بىر رەسسامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پولنىڭ ئۇ قېتىدا بىر تىلەمچى ئولتۇرىدىكەن. رەسسام تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، ھەممىدىن رايى قايتىپ مۇشۇ يولغا كىرىۋالغان بۇ تىلەمچىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئۇ بىر نەچچەمۇھىم يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپتۇ.يەنى ئۇنىڭ خۇنۇك كۆزلىرىنى ئۆز غايىسى يولىدا چاقناۋاتقاندەك نۇرلۇق، سولاشقان يۈز تېرىلىرىنى پولاتتەك قەتئىي ئىرادە ۋە جاسارەت چىقىپ تۇرىدىغان چىڭ قىلىپ سىزىپتۇ ۋە رەسىم پۈتكەندىن كېيىن ھېلىقى تىلەمچىنى باشلاپ كىرىپ كۆرسىتىپتۇ. تىلەمچى رەسىمدىكى ئۆزى ئىكەنلىكىنى تونىيالماپتۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-كىم بۇ؟- رەسسام تىلەمچىدىن سوراپتۇ. تىلەمچى ئىنچىكە سەپسىلىپ رەسىمدىكى ئادەم بىلەن ئۆزىنىڭ مەلۇم جايلىرنىڭ ئوخشىىشىپ قالىدىغانلىقىنى بايقاپ؛
-بۇ مەن ئەمەستۇ؟...- دەپ سوراپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-بۇ مېنىڭ نەزىرىمدىكى سىز،- دەپتۇ رەسسام. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەگەر بۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى مەن بولسام، ئۇنداقتا قاراپ تۇرۇڭ، ئۇ كەلگۈسىدىكى مەن،- دەپتۇ تىلەمچى قەددىنى كېرىپ.
www.iz.la
تىلەمچى ئۆزىدە تېخى ئىنسانغا خاس خىسلەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقىنى بايقاپتۇ ۋە خۇرجۇننى چۆرىۋەتكىنىچە گۈس-گۈس دەسسەپ كېتىپ قاپتۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دىمەك ؛ رەسىسام تىلەمچىنىڭ رەسىمىنى سىرىپ چىقىش ۋە رەسسىمىغا جاسارتى چىقىپ تۇردىغان قىلىپ سىزىپ چىقىپ بۇ تىلەمچىنىڭ ئىدىسنى ئۆزگەرتىكەن ۋە تىلەمىچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسنى ئۆزگەرتىكەن.( بېشىڭىزنى ئىچىڭىزگە تىقىپ يۈرىۋەرمەڭ، قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بوشاشماستىن غەلىبىسېرى ئالغا بېسىڭ، مانا بۇ ھايات!)