مىنڭ ساۋادىم چىققاندىن بۇيان مەن كىتاپ ئوقۇشىقا بەكىمۇ ئامىراق ئىدىم. ئۆيدىكىلەر مىنىڭ كىتاپ كۆرۈشىمىگە قارشى تۇراتتى بۇلۇپىمۇ دادام ، ھېلىغۇ ھىكايە ، رومان كىتابلاركەن دەرسىلىك كىتاپ كۆرسەمىمۇ دادامىنڭ ئاچچىقى كىلەتتى ھەتتا مىنى ھۇرۇنلۇق قىلىپ كىتاپ ئوقۇيمەن دەيسەن دەپ مىنىڭ كىتابلىرىمىنى كۆيدۈرۋەتكەن چاغلارمۇ بولغاندى. ئاپام مىنى ئانچە مۇنچە ئاغزىدىلا قوللاپ قۇياتتى لىكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۈگۈنۈشىمىگە كۆڭۈل بۆلمەيىتى ئىمىتىھان نەتىجەمىنى كۆتۈرۈپ بارساممۇ ( جىگدە ياغىچى بادىر بولماپتۇ ، دىھىقان بالسى كادىر ) كۆتەر بۇنداق نەتجىلىرىڭىنى ماڭا سىنىڭ تىزراق چوڭ بۇلۇپ ماڭا ياردەم بەرسەڭلا بۇلىدۇ مەكتەپتە ھۆكۈمەت مەجبۇرلمىغان بولسا سىنى ياخشى ھۈنەر ھازىر ئەڭ ئېقىۋاتقان موزدوزلىققا بىرەتتىم، ئۇ چاغدا سەن بۇ گۈلىدەك ھۈنىرىڭ بىلەن بىزنى ئوبدان باقاتتىڭ دەپ مىنىڭ ئۈگۈنۈشىمىگە سوغۇق سۇ چاچاتتى. مەن يەنىلا كىتاپ ئوقۇشۇمىنى تاشىلاپ قويمىدىم ساۋاقداشلىرمىنىڭ ئاتا - ئانسى ئۇلارغا نۇرغۇن كىتابلارنى ئىلىپ بىرپىتىكەن بىراق ئۇلار كۆرمەيدىكەن ئاتا- ئانسى ئۇلاردىن كۆردۈڭىمۇ دەپ سورسا ئۇلار يالغان گەپ قىلىپ كۆردۈم دەپ يالغان ئېيىتىپ قۇيدىكەن . مەن ئۇلارغا كىتابىڭىنى بىرىپ تۇرغىن دىسەم ئۇلار ماڭا ساڭىمۇ داداڭ ئېلىپ بەرسۇن دىگەندى ، مەن ئۇلارغا دادام ماڭا كىتاپ ئىلىپ بەرمەيدۇ دىسەم ئۇلار ماڭا داداڭىغا مىنىڭ نەتىجەم سىنىپ بۇينىچە تۆۋەن دىسەڭ داداڭ چۇقۇم ئېلىپ بىرىدۇ دىدى مەن مەكتەپىتىن قايىتىپ دادامىغا كىتاپ ئالدۇرۇش نىيىتىدە دادامىنىڭ قېشىغا بىرىپ ئىشىغا ياردەملەشىتىم كەچىلىك تاماقىتىن كىيىن دادامىنىڭ ئۇچىسنى تۇتۇپ دادامىغا خۇشامەتچىلىك قىلشقا باشلىدىم دادام بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى دىگەندى ؟ دادا ماڭا كىتاپ ئىلىپ بەرسەڭ بوپتىكەن دىيشمىگلا دادام مىنى تىللاپلا كەتتى. ھۇ كىتاپ خالتىسى مەن سىنى كىتاپ كۆرۈشىتىن توسۇۋاتسام سەن يەنە ماڭا كىتاپ ئىلىپ بەر دەيسەنغۇ دەپ ماڭا چالا ۋارقىراپ مىنى ئۇرغىلى تاس قالدى مەن دادامىغا قېيىداپ بىر كۈن تاماق يىمىدىم. دادام ماڭا سەن تاماق يىمىگەنگە مەن قورقۇپ قالمايمەن ئىشىنى قىلىپ ساڭا كىتاپ ئىلىپ بەرمەيمەن ئەتىدىن باشىلاپ مەكتەپتىن بالدۇر كىلىپ قويلارنى سىرتىقا ئېچىقىپ بىقىپ كىرسەن دەپ بۇيرۇق قىلىدى مەن دادامىنىڭ دىگىنىگە كۆنىدىم ، شۇنداقىتىمۇ دەرس ئۈگۈنۈشىنى تاشىلاپ قويمىدىم كىچىچە بىر ۋاقىتىقىچە دەرس تەكىررار قىلاتتىم شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتتى. بىر كۈنى دادام بىلەن ئىككىمىز شەھەر بازىرغا كىرىدۇق. بىز سودىلىقىنى تۈگتىپ ئايلانغاچ بىر كىتابخاننىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتۇق مەن دادامىنڭ كۆزىگە پات- پات قاراپ قۇياتتىم دادامىمۇ ماڭا قاراپ قۇيۇپلا تىز ماڭ دىدى . مەن يەنە بىر قىتىم دەپ باقاي دەپ دادا بىز كىتابخانغا كىرىپ باقايلى! چۇ ،دىسەم دادام يەنە كىتاپ ئالمەن دەپ تۇرۋالسەن كىرمەيلى. دىدى مىنىڭ كۆڭلۈم ناھايىتى يىرىم دادام كۆزۈمىگە قارام ماڭا ئەمسە دىگىنىچە قۇلۇمىنى تۇتتى ، مەن ئالەمچە خۇشال بۇلۇپ كەتتىم، ئىچىمىدە دادام ماڭ كىتاپ ئىلىپ بەرمسىمۇ مىنى كىتاپخانىغا ئەكىرىدى دىگەن خىيالىلار بىلەن يەتتە - سەككىز پارچە كىتابىنى خېلى بۇلدىكەن دەپ كۆز قىرىمىنى سېلىپ قويغان ئىدىم . دادام بولدىمۇ دىگەندى مەن كىتاپ ئىلىشىتىن ئۈمۈدىمىنى ئۈزدۈم ئاۋازىم چىقىمىدى، بىردەم تۇرغاندىن كىيىن دادام ساڭا يارغان كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئال كىتابىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ كىلەيلى دىدى مەن بۇ گەپنىڭ دادامىنڭ ئېغىزدىن چىقنىغا ئىشەنمەيلا ھاڭۋىقىپ قالدىم. دادام تىز بول دەپ مىنى چاقىرىدى مەن كۆڭلۈمىگە پۈتۈپ قويغان كىتابلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىم دادام ھېچ نىمە دىمەيلا بۇ كىتابلارنى ماڭا ئېلىپ بەردى مەن ئالەمىچە خۇشال بۇلۇپ كەتتىم ۋە دادامىغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشىتى شۇنڭىدىن باشلاپ دادام مىنىڭ دەرس تەكىرالىشىمىنى قولىلايدىغان بولدى. مەن دادامىدىن پەخىرلىمەن . ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە ؛ تارىم غۇنچىلىرى