۇ خوشنىمىزنىڭ كىملىگىنى بىلمىگىلى تاس قالىمىز ھەتتا ھېيت بايراملاردىمۇ بۇسۇغا ئاتلاپ ئەھۋال سوراپ كىرىپ چىقىش خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيدۇ . ئەمما سەھرالاردا تاغاملارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ بولغۇچە خوشنىلىرى گەرچە بىزنى بەك تۇنۇپ كەتمىسىمۇ ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . مەن ھاياجانلانغان ھالدا ئۆز ئۈزەمگە "ئادەمنىڭ قەدرى –قىممىتى،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۆرۈپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى پەقەت ھازىر سەھرالاردىلا ساقلىنىپ قېلىپتۇ "دىگەن ھاسىلاتقا كەلدىم .قايتىپ كىلىدىغان كۈنى قىزىم تاغاملانىڭ ئۈيىدىكى قەپەزگە سۇلاپ قويغان تاغىل مۇشۇككە بەكلا قىزىقىپ خۇددى مۇشۇك جىنى چاپلاشقاندەك مۈشۈكنىڭ يېنىدىن نېرى كىتەلمەيلا قالدى . مەنمۇ بۇ غەلىتىلىكتىن ھەيرانلىغىمنى يۈشۈرالماي تاغامدىن سورىدىم -مۈشۈكنى قەپەزگە سۇلاپ قۇيۇپسىزغۇ ؟قۇيۇپ بەرسىڭىز قېچىپ كىتىدۇ- دەپ بەنىت قىلىپ قويدىڭىزمۇ ؟-ياق ئۇكام بۇ بايقۇشنى قەپەزگە سۇلاپ قۇيۇشۇم يەنىلا ئۈزى ئۈچۈن. سىز بىلمەيسىز بۇ بايقۇشنىڭ ئاتا ئانىلىرى قېرىنداشلىرى ھەممىسى زەھەرلىنىپ بىر بىرلەپ ئۈلۈپ تۈگۈدى ، ئەمدى بۇنى شۇنداقلا قۇيۇپ بەرسەم زەھەرلەنگەن دۇرا يەپ ئۆلگەن چاشقان ياكى قۇشقاچتىن بىرنى يەپلا ئۈلۈپ كىتىدۇ ...مەن ئېچىنىش ئىچىدە قەپەز ئىچىدىكى مۈشۈككە قاراپ قويدۇم -بىزنىڭ شەھەردە مۈشۈك يوق - دەيتتىى قىزىم گىپىمىزگە قۇشۇق سېلىپ ،چۇلدۇرلاپ ،ئارقىدىنلا قىزىم مىنى تارتقۇشلاپ ئەركىلەپ تۇرۇپ سوراشقا باشلىدى -دادا شەھەردە نىمىشقا مۇشۇك يوق ؟-شەھەردە چاشقان كۆپ ئەمەس شۇڭا مۇشۇك يوق -دەپ جاۋاپ بەردىم ئانچە ئىرەن قىلمىغان ھالدا -شەھەردە قانداق چاشقان ئانچە كۆپ بولمايدۇ ؟بىزنىڭ يەرئاستى قازىناق ئۈيىمىزدە شۇنداق جىق چاشقانلارنى كۆرگەن تۇرسام.. ھەممىمىز قىزىمنىڭ زىرەكلىگىدىن كۈلۈشۈپ كەتتۇق مەن قىزىمنىڭ سۇئالىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ،تاغامغا ماڭمىساق بولمايدىغانلىغىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزرە ئېيتىپ قالغان تۇققانلاربىلەن بىربىرلەپ خوشلىشىپ ،قايتىش ئۈچۈن تەييارلاندىم . ئەمما قىزىمنىڭ پۈتۈن ئىسىيادى يەنىلا شۇ قەپەز ئىچىدىكى مۈشۈكتىلا قالغان ئىدى. ،قىزىمنىڭ خىيالىنى بىلگەن تاغام ھېچ ئىككىلەنمەيلا ؛-سىز بۇ مۈشۈككە ئامراق بۇلۇپ قالغان بولسىڭىز ئەمىسە بۇ مۈشۈكنى قەپەز بىلەنلا سىزگە سوغا قىلىۋېتەي ،ئەمما ياخشى بېقىڭ بۇلامدۇ ؟-دەپ مۈشۈكنى قىزىمغا بىرىۋەتتى .ئۆز ئارزۇسىغا يەتكەن قىزىم خۇددى گۈھەر تېپىۋالغاندەك چەكسىز خۇشال بۇلۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئايالىمنىڭ قاش قاپىغىدىكى خۇددى ھازىرلا تاراسلاپ ياغىدىغان مۆلدۈردەك قەتتى قارشىلىققا قارىماي بۇ"سوغات"نى قەپەز بىلەنلا ماشىنىغا سېلىپ شەھەردىكى ئۈيىمىزگە ئېلىپ كىلىپ بالكۈنغا قۇيۇپ قويدۇق مۈشۈك قەپەز ئىچىدە تۇرۇپ يېڭى،كىلىپ قالغان ماكانغا سەل كۈنەلمىدىمۇ قەپەز ئىچىدە تۇرۇپ تۇرۇپ مىياڭلاپ قۇياتتى ،قىزىم مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازىنى دوراپ مىياڭلاپ ،ئۈزىچە ھەرنىمىلەرنى دەپ مۈشۈگى بىلەن سۆزلىشەتتى ،كۈلەتتى ..ۋە مۈشۈكنىڭ ئالدىغا تۇرلۈك يىمەكلەرنى تاشلاپ بىرەتتى .ئۇخلايدىغان ۋاقىتمۇ بولدى ،ئاپىسىنىڭ زورى بىلەن قىزىممۇ مۈشۈگى بىلەن خوشلىشىپ، ياتالغۇسىغا كىرىپ بېسىقتى .ئادىتىم بۇيۇنچە بالكوندىكى يېزىق ئ؛ۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ،قەپەز ئىچىدىكى مۈشۈكنى يېنىمغائېلىپ كىلىپ خىيالغا پاتتىم "بىچارە بايقۇش !ئەسلى سەن دالىلارنىڭ ئەركىسى ،زىيانداش چاشقانلارنىڭ ساقچىسى ئىدىڭ ،شۇڭا سەن بۇنداق قەپەزگە سۇلىنىپ ياتماي دالالاردا ئەركىن تاقلاپ يۈرۈشۈڭ لازىم ئىدى ...ئەمما ھازىر بەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قېلىپسەن ..."كۆز ئالدىمدىكى مۈشۈك خۇددى خىيالىمنى بىلىپ قالغاندەك تۇيۇقسىزلا زۇۋانغا كەلدى -ئۇنچىلىك ئىچ ئاغرىتىشىڭنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق ،مانا بىر ئوبدان تۇرمامدىمەن .مۈشۈكنىڭ تۈيۈقسىز زۇۋانغا كەلگىنىدىن ۋە ئاۋازىنىڭ غەلىتىلىگىدىن ھەم ھەيران بولدۇم ھەم ئىختىيارسىز قورقۇنۇچ بېسىپ، تىنىم شۇركۇنۇپ كەتتى "ئالدىمدا تۇرغىنى مۈشۈكمۇ ياكى جىن ئالۋاستىمۇ "دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە قورقۇپ تۇرۇپ .-قورقما مەن سەن ئويلىغاندەك جىن ئالۋاستى بولماستىن ھەقىقەتەن بىر مۈشۈك –دىدى مۈشۈك مىنى خاتىجەم قىلماقچى بولغاندەك؛شۇندىلا كۆز ئالدىمدا تۇرغىنىنىڭ ھەقىقەتەن بىر مۈشۈك بەلكى ئادەملەرنىڭ گەپ سۆزلىرىنى چۈشۈنەلەيدىغان ،ھەم ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدە نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلىۋالايدىغان ،سۆزلىيەلەيدىغان ئالاھىدە بىر ئىقتىدارغا ئىگە مۈشۈك ئىكەنلىگىگە ئازراقچە ئىشەندىم ھەم ھەيرانلىغىم تېخىمۇ يۇقۇرى پەلللىگە يىتىپ قىزىقسىنىپ يەنە مۈشۈكتىن سوراشقا باشلىدىم -سەن غەلىتىلا گەپ قىلىسەنغۇ ؟ئەسلىدە سەن دالالاردا چاشقانلارنىڭ ئەدىۋىنى بىرىپ ئەركىن تاقلاپ،ئازادە يۈرۈشىڭ كىرەكتىغۇ ؟ئەمما سەن بۇ قەپەز ئىچىدىمۇ بىر ئوبدان تۇرىۋاتىمەن دەيسەنغۇ ؟-شۇنداق دىگىنىڭدەك بىر ئوبدان تۇرىۋاتىمەن .سۆزلىسەم گەپ تۇلا -قېنى سۆزلەۋەر ،قۇلۇغۇم سەندە –دىدىم مەن مۈشۈكنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باقماقچى بۇلۇپ .مۈشۈك بىر مىياڭلاپ قۇيۇپ ئۇچۇق يۇرۇق ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى سەن ھەقىقەتەن "ئەجىبا زادىلا تەبىئىتىڭگە ئوخشىمايلا قالدىڭغۇ" دەپ ھەيران بۇلىۋاتىسەن . شۇنداق سەن ھەيران بۇلۇشقا تىگىشلىك مەن ھەقىقەتەن بۇنداق قەپەزنىڭ ئىچىگە سۇلۇنۇپ يېتىش ئەمەس ئەسلى سىنىڭ دىگىنىڭدەك كەڭ دالا نىڭ ئەركىسى. جاشقانلارنىڭ خۇجا ئاكىسى ئىدىم، دالالاردا چاشقانلارنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالسام ،قېنىم قىزىپ دەرھال تۇتۇپ نەق مەيداندا يەۋەتمىسەم ئىنىمايدىغان تۇغما خۇيۇم بارئىدى .ئەجدادىمدىن سورىساڭ ئەسلى مەن يەنە يولۋاس بىلەن بىر جەمەتتىن ئىدىم،ئۈزەڭگىمۇ ئايان يولۋاس بولسا يەر يۈزىدىكى جىمى جانىۋارلارنىڭ شاھى ،تېخى ئىسىڭدىن كۈتۈرۈلۈپ كەتمىگەندۇ؟ سىنىڭ بوۋاڭ ئەفرىسىياپنىڭ يولۋىسى ،قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەرنىڭ شىرىغا مۇشۇ زىمىندا يول بەرمىگىنى راس. شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەرنىڭ شىرى مەغرىپتىن مەشرىق تامان ھۆكۈرەپ ،ھۈكۈمىرانلىق قىلىپ ،مۇشۇ تارىم ئويمانلىغىغا كەلگەندە بوۋاڭ ئەفرىسىياپنىڭ يولۋىسىنىڭ سۈر ھەيۋىسى ئالدىدا يېڭىلىپ، ئاستا قۇيرۇقىنى قىسىپ قايتىپ كىتىپتىكەنمىش ، ئەجدادىمنىڭ بۇ شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىنى ئويلىسام ھەقىقەتەن مەغرۇرلىنىمەن ،پەخىرلىنىمەن. ئەمما پەلەكنىڭ قىسمىتى ئاجايىپ ھەم رەھىمسىز ،زاماننىڭ تۈرلۈك ئىسسىق سوغۇقىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ بېشىنى ئىگىز تۇتۇپ باتۇرلۇق بىلەن بۈگۈنكى زاماننىڭ ئالدىدا ماڭغانلار، بۇ زاماندا مەڭگۈ ياشىيالايدۇ .ئەمما زامان بۇران چاپقۇنلىرىغا باش ئىگىپ ئاداشقانلار ،چىكىنگەنلەر شاللىنىدۇ ،يۇقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ،دىمەك بىز مۇشۇكلەرمۇ ھاياتلىق يۇلىمىزدىكى ياشاش تەدبىرىمىزگە ،ئازغۇن جاسارەتسىز مەخسەت مۇددىئايىمىزگە مۇناسىپ ،ھەر جەھەتتىن چىكىنىپ كەتكەن بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە بىچارە،ئاجىز ،يۇقۇلۇش گىردۋىدا تۇرىۋاتىمىز .ئەكسىنچە يۇرتۇڭدىكى ئېتىز قىرلاردىكى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇغۇناپ ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان ،ھېيىقمايدىغان خۇي پەيلى بىلەن ئۆمۈلۈشۈپ يۈرگەن چاشقانلار كۈپۈيۈپ دالىلاردىكى غالىپلاردىن بۇلۇپ مىنىمۇ مۇشۇ قەپەزگە كىرىپ جان ساقلاشقا مەجبۇر قىلدى بۇنىڭغا نە ئامال دەيسەن ؟مۇشۇك سۈزىنى توختۇتۇپ خاتىرجەم ھالدا پۇت-قۇلىنى يالاپ يۈز كۈزىنى يۈيماقتا ئىدى. مەن بۇ بىچارىگە بولغان قىزىقىشىمنى باسالماي يەنە سۇئالىمنى داۋاملاشتۇردۇم -سەۋەبىنى سەل تەبسىلىراق چۈشەندۈرمەمسەن - پەلەكنىڭ قىسمىتى ئاجايىپ دىدىمغۇ ؟بۇنىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن ،بىزنىڭ بۇ يۇرتتا قاچاندىن باشلاپ يولۋاس بورىلەرنى يۇقۇلۇپ ،مايمۇن ، تۈلكىلەرنىڭ كۈپۈيۈپ كەتكەنلىگى قاچاندىن باشلاپ مۈشۈكلەرنىڭ ھەرجەھەتتىكى سۈپىتىنىڭ چىكىنىپ ،سانى كۈنسىرى ئازلاپ ئەكسىنچە چاشقانلارنىڭ سانى كۈپۈيۈپ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىپ كۈچتۈڭگۈر ھالەتكە ئۆتكەنلىگى تازا ئسىمدە يوق ،ئەمما بىز مۇشۇكلەرنىڭ يېقىنقى دەۋىردە سانىمىز ئازلاپ،سۈپىتىمىزنىڭ كۈنسىرى چىكىنىپ كەتكەنلىگىمىزنىڭ بىرسى ئۇزۇن مۇددەت چاشقان ئوۋلىماي ،چاشقان تۇتۇپ يىمەي قېنىمىز سوۋۇپ،ئەقىل-ئىدرىگمىزنىڭ چىكىنىپ كەتكەن لىگى ،قۇساق تويغۇزۇشنىلا ئويلاپ ،قۇسۇغۇمىز تويغان ھامان قازان بېشىغا چىقىپ، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان شىرىن ئۇيقۇغا غەرىق بۇلۇپ كەتكەنلىگىمىزدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تارىخىمىزدىكى تالايلىغان قان ياشلىق ساۋاقلارنى قۇبۇل قىلمىغانلىغىمىزدىن ،ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىغانلىغىمىزدىن بولغان ،سەنمۇ ئويلاپ باق ،پەيلاسۇپلا ؛"تارىخ ئىبرەت بىلەن تولغان ھەم ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ قان ياشلىق تارىخى بىلەن تولغان "دەيدىكەن ئېھتىمال مۇشۇ يەكۇن توغرا بولسا كىرەك چاشقانلارنى مىسالغا ئالساق چاشقانلارنىڭ كۈپۈيۈش ،ياشاش، ئىتتىپاقلىشىش ،ئىختىدارىنىڭ يۇقۇرىلىغىنى ،كىچە كىچىلەپ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقاقلارغىچە تىمىسقىلاپ ،ئوغۇرلاپ بايلىق يىغىش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىغى قاتارلىقلارنى دىمەيلا قۇيايلى ناۋادا بىر چاشقان زەھەرلەنگەن ئۇزۇقلۇقنى يەپ قېلىپ ئۈلۈش ئالدىدا ،جەمەتىدىكى بارلىق چاشقانلارغا خەۋەر قىلىپ ئۈزىنىڭ زەھەر يەۋاغانلىغىنى ،شۇڭا ئۈزى يىگەن ئۈزۈقلۇقلارنى باشقىلارنىڭ بىلمەسلىكتىن يەپ سالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىپ ئاندىن ئۈلۈپ كىتىدىكەن ،ئەمما بىز مۈشۈكلەر زەھەر يەپ ئۆلگەن چاشقانلارنى بىلمەسلىكتىن يەۋېلىپ زەھەرلەنسەك ئۈن-تۈن چىقارماي كۈزۈمىزنى يۈمغان پېتى دۆتلۈك ،شەخشىيەتچىلىك بىلەن ئۈلۈپ كىتىمىز ،قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئۈلۈپ كەتكەنلىگىمىزنى بىلمەيلا قالىدۇ،ھەم بىلىشنى ئىبرەت ئېلىشنىمۇ خالىمايدۇ .دىمەك سەۋەپ ئاددى مانا مەن شۇئان زەھەرلىنىپ ئۈلۈپ ،نەسلىم قۇرۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئەتىۋارلىنىپ قەپەزگە سۇلىنىپ يېتىپتىمەن ،شۇڭا ماڭا قاراپ تۇلا ھەيران قالمىساڭمۇ بۇلىدۇ ،كۈرۈپ تۈرۈپسەنغۇ ئەھۋالىم ياخشى تەبىئىتىم ئۆزگۈرۈپ چاشقان تۇتۇش يۇقۇتۇشتىن ئىبارەت تۇغما خۇسۇسىيىتىمنى ئۇنتۇپ كىتىپلا قالماي بەلكى چاشقانلار بىلەن ئىنتايىن ئىجىل ئىناق دوستانە ئۈتۈپ كىتىشنى ئۈگۈنىۋالدىم .نىمىشقا دىسەڭ ئەسلىدە ئادەملەرنىڭ بىر بارمىقىچىلىك كىلىدىغان بىر جانىۋارنىڭ ھازىرقى دەۋىردە بىزدىنمۇ يۇغۇناپ كەتكەنلىگىنى قارىمامسەن دىمەك چاشقانلارنىڭ سانىنىڭ ،سۈپىتىنىڭ بىزدىن كۆپ ھەم ياخشىلىغىنى ئۈزۈڭ بىلىسەن. تېخى ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشش، ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ قۇدرىتىنى دىمەيلا قوي .شۇنداق ئەھۋالدا بۇرۇنقىدەك كۆرگەن ھامان ھۇجۇم قىلىدىغان پەيلىمىزنى ئىشقا سالساق ، بىزدىنمۇ يۇغۇناپ كەتكەن بەستى، بىزدىنمۇ ئۆتكۈر چىش تىرناقلىرى بىلەن نەق گېلىمىزدىنلا ئالسا بىز قانداق بولماقچىدۇق ؟ شۇڭا چاشقانلاربىلەن دوستانە ئۈتۈشىمىز ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىزنى يات كۆرمەي ،مۇشۇنچىلىك كۈننىڭ سېرىغىنى كۆرگىلى قويغىنىغا مىڭ شۇكۇر قىلىپ ،ئۇلارنىڭ قاش قاپىغىغا قاراپ ئىش قىلىشىمىز ،ھەتتا سۈزىمىزدىمۇ چاشقانچىلاپ سۆزلەپ ،ئۇلارغا ياخشى كۈرۈنۈپ ياشىشىمىز لازىم .يەنە بىز چاشقانلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلا سالام بىرىپ ،ئالدى پۇتى قىسقىراپ تۇلا ھىجىيىپ ئۈستۈن كالپۇگى يېرىلىپ بۇيرۇقلارنى تۇلا ئاڭلاپ قۇلاقلىرى ئۈزىراپ، تۈركۈم تۈركۈملەپ مۇشۇكلەرلەر توشقانقا ئۆزگۈرۈپ كەتتى .ئەمدىغۇ ھەممىنى چۈشەنگەنسەن ؟شۇڭا بىز مۇشۇكلەر سالاپىتىمىز سۈپۈتىمىزنى يۇقۇتۇپ، سانىمىز كۈنسىرى ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ .ئەكسىنچە توشقانلارنىڭ سانى تىز كۈپۈيۈپ توپ توپ توشقانلار دالالاردا ئەركىن قىيق ئېتىپ،شۇنداق بەخىتلىك،خاتىرجەم كۈن كۈچۈرمەكتە مانا بۇنداق ھايات ھەقىقەتەن مىنىڭ ھەۋىسىمنى كەلتۈرىدۇ ؟ مانا مۇشۇنداق خاتىرجەم ئەركىن ياشىغاننىڭ نەرى يامان ؟مەن ئويلايمەن 'مەنمۇ تىزراق توشقانغا ئۆزگۈرۈپ چاشقانلارنىڭ سىياقىغا ئوخشىسام ..ئاندىن خاتىرجەم بەختلىك كۈن ئالسام چاشقانلارنىڭ دوستلىغىغا ئەتىۋارلىشىشغا ئىرىشسەم ...مەن مۈشۈكنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ،نىمىلا بولمىسۇن مۇشۇكمۇ ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ئۈزىگە چۈشلۈق ئۇرۇن،رىزىق،جىسمانى سۈپەت ،ئالاھىدىلىككە ئىگە جانىۋار ،ئۇ يەر شارىدىن شۇنداقلا يۇقۇلۇپ كەتسە بولماس ؟مەن بۇ سۇئالىمنى مۈشۈكتىن سورىدىم مۈشۈك مۇنداق جاۋاپ بەردى ؛-مەن باشتا دىدىمغۇ مەن مۇشۇ قەپەز ئىچىدىكى كۈنلىرىمگە مىڭ8 مەرتىۋە رازى ،ھەتتا كۈنۈپمۇ قالدىم.مەن دىدىمغۇ ؟ مۇمكىن بولسا تىزراق چاشقانغا ئۆزگەرسەم دەيمەن .بەلكىم سىز "توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە يولۋاستەك بىركۈن ياشىغان ئەلا "،دىيىشىڭىز ،شۇنداقلا "سەن ئەسلى كەڭ دالانىڭ خۇجىسى يولۋاس بىلەن بىر جەمەتتىن تۇرۇپ بىردىنلا ئەڭ قورقۈنچاق توشقانغا ئۆزگۈرۈپ قېلىشتىن نۇمۇس ھېس قىلمامسەن "دىيىشىڭىز مۇمكىن سىزمۇ بىلىسىز ھازىر ئۇنداق ماقال تەمسىلنىڭ ۋاختى ئوتتى، ئەمىلىيەتكە قاراڭ ؟كىم قورقۇنچاق ،كىم باتۇر ئىكەن ؟ يەنە سىزدىن شۇنىمۇ سوراي نۇمۇسنى يىگىلى ،كەيگىلى، خەجلىگىلى بۇلامدۇ ؟ شۇڭا ئەمدى بۇھەقتە جىق گەپ قىلىشمايلى .مۈشۈك خۇددى بۇ جاھاندا ھېچقان داق ئىش بولمىغاندەك، ئادىتى بۇيۇنچە ئاۋال پۇتلىرىنى يالاپ ئاندىن كۈزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ يۈزىنى يۈيۈشقا باشلىدى مەن مۈشۈكنىڭ جاۋاپلىرىنى ،بۇلۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىنى ئاڭلاپ شۇئان غەزىۋىم كەلدى ،يەنە تۇرۇپ بۇ بىچارە بايقۇشنىڭ قەپەز ئىچىدىكى بىچارە ھالىغا قاراپ ئىچىممۇ ئاغرىدى ،ھەم كوڭلۇم تۇلىمۇ غەش بولدى. مەن شۇلارنى ئويلىدىم; "جىددى ھالدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش ،مۇھىت ئاسراش ...ئۇرۇنلىرىغا مۇراجەت قىلىپ مۈشۈكلەرنىڭ تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن سانىنىڭ ئازلاپ ،ئۆزگۈرۈپ ھەتتا يەر يۈزىدىن يۇقۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمىغۇدەك"