
كۈنلەردىن بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىققان ئىكەن . پادشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى سىناش ئۈچۈن ، ئارام ئالغان سورۇندا نەسىردىن ئەپەندىگە قاراپ بېشنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاغزىنى كۆرسىتىپ . شاھ يۈزنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ گېلنى كۆرسىتىپتۇ . شاھ قورسىقىنى سىيىلىغان ئىكەن ، ئۇ پۇتىنى سىيىلاپتۇ . بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ شاھ كۈلۈپتۇ ۋە نەسىرىدن ئەپەندىنى ماختاپتۇ . سورۇن ئەھىلى سورغان ئىكەن ، نەسىردىن ئەپەندى چۈشەندۈرۈپ ,
- شاھ مەندىن يۈزنى سيلاپ ،( يۈز نىمىدىن كىتىدۇ ؟)دەپ سورۋىدى ، مەن دەرھال گېلمىنى سيلاپ تۇرۇپ ،( گالدىن ) دەپ جاۋاپ بەردىم . شاھ بېشىىنى سيىلاپ، ( باش نىمىدىن كىتىدۇ؟ ) دەپ سورۋېدى ، مەن ئاغزىمىنى كۆرسىتىپ ( ئېغىزدىن دەپ جاۋاپ بەردىم . شاھ قورسىقىنى سىيلاپ ( قورساق نىمىدىن ئەمىن تاپىدۇ؟ ) دەپ سورۋېدى ، مەن پۇتۇمىنى سىيلاپ ( پۇتتىن ) دەپ جاۋاپ بەردىم ،- دەپتۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
دىمەك ئۇيغۇرلاردا ( ئېغىز يۈگۈركى ئاشىقا ، پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا ) دىگەن ماقال تەمسىل بار ، ھەرقانداق سۆزىدە ئىھىتىيات قىلش كىرەك . كىشى ئۆز ئۆزنى راسىچىللىق گۆھەرلىرى بىلەن تولدۇرۇپ سۆزلىسە.( ئويناپ سۆزلىسمۇ ئويلاپ سۆزلىسە ) ياخشى خاراكىتىر يىتۈلدۈرەلەيدۇ . بۇ ھەقىتە ئەلشىر نەۋائى ( كۆڭۈل خەزىنىسنىڭ قۇلۇپى تىل ۋە خەزىننىڭ ئاچقۇچى سۆز بىل) دەيدۇ . شۇڭا ئويلاپ سۆزلەش ئاز سۆزلەش مېغىزلىق قىسقا سۆزلەش لازىم. copyright by www.iz.la
مەنبە ؛ چۆچەكىلەر
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!