زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

ۋاقتى:2010-09-27 22:38مەنبە: يوللىغۇچى: ئابلىكىم چېكىلىشى:قىتىم
  

www.iz.la


 
باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا  ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار،  ئەرنىڭمۇ،  ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام  سائەت ئىككى بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ،  چىنە-قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي،  ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە:

ئىز تورى www.iz.la


_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟  نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،  ئايالى بىلەن بەك سوقۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، چىقىپ باقامسىز-يە؟ _دېدىم ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ،  كېچىدە ھاراق ئىچىپ كېلىپ جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ قىدىلىنى ئايرىپ،  قۇلىقىڭىزنى چىڭ يۇپۇرۇپ ئۇخلىڭە،_دېدى-دە، قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ؟  سىز چىڭراق ئورۇنۇپ يېتىڭ،  شامال تېگىپ قالمىسۇن مەن چىقىپ باقاي  _دېدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يا ئەر يا ئايالنىڭ بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي دېمەيتتى. بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك نېپىز بولغاچقىمۇ،  ئۇلارنىڭ تىللاشقان ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
_ ھە، ئۇرە، بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن رازى. ..
_مەن چاقاي،  بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە ئۇرىشايلى.
ئايال قوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
  ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستڭگە ئۇنىڭ ئېرى مەس بولىۋالسا ساراڭنىڭ ئۆزى،  قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ،  بىچارە چوكان ئەجەپ چىداملىقكەن. بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ تۈگەر...مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردىم. كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.  كۆز ئالدىمدا بۇ ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان كۆرۈنىشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى.  ئايال قوشنام ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئەينەك جاھازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللىرىنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى. ئېرى ئۇنى توسۇپ بولالماي ئاۋارە  بولىۋاتاتتى.

ئىز تورى بەك ياخشى


  _سانىيە نېمە قىلىق بۇ؟ _دېدىم ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى. ئايال قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ،  مەڭزىلىرى قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ،  يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن مەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.  ئەر قوشنامغا قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى،  ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان،  يۈزلىرى، بۇيۇنلىرى، بۇيۇنلىرىنىڭ تېرىلىرى تاتىلاشتىن سۇيۇلۇپ،  قىزىل گۆشلىرى كۆرۈنۈپ كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى. قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ سانىيەنىڭ قولىدىكى خرىستالنى ئېلىۋالدىم-دە، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ سافادا ئولتۇرغۇزدۇم. ئەر قوشنام مېنى كۆرگەندىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ : ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
  _قارىمامسىز، مۇشۇ چاققىچە تالادا يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئىچىپ، غەرق مەست كەپتۇ. ھاراقنى نەدە،  كىم بىلەن ئىچتىڭ؟  دېسەم  بىشەملىك قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز مانا!
_ ھە، چىدىمايۋاتامسەن؟  سەن ئىچكەن ھاراقنى مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟ _سانىيە ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان ھالدا شۇنداق دېدى.
- نەدە كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ _ دېدى ئېرى قايتا جانلىنىپ.
  _ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟  سەنمۇ ئون يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىم ماڭا  نەدە، كىم بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ؟ _ ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق بىر قادالغاندىن كېيىن،  ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ خۇمارلاشقان،  كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ : ئىز تورى www.iz.la
  _قاراڭ جېنىم قوشنام،  سىز مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا، مۇشۇ ئۆيدە تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسىغۇ؟  مەن سىزگە دېمەي كىمگە دەيتتىم؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچىپ باققىمىز كەلدى، باشتا «ڭيلۇڭ»نى ئىچتۇق،  قارىساق ئۇ ئانچە تۇتمىدى،  بىر دوستىمىز «بىراندى» دېگەن ھاراق بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ كىردى، ھاراق دېگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن،  ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك،  ئۆزۈمىزنى بەختىيار سېزىپ خوشال بولۇپ،  ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇق.  ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ. .. توۋا ئەرگە تېگىپ تايىقىنى يەپ،  تىلىنى ئاڭلىغىچە ھاراق ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ؟ ئىسىت. ..ئىسىت ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم ھۈ...ھۈ...ھۈ...

copyright by www.iz.la


  مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :
  _ سىڭلىم سىز پەزىلەتلىك ئىسىل ئايال،  بۇنداق ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ،  بەلكى بۈگۈنكى بۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئەتە تازا پۇشايمان قىلارسىز،  ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز،  بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ _دېدىم ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن.
  _ سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپمۇ تېخىچە پەزىلەتلىك ئايال، ئەخلاقلىق قىز دېگەن كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز؟ ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى.

مەن دەماللىققا نېمە دىيىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
  جېنىم قوشنام ھازىر«قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل» دېگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ سىز دېگەن ئەخلاقلىق،  ۋىژدانلىق ئاياللار ئائىلىسىدە ئەرنىڭ  تايىقىنى، ئىدارىسىدە ئەر باشلىقىدىن تەنقىنىدى ئاڭلايمىز.  سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇ قاتارىدا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، ئېرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تانسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرۈكىمىزنى زىدە قىلىمىز. كۆرىۋاتقانسىز،  بۇرۇنلاردا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي يامان ناملارغا قالغان،  ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي سۆزلەيدىغان تەتى-پەتىلەر،  ھازىر تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ،  ئىش كۆرگەن ئايال،  جېنى بار ئايال، ئىسىلزادە خېنىم تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ،  جاھاننى سوراۋاتىدۇ.  ئۆيىدە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال،  ئىدارىدە باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق ئايال بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشونىغا قاتناشتىم،  كۆڭلۈم نېمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىمەن،  ئۇ كەچ سائەت ئوندا كىرسە مەن ئونبىردە كىرىمەن، ئۇ ئاقنى ئىچسە مەن قىزىلنى ئىچىمەن، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن، تاپقان پۇلۇمغا مودا كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق ياسىنىمەن.  چىدىسا ئۆي تۇتسۇن چىدىمىسا ئاجراشسۇن،  ئەنە ئىشىك،  قىزىم بىلەن گۈلدەك ياشايمەن. توۋا مەن نەچچە ۋاقتىن بۇ رودىپاينى پىشانەمگە پۈتىۋەتكەندەك ۋاپادار،  پەزىلەتلىك ئايال، مېھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈنلا،  ئون يىل قۇربان بېرىپتىمەن. سىز دەڭە ئون يىل دېگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىز ئاياللار قۇربان بېرىشكىلا يارالغانمۇ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەكقۇ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن ئەركەكمىدى؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم،  گۈزەل ياشلىقىم ھۈ...ھۈ...ھۈ... ئۇ ئۆزىنى يەردىكى گىلەمگە ئېتىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى يىغلاپ بىرازدىن كېيىن يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.
www.iz.la

    ئادەتتە ئېغىر- بېسىق،  كەم سۆز بۇ قوشنامنىڭ مەس ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ،  ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى.  كېچە بىر چاققىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.

  بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەتتە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىدا ئولتۇرسام قۇلايلىق. بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالمىسىلا پىيادە مېڭىپ، يېقىن سىردىشىم بولغان خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا بەزىدە خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي، ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولۇشىنى تىلەيمەن. بۈگۈنمۇ، ئاخشامقى قوشنامنىڭ مەست بولۇۋېلىپ دېگەن سۆزلىرىنى خىيالىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كېتىۋاتاتتىم. « چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت » دېگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست سۆزلەيدۇ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر سەۋەبچى بولىدۇ. قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى. ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغانمۇ تۈزۈك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ. . . خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، لىفىتتا 15 - قەۋەتكە چىقىپ ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازاغىچە خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم. www.iz.la
  _ سىزنىڭ تېلېفونىڭىز .
  _ سۇنۇلغان تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى.
  _ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ _ دېدىم تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
  _ ۋەي، بارمۇ سەن؟ _ قۇلىقىم تۈۋىدە جفراڭلىغان ئاۋاز مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى. قانداق قائىدە ئوقمايدىغاندۇ؟ مۇسۇلماننىڭ سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت جفرقىراپ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام، قارشى تەرەپ يەنە ۋاقىردى.
  _ ھەر، مەن خالىدە ئاۋازىمنى تونۇمىدىڭمۇ؟
  _ ھە، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن!
  _ ئاداش مەن سېختا، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپ، بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيىى ئىدى، « يېڭى ئەسىر رېستورانى » دا ساۋاقداش قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان، سىلەرنىڭ قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار.

ئىز تورى بەك ياخشى


  _ بولىدۇ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.
  _ بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى.
  _ خوش. 

  تېلېفون تورۇپكىسىنى قۇيۇۋېتىپ بۇ ھەپتىلىك تۇنجى « ھاشار » نىڭ ۋاقتىنى يېقىن ئارىلىشىدىغان « بىزنىڭ قىزلار » غا ئۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.
  ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىۋالغان بېكەتتە ئۇچرىشىپ « يېڭى ئەسر رېستورانى » غا كەلدۇق. مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ، پەردازخانىدا گىرىم قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگزىندىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زۇڭتۇڭ، ۋەزىر، كاسسىرلىرىمۇ ئالاھىدە ياسىنىشىۋالغانىدى.

copyright by www.iz.la


  _ چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ. تويدا قانداق قىلار؟
  _ ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا گىرىم قىلدۇرۇپ « ئېسىل » كىيىم كىيىپ، تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ، - دېدى ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي.
  _ ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدا بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن؟ _ دەپ قىزىقىپ سورىدى نېمە مودا بولسا، شۇنى دورايدىغان بىچارە زېۋەر.
  _ ساقايسا قىلامتىڭ ؟ _ سورىدى يەنە بىرسى.
  _ ئەمدى ئاداش بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، « غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ » دېگەندەك، بۇ قېتىم مېھراي قىلسا، بىزلەرگە كەلگىچە ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي ئامال قانچە ؟ . . . ئىز تورى www.iz.la
  بىز شۇنداق تالاش - تارتىش، مەززىسى يوق قىزىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە باشلىدى. سوغۇق - ئىسسىق بولۇپ ئون خىل قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما، ھور نان ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يېيىلىپ بولدى. بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك رېستوراندا باغاق چاي، قوشنىلار چېيى، خرۇستال چاي، « گىرىم چاي ». يۇرتلۇقلار چېيى، ساۋاقداشلار چېيى دېگەندەك، چايلار بىلەن ئوتتۇز نەچچە ئۈستەل ئايال مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاۋۇ چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە- سەككىز ئەر مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى. قىززىق، ئاياللار شۇنداق كەڭ - كۇشادە ، ۋارقىرىشىپ، كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك، مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتى. www.iz.la
  _ چولپان قارا ئاۋۇ ئايرىمخانىغا ، يېنىمدىكى ئايشەم مېنى نۇقىدى .
  _ نېمە بوپتۇ ؟ مەن بۇرۇلۇپ بىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئايرىمىانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى .ئۇ ئايرىمخانىدا  ئورۇنىۋالغان ئىككى تونۇش ئايال يەنە تونۇمايدىغان بىرنەچچە ئاياللار بىلەن ئولتۇراتتى .مەن ئايشەمگە قاراپ :
  _ ئۇلار ئايرىمخانىدا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىۋېتىپتىغۇ ؟_دېدىم
  _ ئۇنى بىلدىم ، ئاداش ئاشۇنداق يوغان ياغلىقنى چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىگەن ئادەم ،ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇماي، رېستۇراندا نېمە بار دەيمەندە! _ ئايشەمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپلا مەرۋان سۆزلىدى :

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  _ شۇ ئەمەسمۇ ، بىرنەرسە  قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ ، قىماۋاز قېرىسا  ئىمام بوپتۇ دېگەندەك بۇ مەريەممۇ بۇلتۇرلاردا تېىخى ئويۇننىڭ قېپى يېرىپ يۈرەتتىغۇ ؟ ئەمدى بىردەمدىلا  ئىسلامچە دەمدۇ ، ئىمان ئېتتى دەمدىكەن بىرنېمە دېگەنلەركەن بۇ !
  _ۋاي شۇ ئويناپ كۈنۈپ قالغاندىكىن يەنە مېھرىنى ئۈزەلمەي رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇدە  ...
_ سىلەرچە ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق ئويناپ ئۆتىۋەرسە بولامتى؟ ئوينىسا  ئېرىڭلاردىن كۈنلەپ ،بۇزۇق  دېسەڭلار ، توغرا يولنى تاپسا يەنە چىدىمىساڭلار ، ئەمدى قانداق قىلسا بولار ؟ ئۇلارمۇ ئادەم ، پەرىشتە ئەمەس نۇقسانسىز بولىدىغان ، رېستۇرانغا  كىرگەن بولسا يە بىلمەستىن كىرىپ قالغاندۇ يە، ئۇ سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز كىرگەندۇ ؟ ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا بىلەن كىرىپتۇ ، بىزچۇ؟ يالاڭباش ، كالتە يەڭ ، مەيدىلىرىمىز ئوچۇق ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ قىلمايلى -دوستەكلەر -دېدىم سەل قايناپ .
ئىز تورى بەك ياخشى

  _ ياق، ئەمدى دەيمەن ئىسلامدا ماڭغاندىكىن توغرا ماڭسۇن دەيمىنا؟-ئايشەم ماڭا دومسايغاندەك قارىدى
  _ ئىسلامنى ئۇنچىلىك چۈشەنگەن ئادەم سەن نېمىشقا ماڭمايسەن ؟ سېنى ئاللاھ ياراتمىغانمۇ ؟ قىيامەت كۈنى ساڭا سوراق يوقمىكەن ؟ بىز ھەرقانداق ئىشنى تەۋسىيە قىلىشتا ئاۋۋال ئۆزۈمىز ئورۇنداپ ئاندىن باشقىلارنى بۇ ئىشقا چاقىرساق بولىدۇ .بىز ئۆزۈمىز ماڭالمىغاندىكىن ، ئۆزۈمىزنى بىلەيلى باشقىلارنى كولىمايلى .- مەن يەنە نېمىلەرنى دەيتتىمكىن گۇلناز  كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن دېدىمۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇرىۋەتتى .
  _ ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نېمە باركەن بۇ رېستوراندا ،  - دېدى بىرسى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  _ شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى باقماي، خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى. . .
  _ ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق . . .
  ۋەيت . . . ، _ چوكانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى.
  _ ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق - يە؟
  _ ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى بولسا ، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن، نېمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي، نېمە خىزمىتى بار؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ؟ بانكىدا قانچىلىىك پۇلى بار دەپ سورايدىغان تۇرسا، ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز  دېگەن ئەر ! ئىز تورى www.iz.la
  _ شۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن شۇ مائاشىمىز ياخشى، ۋەيت ! ! . . .
  يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس - بەستە شاڭخوغا چۈشكەنىدى.
  رېستوراندىن ئۇزاپ چىقىپ « بىزنىڭ قىزلار » دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبوس بىلەن كېتىشتى. قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك ياخشىكەن، يېگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى، دېيىشىپ ئاستا مېڭىشتۇق.
  _ ھەي سائەت تېخى سەككىز بولماپتۇ، مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نېمە قىلارمىز؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن - دېدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىپ، ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  _ ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ، چۈشتە ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم، مېنىڭمۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق، بولسا شۇنداق قىلايلى _ دېدى گۈلنازمۇ دەرھاللا ئايشەمنىڭ تەكلىپىنى قۇۋۋەتلەپ.
  _ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى، - دېدى مەرۋانە. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟ دېگەن مەنىدە قاراشتۇق.
  _ ئۆيدە ئۇ يوق، يولغا چىقىپ كەتتى.
  _ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى دېدى مەرۋان.
  بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىدا ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇزاق، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك پاراڭغا چۈشتۇق.
  ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان بىلەن ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي قويۇۋېتىپ:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  _ خانىملار، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق - پاتلىقلارنى تىزمىدىم. بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئاچچىق - چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا قىلىپ . . .
  ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى. . .
  _ ۋاي ئاداش، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن جۇمۇ؟

ئىز تورى بەك ياخشى

  _ قۇيە ،مەن بۈگۈن راسا بىر مەس بولۇپ باقايچۇ ؟_دېدى ئايشەم .
  _مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، ئىچسەك ئىچتۇق !_ گۈلنازمۇ شۇنداق دېگەچ مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىنى يۆگەپ چازا قىستى .  _ سەنچۇ چولپان ؟
  _سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟مەن ئاڭلاي _دېدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
  _سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ ، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن كۆرۈنىسەن !_دېدى مەرۋان .
_بۇنىڭ نېمە دەردى بولار ؟ئۇرۇپ سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى تۇرسا ، ئىسىل داچىدەك ئۆيى ، نەگ باراي دېسە ماشىنىسى ، نەگە باردىڭ نەدە تۇردۇڭدېمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك باشقۇرىۋاتسا ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  _ ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تېزگىنەكتەك باشقۇرىلىدىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار مەن بەزىدە ئوقۇمىغان دۆت ئايال بولۇپ قالسامچۇ ؟ دەپ ئويلايمەن !...
  _ بىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا  كۆرىدىغان ۋاتىلداق خوتۇن بولۇشنى خالامسەن ؟_دېدى ... ھا...ھا...ھا..دەپ كۈلۈپ :
  _مەرۋان ، قۇيە ھارىقىڭنى ئاۋۋال ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن مۇڭدىشايلى -دېدى .
  مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ-قىزىل سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رۇمكىلارغا قۇيۇشقا باشلىدى .
    _ بىرىنچى رۇمكىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟
  _ھەممىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
  _ خوشە!خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ناھايىتى سۈزۈك ئاڭلاندى .

www.iz.la

  رومكىلار ئۈچ رەت ئايلانغاندىن كېيىن ئايشەم سۆز باشلىدى :
  _ ئاداشلار سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ،ئۇ قاچانلا قارىساڭلار مەست يۈرگەن ، يەنە تېخى گەپ يۇغان ...بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ تويدۇم . نېمانچە شور پىشانىدۇرمەن ؟!ھەممە گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن ... ئايشەم قولىدىكى رۇمكىنىئويناپ ئولتۇرۇپ يىغلامسىرىغاندەك سۆزلەيتتى .
  _ ئاداش سەن يەنە شۈكۈر قىلغىن ، سېنىڭ ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ ، يەنە دەتتىكام دەپ ئاتمايدىغاندۇ ؟مېنىڭ ئاتمايدىغۇ؟ مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئۈچ يىل بولدى، مائاش قەغىزى خەقتە، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، - دېدى زېھنايمۇ خىيالغا پاتقان ھالدا. ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئېغىر - بېسىق بولۇپ كېتەتتى.

ئىز تورى www.iz.la


  _ سىلەرنىڭ دەردىڭلار ، مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالمىغۇدەك « دېسەم گەپ بولىدۇ، دېمىسەم دەرد » ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى . . . گۈلناز كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە قۇرۇق رومكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى.
  _ سەن بولدى قىلامسەنكىن گۈلناز، چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ،  - دېدى مەرۋان گۈلنازنىڭ رومكىسىغا قىزىل سۇيۇقلۇقنى قۇيغاچ.
  _ مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، مەرۋان دۇتىرىڭنى ئاچىقە ! - دېدى گۈلناز مەرۋانغا قاراپ.
  _ مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان بولدى. چالە ئاداش، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس، - دېدىم مەرۋاننىڭ ئېسىقلىق دۇتىرىنى ئۆزۈم گۈلنازغا سۇنغاچ. 
ئىز تورى بەك ياخشى

  گۈلناز قولۇمدىن دۇتارنى ئېلىپ، بىردەم تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاپئاق لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئەمەس، مېنىڭ يۈرەك تارلىرىمغا تەگكەندەك، يۈرەكلىرىم يېنىك تىتىرەشكە، ئارقىدىن ئېسەدەشكە باشلىدى. مېنىڭ يۈرۈكىمنىڭ ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر دەردلىك ساداسى، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى.
  ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
  تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ.
  ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
  دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  باغ ئارىلاپ شامال كەلدى،
  تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى.
  ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى،
  دەردى بار قىزىڭ كەلدى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى. ئاتا - ئانا دېگەن ئادەمگە مەقسەتسىز كۆيۈنىدىكەن، ئاتا - ئانىدىن كېيىن ھەرقانچە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ بولسىمۇ، ئاتا - ئاناڭغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن، شۇتاپتا ئانام بولغان بولسا ئاشۇ دوزاخ ئۆيگە، ھېلىقى ئون يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي، ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بىر يىغلىۋالغان بولسام . . . مەن دۇتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن. ھەيرانمەن، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتار ئاڭلىشاممۇ يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ كېتەتتىم. مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ، دەرد - ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ دۇتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىمگە پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازى ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك، باشتا پىغانلىرىم ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى. مەن گۈلنازغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ تامچىۋاتاتتى. دۇتارنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى.
  _ سەن بىلمەيسەن مەرۋان، مېنىڭ يۈرىكىم مۇشۇ رومكىدىكى ھارىقىڭدەك قان - زەرداپقا تولدى . . . مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ . . . بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال . . . سىلەر بىلىسىلەر . . . بىراق ماڭا دېمەپسىلەر . . . بۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى . . . بىلمىدىم . . .
  _ گۈلناز قولىغا رومكىنى ئېلىپ ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى توسىغىنىچە ئىسەدەشكە باشلىدى.
www.iz.la

  _ گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ، بىردەم يېتىۋالامسەن ؟
  _ ياق، مەن ھازىر ھەقىقىي ئادەم بولدۇم. سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈكىمنى يەپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى نومۇسنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دېيەلمىدىم . . . سىلەرچۇ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس، دوستۇممۇ ئەمەس، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ! مېنى قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ! ئۇ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈكىمنى پارا- پارە قىلىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. مەنلا ئەمەس ، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى.
  _ سەن بىزنى ئازابلانمىدى دەۋاتامسەن، ئاداش؟  بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلگەندە ئازابلانغان، بىراق راستىنلا ساڭا دېيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى تۈزۈلۈپ كېتەر، دەپ كۈتتۇق.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  _ سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىغان تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ گەپنى دېيەلەيمىز؟ ! جېنىم ئاداش، ئايشەم شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. دەرھال مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان بوتۇلكىسىغا قارىدىم.
  _ ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
  _ قۇيۇۋاتقىنىڭ نېمە ؟
  _ ۋېيلۇڭ، . . ئاران ئون بىر گرادۇسلۇق. . .مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :
  _ ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى يا ؟
  _ خۇدايا توۋا دېگىن. . .
  _ مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي، ئۆچ ئالاي دەيمەن. چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز يېزىپ بەرگىن- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھە يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك كۆزلىرىگە قارىدىم. www.iz.la
  _ گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ؟
  _ ياق!
  _ ئەمىسە نېمىشقا ئەرز يازىسەن؟!
  _ مەن ئۇلارنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى . . .
  ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى تارتىۋالماقچى.
  _ فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان، ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئەرز قىلما! قۇلىقىڭنى گفز، كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ، ئەپۇۋانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇر، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
  _ غورورۇمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە قىلغىنىممۇ يېتەر . . . مەن ئۇنداق گۆش باش ئەمەس.
  _ ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس ئەمەسمۇ؟ . . . غورۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ؟ مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ،  - دېدىم .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە؛www.uyghurislam.com

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(16)
84.2%
ناچار
(3)
15.8%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • نان قەدرى

    ئەنۋەر يەنە شۇ تاماق ئۈستىلىدە ئۇنى يەيمەن، بۇنى يىمەيمەن، سەپ ئانىسى بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى. ئانىسى چېرايلىقچە: - ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم، ئۇنداق قىلما، تاماق ئايرىما، تاماق ئايرىش ياخشى ئىش ئەمەس، خۇدا ساقلىسۇن، لېكىن بىر بۇردا نانغا زار بولىدىغان كۈنلەرمۇ...

  • تىلەمچىنىڭ رەسىمى

    بىر رەسسامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پولنىڭ ئۇ قېتىدا بىر تىلەمچى ئولتۇرىدىكەن. رەسسام تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، ھەممىدىن رايى قايتىپ مۇشۇ يولغا كىرىۋالغان بۇ تىلەمچىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئۇ بىر نەچچەمۇھىم يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈ...

  • مۈشۈك ھەقىقىدە ھىكايە

    جەنۇپنىڭ ئالتۇن كۈزدە پەسلىدە تۈرلۈك مىۋىلەر تۆكمە بۇلۇپ، ھەممە يەر مول ھۇسۇلغا ، توقچىلىققا تولغان مەزگىلدە ،سەھرادىكى تاغامنىڭ تەكرار تەكلىپ قىلىشى بىلەن ھەپتىدىكى ئىككى كۈنلۈك ئارامدا ئۈيىمىزدىكى تۆت جان،تۇققانلارنىڭ ئۈيىدە مېھمان بۇلۇشۇپ قايتىپ كەلدىم...

  • زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

    چۈشەندۈرۈش؛زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا...

  • ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىققان ئىكەن . پادشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى سىناش ئۈچۈن ، ئارام ئالغان سورۇندا نەسىردىن ئەپەندىگە قاراپ بېشنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاغزىنى كۆرسىتىپ . شاھ يۈزنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ گېلنى كۆرسىتىپتۇ . شا...

  • ‹ئا› نىڭ ھىكايىسى

    ئا نىڭ ھىكايىسى ئاشپەز ئادىل، ئالتۇنچى ئالىمجانلار ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاداۋەتلەشكەنىدى. ئادىلنىڭ ئاغىنىسى ئالمىچى ئابلا ئايالىغا ئالتۇن ئالغىچە ،ئايزىرىلەرنى ئارتۇق ئارىلاپ ئالغۇزىۋەرگەچكە،ئالتۇنچى ئالىمجان ئاچچىقلاپ ئابلاغا ئاليىپ ئاۋازلىرىنى ئاۋۇت...

  • گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ [ھىكايە]

    بۇرۇن بۇرۇنىسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئوتۇنچى بىر كۈنى جاڭگالدا ئوتۇن كېسىۋاتسا، ئالدىدىن بىر توخۇ چىقىپ قاقاقلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئالدىغا قارىسا، بىر توخۇنىڭ ئۇۋىسى تۇرۇپتۇ. ئۇۋىدا بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغان...

  • ھاراقكەشنىڭ خوتۇنى[ ھېكايە]

    ھاراقكەشىنىڭ خوتۇنى ئاپتۇرى؛ئەخمەتجان ئوسمان كۆلچى شەھەرنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە جايلاشقان ھىلال ئاي رېستۇرانى قورۇمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى ، ئۆزگىچە تەمى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشلىقى ، پاكىز ھەم ئازادىلىكى بىلەن شەھەر ئاھالىسنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىش...

  • مەخپىي نومۇرغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت[ھىكايە]

    بۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ ھېكايىسى. ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ماۋسۇملۇق خىراجەتلىرىنى كارتىدا ئامانەت قويدى. مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى...

  • دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە

    دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە ئۇزۇندىن بىرى ئالدىراشلىقنىڭ دەستىدىن، ھەتتا ئۆيدىكىلەرگىمۇ قاراشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم، ئالدىراشلىقتىن ئاران قۇتۇلۇپ، بىر مەزگىل دەم ئىلىپ كاللامنى سەگىتىش خىيالىغا كەلدىم. كىم بىلسۇن بۇ دەم ئلىشىم ماڭا ئاۋارىچىلىك تىپىپ بە...