مەخپىي نومۇرغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت[ھىكايە]

ۋاقتى:2010-08-31 01:04مەنبە: يوللىغۇچى: غالىپجان چېكىلىشى:قىتىم
  

بۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ ھېكايىسى. ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ماۋسۇملۇق خىراجەتلىرىنى كارتىدا ئامانەت قويدى. مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە مەخپى نومۇرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشنى، ھەرگىزمۇ قالايمىقان خاتىرلىمەسلىكنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، مەخپى نومۇرنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قالىدىغانلىقىنى جېكىلىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ، كۆڭلى بەكلا خۇشال بولغاچقا، دادىسىنىڭ سۆزلىرى پەقەت قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن 6000 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن كارتىنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سالدى. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ مەخپى نومۇرنى ئەسكە ئالالمىدى.

www.iz.la

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 ئامالسىزلىقتىن دادىسىغا تېلفۇن بىرىپ، مەخپى نومۇرنى سورىدى. دادىسى سەۋرچانلىق بىلەن مەخپى نومۇرنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەستە ساقلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن«مەخپى نومۇر ئاناڭنىڭ توغۇلغان كۈنى، ئېسىڭدە چىڭ ساقلا جۇمۇ» دەپ ئەسكەرتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ پۇل ئالماقچى بولدى، لېكىن مەخپى نومۇرنى يەنىلا ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بۇ بىر گۇرۇپپا سانلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە دادىسىدىن سوراشقا خىجىل بولدى، ئانىسىدىن سۇراشقا تېخىمۇ خىجىل بولدى، پۇلىنى ئېلىشقا ئامالى بولمىغاچقا ساۋاقداشلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ خەجلىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يازلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا دادىسى ئۇنىڭدىن پۇلنى قانداق خەجلىگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ يىغلاپ كەتتى. دادىسى ئۇنى ئەيىپلىمەستىن ھېچقىسى يوق، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. لېكىن ئۇ بىر ئاز خاپا بولۇپ، دادىسىدىن نىمىشقا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مەخپى نومۇر قىلمىغانلىقىنى سورىدى. دادىسى: سىنى قوغداش ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭنى مەخپى نومۇر قىلمىدىم. ئادەتتە كىشىلەر بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكنى بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەگەر ئىككىلىسى بىرلا ۋاقىتتا ئوغۇرلانسا ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ،-دېدى. يازلىق تەتىلدىن كىيىن قىز مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەستە تۇتۇۋالدى. ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئانىسىغا چىرايلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتكەنىدى، ئاتا-ئانىسى قەۋەتلە خوش بۇلۇپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يۇرتىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلىق توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر كەلدى. بەختلىك كۈنلەر ئاخىرلاشتى. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى ئالدىدا ھۇشىدىن كىتىپ يېقىلدى. www.iz.la

ئىز تورى بەك ياخشى

 ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ، ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان نەرسە-كېرەكلەرنى رەتلەۋاتقاندا بىر ئامانەت كارتىنى بايقىدى، قىزنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ئاتا-ئانىسى ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىدە يەنە بىر كارتا بارلىقىنى، كارتىدا ئۇنىڭ تۆت يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىغا لازىملىق خىراجەتلىرىنىڭ ئامانەت قۇيۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇ بۇ پۇلنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ يىللىق قان -تەرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىز كارتىنى ئېلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. كۈنلىرى يىغا-زار ئىچىدە ئۆتتى، لېكىن ئۇ ئاتا-ئانىسىنى شۇنچىلىك سېغىنسىمۇ، كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولسىمۇ يەنىلا ياشىشى كېرەك ئىدى. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆيۈنىشى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ روھى كەيپىياتى ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇ ئۆزىنىڭ كاتىسىدىكى پۇلنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاتا-ئانىسى مىراس قالدۇرغان كارتىنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سېلىپ، مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈش ئورنىغا ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، ئېكراندا «خاتا» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى. دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، يەنىلا «خاتا» دىگەن ئۇچۇر كۆرۈندى. قىز كارتىنى چىقىرۋالدى. ئۇ بەكمۇ جىددىلىشىپ«كارتىنىڭ مەخپى نومۇرى زادى قايسى سان بولغىيدى؟» دەپ ئويلىدى.ئۆيدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئاتا-ئانىسى مىراس قالدۇرغان بارلىق نەرسىلەرنى ئاختۇرۇپمۇ مەخپى نومۇرغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇرنى بايقىمىغانىدى. ئۇ كارتىنى يەنە بىر قېتىم ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزىۋىدى، ئېكراندا«ئالماقچى بولغان پۇلنىڭ سوممىسىنى كىرگۈزۈڭ» دېگەن ئۇچۇر كۆرۈندى. ئىز تورى بەك ياخشى

ئىز تورى بەك ياخشى

  قىزنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ كەتتى. ئاتا-ئانىسى كارتىنىڭ مەخپى نومۇرى قىلغان سان ئەلۋەتتە ئۇلار ئەڭ ئاسان ئەستە ساقلىيالايدىغان ھەم ئۇلار ئەڭ ئامراق سان ئىدى.ئۇ پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن مەخپى نومۇرنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنىگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

مەنبە؛blogbus.com/logs/32232645.html

www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(60)
98.4%
ناچار
(1)
1.6%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى

    چۈشەندۈرۈش؛زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار، ئەرنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا...

  • ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندى

    كۈنلەردىن بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ ئوۋغا چىققان ئىكەن . پادشاھ نەسىردىن ئەپەندىنى سىناش ئۈچۈن ، ئارام ئالغان سورۇندا نەسىردىن ئەپەندىگە قاراپ بېشنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ ئاغزىنى كۆرسىتىپ . شاھ يۈزنى كۆرسەتكەن ئىكەن ، ئۇ گېلنى كۆرسىتىپتۇ . شا...

  • ‹ئا› نىڭ ھىكايىسى

    ئا نىڭ ھىكايىسى ئاشپەز ئادىل، ئالتۇنچى ئالىمجانلار ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاداۋەتلەشكەنىدى. ئادىلنىڭ ئاغىنىسى ئالمىچى ئابلا ئايالىغا ئالتۇن ئالغىچە ،ئايزىرىلەرنى ئارتۇق ئارىلاپ ئالغۇزىۋەرگەچكە،ئالتۇنچى ئالىمجان ئاچچىقلاپ ئابلاغا ئاليىپ ئاۋازلىرىنى ئاۋۇت...

  • گۆھەر تۇغىدىغان توخۇ [ھىكايە]

    بۇرۇن بۇرۇنىسىدا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئوتۇنچى بىر كۈنى جاڭگالدا ئوتۇن كېسىۋاتسا، ئالدىدىن بىر توخۇ چىقىپ قاقاقلاپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئالدىغا قارىسا، بىر توخۇنىڭ ئۇۋىسى تۇرۇپتۇ. ئۇۋىدا بىر تۇخۇم يالتىراپ تۇرغان...

  • ھاراقكەشنىڭ خوتۇنى[ ھېكايە]

    ھاراقكەشىنىڭ خوتۇنى ئاپتۇرى؛ئەخمەتجان ئوسمان كۆلچى شەھەرنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە جايلاشقان ھىلال ئاي رېستۇرانى قورۇمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى ، ئۆزگىچە تەمى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىق ، ياخشلىقى ، پاكىز ھەم ئازادىلىكى بىلەن شەھەر ئاھالىسنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىش...

  • مەخپىي نومۇرغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت[ھىكايە]

    بۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر سىتۇدېنت قىزنىڭ ھېكايىسى. ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ماۋسۇملۇق خىراجەتلىرىنى كارتىدا ئامانەت قويدى. مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى...

  • دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە

    دىپلومسىز مۇھەببەت ئابىدە ئۇزۇندىن بىرى ئالدىراشلىقنىڭ دەستىدىن، ھەتتا ئۆيدىكىلەرگىمۇ قاراشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم، ئالدىراشلىقتىن ئاران قۇتۇلۇپ، بىر مەزگىل دەم ئىلىپ كاللامنى سەگىتىش خىيالىغا كەلدىم. كىم بىلسۇن بۇ دەم ئلىشىم ماڭا ئاۋارىچىلىك تىپىپ بە...

  • مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا ساياھەت قىلىشى

    بىر كۈنى، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىشىپ قۇملۇقتا جانلىق بارمۇ - يوق دېگەن تېمىدا بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. مايمۇنچاق قۇملۇقتا جانلىق بار دەپتۇ. جانلىق بار دەمسەن، قېنى ئىسپاتىڭ بولسا كۆرۈپ باقايلى دەپتۇ شىمپەنزە مايمۇنچ...

  • قىزلار نىمە ئۈچۈن توي قىلماي تۇرۇپ ئوغۇللارغا ئۆز ئېپپىتىنى ئاسانلىقچە تۇتقۇزۇپ قويىدۇ؟

    بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ھال ئەھۋالىنى سوراپ بوپ قاچان توي قىلىدىغىنىنى سورىغىنىمدا ئۇ ئىغىر ئۇھ تارتىۋىتىپ مىنىڭ توي قىلىدىغان قىزىم يوق. دىدى. مەن ھەيرانلىقتا ئەجەپلىنىپ سورۇدۇم.{چۈنكى ئۇ 7 يىلدىن بىرى بىر قىزنى ياخشى...

  • ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيمىكى،(ئاخىرسى)بوران114

    بىر خىل بۇرۇقتۇرمۇلۇق،سىسق پۇراق،بىز تىخچە يالىڭاچ،مەن نۇمۇس قىلدىم،ئۆزۈمنى دوزاقتا كۆرگەندەك بولدۇم،يۈركىم بەك تىز-تىز سوقاتتى،نەپسىم سىقلدى،ئاخىرى بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم،قۇلاقلىرىم غۇڭۇلداپ ،مىشم قاتتىق چىڭقىلىپ ئاغىريتتى،يەنە كۆز ئا...