جىنس ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ بىر سەھرادا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدى. ئۇنىڭ دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قىلىدىغان ئىشى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش. ئەندىلا مەكتەپكە كىرگەن ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەلۋەتتە ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ماقالىلەرنى يېزىپ چىقالمايتتى. يەنە كېلىپ يېزا بالىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى شەھەر بالىلىرىنىڭكىگە يەتمەمدۇ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوي - پىكىرلەرمۇ كۆپ ئۇچرىمايتتى. مانا بۈگۈنمۇ ئۇ«مېنىڭ ئارزۇيۇم» دېگەن تېمىدىكى ماقالە تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭ كۆزلىرى توساتتىن بىر دەپتەرگە ھەيران قالغاندەك قادىلىپلا قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
«دادام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى دائىم چوڭ بولساڭ تىرىشىپ ئوقۇپ كاتتا ئالىم بولساڭ دەيتتى. ئانام مېنى ساقچى بولساڭ ياخشى بولاتتى دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئالىممۇ، ساقچىمۇ بولغۇم يوق. مېنىڭ بىر ئىت بولغۇم بار.كېچە - كۈندۈز ئۆيگە قارىسام دەيمەن. دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئانام بەكلا ئازاپلاندى ھەم ئۆيدە ئانام ئىككىمىزلا قالغاچقىمۇ، ئانام بەكلا قۇرقۇنچاق، چۆچۈگەك بولۇپ قالدى. مەنمۇ بەكلا قۇرقىمەن. ئەمما ئانام ئىتنى ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ دەيدۇ. شۇڭا مەن بىر ئىتقا ئايلانسام دەيمەن. شۇنداق بولغاندا ئاناممۇ،مەنمۇ قورقمايتتۇق».
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ماقالە ئىنتايىن قىسقا ئىدى. يەنە خاتا جۈملىلىرىمۇ يەتكىچە بارئىدى. بۇ ئالەمدە ئىتقا ئايلىنىش ئارزۇسىدا بولغاندىن يەنەكىم بار؟ مۇئەللىملەر بۇنداق ئارزۇ - خىياللارنىڭ ئانا - مانىسىنى بېرىدۇ. ئەمما مۇشۇ دەقىقىدە جىنس بىر ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ بۇ ئارزۇسىدىن قاتتىق سىلكىنىپ توختىدى. بۇرنى قىمىرلاپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جىنس بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دەپتىرىگە چوڭ قىلىپ ئەلا بەلگىسىنى قويدى جنىس بۇ بالىنىڭ ماقالسىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەن ئىدى، ئۆزىدە بۇنداق ئىلىھامىنىڭ ،ئىتىقادىنىڭ يوقلقىنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭ دەپتىرىگە مۇنداق يېزىپ قويدى؛«شۇنداق دىيەلەيمەنكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان ئارزۇ». بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
غەمخۇرلۇق باتۇرلۇقنىڭ مەنبەسى، بىر ئېغىز چىرايلىق ئىلھاممۇ بەزىدە بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋىتەلەيدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى